ئولىمپو دۇنويېغا يېزىلغان خەت
يوللانغان ۋاقتى : 2008-09-13 10:20:24 كۆرۈلۈش سانى : 18
ۋولتايرې (1694 - 1778)
ۋولتايرې - ئەسلى ئىسمى فرانسوۋا مارى ئارۇئىت، 18 - ئەسىردىكى فرانسىيە مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ تەشەببۇسچىسى ۋە سەردارى، ئەدەبىيات، تارىخ، پەلسەپە، تەبىئىي پەن ۋە سىياسىي قاتارلىق جەھەتلەردە غايەت زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.
1713 - يىلى 9 - ئايدا، چوقۇندۇرغان ئاتىسىنىڭ قېرىندىشى بىلەن گوللاندىيىگە بېرىپ، فرانسىيىنىڭ نېدىرلاندىيىدە تۇرۇشلۇق بۇ ئەلچىسىنىڭ كاتىپى بولغان. بۇ مەزگىلدە، ئۇ گۈزەل، سەبىي دۇنويې بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان. يەنى ئۇنىڭغا بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ قالغان. لېكىن، دۇنويېنىڭ، ئانىسىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى ۋۇجۇدقا چىقمىغان. بۇ ۋولتايرې دۇنومىي بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا يازغان بىر پارۋە سۆيگۈ مەكتۇپى بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرىنىڭ مەلۇم جەريانىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.
پادىشاھنىڭ پەرمانى بىلەن بۇ يەردە مەھبۇسقا ئوخشاپ قالدىم. ھالبۇكى كىشىلەر مېنى ھاياتىمدىن جۇدا قىلالىشى مۇمكىن، لېكىن سىزگە بولغان تولۇپ تاشقان ساپ مۇھەببىتىمدىن جۇدا قىلالمايدۇ. ئېھ، مەبۇدەم، بۈگۈن ئاخشام سىزنى بىر قېتىملا كۆرۈۋالالىسام، بېشىم كېسىلسىمۇ رازى ئىدىم! ئاھ پەرۋەردىگار، سىز ماڭا يەنە خەت يازسىڭىز، ئۇنداق شۇم ئېغىزلىق قىلىدىغان گەپلەرنى يازماڭ. سىز ياشىشىڭىز كېرەك، ئانىڭىزدىن ئەڭ خەتەرلىك دۈشمەندىن پەخەس بولغاندەك پەخەس بولۇڭ. ماڭا قاراڭ، نېمە دېمەكچى ئىدىم؟ سىز ھەربىر ئادەمدىن پەخەس بولۇشىڭىز كېرەك، ئاللىكىملەرگە يەڭگىللىك بىلەن ئىشىنىپ كەتمەڭ، يېڭى ئاي چىققان ھامان دەرھال يولغا چىقىڭ. مەن جابدۇنۇپ سارايدىن ئايرىلىپ پەيتۇن بىلەن يولغا چىقىپ كېتىمەن. بىز سېھۋېنگىنگە خەت يېزىشتا ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەرنىلا ئېلىۋالىمەن. ئەگەر مېنى راست ياخشى كۆرسىڭىز، كۆڭلىڭىزنى توق تۇتۇڭ، زېھنىڭىزنى يىغىڭ، ئانىڭىزغا ئازراقمۇ دارىتىپ قويماڭ، بىر ئامال قىلىپ رەسىمىڭىزنى ئېلىۋېلىڭ. شۇنىڭغا ئىشەنسىڭىز بولىدۇكى، مەن ھەرقاچان ئېغىر تەھدىت ئالدىدىمۇ سىزگە بولغان ئىخلاسىمدىن قايتمايمەن. دۇنيادا ھەرقانداق نەرسە مېنى سىزنىڭ ۋەسلىڭىزدىن ئازراقمۇ نېرى قالالمايدۇ. بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز مۇستەھكەم ئەخلاقىي ئېتىقاد ئۈستىگە قۇرۇلغان، مەڭگۈ بۇزۇلمايدۇ... خەير، سىزگە ھەممە ئەھۋالنى ئوپئوچۇق ئېيتتىم. لېكىن، تۇرمۇش تەجرىبىلىرىڭىزنى دېسە ئادەم يەنىلا خاتىرجەم بولالمايدىكەن.
خەير، جانجىگەر سۆيۈملۈكۈم!
1713 - يىلى |
|