خەن چىڭچىڭغا يېزىلغان خەت
يوللانغان ۋاقتى : 2008-08-19 11:52:02 كۆرۈلۈش سانى : 22
لياڭ شىچيۇ
(1903 - ) لياڭ شىچيۇ - جۇڭگو ھازىرقى زامان يازغۇچىسى، پروزىچى، تەرجىمان، بېيجىڭلىق. 1923 - يىلى چىڭخۇا داشۆنى پۈتتۈرۈپ ئامېرىكىغا كەتكەن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كولورادو داشۆسى، خارفارت داشۆسىنىڭ تەتقىقات ئورنى ۋە كولۇمبىيە داشۆسىدە ئوقۇپ، ئىنگلىز تىلىنى ۋە ئەنگلىيە، ئامېرىكا ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلغان. 1926 - يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن نەنچىڭ داشۆسى، چىڭداۋ داشۆسى، بېيجىڭ داشۆسى، تەيۋەن پېداگوگىكا داشۆسى قاتارلىق نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. «كاتتا ساراي ئېپىزوتلىرى»، «كاتتا ساراي نەسىرلىرى» قاتارلىق ئون نەچچە خىل نەسىرلەر توپلىمى، تەرجىمە ئەسەرلىرىدىن «شېكىسپىرنىڭ ئەسەرلەر توپلىمى» قاتارلىقلار بار.
1974 - يىلى 11 - ئايدا بىر تاسادىپىي پۇرسەتتە، يېشى 70 تىن ئاشقان لياڭ شىچيۇ بىلەن خەن چىڭچىڭ بىر كۆرۈشۈش بىلەنلا بىر - بىرىگە ئاشىق بولۇشىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئۈزۈلدۈرمەي مۇھەببەت خېتى يېزىشىپ، كېيىن توي قىلىشىدۇ. بۇ بىر مەھەل قىزىقارلىق پاراڭ بولۇپ تارقىلىدۇ، ئۇشبۇ خەت، لياڭ شىچيۇنىڭ خەن چىڭچىڭغا يازغان مۇھەببەت خېتى. بۇ خەتتىن ئىككىيلەننىڭ مۇھەببەتكە ئىنتايىن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
تۈنۈگۈن ئۇخلىغان ۋاقتىم ئۇزۇن بولمىسىمۇ، ئەمما ناھايىتى تاتلىق ئۇخلىدىم. مەن ئەزەلدىن قولۇمغا ئۈزۈك سېلىپ باققان ئەمەس (ئەسكەرتىش: خەن چىڭچىڭ ئاتا - بوۋىسىدىن مىراس قالغان ئۈزۈكنى ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغانىدى). ئەمدى قولۇمغا ئۈزۈك سېلىۋېدىم، بۇ ماڭا بىر يۈل بولدى، ئەمما بۇ ئۈزۈك مېنى خاتىرجەم ئۇخلاتتى. مەن ئۆزۈمنى خۇددى ئاپىسىنىڭ قۇچىقىدا تاتلىق ئۇخلاۋاتقان بوۋاققا ئوخشاش بەختلىك ھېس قىلدىم. قول سائىتىمدىن كېچىسى نۇر چاقنايتتى (ئەسكەرتىش: بۇ خەن چىڭچىڭ ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان سائەت ئىدى.) بۇ بىر ياخشى سائەت ئىكەن، مەن ئۇنى ئىنتايىن قەدىرلەيمەن. چۈنكى سىز ماڭا ئۆزىڭىزنىڭ بۇ سائەتنى بۇرۇن تاقىغانلىقىڭىزنى ئېيتقانىدىڭىز. مەن بۇ سائەتكە بەك ھەۋەس قىلدىم ھەم ئۇنىڭغا ھەسەت قىلدىم. چغنكى ئۇ سىزنىڭ قولىڭىزدا تۇرۇپ باققان، تۈنۈگۈن ناھايىتى ھاياجانلىنىپ كېتىپتىمەن، شۇڭا دۆلەت مېھمانخانىسىدا قەھۋە ئىچىۋېتىپ تويۇقسىز بېشىم قېيىپ كەتتى؛ بۇرۇن مەندە بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلۈپ باقمىغانىدى. مەن ئۆزۈمنىڭ تەسىراتىنى قانداق سۈپەتلەشنى بىلمىدىم. سۇمۇرۇغ يېڭى تۇرمۇشىنى ئۆزىگە ئوت تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق باشلايدىكەن. مەنمۇ ئۆزۈم ئوتۇن يېرىپ، ئوت قالاپ ئۆزۈمنى كۆيدۈرۈشكە باشلىدىم. مەن ئۆزۈمنىڭ ئۆتمۈشىنى كۈل قىلىپ يېڭى تۇرمۇشۇمنى باشقىدىن باشلاشنى خالايمەن. مانا بۇ، سىز ئېيتقان «ئۆزىگە ئۆزى جاپا سېلىش» دېگەننىڭ ئۆزى. مېنىڭچە بۇ «جاپا» نى تارتىشىم تۇرغان گەپ.
سىز ئېتىپ بەرگەن جۇۋاۋا بىلەن توخۇ شورپىسى سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە تۇنجى قېتىم راھەتلىنىپ يېگەن تامىقىم بولدى. بولۇپمۇ ھېلىقى بىر بوتۇلكا ROYAL SALUTE ماركىلىق ھاراق (ئەسكەرتىش: خەن چىڭچىڭنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ، شوتلاندىيىنىڭ ئېسىل ۋىسكى ھارىقىمىش) نى ئىچكەن چېغىمىزدا ئەگەر ھېلىقى ئۈچىنچى كىشى يېنىمىزدا بولمىغاندا (ئەسكەرتىش: بۇ، ئۆيدىكى خىزمەتچىگە قارىتىلغان، ئۇ خەن ئائىلىسىگە كۈندە كېلىپ بىر - ئىككى سائەت ئىشلەپ كېتەتتى) مەن سىزنىڭ ئىككى قەدەھ ئىشلىتىشىڭىزگە يول قويمىغان بولاتتىم، بىزگە بىر قەدەھ يېتەرلىك ئىدى. ھاراقنى ئىچكەندىن كېيىن يۈزلىرىڭىز بىرئاز قىزىرىپ قالدى، مېنىڭ يۈزۈم قىزارمىغان بولسىمۇ، ئەمما يۈرىكىم ئوت بولۇپ ياندى. بۇنىڭدىن كېيىن مەيلى ئىككىمىز يالغۇز بولايلى ياكى ئاممىۋى سورۇنلاردا بولسۇن ھەرگىز ھاراق ئىچمەيلى. سۆيۈملۈكۈم، سۆزۈمنى ئېسىڭىزدە ئوبدان ساقلاڭ، پەقەت ئىككىمىز روبىرو ئولتۇرغاندىلا ئاندىن بىرەر قەدەھتىن ئىچىشىپ قويساق بولىدۇ. بۇنى سىزدىن ئۆتۈنۈپ سورايمەن، بۇنىڭغا چوقۇم ئەمەل قىلىشىڭىز كېرەك. مەن ئۆيدىن ۋاقىتلىق چىقىپ كەتكەندە ھاراق شىشىسىنى پېچەتلىۋېتىمەن. قەدىرلىكىم، كۆڭلۈم پاراكەندە بولۇۋاتىدۇ، ئايرىلىش ئازابى ماڭا تەھدىت سالماقتا (ئەسكەرتىش: بىر ئايدىن كېيىن لياڭ شىچيۇ تەيبېيدىن كەتمەكچى ئىدى). تەقدىر رەھىمسىزلىك قىلسا بۇنىڭغا نېمە ئامال!
سىزنىڭ يېنىڭىزغا بالدۇرراق ئۇچۇپ بېرىش ۋە چۈشتە ئۇخلىماپسىز، دەپ ئەيىبلىشىڭىزگە قالماسلىق ئۈچۈن بۈگۈن چۈشتە بالدۇر ئۇخلايمەن (ئەسكەرتىش: مۇھەببەتلىشىۋاتقان چاغلىرىدا لياڭ شىچيۇ داۋاملىق چۈشتە ئۇخلىماي خەن چىڭچىڭ ئولتۇرۇشلۇق بىنانىڭ ئالدىغا كېلىپ «يۇقىرىغا قاراپ» ئۇنى ساقلايتتى، شۇڭا خەن چىڭچىڭ سالامەتلىكىڭىزنى ئاسرىسىڭىز بولمامدۇ، دەپ ئۇنى «ئەيىبلەيتتى»). قەدىرلىكىم، مېنىڭ سۆيۈملۈك ئايالىم!
لياڭ شىچيۇ
1974 - يىل 12 - ئاي سەھەر 6 دە |
|