بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> مەكتۇب >> شۈگۇاڭپىڭغا يېزىلغان خەت

شۈگۇاڭپىڭغا يېزىلغان خەت

يوللانغان ۋاقتى : 2008-10-08 10:29:13    كۆرۈلۈش سانى : 95  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
لۇشۈن  (1881 - 1936) لۇشۈن - ئەسلى ئىسمى جۇۋشۇرېن، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋشىڭ دېگەن يېرىدىن، جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان ئۇلۇغ ئەدىبى، مۇتەپپەككۇرى ۋە ئىنقىلابچىسى، يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارى. شۈگۇاڭپىڭ (1898 - 1968) جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان ئايال يازغۇچىسى، ئۇ، بېيجىڭ قىزلار پېداگوگىكا داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا لۇشۈننىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، ئۇلار جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا قارشى كۈرەش جەريانىدا بىر يولدا ماڭغان. لۇشۈن بىلەن شۈگۇاڭپىڭنىڭ بىر - بىرىگە يېزىشقان خەتلىرى ئاساسەن «مەكتۇپلار» دېگەن توپلىمىغا كىرگۈزۈلدى. بۇ، لۇشۈننىڭ شۈگۇاڭپىڭغا يازغان مۇھەببەت خەتلىرىنىڭ تاللانمىسى. گۇاڭپىڭ: 5 - ۋە 7 - چىسلا يازغان خەتلىرىڭىزنى بۈگۈن (11 - چىسلا) چۈشتىن ئىلگىرى بىراقلا تاپشۇرۇۋالدىم. بۇ زاكاز خېتىمدە بىرەر مۇھىم ئىشمۇ يوق. بىراق بىر نەچچە ئېغىز مۇلاھىزە يۈرگۈزمەكچىمەن. مۇلاھىزىلىرىم يۈتۈپ كەتسە ئۆكۈنۈشلۈك ئىش بولىدۇ. شۇڭا مۇۋاپىقراق يېزىشنى ئەۋزەل كۆردۈم. بۇ يەردىكى دولقۇن تېخىمۇ ئۆرلەيدىغاندەك تۇرىدۇ، لېكىن نەتىجىسى ياخشى بولماس. بىر نەچچە ئادەم بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مەنسىپىنى ئۆستۈرۈش كويىغا چۈشتى. ئۇلارنىڭ بەزىسى ئوقۇغۇچىلارغا خۇشامەت قىلىۋاتىدۇ، بەزىسى مۇدىرغا كۈچۈكلىنىۋاتىدۇ، بۇ ئەھۋالنى كۆرسىڭىز ھەسرەتلىنىسىز. مېنىڭ ئىشىم ئومۇمەن بىر ياقلىق بولۇپ قالدى، يولغا چىقسام بولاتتى، بىراق بۈگۈنكى كېمىگە ئۈلگۈرەلمىدىم؛ ئەمدى شەنبە كۈنى كېمە چىقىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن 15 - چىسلا يولغا چىقالىشىم مۇمكىن. بۇ خەت گۇاڭدۇڭغا مەن بىلەن بىر كېمىدە بېرىشى مۇمكىن، شۇنداق بولسىمۇ ئاۋۋال يوللىدىم. 15 - چىسلا كېمىگە چىقسام، كېمە 16 - چىسلا مېڭىشى، گۇاڭجۇغا 19 - ياكى 20 - چىسلا بېرىشىم مۇمكىن. مەن ئاۋۋال گۇاڭتەيلەي سارىيىغا چۈشۈپ، مەكتەپ بىلەن سۆزلەشكەندىن كېيىن مەكتەپكە ۋاقتىنچە كۆچۈپ كىرمەكچىمەن. مەن چۈشىدىغان ئۆي «قوڭغۇراق بىناسى» دا. فۇيۈەننىڭ يازغان خېتىگە قارىغاندا، ئۇ ئۆزى ئولتۇرغان ئۆينىڭ بىر ئىغىزىنى ماڭا قالدۇرۇپ قويۇپتۇ. ياردامچى مۇئەللىملىككە فۇيۈەن كۈچ چىقىرىپتۇ، جۇڭشەن داشۆسى تەكلىپ قىلىپتۇ. ئۇ خىزمەتنى مەن قانداقمۇ «ئۆزۈم بەرگەن» بولاي؟ قالغان ئىشلارغا كەلسەم، مەيلى «پارتلاپ» كېتەي، مەيلى «يېرىلىپ» كېتەي، ئىشلەۋېرىمەن. تۈرلۈك ئېھتىياتچانلىق ياكى قاتمۇ قات مەجبۇرلۇق مەن ئۈچۈن تۈگىمەس دەرد بولۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ. ھازىر ئۆزۈم ئىقرار قىلىپ، ساۋۇت _ قالقانلىرىمنى تاشلاپ قوياي. قېنى، ئۇلار ئىككىنچى مۇشتنى قانداق ئاتاركىن؟! «كەلگەن» لەرگە ئىلگىرى شەپقەت قىلىش نىيىتى بىلەن مۇئامىلە قىلاتتىم، لېكىن ئەمدى ئۇنداق قىلمايمەن. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ بىرىگە، خويمۇ ئوبدان يانپېشمغا چىقتى، دېگەندەك ھېسىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىمەن (بۇ ھەقتە مەن ئەسلى مەقسەتنى سەۋەن چۈشىنىپ قالغان بولۇشۇممۇ مۇمكىن، لېكىن بۇ سۆزنى يېزىپ قويۇپتىمەن، شۇڭا ئۆزگەرتىپ ئولتۇرمىدىم.) مەيلى ئېزىتقۇ _ شەيتان بولسۇن، مەن ئۇنى سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرمايمەن؛ مېنى ئىتتىرىپ چۈشۈرۈۋەتمەكچى بولىدىكەن، دەلدەڭلەپ يېقىلىپ چۈشۈپ كەتسەممۇ مەيلى. مەن سەھنىدە تۇرۇشقا قاچان ھېرىس بولۇپ قاپتىكەنمەن؟ ماڭا شان _ شۆھرەت، مەرتىۋە كېرەك ئەمەس، ماڭا ئېزىتقۇ _ شەيتانلار كۇپايە قىلىدۇ. شۇنداقلارنى «دوست» دەپ ئاتايمەن. بۇنىڭغا كىم ئامال قىلالىسۇن؟ لېكىن ھازىر پەقەت (!) چەكلىك خەۋەرنىلا ئېيتىشىمدىكى مەقسەت: 1. ئۆزۈمنى كۆزدە تۇتىمەن، تىرىكچىلىك مەسىلىسى ھەر ھالدا كۆز ئالدىمدا تۇرۇپتۇ؛ 2. باشقىلارنى كۆزدە تۇتىمەن، ئۆزۈمنىڭ ۋۇجۇدقا كەلگەن مەۋقەمدىن پايدىلىنىپ، ئىسلاھات ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىم مۇمكىن. لېكىن مېنى مەخسۇسلا مۇشۇ ئىككى ئىش يولىدا ئەجرى قىل، قۇربان بەر، دەپ دەۋەت قىلىشىدىغان بولسا، مەن ئۇنىڭغا ئۇنىمايمەن. مېنىڭ بەرگەن قۇربانلىرىم ئاز ئەمەس، لېكىن بەھىرلەنگۈچىلەر تېخى قانائەتلەنمەي، جان - پېنىڭنى تۈگەل قۇربان قىل، دېيىشىۋاتىدۇ. ئەمدى ئۇنىمايمەن، رەقىبلىرىمنى سۆيىمەن - دە، ئۇلارغا قارشى چىقىمەن. مۇشۇ ئۈچ - تۆت يىل ئىچىدە ئوبدان تونۇش بولغان ۋە ئەمدىلا تونۇشقان ئەدەبىياتچى باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىمدىن خەۋىرىڭىز بار، ئۇلار ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش مۇمكىن بولغانلىكى يەردە كۈچ چىقاردىم، بۇنىڭدا ھېچقانداق يامان غەرىزىم يوق. شۇنداق بولسىمۇ، ئەركەكلىرى بىر - بىرىنى كۆرەلمەي، ئاخىر جېدەللەشتى، يەنە بىر تەرەپتىن قانائەت ھاسىل قىلالماي، مېنى دۇمبالىماقچى، پۇتلىماقچى بولدى. شۇنداق قىلىپ، ھەر ئىككى تەرەپ ياردەمدىن مەھرۇم قالدى. ئۇلار مېنىڭ يېنىمدا قىز ئوقۇغۇچىلار ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەندە، پىتنە - ئىغۋا قىلىشتى. مەيلى بىرەر ئىش بولسۇن - بولمىسۇن، مەن ئاياللار بىلەن كۆرۈشمىسەم مەيلى، كۆرۈشىدىكەنمەن ئۇلارنىڭ شۇنداق پىتنە - ئىغۋالارنى پەيدا قىلىشى مۇقەررەر؛ ئۇلارنىڭ تولىسى كۆرۈنۈشتە يېڭى ئىدىيىلىك بولۇپ كۆرۈنىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇلار زالىم پادىشاھ، جاللات، پايلاقچى، چۈپۈرەندە، ئەگەر مەن يەنە بېشىمنى ئىچىمگە تىقىپ يۈرۈۋېرىدىغان، يول قويىدىغان بولسام، ئۇلار دېۋەيلەپ كېلىشتىن ھەرگىز يانمايدۇ. ئۇلارغا لەنەت ئوقۇيمەن. ئىلگىرىكى چاغلاردا گاھىدا مۇھەببەت كۆز ئالدىمغا كېلەتتى، لېكىن مەن ئۇنىڭغا مۇناسىپ بولمىسام كېرەك، دەپ دەرھال خىجىل بولاتتىم، شۇڭا بىرەر ئادەمگە مۇھەببەت قويۇشقا پېتىنالمايتتىم. لېكىن ئۇلارنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرىنىڭ، ئىدىيىلىرىنىڭ سىرىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۆزۈمنى شۇنداق ئادەم دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ قويماي، مۇھەببەت قويسام بولىدىكەن، دېگەن يەرگە كەلدىم. ھېلىقى پىتنە - ئىغۋانى بۇلتۇر 11 - ئايدا ۋېي سۈيۈەننىڭ خېتىدىن ئۇقتۇم. ئۇنىڭ يېزىشىچە، ئۇ «بوم قوڭغۇراق» تەھرىراتىدا ئاڭلاپتۇ. چاڭ خۇڭنىڭ ماڭا جان - جەھلى بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى بىر ئايالنىڭ تۈپەيلىدىن بولغانمىش، ئۇ «قۇيۇن» دا بىر شېئىرىنى چىقىرىپتۇ، شۇ شېئىردا ئۆزىنى كۈنگە، مېنى تۈنگە، ئايالىن ئايغا ئوخشىتىپتۇ. ئۇ تېخى مەندىن: راست شۇنداق ئەھۋال بولغانمۇ تەپسىلىيرەك بىلگۈم بار، دەپ يېزىپتۇ. ئەنە شۇنىڭدىن چاڭ خۇڭنىڭ «ھىجران ئوتى» دا كۆيۈۋاتقانلىقىنى، مېنىڭ ئۆيۈمگە پات - پات كېلىپ تۇرۇشىنىڭ سەۋەبىنى، يەنى ئۇنىڭ «دەشت - باياۋان» نى دەپ ئەمەس، ئاينى كۈتۈش ئۈچۈن كېلىپ تۇرغانلىقىنى چۈشەندىم. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ رەقىبلىكىنى قىلچە بىلدۈرمىگەنىدى؛ مەن شيامېنغا يىتىپ بارغاندىن كېيىن، كەينىمدىن مېنى بىمەنە گەپلەر بىلەن تىللاپتۇ، ئۇ نېمىدېگەن قورقۇنچاق - ھە! مەن تۈن ئىكەنمەن، ماڭا ئاي كېرەك، ئەلۋەتتە بۇ ھەقتە شېئىر - پېئىر يېزىشنىڭ نېمە ھاجىتى بار؟! بۇ نېمىدېگەن دىتسىزلىق؟! مەن شۇ چاغدا ئۇنىڭ چىشىغا تېگىپ، بىر پارچە ھېكايە يېزىپ، «نامسىز تەھرىرات» قا ئەۋەتىپ بەرگەنىدىم. شۇ چاغدا گۈلىڭغىمۇ سۈرۈشتۈرۈپ خەت يازغاندىن كېيىن، شۇ پىتنە - ئىغۋانىڭ ئۇزۇندىن بۇيان بار ئىكەنلىكىنى، ئۇنى پىن چىڭ، فۇيۈەن، خەي چىڭ، ۋېي فېڭ، يەنتەي تارقاتقانلىقىنى بىلدىم. بۇلارنىڭ بەزىسى تېخى مېنى ئۇ ئايالنى شيامېنغا ئەكىتىپتۇ، دېگەن گەپلەرنىمۇ قىپتۇ، بۇ گەپتە فۇيۈەن بولمىسا كېرەك، بۇ گەپنى مېنى پويىزغا ئۇزىتىپ قويغان ئادەملەر تارقاتقان بولسا كېرەك. پەي گو بالا - چاقىلىرىنى بېيجىڭدىن بۇ يەرگە ئەكەلگەندە شۇ گەپنىمۇ شيامېنغا كۈتۈرۈپ كەلگەن. ئۇ ماڭا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن تىيەن چيەنچىن بىلەن ئىككىسى ئايرىم - ئايرىم ئۆسەك تارقىتىپ، مېنىڭ شيامېندا تۇرۇشنى خالىمىغانلىقىمنى ئاينىڭ شيامېندا بولمىغانلىقىدىن بولغان، دېگەن. ئۇزىتىش يىغىنىدا تيەن چيەنچىن ماڭا زەربە بېرىش ئۈچۈن، بۇ گەپنى ئامما ئالدىدا قەستەن ئېچىۋەتكەنىدى، لېكىن بۇ گەپ بىر تىيىنگىمۇ ئەرزىمىدى. دولقۇن سېلىكمىدى، چۈنكى بۇ قېتىمقى دولقۇننىڭ يىلتىزى چوڭقۇر، ئۇ يالغۇز مېنىڭ تۈپەيلىمدىنلا قوزغالغان ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار شۇنداق شەيتانلىقلىرىنى يەنە قىلىدىغاندەك تۇرىدۇ. «ئۆلگۈچە ھوشىنى تاپماپتۇ» دېگەن گەپ ئەنە شۇ. ھازىر كېچە سائەت ئىككى. مەكتەپنىڭ ئېلېكتر چىراغلىرىنى كىمدۇر بىراۋلار شەپىسىز ئۆچۈرۈۋېتىپ، تەتىلگە قويۇۋېتىش ئېلانى چاپلىغانىكەن، ئوقۇغۇچىلار كۆرۈپ قېلىپ، دەرھال يىرتىپ تاشلاپتۇ. دولقۇن بۇنىڭدىن كېيىن يەنىمۇ كۆتۈرۈلىدىغاندەك تۇرىدۇ. ھازىر ئۆزۈمنىڭ دائىم قاتتىق گەپ قىلىدىغانلىقىمغا كۈلىدىغان بولدۇم. ئەسلىدە باشقىلارغا ناھايىتى كەڭ قورساق ئىدىم، شۇەن چىڭدەك بىر نېمىلەرنىڭ مېنىڭ ئالدىمغا مېنىڭ ئۈستۈمدىن پايلاقچىلىق قىلىش ئۈچۈن كېلىپ يۈرگەنلىكىدىن زادىلا گۇمان قىلمىغانىكەنمەن. ئۇ دىتسىز بىر نەرسە بولغاچقا، كۆزلىرىنى چاشقاندەك ئۇ يەر - بۇ يەرگە يۈگۈرتۈپ يۈرسە، بەزىدە بىر ئاز نەپرەتلىنەتتىم. بۈگۈن چۈشەندىمكى، بەزىدە ئۇلارنى مېھمانخانىغا باشلىسام، ئۇلار رەنجىپ كېتەتتى، ئەسلىدە مەن ئاينى ئىچكىرىكى ئۆيگە يوشۇرۇپ قويۇپ، ئۇلارنى ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرگۈزمەپتىمەنمىش. قاراڭ، كاتتا ئەپەندىلەرنى كۈتمەك نېمىدېگەن تەس! ئۇكىڭىزغا بىر نەچچە تۈپ چوكانتال ئالدۇرۇپ، ئارقا ھويلىغا تىكتۈرۈپ، ئۇ يەردىكى بىر نەچچە تۈپ قوناقنى يۇلدۇرۇۋەتسەم، ئانام بۇنىڭغا ناھايىتى ئەپسۇسلىنىپ، بىر ئاز رەنجىگەنىدى؛ شۇنىڭ بىلەن يەنتەي: ئوقۇغۇچىسىنى كۈشكۈرتۈپ، ئانىسىنى خورلىدى، دەپ مېنىڭ ئۈستۈمدىن پىتنە - ئىغۋا تارقىتىپ يۈرۈپتۇ، قۇلاق تىنچلىقىنى شۇنچە ئارزۇ قىلسام، قېرىشقاندەكلا، قۇلاقنى يادىتىدىغان ئىشلار كۆپىيىپ قالدى. مېنىڭ ئىلگىرىكى: ئاھ ئانا يۇرتۇم، يەنە قايتىپ بېرىش - بارالماسلىقىم بىر گەپ بولۇپ قالدى، دېگەن سۆزۈم ھەقىقەتەن ئەسەبىيلىكتىن كېلىپ چىققان سۆز ئەمەس ئىدى. خەير، بۇلارغا سالىۋات، مەن ئۆز يولۇمدا كېتىۋېرىمەن. بىراق شيامېندىكى بۇ قېتىمقى چوڭ دولقۇندىن كېيىن بىر مۇنچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىسى مەن بىلەن بىللە گۇاڭجۇغا كەتمەكچى، بەزىسى ۋۇچاڭغا يۆتكىلىپ بېرىپ ئوقۇماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئەنە شۇلارنى كۆزدە تۇتۇپ، يەنە بىرەر - يېرىم يىلغىچە ئۈستۈمدىكى ساۋۇتنى ساقلاپ تۇرسام قانداق بولاركىن، ھازىر بۇ ھەقتە تېخى ئۈزۈل - كېسىل بىر قارارغا كېلەلمەيۋاتىمەن، بۇ چەقتە ۋاقتى كەلگەندە يەنە مەسلىھەتلىشەرمىز. بىراق بۇنىڭلىق بىلەن ياردەمچى مۇئەللىملىك قىلىشتىنمۇ قورقۇپ، خىزمەتداشلارنى چەتلەشتۈرۈپ قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر ئۇنداق قىلىدىكەنسىز، پىتنە - ئىغۋانىڭ تۇققىنى بولۇپ قالىسىز، پىتنىخورلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتكەن بولىسىز. لۈ شۈن 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ماتىماتكىلىق مۇھەب...
●  شۈگۇاڭپىڭغا يېزىلغ...
●  ياڭ ساۋغا يېزىلغان ...
●  لۇ شياۋمەنگە يېزىل...
●  شى پىڭمېيغا يېزىلغ...
●  خۇشېچىڭغا يېزىلغان...
●  مەن مەنگە يېزىلغان ...
●  سۇڭ رۇيۈگە يېزىلغا...
●  خۇيېپىنگە يېزىلغان...
●  شياۋخۇڭغا يېزىلغان...
●  ئولىمپو دۇنويېغا ي...
●  فرانكلىننىڭ ئېلۋېز...
●  بىر ئەرنىڭ ئايالىغ...
●  لېسسىنگنىڭ ئېۋا كو...
●  ئېلۋېزىسئۇ خانىمغا...
●  يېكاتېرىناغا يېزىل...
●  روۋلاند خانىمنىڭ ب...
●  نېلسوننىڭ ئايالىغا...
●  خەن چىڭچىڭغا يېزىل...
●  شىللېر لانگېفېلدقا...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ماتىماتكىلىق مۇھەببەت ت...
●  شۈگۇاڭپىڭغا يېزىلغان خە...
●  ياڭ ساۋغا يېزىلغان خەت
●  لۇ شياۋمەنگە يېزىلغان خ...
●  شى پىڭمېيغا يېزىلغان خە...
●  خۇشېچىڭغا يېزىلغان خەت
●  مەن مەنگە يېزىلغان خەت
●  سۇڭ رۇيۈگە يېزىلغان خەت
●  خۇيېپىنگە يېزىلغان خەت
●  شياۋخۇڭغا يېزىلغان خەت

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى