ناپاك كىشى ۋەزىرلىككە يارىمايدۇ
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-11 09:53:45 كۆرۈلۈش سانى : 46
ناپاك كىشى ۋەزىرلىككە يارىمايدۇ.
ۋەزىر ھايالىق ھەم كۆزى توق، ئىشەنچلىك بولۇشى كېرەك.
چاچ - ساقىلى ياسالغان ۋەزىر ھەيۋەتلىك بولىدۇ، ۋەزىر ھەيۋەتلىك بولسا، ئىشى ئوبدان يۈرۈشىدۇ.
(ۋەزىر) ھېساب بىلىدىغان، ئالىم، زېرەك بولۇشى كېرەك، بىلىم بىلەن تۈرلۈك خەت - يېزىقلارنى بىلىشى كېرەك.
ۋەزىرنىڭ ھەممە ئىشى ھېساب بىلەن بولىدۇ، ھېساب بىلمىسە، خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشى ئورۇندالمايدۇ.
ۋەزىرلىككە ناھايىتى ئىشەنچلىك ئەر كېرەك، (ئۇ) ئوقۇمۇشلۇق، بىلىملىك، بەكمۇ ئەقىللىق بولۇشى لازىم. دىلى بىلەن تىلى بىر، ئىش - ھەرىكىتى دۇرۇس، ھايالىق، ساپ دىل، خەلق ئىچىدىكى توغرىلار بولۇشى كېرەك. كۆزى توق، سەگەك، ھوشيار، ئىش بىلىدىغان، ياراملىق ۋە يارامسىز كىشىلەرنى ئايرىيدىغان، خىزمەتكە بېرىلگەن، سادىق (ۋە يامانلىقتىن) ئەيمىنىدىغان، ئامانەتكە (خىيانەت قىلمايدىغان) دىلى پاك بولۇشى كېرەك. بۇ پەزىلەت ۋە بىلىملەر كىمدە تولۇق بولسا، ۋەزىرلىكنى ئۇنىڭغا بەرسەڭ بولىدۇ. مۇشۇنداق كىشى بەگكە ۋەزىر بولسا، بېگى ھەم خەلقى تەڭلا خاتىرجەملىك تاپىدۇ.
يارامسىز، يامان كىشىلەر ئەلگە ۋەزىر بولسا، ئۇ ئەلنىڭ خەلقى بايلىرىمۇ، كەمبەغەللىرىمۇ بىردەك خاراب بولىدۇ.
بەگلەر (ئۆزى) يامان بولمىسا، يامانلارنى ئۆزىگە يېقىن يولاتمايدۇ.
ۋەزىر بەگكە دائىم كېڭەشچى بولىدۇ. كېڭەشچى كىشىلەر ھەر ئىشنى دەڭسەپ قىلىدۇ.
بەگلەر ياخشى كىشىنى يېقىن تۇتسا، ياخشى نام قالىدۇ، خەلق ئىشىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئەگەر بەگ يامان كىشىنى ئۆزىگە يېقىن تۇتسا، (ئۆزىنىڭ) نامىمۇ، خەلق ئىشىمۇ يامان بولىدۇ.
بەگ خىللانغان كىشى بولسا، ئىككى خىزمەتكارىمۇ خەلقنىڭ سەرخىلى بولسا، شۇندىلا بۇلاردىن ئەلگە پايدا تېگىدۇ.
قىلىچ بىلەن ئەلنى تېز ئالغىلى بولىدۇ، قەلەم بولمىسا، ئۇنى قولدا تۇتۇپ تۇرغىلى بولمايدۇ. ھەرقانداق بىر ئەل قىلىچ ۋە كۈچ بىلەن ئېلىنسىمۇ، ئۇنى زورلۇق بىلەن ئۇزاق يىل سورىغىلى بولمايدۇ. قايسىبىر شەھەر - كەنت قەلەم بىلەن باشقۇرۇلسا، ئۇ يەردە ھەر كىم تىلىگەن ئۈلۈشىنى تاپىدۇ.
ھاجىپلىق قىلساڭمۇ، يا بەگلىك قىلساڭمۇ، ھال ئېيتقۇچى چوڭ - كىچىكلەرنى (قوبۇل) قىلىشىڭ كېرەك.
بەگلەرنىڭ شۆھرىتىنى ئىككى نەرسە، يەنى ئىشىكىدە تۇرغى، تۆرىدە داستىخنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
ئەگەر بەگلەر پالاكەتكە، پېشكەللىككە ئۇچرايدۇ دېيىلسە، ئوۋدا، قۇش سېلىشتا، سەپەر ئۈستىدە ئۇچرايدۇ.
قايسى بەگ ئاچ كۆز بولسا، ئۇ گاداي - كەمبەغەلدۇر. قايسى قۇلنىڭ كۆزى توق بولسا، ئۇ بەگدۇر، كۆڭلى بايدۇر.
بەگلەرنىڭ ئىشىغا پايدىسى تېگىدىغان كىشى ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى بىلىملىك ۋە ئىدراكلىق دانالار، يەنە بىرى سۆزلىگەننى (يازغۇچى) پۈتۈكچى، ئۈچىنچىسى جەسۇر، مەرد ۋە يۈرەكلىك يىگىتلەركى دۈشمەنگە ۋە بۆرىگە بۇنداق باتۇرلار لازىم بولىدۇ.
بەگ بىلىم بىلەن ئەلنى باشلاپ قانۇن يۈرگۈزىدۇ، بارلىق ئىشلارنى ئىدراك بىلەن ئىشلەيدۇ.
قىلىچ قان تامدۇرسا، بەگ ئەل ئالىدۇ؛ قەلەمدىن سىياھ تامسا، ئالتۇن كېلىدۇ.
خەلقنى باشلىغۇچى كىشىنىڭ مىڭلاپ دۈشمىنى بولىدۇ. كىمنىڭ دۈشمىنى بولسا، (ئۇنىڭغا) توزاق قۇرۇلغاندۇر.
(ئاشپەز) ئىشەنچلىك، چىن - ھەققانىي بولمىسا، يېمەك - ئىچمەكتە بەگلەرنىڭ ئىشى خەتەرلىك بولىدۇ.
خىزمەتكارلىرى ئارقىلىق بەگنىڭ قولى ئۇزۇن بولىدۇ، خىزمەتكارلىرى بىلەن قۇدرەتلىك (بولۇپ)، ئېلىنى تۈزەيدۇ.
بەگ قانچىكى بۈيۈك، ئەسلىي ئۇلۇغ بولغان بولسا، ئۇنىڭ نامى (پەقەت) خىزمەتكارلىرى (بىلەنلا) بۈيۈك بولغان.
ئەي بەگ، كىشى ھايۋاندىن تۆۋەن ئەمەس، بۇنىڭ پەرقىگە يەتسە، ھەر ئىش ئۆز ئۆلچىمىدە بولىدۇ. |
|