ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ھىكمەت >> بەگلەر كىمنى يېقىن تۇتسا، كىشىلەر دائىم ئۇنىڭ بار - يوقلۇقىنى سۈرۈشتۈرىدۇ.
بەگلەر كىمنى يېقىن تۇتسا، كىشىلەر دائىم ئۇنىڭ بار - يوقلۇقىنى سۈرۈشتۈرىدۇ.
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-21 11:19:28 كۆرۈلۈش سانى : 130
بەگلەر كىمنى يېقىن تۇتسا، كىشىلەر دائىم ئۇنىڭ بار - يوقلۇقىنى سۈرۈشتۈرىدۇ.
ئاۋام پۇقرا (نىڭ ھېمايىسىگە) ئىگە بولسا، بەگلەر يۈكسىلىدۇ، كۆتۈرۈلىدۇ. ئۈزەڭگە (مەھكەم) بولسىلا، (چەۋەنداز) تىزگىننى چىڭ تۇتالايدۇ.
خەلقنىڭ شاھلاردا ھەققى بار، شاھنىڭمۇ خەلقتىكى ھەققى راۋادۇر، يەنە پۇقرالار ئۇنىڭغارىئايە قىلسۇن، شاھمۇ (پۇقرانىڭ) جان - تېنىنى ئاسرىسۇن.
تەجرىبىلىك كىشى ئەل - يۇرت ئىشىنى بىلىدۇ.
ئاتىنىڭ ئورنى، نامى ئوغۇلغا قالىدۇ.
ئوغۇل - قىزنى كۆرەر كۆز نۇرى دەپ بىل.
ئوغۇل - قىزنىڭ غېمى تۈۋسىز دېڭىزدۇر، قىزىل يۈزىنى ئوغۇل - قىزنىڭ (غېمى) سارغايتىدۇ.
ئوغۇل - قىز تۈپەيلىدىن ئاتا زەخمەت چېكىدۇ، ئوغۇل - قىز (بولسا) ئاتىسىنىڭ ئېتىنىمۇ ئاتىمايدۇ.
بالىغا ئاتىنىڭ ئەمگىكى سىڭگەن بولسا، ئوغلىنىڭ مىجەز - خۇلقى ئوبدان بولۇپ يېتىشىدۇ.
(ئاتا) ئوغلىغا قاتتىق قول بولسا، (ئوغلى) ياخشى بولىدۇ، ئاتا - ئانىنىڭمۇ يۈزى يورۇق بولىدۇ.
ئەگەر قاتتىق قول بولمىسا، ئۇ ھالدا ئوغۇل زايە كېتىدۇ، ئۇنداق ئوغۇلدىن ۋاز كەچ.
ئوغلى بار ئاتا ئالىم، زېرەك بولسا، (ئوغلىنى) دائىم قاتتىق تۇتۇشى كېرەك، ئىشنىڭ چارىسى مۇشۇ.
كىمنىڭ ئوغۇل - قىزى ئەركە بولسا، ئۇ يىغلايدۇ ۋە قايغۇ - ھەسرەتلىك بولىدۇ.
ئاتا - بالىنى كىچىكىدىنلا بوش قويۇۋەتكەن بولسا، ئوغۇلدا گۇناھ يوق، ئەيىب ئاتىدا.
ئوغۇل - قىزنىڭ مىجەز - خۇلقى يامان بولسا، بۇ يامانلىق قىلغان (ئوغلىنى) ياخشىلىقتىن مەھرۇم قىلغان ئاتىسى بولىدۇ.
ئاتا ئوغلىغا قاتتىق قول بولۇپ، ئۇنى ئوقۇتسا، ئوغۇل - قىزى يېتىلىپ چوڭ بولغاندا سۆيۈنىدۇ.
ئاتا پۇشتىدىن بالا تۆرەلسە، ئانىنىڭ قارنى بىرنەچچە ئايلىق تىنچ ماكان بولىدۇ.
ئوغۇل - قىزنىڭ بۇزۇلۇشى ياكى تۈزىلىشىنىڭ سەۋەبى ئاتا ۋە ئانىدۇر.
ئوغلاننى چىڭ تۇتسا، بەختكە ئېرىشىدۇ.
ئوغۇل كىچىك ئىكەن، ئۇنىڭغا بىلىم ئۆگەت، كىچىكلىكىدە بىلىم بىلسە، قولى ئۈستۈن بولىدۇ.
ئوغۇل - قىز كىچىكلىكىدە نېمىنى بىلسە، قېرىپ ئۆلگۈچە ئۇنى ئۇنتۇمايدۇ.
ئاتا پەندىنى بەكمۇ چىڭ تۇت، كۈنۈڭ قۇتلۇق بولغاي ۋە كۈنلىرىڭ ھالاۋەتلىك ئۆتكەي. ئاتا - ئاناڭنى خۇش قىلىپ، (ئۇلارغا) خىزمەت قىل، بۇ خىزمىتىڭنىڭ بەدىلىگە تۈمەنمىڭ پايدا كەلگەي.
ئۇرۇقلۇق كىشى ئۆلسە، ئۇرۇقى قالىدۇ. يەرگە نېمە تېرىساڭ، شۇ نەرسە ئۈنىدۇ، ئوغۇل تۇغۇلسا، (ئۇنىڭ) مىجەزى ئاتىغا تارتىدۇ.
ئاتا ئۆلسە ئورنى ئوغۇلنىڭ بولىدۇ.
مەرد - جەسۇر بولۇپ يېتىشىدىغان ئوغۇلنىڭ كىچىك ۋاقتىدىلا بەلگە - نىشانى بولىدۇ. مېۋە - چېۋىنىڭ بولۇشىنى چېچىكىدىن كۆرۈش لازىم.
ئاتىنىڭ ئالقىشى ئوغۇلغا تەگسە، ئۇنىڭغا شادلىق ھەمراھ بولىدۇ.
ئوغلان بىلىم تەلەپ قىلسا، كىچىكىدىنلا بىلىمگە قول ئۇزىتىشى كېرەك. ئوغلان كىچىك ۋاقتىدىلا بىلىم ئۆگەنسە، چوڭ بولغاندىن كېيىن تىلىكىگە يېتەلەيدۇ.
پايىلىق قۇل ئوغۇلدىنمۇ يېقىندۇر.
قېرىنداشتىن قېرىنداشقا مەنپەئەت يۇقىدۇ، مەنپەئەت بىلەن ئىنسان لەززەت ئالىدۇ.
بالا - چاقىنىڭ نامى ئەر ئۈچۈن يوقالماس كۆلەڭگىدۇر. |
|