بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> مەكتۇب >> شى پىڭمېيغا يېزىلغان خەت

شى پىڭمېيغا يېزىلغان خەت

يوللانغان ۋاقتى : 2008-09-29 13:35:41    كۆرۈلۈش سانى : 107  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
گاۋجۈنيۈ  (1896 - 1925) گاۋجۈنيۈ - سەنشىلىك، 1916 - يىلى بېيجىڭ داشۆسىگە ئوقۇشقا كىرگەن، يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە ئاتلانغان، نامايىشلارغا قاتناشقان، لى داجاۋ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تەسىرى بىلەن 1921 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي ئورگىنىنىڭ «يول باشلىغۇچى» دېگەن ھەپتىلىك گېزىتىدە تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن، «ئىككىنچى قۇرۇلتاي» دىن كېيىن مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سۇن جۇڭشەننىڭ كاتىپى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، كېيىن كېسەل بىلەن 29 يېشىدا ۋاپات بولغان. شى پىڭمېي - سەنشىلىك، بېيجىڭ قىزلار ئالىي پېداگوكىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن، يازغۇچى، كېيىن گاۋجۈنيۈ بىلەن مۇھەببەتلەشكەن، 1928 - يىلى كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان. (1924 - يىل 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى) سىزنىڭ تاۋۇز چاغىنىنىڭ ئالدىنقى كۈنى يازغان خېتىڭىزنى پاراخوتقا چىقىشتىن بىر كۈن بۇرۇن تاپشۇرۇۋالدىم. خېتىڭىزدە مېنىڭ بىردىنبىر دوستۇم ئىكەنلىكىڭىزنى يېزىپسىز، ئالدىنقى قېتىم يازغان خېتىڭىزدە پۈتۈن ئۆمرىنى كەسپ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان دوستلاردىن بولىدىغانلىقىڭىزنى يېزىپتىكەنسىز. سىز باشقىلار موھتاج بولمىغان جاۋابنى بېرىشنىلا بىلىسىز، باشقىلار بىلەن تۈزۈش تەس بولغان توختاملارنى تۈزىسىز. سىز ماڭا گەپنى ئوچۇقلا قىلغاچقا، مەن بۇ خەۋەرنىڭ ئۇشتۇمتۇت بولۇپ قالمىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئەمما يۈرىكىم چەكسىز دەرد - ئەلەمگە تولدى! دۇنيادا قان ئىچەر كىشىلەرلا بولىدىكەن، ئۇلار بىزگە قارشى تۇرىدۇ، ئەمما نېمە ئۈچۈن مەن قەدىرلىگەن كىشىمۇ ماڭا ھېسداشلىق قىلمايدۇ؟ مېنىڭ بىر تەرەپتىن يەنە ئۆزۈم ئۈچۈنمۇ كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ. مەن يۈرىكىمنى پۈتۈنلەي سىزگە تاپشۇرغان تۇرۇقلۇقمۇ نېمە ئۈچۈن كەسپىي جەھەتتىن سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكىدەك ئىش قىلالمايمەن؟ مېنىڭ ئىككى دۇنيايىم بار. بىر دۇنيايىمدا بارلىقىمنىڭ ھەممىسى سىزگە مەنسۇپ، مەن ھەتتا روھى مەڭگۈ چەكلەنگەن تۇتقۇن؛ يەنە بىر دۇنيايىمدا، مەن سىزگە مەنسۇپ ئەمەس، ئۆزۈمگە تېخىمۇ مەنسۇپ ئەمەس. مەن پەقەت تارىخىي ۋەزىپىلەرنى بېجىرىدىغان يالاقچى. مۇبادا مەن ئۆزۈمنى ئويلايدىغان بولسام پۇلپەرەس ۋە مەنسەپپەرەسلەردىن بولغان بولاتتىم. سىزمۇ مېنىڭ مۇشۇنداقلاردىن بولماسلىقىمنى ئارزۇ قىلاتتىڭىزغۇ؟ سىز مەن ئىشلىگەن خىزمەتكە نارازى، ئەمما ئۆز خىزمىتىمنى تىرىشىپ ئىشلەش ھەققىدە ماڭا ئىنتايىن سەمىمىي نەسىھەت قىلىسىز ۋە مېنى رىغبەتلەندۈرىسىز؛ مېنىڭ قانخور دۇنياغا يول قويىدىغان يەكۈنلىرىڭىزنى ئەسلىگۈم يوق. ئەمما مەن سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە باشقىلارنى رىغبەتلەندۈرىدىغان ھەققانىي روھىڭىزغا ئاپىرىن ئوقۇيمەن! سىزگە ئايان، مەن ھەممە جايدا سەرسان بولۇپ بوران - چاپقۇندا ياشايدىغان ئادەم. سىزنىمۇ مۇشۇنداق ئەنسىزلىك ئىچىگە ئەكىرىشكە قانداقمۇ چىدايمەن؛ شۇڭا سىزنىڭ ئارزۇ - تەلەپلىرىڭىزنى سۇدىن كەلسە سۇغا كىرىپ، ئوتتىن كەلسە ئوتقا كىرىپ ئورۇنداش، سىز خالىمىغاننى سۇدىن كەلسە سۇغا كىرىپ، ئوتتىن كەلسە ئوتقا كىرىپ توسۇش نىيىتىگە كەلدىم. مۇشۇنداق قىلمىسام سىزنى قانداقمۇ ياخشى كۆرىمەن! بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ خىزمىتىم ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، ھاياتىمنى مۇشۇنداق سەرسانلىقتا، يەككە - تېگانىلىقتا ئۆتكۈزۈشكە بەل باغلىدىم. ھايات ئىنتايىن قىسقا، ماڭدامدا بىر ئۆلۈم خەۋپى بار. شۇڭا مەن ھاياتىمنى قەتئىي ۋە چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ئۆتكۈزۈشۈم كېرەك. سىز ماڭا يۈز كېلەلمىدىم دەپ قالماڭ، مەن ئۈچۈن تېخىمۇ ھەسرەت چەكمەڭ. بۇلارغا ھەرگىز ھەيران قالماڭ. بىز دېسكىدا بوران - چاپقۇننىڭ بولماسلىقىنى، ئۇنىڭ ئەينەكەك تىپتىنچ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز؛ ئەمما بىز دېڭىزدا بورغن - چاپقۇننىڭ بولماسلىقىنى قانداقمۇ ئىشقا ئاشۇرالايمىز؟ مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىم - سىز ئۈچۈن قۇربان بېرەلەيدىغان، شۇنداقلا سىز ئۈچۈن ياشىيالايدىغان قورچاق ھايات بولىدۇ. سىز مېنىڭ مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىمنى كۆرۈپ تەكەببۇرلۇق بىلەن خۇشال بولمايدىغانسىز؟ مەن سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن خۇشال - خۇرام ياشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەر سىزلا خۇشال ياشايدىكەنسىز، بۇ دۇنيادا مېنى ھەسرەتكە سالىدىغان ھېچ نەرسە مەۋجۇت بولمايدۇ! خەتنى يېزىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە دېڭىزغا قاراپ باقاتتىم. دېڭىز سۈيى تىپتىنچ تۇرىدۇ. مەيلىلا، بىزمۇ مۇشۇ قانۇنىيەتلەرگە ئۆزئارا ئەمەل قىلىپ سەلتەنەتلىك ھاياتنى بەرپا قىلايلى. مەيلى ئۇنىڭ ھايات، مەيلى ئۇنىڭ مامات بولۇشىدىن قەتئىينەزەر.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ماتىماتكىلىق مۇھەب...
●  شۈگۇاڭپىڭغا يېزىلغ...
●  ياڭ ساۋغا يېزىلغان ...
●  لۇ شياۋمەنگە يېزىل...
●  شى پىڭمېيغا يېزىلغ...
●  خۇشېچىڭغا يېزىلغان...
●  مەن مەنگە يېزىلغان ...
●  سۇڭ رۇيۈگە يېزىلغا...
●  خۇيېپىنگە يېزىلغان...
●  شياۋخۇڭغا يېزىلغان...
●  ئولىمپو دۇنويېغا ي...
●  فرانكلىننىڭ ئېلۋېز...
●  بىر ئەرنىڭ ئايالىغ...
●  لېسسىنگنىڭ ئېۋا كو...
●  ئېلۋېزىسئۇ خانىمغا...
●  يېكاتېرىناغا يېزىل...
●  روۋلاند خانىمنىڭ ب...
●  نېلسوننىڭ ئايالىغا...
●  خەن چىڭچىڭغا يېزىل...
●  شىللېر لانگېفېلدقا...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ماتىماتكىلىق مۇھەببەت ت...
●  شۈگۇاڭپىڭغا يېزىلغان خە...
●  ياڭ ساۋغا يېزىلغان خەت
●  لۇ شياۋمەنگە يېزىلغان خ...
●  شى پىڭمېيغا يېزىلغان خە...
●  خۇشېچىڭغا يېزىلغان خەت
●  مەن مەنگە يېزىلغان خەت
●  سۇڭ رۇيۈگە يېزىلغان خەت
●  خۇيېپىنگە يېزىلغان خەت
●  شياۋخۇڭغا يېزىلغان خەت

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى