بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> مەكتۇب >> سۇڭ رۇيۈگە يېزىلغان خەت

سۇڭ رۇيۈگە يېزىلغان خەت

يوللانغان ۋاقتى : 2008-09-20 12:17:13    كۆرۈلۈش سانى : 60  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
جياڭ گۇاڭسى  (1901 - 1931) جياڭ گۇاڭسى - ھازىرقى زامان يازغۇچىسى، يەنە بىر ئىسمى جياڭ گۇاڭچى، ئەنخۇينىڭ ليۇئەن دېگەن يېرىدىن، «4 - ماي» ھەرىكىتى مەزگىلىدە تەرەققىيەرۋەر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇغان. 1924 - يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن، شۇنداقلا ئىلغار ئەدەبىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان، 1927 - يىلى قۇياش نەشرىياتىنى تەشكىللەپ، «قۇياش ئايلىق ژۇرنىلى»، «بوز يەر ئاچقۇچىلار» قاتارلىق ژۇرناللارنى چىقىرىپ، ئىنقىلابىي ئەسەرلەرنى پائال تەشۋىق قىلغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «يېڭى چۈش» دېگەن شېئىرلار توپلىمى. «سەرگەردان ئۆسمۈر»، «كالتە ئىشتانلىق پارتىيىلىكلەر»، «نەرە تارتقان زېمىن» قاتارلىق ھېكايىلىرى بار. سۇڭ رۇيۈ - جياڭ گۇاڭسىنىڭ دەسلەپكى مەشۇقى. ئۇلار 1920 - يىلى تونۇشقان، ئىدىيىۋى ئېتىقادى ئوخشاش بولغاچقا بىر - بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ قېلىشقان، 1926 - يىلى 8 - ئايدا ئىككىسى شاڭخەيدە بىر ئۆيگە كىرگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي، سۇڭ رۇيۈ كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان. بۇ جياڭ گۇاڭسىنىڭ ئۇنىڭغا يازغان مۇھەببەت خېتى. سىڭلىم سۇڭ رۇيۈ: 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى كەيفېڭدىن يازغان تېز خېتىڭىزنى ئوقۇپ خۇشالمۇ بولدۇم، بىئاراممۇ بولدۇم؛ ماڭا كۆڭۈل بەرگەنلىكىڭىزدىن باشقىلارنىڭ نۇرغۇن پىتنە - پاساتلىرىغا قالدىڭىز ھەم ئازاب چەكتىڭىز. مەنمۇ ئىنتايىن بىئارام بولدۇم! سىز نۇرغۇن سۆز - چۆچەكلەرگە قالغان ۋە ئازاب چەككەن بولسىڭىزمۇ، ئەمما سىزنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭىز سۇسلاشمىدى. مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن سۆيۈنىمەن، سىزدىن چەكسىز مىننەتدارمەن. بېيجىڭدا ئۇچراشقان چېغىمىزدا، بىر قانچە يىلدىن بۇيانقى سېغىنىشلىرىمىزنى ئۆزئارا ئىپادىلەپ، روھىي جەھەتتىن بىر - بىرىمىزگە تەسەللى بېرىشتۇق. مۇھەببىتىمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگەنىدۇق.  بۇ مېنىڭ ئۆمرۈمدىكى ئەڭ كۆڭۈللۈك ئىش بولغانىدى. ئەمما بىردىنلا پىتنە - پاسات تېرىلىپ سىزنىڭ چەكسىز ئازابتا قېلىشىڭىزنى كىم بىلسۇن. قولۇمنى يۈرىكىمگە سېلىپ كۆرسەم، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشتىكى سەۋەنلىك مېنىڭدىكەن. شۇ چاغدا مەن شىمالىي چېگرىدا ئىدىم، يېنىڭىزغا قانات چىقىرىپ ئۇچۇپ بېرىپ، گۇناھىمنى كەچۈرۈشىڭىزنى تىلەپ، سىزگە روھىي جەتتىن تەسەللى بەرگۈم كەلدى. باشقىلارغا دېيەلمىگەن سۆزلىرىمنى مەن پەقەت سىزگىلا دېيەلمەيمەن: ھازىرقى بۇ زۇلمەتلىك جەمئىيىتىمىزدىكى ئۆرپ - ئادەتلەر كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزمەكتە. ھەممىلا جاينى جېدەل - ماجىرالار قاپلاپ كەتتى، ئوڭۇشلۇق ماڭىدىغان يول يوق، ئەگەر مەندە يۈرەكلىك ھالدا قارشىلىق كۆرسىتىدىغان ۋە باش ئەگمەيدىغان روھ بولمىغاندا بىر قەدەممۇ ئالغا ئىلگىرىيەلمىگەن بولاتتىم. ئەگەر مەن سۇنىڭ ئېقىشىغا، تۈكنىڭ يېتىشىغا بېقىپ ئىش قىلسام مېنىڭ ئادەتتىكى پۇقرادىن نېمە پەرقىم بولىدۇ. نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى ئەر - ئاياللارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى ۋە كۆز قاراشلىرى نادانلىق، يولسىزلىق جەھەتلەردىن چېكىگە يېتىپ كىشىنىڭ كۈلكىسىنى كەلتۈرىدىغان ۋە نەپرىتىنى قوزغايدىغان بولۇپ قالدى. جۇڭگولۇقلار ئەسلىدە مۇھەببەتسىز ياشايدىغان ئىنسانلار ئەمەس، ئەمما ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىنىڭ كۆپ قىسمى ئەدەب - ئەخلاق مۇھەببەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋالغان. ھەي! شۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتنىڭ كۆپ بىر قىسمى قۇربان بولۇپ كەتتى! بۈگۈنكى كۈندە بىز قىلچە ئادىمىيلىكنىڭ يوقلۇقىنى چۈشەندۇق. شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىمىز خالىغان ئىشنى قىلىشىمىز، ئادەتتىكى ئۆرپ - ئادەتلەردىن قورقۇپ كەتمەسلكىمىز لازىم. مۇھەببەت مەسىلىسىدە، ئەگەر بىر تەرەپ ئۆرپ - ئادەتكە ئېسىلىۋالسا، يەنە بىر تەرەپ مۇھەببەتكە ئەھمىيەت بەرسە، بۇ، كىشىنى روھىي جەھەتتىن خورىتىۋېتىدۇ. ئاتا - ئانىلار ئۆزىنىڭ پەرزەنتىگە ئەلۋەتتە كۆيۈنىدۇ. ئەمما فېئوداللىق ئەدەب - ئەخلاقنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن پەرزەنتلىرىنىڭ مۇھەببىتىگە ئېتىبار بەرمەيدۇ؛ ئەگەر پەرزەنتلەر فېئوداللىق ئەدەب - ئەخلاقنىڭ قائىدە - تەرتىپلىرىگە بويسۇنىدىكەن، ئۇنداقتا ئۇلار مۇھەببەتتىن ۋاز كېچىشى كېرەك. سىڭلىم، ئەگەر سىز قەيسەر، باتۇر قىز بولسىڭىز مەن سىزنىڭ ھېلىقىدەك ئۆسەك سۆزلەر ۋە ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. سىزنىڭ مېنى دەپ ئازاب چېكىشىڭىزگە چىداپ تۇرالمايمەن! سىڭلىم ناۋادا مېنى ياخشى كۆرسىڭىز ئەتراپىڭىزدىكىلەر بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭىزنى سۇسلاشتۇرماڭ، ناۋادا مېنى دەپ ھەقىقەتەنمۇ ئازابتىن قۇتۇلالمىسىڭىز سىڭلىم مېنى .... سىڭلىم، سىزنىڭ مەن ئۈچۈن ئازاب چېكىشىڭىز مەن ئۈچۈن چىدىغۇسىز ئەلەم! مەن سىزگە قانداق تەسەللى بېرىشنى بىلەلمىدىم. يېقىندىن بېرى ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى ئويلىساملا نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالىمەن. مەن ئەسلىدە سەرسان بولۇپ يۈرگەن بىر شائىر. مەن بىر يەردە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ ئائىلەمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمايمەن؛ بۇنىڭغا سىڭلىم سىزنىڭ نېمە ئامالىڭىز بار؟ مۇشۇنداق بولغاندا ھاياتنىڭ نېمە لەززىتى بولىدۇ؟ مۇھەببەتلىشىشمۇ دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىسا، ئاتالمىش ئەركىنلىك، ئىنسان ھوقۇقى دېگەنلەر نەگە كېتىدۇ؟ ھەي! بۈگۈنكى بۇ جەمئىيەت، بۈگۈنكى بۇ ئىنسانلارغا لەنەت! سىڭلىم! مەن ئەتراپىمدىكى بۇ شارائىتقا مەڭگۈ باش ئەگمەيمەن! بۇ جەمئىيەتكە مەڭگۈ قارشى تۇرۇپ، ئىنقىلابىي شائىرلارنى مەڭگۈ مەدھىيلەيمەن! ئۆزىڭىزنى ئاياڭ! ئۆزىڭىزنى قەدىرلەڭ! شيا ئاكىڭىزدىن 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كەچ سائەت 10 دا


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ماتىماتكىلىق مۇھەب...
●  شۈگۇاڭپىڭغا يېزىلغ...
●  ياڭ ساۋغا يېزىلغان ...
●  لۇ شياۋمەنگە يېزىل...
●  شى پىڭمېيغا يېزىلغ...
●  خۇشېچىڭغا يېزىلغان...
●  مەن مەنگە يېزىلغان ...
●  سۇڭ رۇيۈگە يېزىلغا...
●  خۇيېپىنگە يېزىلغان...
●  شياۋخۇڭغا يېزىلغان...
●  ئولىمپو دۇنويېغا ي...
●  فرانكلىننىڭ ئېلۋېز...
●  بىر ئەرنىڭ ئايالىغ...
●  لېسسىنگنىڭ ئېۋا كو...
●  ئېلۋېزىسئۇ خانىمغا...
●  يېكاتېرىناغا يېزىل...
●  روۋلاند خانىمنىڭ ب...
●  نېلسوننىڭ ئايالىغا...
●  خەن چىڭچىڭغا يېزىل...
●  شىللېر لانگېفېلدقا...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ماتىماتكىلىق مۇھەببەت ت...
●  شۈگۇاڭپىڭغا يېزىلغان خە...
●  ياڭ ساۋغا يېزىلغان خەت
●  لۇ شياۋمەنگە يېزىلغان خ...
●  شى پىڭمېيغا يېزىلغان خە...
●  خۇشېچىڭغا يېزىلغان خەت
●  مەن مەنگە يېزىلغان خەت
●  سۇڭ رۇيۈگە يېزىلغان خەت
●  خۇيېپىنگە يېزىلغان خەت
●  شياۋخۇڭغا يېزىلغان خەت

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى