ياڭ ساۋغا يېزىلغان خەت
يوللانغان ۋاقتى : 2008-10-02 10:14:14 كۆرۈلۈش سانى : 130
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
بەي ۋېي(1894 - )
بەي ۋېي - جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان يازغۇچىسى، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ زىشىڭ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان ئۇزۇن يىل دراما ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان، ئەسەرلىرىدىن «لىڭ لى»، «خىلۋەت مۇناردىن بۆسۈپ چىقىش»، «ئىنقىلاب ئىلاھىي زۇلۇمدا»، «بومبا ۋە سەپەر قۇشى» قاتارلىقلار بار.
ياڭ ساۋنىڭ ئەسلى ئىسمى ياڭ ۋېيچۈەن بولۇپ، ئۇ ھازىرقى زاماننىڭ ئاتاقلىق شائىرى ۋە تىياتىرچىسى، 30 - يىللاردىكى «سول قانات يازغۇچىلار ئىتتىپاقى» نىڭ ئەزاسى. بەي ۋېي بىلەن ياڭ ساۋ 1924 - يىلى دوستلىرىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن توكيودا تونۇشۇپ قېلىپ ئۆزئارا مۇھەببەتلەشكەن ۋە 1928 - يىلى توي قىلىشقان.
ۋېي ئىنىم:
تۈنۈگۈن سىزگە كونسېرت بېلىتى سېتىۋالدىم. بۈگۈن «K» نىڭ يېنىدىن قايتىپ كېلىپ سىزگە خەت يازماقچى بولۇپ تۇراتتىم، ىېتىڭىز قولۇمغا تەگدى. خەتنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى. مەن بۇ خەتنى قولۇمدىن چۈشۈرمەي نەچچە ئون قېتىم، ياق، 200 قېتىمچە ئوقۇپ چىققاندىمەن.
ۋېي ئىنىم، ئەگەر سىزمۇ مېنى ھەقىقىي ياخشى كۆرسىڭىز، مېنىڭ بۈگۈنكىدەك ھەسرەتلىك قەلبىمنى چۈشىنىشىڭىز كېرەك ئىدىغۇ؟
قەلبىمگە مۇھەببەت ئوتى تۇتاشقاندىن باشلاپ، ھەر قانداق دەرد - ئەلەم ماڭا ھەسەلدەك تېتىيدىغان بولۇپ قالدى...
ۋېي ئىنىم، مەنغۇ قىلغان - ئەتكەنلىرىڭىزنى ئەپۇ قىلىمەن. سىزنىڭ ھازىرقى روھىي ھالىتىڭىز، مېنىڭ بۇ يىل يانۋاردىكى روسىي ھالىتىمگە ئوخشايدۇ. مەن كېزىك بولۇپ قېلىپ ئۆلۈپ كەتكىلى تاس قالدىم. مېنىڭ ئۆتمۈشۈم، قايدۇ - ھەسرىتىم، ئەقىل - ئىدراكىم، رېئال تۇرمۇشۇم كېزىك قىزىتمىسىدا كۈيۈپ كېتىپ، يامانلىقنى ئويلىمايدىغان ھازىرقى جىسمىم شەكىللەنگەندەك قىلىدۇ. شۇڭا ھازىر مەن بىر كىچىك بالا. سىزگە بولغان مۇھەببىتىممۇ سەبىي مۇھەببەتتۇر.
ۋېي ئىنىم، كىچىك دوستۇم، مېنىڭ بىلەن پەرىشتىدەك مۇناسىۋەت قىلىۋېرىڭ! ئۇنداق قىلمايدىكەنسىز، مەن يىغلايمەن، يىغلاپ توختىمايمەن.
مېنىڭ دەسلەپتە سىزگە بولغان مۇھەببىتىم غەلىتىرەك ئىدى، ئەمما سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزمۇ ئوخشاشلا غەلىتە ئىدىغۇ؟ ئەمما گەپنىڭ ئوچۇقىنى ئېيتسام، مۇھەببىتىمىزنىڭ سەمىمىي قىسمى كۆپرەك ئىدى.
ۋېي ئىنىم، سىزنى ياخشى كۆرمىسەم، سىز بىلەن باردى - كەلدى قىلمىسام پەقەت بولمايدۇ. سىز مېنىڭ سەمىمىيلىكىمگە ھۆرمەت قىلىشىڭىز، سەمىمىيلىك ئىچىدىكى روھىمنى ئۆلتۈرمەسلىكىڭىز لازىم! مېنىڭ مۇھەببىتىمنى پەقەت ئەر - خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان مۇھەببەت، دەپ قارىماڭ، ئۇقتىڭىزمۇ؟ ...
مەن خىلمۇ - خىل دەرد - ئەلەملەرنى تېتىپ كۆردۈم، شۇڭا تەقدىردىن قورقۇپ قالمايمەن. مەن ئەزەلدىن قەيسەر. قانداق قىلىمەن دېسەم شۇنداق قىلىمەن، شۇڭا ئۆزۈمنىڭ خالىغىنى بويىچە ئىش قىلىۋېرەي.
بەي ۋېيدىن
10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى |
|