نېلسوننىڭ ئايالىغا يازغان مەكتۇبى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-08-27 10:46:25 كۆرۈلۈش سانى : 20
خورات نېلسون - ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيە باش قوماندانى، 1770 - يىلى دېڭىز ئارمىيىسىگە كىرگەن، ئامېرىكا مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا قاتناشقان، 1798 - يىلى ئەنگلىيە فلوتىغا قوماندانلىق قىلىپ، مىسىرنىڭ ئابۇكىر دېگەن رايونىدا ھەربىي قوشۇن يەتكۈزۈۋاتقان فرانسىيە فلوتىنى يوقاتقان، 1799 - يىلى نېئاپولغا يۈرۈش قىلىپ، ئىتالىيە ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنى باستۇرغان، 1801 - يىلى ۋىكونت مەرتىۋىسى بېرىلگەن؛ 1803 - يىلى ئوتتۇرا يەر دېڭىز فلوتىنىڭ قوماندانى بولغان، 1805 - يىلى ئىسپانىيە ترافالگار دېڭىز ئۇرۇشىدا فرانسىيە - ئىسپانىيە بىرلەشمە فلوتىنى مەغلۇپ قىلغان، ئۆزىمۇ شۇ ئۇرۇشتا قازا تاپقان.
1787 - يىلى غەربىي ھىندىستاننىڭ تېۋېس ئارىلىدا، نىسبېت خانىم بىلەن توي قىلغان، ئۇزۇن ئۆتمەي، ئايالىنى ئېلىپ يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن. بۇ نېلسون لەشكەر تارتىپ ئىسپانىيىنى ئىستېلا قىلغاندا ئايالىغا يازغان خەت.
قەدىرلىكىم فاننى، ناۋادا مېنىڭ ھەممە ئىشلىرىم ھۆكۈمەت ھۆججىتى تەرىقىسىدە ئېلان قىلىنىدىغان بولسا، ئۇنداقتا، مېنىڭ پۈتكۈل ئۇرۇش جەريانىدىكى جەڭ خەۋەرلىرىم ئاڭلانماي بىكار ئۆتۈپ كېتىدىغان ئىككى ھەپتىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.
كىشىلەر ماڭا ھەسەت قىلىشىدۇ، لېكىن ئۇلار مېنى ئىشەنچىمدىن مەھرۇم قىلىشقا ئامالسىز، ھەتتا فرانسىيىلىكلەرمۇ ماڭا ھۆرمەت قىلىشىدۇ. فرانسىيىنىڭ گېنۇيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىمۇ تارتىۋېلىنغان ھەربىي لاۋازىمەتلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدىكى ئاشۇ جاۋاب ئۇلتىماتۇمىدا: «ئەپەندىم، سىلەرنىڭ دۆلىتىڭلارمۇ، خۇددى بىزگە ئوخشاش ئەزەلدىنلا بارلىق مىللەتلەرگە ئاىيجاناب روھ ۋە باتۇرلۇقنى نامايان قىلىشنىڭ ئۈلگىسى» دەپتۇ. مەن سىزگە يەنە بىر قىزىق ئىشنى ھېكايە قىلىپ بېرەي. بۇ مېنى ئانچە خۇش قىلالمىسىمۇ، لېكىن سىزنىڭ قىزىقىشىڭىزغا ماس كېلىدۇ. بىرەيلەن ماڭا خەت يېزىپ، كونۋېرتقا پەقەت «نېلسونغا تېگىدۇ» دەپلا يېزىپتۇ. يەنە بىرەيلەن نېمىشقا بۇنداق ئاددىيلا يازىسەن، دەپ سورىسا، ئۇ كۆپچىلىككە قاراپ: «ئەپەندىم، دۇنيادا پەقەت بىرلا نېلسون بار!» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئۇ خەت ھايال بولمايلا ماڭا تەگدى. گېنۇيىلىكلەرنىڭ بارلىق سودا - سېتىقىنى مەن ئۈزۈپ قويدۇم، لېكىن ئۇلار ماڭا ھۆرمەت قىلىشىدۇ، مەندىن ھېيىقىشىدۇ. ئەمەلدار ۋە پۇقرالارنىڭ ھەممىسى ئاشۇنداق. ئەگەر كىمدۇ بىرى ئۆز كېمىسىنىڭ توختىتىپ قويۇلۇشىدىن ئەنسىرىسە، مېنى ئىزدەپ كېلىشىدۇ، مەن ئۇنىڭغا بىر پارچە ئىسپات يازدۇرۇپ بېرىمەن ياكى «بولىدۇ» دېسەملا، ئۇنىڭ كۆڭلى ئەمىن تاپىدۇ. پۈتكۈل ئىتالىيىلىكلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇكى، مەيلى مەن قايسىلا دىياردا بولاي، مېنىڭ نامىم ئۇنتۇلۇپ قالمايدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ دۆلەتنىڭ ئاخباراتى.
سىز مېنىڭ قاچان قايتىدىغانلىقىمنى سوراپسىز. ئىشىنىمەنكى، بىز يا ئىسپانىيە بىلەن يۈز ئابرۇيلۇق بىر كېلىشىم تۈزىمىز، يا ئۇرۇش ئېلان قىلىمىز. يا ئۇلار مېنىڭ فلوتىممنى ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتەر. لېكىن يەنە كىم بىلىدۇ، مەن كېمىگە چىققان ۋاقتىمدا، كېمىدە يېرىم شىللىنگىمۇ قالمايدۇ! نەچچە كۈن ئىلگىرى، گېرتسوگ كېرالەنس ماڭا بىر پارچە مەكتۇپ ئەۋەتىپ، مەڭگۈلۈك دوستلۇقنى ئىزھار قىلىپتۇ.
ئاتامنىڭ ھالىدىن ئوبدانراق خەۋەر ئېلىپ تۇرارسىز.
ساداقەتمەن ئېرىڭىز خورات نېلسون
1796 - يىلى 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى. لىۋورنو |
|