يېكاتېرىناغا يېزىلغان خەت
يوللانغان ۋاقتى : 2008-08-30 10:06:02 كۆرۈلۈش سانى : 20
ئالېكسېيېۋنا يېكاتېرىنا (1729 - 1796) (كاتېرىن II مۇ دېيىلىدۇ) - ئەسلىدە گېرمانىيىلىك بىر گېرتسوگنىڭ قىزى بولۇپ، كېيىن چارپادىشاھ پېتېر III نىڭ خوتۇنى بولغان. 1761 - يىلى ئايال پادىشاھ ئېلزابېتا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، پېتېر تەخت ۋارىسى بولۇپ، پېتېر III دەپ ئاتالغان. ئۇ چۈشكۈن ئىقتىدارسىز بولغاچقا، 1762 - يىل 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، يېكاتېرىنا ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشى قوزغاپ، پېتېر III پادىشاھلىقتىن ۋە ھاياتىدىن ئايرىلغان، يېكاتېرىنا پادىشاھلىق تەختكە ئولتۇرۇپ، يېكاتېرىنا II دەپ ئاتالغان.
يېكاتېرىنا 30 يىلدىن كۆپرەك دەۋران سۈرگەن بولۇپ، تۇرمۇشتا ئىنتايىن شاللاق ھەم داڭدار ئىشقىۋاز ئايال پادىشاھ ئىدى. بۇ خەت ئۇنىڭ نامەلۇم بىر سۆيىگىنىگە يېزىلغان.
بۇ خەتنى كەيپىم چاغ ۋە خۇشال بىر چاغدا يېزىشقا كىرىشتىم. ئۇزۇن ئۆتمەي ئوي - خىيالىم بۇ يەردىن چىقىپ، يىراقلارنى كېزىشكە باشلىدى، بۇ ھالدىن قانداق ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. بۇنداق كېتىۋەرسەم بولمايدۇ؛ ئازاب ئىچىدىمەن، خۇشاللىقىمنى يوقاتتىم. ھەپتە بۇرۇن، ئەڭ ياخشى بىر ئەر دوستۇمدىن ئايرىلىپ قېلىشتەك ئېغىر يوقىتىش تۈپەيلى ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىمغا بەرھەق ئىشىنەتتىم. مەن سىزگە بىر بەختسىزلىكنى ئېيتماقچى بولۇپ، يىغىدىن ئۈنۈم چىقماي قالدى، «L» گېنېرال دۇنيادىن ئۆتكىلى نىكەم، ھۇجرام ئىلگىرى شادلىق قەسىرى ئىدى، ئەمدى قۇپقۇرۇق، خىيالى بىر نەرسە بولۇپ قالدى. مەن بۇ يەردە ئەرۋاھقا ئوخشاش بىر نەرسە بىلەن مىڭ تەسلىكتە قىينىلىپ ئۆتمەكتىمەن. كىشىلەرنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىمدا، گەپلىرىم ھەمىشە ئۆزۈمنىڭ خۇرسىنىشلىرىمدىن ئۈزۈلۈپ قالىدۇ. تامىقىم جايىدا ئەمەس، بىر جايدا خاتىرجەم ئولتۇرالمايمەن، ھايات مەن ئۈچۈن ئازابلىق بىر نەرسە بولۇپ قالدى، بىرەر پارچە خەت يېزىشقىمۇ ماجالىم يەتمەيدىغان بىر ئىشتەك بولۇپ قالدى. كېيىن قانداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن. لېكىن، شۇنىسى ماڭا ئايانكى، تۇغۇلغىنىمدىن بۇيان ھېچقاچان ئەڭ ئېسىل سۆيۈملۈك دوستۇم ئۆلگەن ۋاقىتتىكىدەك بۇنداق بەختسىز بولۇپ باققان ئەمەسمەن. تارتمامنى ئېچىپ بىر ۋاراق قەغەزنى ئالدىم - دە، بىر نەچچە قۇر خەتنى يازدىم، لېكىن يېزىپ كېتەلمەيدىغان ئوخشايمەن..... |
|