روۋلاند خانىمنىڭ بىھزوتقا يازغان مەكتۇبى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-08-29 11:29:34 كۆرۈلۈش سانى : 20
روۋلاند خانىم (1754 - 1793) - 18 - ئەسىردە ئۆتكەن فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىي مەزگىلىدىكى گېللۇنت تەرەپدارلىرىنىڭ يادرولۇق ئەربابلىرىدىن بىرى، جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى روۋلاندنىڭ خوتۇنى، گېللۇنت تەرەپدارلىرىنىڭ تۈرلۈك زور سىياسەتلىرىنى بەلگىلەشكە قاتناشقان، ياكوبىنچىلار دىكتاتۇرىسى مەزگىلىدە ياكوبىنچىلار تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان، ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ئەسلىمە» سى بار.
دوستىغا يېزىلغان بۇ بىر پارچە سۆيگۈ مەكتۇپىدا، روۋلاند خانىم ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان بىر خىل ئىنقىلابىي روھنى ئىپادىلىگەن، روۋلاند خانىم تەبىئىتىدىن جۇشقۇن، مۇناسىۋەتكە ماھىر بولۇپ، بىھزوت ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان ئەر دوستلىرى ئىچىدىكى يېقىن سىرداشلىرىنىڭ بىرى.
خېتىڭىزنى قايتا - قايتا ئوقۇپ چىقتىم. كۆكرىكىمگە مەھكەم باستىم. يۈز - كۆزۈمگە سۈرتتۈم. ماڭا يەنە خەت يازماڭ. شاۋرېت خانىمدىن خەت - خەۋىرىڭىزنى قىلغانىدىم. نەتىجىسى بولمىدى. ئەھۋالىمدىن سىزنى خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن ئېفلېككىلىف رېيترىلى ئەپەندىدىن يەنە بىر قېتىم خەت ئەۋەتمەكچىدىم، لېكىن، ئارىدا پوچتا ئالاقىسى يەنە ئۈزۈلۈپ قالدى.
سىزگە بىۋاسىتىلا خەت يېزىشنى لايىق تاپمىدىم. چۈنكى كاتتا نامىڭىز تۈپەيلى خېتىم ئارىدا تۇتۇپ قېلىنىشى مۇمكىن، يەنە كېلىپ مېنىڭ سەۋەبىمدىن سىزنىمۇ چېتىلىپ قالمىسۇن دېدىم. مەن بۇ يەرگە كېلىشتە ئازراقمۇ قورقۇپ قالمىدىم. مەن ئەركىنلىكنى ياقلىغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ تەرىپىنى ئالماقچىمەن. ئۇلاردىن ئۈمىدۋارمەن. 22 ئادەمنى تۇتۇش يارلىقى چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپلا، «ۋەتىنىم تۈگىشىپتۇ!»، دەپ توۋلىۋەتتىم. مەن سىزنىڭ قېچىپ كەتكەنلىك خەۋىرىڭىزدىن ئانچە - مۇنچە خەۋەر تېپىشتىن ئىلگىرى، ئىچىمدە قانچىلىك ئەنسىرىگەنلىكىمنى دېمەيلا قوياي، سىزنى تۇتۇش ھەققىدىكى بۇيرۇق چۈشۈشى بىلەنلا خاتىرجەم ئولتۇرالمايدىغان بولۇپ قالدىم. ئۇلار سىزنىڭ جەسۇرلۇقىڭىزنى بىلگەچكە، مۇشۇنداق رەزىل ۋاسىتىنى ئىشقا سالغان گەپ، سىزنىڭ كارۋېدوس ئۆلكىسىدە ئىكەنلىكىڭىزنى بىلگەندىن كېينلا، ئاندىن كۆڭلۈم ئىزىغا چۈشتى. دوستۇم، ئاشۇنداق يۈكسەك ئىجتىھات بىلەن داۋاملىق ئىلگىرىلەڭ. برۇنتىس فىلىفىن ئۇرۇشى ۋاقتىدا، ئەمدى رىمنى قۇتقۇزۇش پۇرسىتى يەنە ئۆتۈپ كەتتى دەپ، دەرگۇمان بولغانىكەن، بىر جۇمھۇرىيەتچى ئازراق نەپسىلا بولىدىكەن، ئازراق دەرمانىلا بولىدىكەن، ئازراق ئەكىنلا بولىدىكەن، ئۇ چوقۇم ئۆز رولىنى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. فرانسىيىنىڭ جەنۇبى سىلەرنىڭ ئوبدان دالدىگاھىڭلار. ئۇ يەر بەزى جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ پاناھگاھى بولۇپ قالغۇسى. نەزەرىڭىز شۇ يەرگە ئاغدۇرىشىڭىز كېرەك. قەدىمىڭىزنى شۇ يەرگە بېسىشىڭىز كېرەك، سىز ئۈچۈن يولداشلارغا ياردەم بېرىدىغان، ئىرادىڭىزنى تاۋلايدىغان ياخشى پۇرسەت شۇ يەردە.
مەن ئۆزۈم ھەققانىيەتنىڭ قايتا يۈز ئېچىشىنى جىمجىملا كۈتۈپ تۇرۇۋاتىمەن ياكى ئىستىبدات تۈزۈمىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى زوراۋانلىقىنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتەرمەن. مېنىڭ ئىشلىرىمنىڭ ئەلگە پايدىسى بار. ئەگەر مېنى خاتىرجەم قىلمايدىغان يەنە ئاللىقانداق بىر نەرسە بار دېيىلسە، بۇ دەل سىزنىڭ مېنى قۇتۇلدۇرىمەن دەپ كۈچىڭىزنى بىكار خورىتىشىڭىزدۇر.
دوستۇم! ئەگەر سىز ۋەتىنىمىزنى قۇتۇلدۇرىمەن دېسىڭىز، ئۇنداقتا مېنىڭ بەختىم ئۈچۈن تىرىشىڭ. سىزنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتكەنلىكىڭىزنى بىلگەن ۋاقتىمدا، مەنمۇ ئۇ ئالەمگە خاتىرجەم كېتىمەن! ئۆلۈم، ئازاب، غەم - قايغۇ دېگەنلەرگە پىسەنتمۇ قىلمايمەن. چۈنكى، مەن ئاشۇ نەرسىلەر ئىچىدە چوڭ بولغان. ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلەر بېشىمغا كەلگەن تەقدىردىمۇ، مەنىسىز غەم - ئەندىشىگە چۈشۈپ ئۆزۈمنى ئاۋارە قىلىپ يۈرمەيمەن.
مەندىن ھەرگىزمۇ ئەنسىرىمەڭ، ھەر ئىككىمىزلا ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەتكە يات ئىشلارنى قىلمايمىز. شۇڭا بىز ئۆزىمىزنى تېخىمۇ بەختلىك ھېس قىلىمىز. دوستۇم، سىزگە خەيرىلىك تىلەيمەن، مېنىڭ ئەڭ قەدىرلىك سۆيۈملۈكۈم، سىزگە خەيرىلىك يار بولسۇن!
1793 - يىل 6- ئاينىڭ 22 - كۈنى |
|