بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> مەكتۇب >> ئېلۋېزىسئۇ خانىمغا يېزىلغان خەت

ئېلۋېزىسئۇ خانىمغا يېزىلغان خەت

يوللانغان ۋاقتى : 2008-09-01 11:00:32    كۆرۈلۈش سانى : 15  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
فرانكلىن  (1706 - 1790)  بېنجامىن فرانكلىن - ئامېرىكا بۇرژۇئا ئىنقىلابىي دەۋرىدىكى دېموكراتىزمچى، ئالىم، ئامېرىكا مۇستەقىللىك ئۇرۇشى مەزگىلىدە «مۇستەقىللىك خىتابنامىسى» نى يېزىشقا قاتناشقان، ئاتموسفېرادىكى توكنى تەتقىق قىلىش جەھەتتە زور تۆھپىلەرنى يارىتىپ، چاقماق قايتۇرغۇچىنى كەشپ قىلغان. فرانكلىن 1774 - يىلى ئايالى قازا قىلغاندىن كېيىن، ئېلۋېزىسئۇ خانىم بىلەن مۇھەببەتلەشكەن، 1780 - يىلى، يېشى 72 گە ئۇلاشقان قېرىلىق مەزگىلىدە، 61 ياشلىق ئېلۋېزسئۇ خانىمغا نىسبەتەن چوڭقۇر مۇھەببەت ھېسسىياتىدا بولغان ھەمدە ئادەمگە چەكسىز لەززەت بېغىشلايدىغان بۇ سۆيگۈ مەكتۇپىنى يازغان. تۈنۈگۈن كەچ، سىز سۆيۈملۈك ئېرىڭىزنى ئەسلەش يۈزىسىدىن يالغۇز قالىدىغانلىقىڭىزنى ئېنىق بىلدۈردىڭىز. سۆزلىرىڭىز شۇنچىزا قەتئىي ئىدى. ئوغامنى قاتتىق قايناتتى. ئۆيگە قايتىپ كېلىپ كارىۋاتقا تاشلاندىم، گويا مەن ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەندەك، ئۆزۈمنى چەكسىز خىرامان سېزەتتىم. ئۇلار مەندىن كىم بىلەن مۇنداق پەۋقۇلئاددە، جىددىي كۆرۈشمەكچى ئىكەنلىكىمنى سوراشتى. «مېنى پەيلاسوپ بىلەن كۆرۈشتۈرۈڭلار»، «بۇ گۈلزارلىقتا ئىككى پەيلاسوپ بار، ئۇلار قوشنا، بىر - بىرى بىلەن ناھايىتى يېقىن ئۆتىشىدۇ»، «ئۇلار كىم؟»، «سوقرات بىلەن ئېلۋېزىسئۇ»، «بۇ ئىككىيلەنگە ئەزەلدىن ھۆرمىتىم چوڭقۇر. لېكىن ئالدى بىلەن ئېلۋېزىسئۇ خانىم بىلەن كۆرۈشەي، چۈنكى مەن فرانسۇزچىنى ئاز - تولا بىلىمەن، لېكىن گرېكچىنى بولسا قىلچىلىكمۇ بىلمەيمەن». ئۇ ماڭا سەمىمىي نەزەر بىلەن بىر قاراپ قويدى - دە، بۈيۈك نامىنى ئۇزۇندىن بېرى ئىشتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مەندىن ئۇرۇش توغرۇلۇق، نۆۋەتتىكى فرانسىيىنىڭ دىنى، ئەركىنلىكى ۋە ھۆكۈمەت ئەھۋالى توغرۇلۇق تالاي نەرسىلەرنى سوراشتۇردى. «لېكىن، سىز دوستىڭىز ئېلۋېزىسئۇ خانىمنىڭ ئىشلىرىنى ئېغىزغا ئېلىپمۇ قويمىدىڭىز، ئۇ سىزنى ھېلىھەم شۇنداق ياخشى كۆرىدۇ. بىر سائەت ئىلگىرى مەن تېخى ئۇنىڭ خانىسىدا ئىدىم.» «شۇنداقمۇ؟ - دېدى ئۇ، - سىز ماڭا ئىلگىرىكى بەختىمنى ئەسلەتتىڭىز، لېكىن مەن بۇ يەردە خۇشال بولۇشۇم كېرەك، بۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ كەتسەم بولىدۇ. ئۇزۇن بولدى، كۆڭلۈمدە ھېچنېمىنى ئويلىمايدىغان بولدۇم، پەقەت ئۇنىلا ئويلايمەن. ئاخىرى مەن ئۆزۈمگە تەسەللى تاپتىم. مەن يەنە بىر ئادەمگە ئۆيلەندىم، ئۇنىڭغا ئوخشىشىدىغان بۇ ئادەمدەك يەنە بىر ئادەمنى ئەسلا تاپالمايمەن. ئۇ دېگەندەك چىرايلىق ئەمەس. لېكىن، كاللىسى بار، ئىستېداتلىق، مېنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ پۈتۈن ئەس يادى بىلەن مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئېلىشنىلا ئويلايدۇ. شۇ تاپتا ئۇ بۈگۈن كېچە ماڭا لەززەت - ھوزۇر بېغىشلاش ئۈچۈن ئېسىل ناز - نېمەتلەرنى تەييارلاش ھەلەكچىلىكىدە، مەن بىلەن بىرگە بولسىڭىز ئۇنى كۆرەلەيسىز.» «مېنىڭچە، - دېدىم مەن، - سىزنىڭ قەدىناسىڭىز سىزدىنمۇ بەك ساداقەتمەنىكەن، چۈنكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۇنىڭغا تەلەپ قويدى، لېكىن ئۇ ھەممىنى رەت قىلدى. سىزگە سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتسام، ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىم ئاشقانسېرى، ئۇ ماڭا شۇنچە قاتتىقلىق قىلىپ كېتىۋاتىدۇ، ئۇ سىزنى ياخشى كۆرگەچكە مەن بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئاللىبۇرۇنلا ئۈزگەن». «بۇنداق بەختسىزلىكىڭىزدىن تولىمۇ ئىچىم سىيرىلىدۇ، - دېدى ئۇ، - چۈنكى ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر ياخشى ئايال. ئىنتايىن سۆيۈملۈك. لېكىن، دېرالويس پوپ بىلەن موخرا پوپ بەزىدە ھە دېسىلا ئۇنىڭ ئۆيىدىن چىقمايدۇ - دە؟». «شۇنداق، دەرۋەقە چىقمايدۇ. چۈنكى ئۇ دوستلىرىڭىزنىڭ بىرىدىنمۇ ئايرىلىپ قالمىدى». «ئەگەر سىز موخرا پوپنى سۈت قوشۇلغان قەھۋە ئىچىشكە تەكلىپ قىلسىڭىز، ئۇنىڭغا ياخشىچانلىق قىلسىڭىز، بەلكىم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالارسىز. چۈنكى ئۇمۇ سىگوۋ ۋە ھەزرىتى دۇماغا ئوخشاش گەپنى ئاجايىپ قالتىس قىلىدۇ. ئۇنىڭ بىر تەشەببۇسى بار، دانىمۇ دانە قىلىپ بىر - بىرلەپ سۆزلەيدىغان بولسا، ئادەمنى راستتىنلا ئامالسىز قالدۇرىدۇ. بولمىسا سىز دېرالويس پوپ بىلەن ئوبدان چىقىشىپ ئۆتۈڭ، ئۇنىڭغا قەدىمىي كىتاب چاغلىق بىرەر نەرسە تەقدىم قىلىڭ، ئۇنىڭغا يامان گېپىڭىزنى قىلدۇرۇڭ؛ چۈنكى ئۇ قارشى تۇرسا، سىزگە پايدىلىق. ئۇنىڭ ئېلۋېزىسئۇنى ئاشۇنداق قىلىشقا ئۈندەيدىغانلىقىنى مەن بۇرۇنلا پەملىگەن. ئۇ ھەمىشە ئۇنىڭغا ئەكسىچە ئىش تۇتقاچقا، كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلىگەن.» گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، يېڭى ئېلۋېزىسئۇ خانىم ئۇسسۇزلۇق كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى، مەن بىر قاراپلا ئۇنىڭ فرانكلىن ىانىم مېنىڭ ئامېرىكىلىق قەدىناسىم ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىم. مەن ئۇنى قايتىدىن ئۆز تەسەررۇپۇمغا ئالماقچى بولدۇم. لېكىن ئۇ ماڭا سوغۇققانلىق بىلەن: «مەن سىزگە 49 يىل تۆت ئاي خوتۇن بولدۇم، يېرىم ئەسىردەك بولدى، رازى بولۇڭ» دېدى. مەرھۇم ئايالىمنىڭ مېنى بۇنداق رەت قىلىشىدىن كۆڭلۈم تولىمۇ غەش بولدى. مەن دەرھال ئاشۇ نائىنساپ ئەرۋاھنى تاشلاپ، كۈن نۇرى ۋە سىزنى كۆرۈش ئۈچۈن بۇ شادىمان دۇنياغا يېڭىباشتىن قايتىپ كەلدىم، مەن قايتىپ كەلدىم، ئەمدى بىز راسا پۇخادىن چىقىشىۋالايلى.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ماتىماتكىلىق مۇھەب...
●  شۈگۇاڭپىڭغا يېزىلغ...
●  ياڭ ساۋغا يېزىلغان ...
●  لۇ شياۋمەنگە يېزىل...
●  شى پىڭمېيغا يېزىلغ...
●  خۇشېچىڭغا يېزىلغان...
●  مەن مەنگە يېزىلغان ...
●  سۇڭ رۇيۈگە يېزىلغا...
●  خۇيېپىنگە يېزىلغان...
●  شياۋخۇڭغا يېزىلغان...
●  ئولىمپو دۇنويېغا ي...
●  فرانكلىننىڭ ئېلۋېز...
●  بىر ئەرنىڭ ئايالىغ...
●  لېسسىنگنىڭ ئېۋا كو...
●  ئېلۋېزىسئۇ خانىمغا...
●  يېكاتېرىناغا يېزىل...
●  روۋلاند خانىمنىڭ ب...
●  نېلسوننىڭ ئايالىغا...
●  خەن چىڭچىڭغا يېزىل...
●  شىللېر لانگېفېلدقا...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ماتىماتكىلىق مۇھەببەت ت...
●  شۈگۇاڭپىڭغا يېزىلغان خە...
●  ياڭ ساۋغا يېزىلغان خەت
●  لۇ شياۋمەنگە يېزىلغان خ...
●  شى پىڭمېيغا يېزىلغان خە...
●  خۇشېچىڭغا يېزىلغان خەت
●  مەن مەنگە يېزىلغان خەت
●  سۇڭ رۇيۈگە يېزىلغان خەت
●  خۇيېپىنگە يېزىلغان خەت
●  شياۋخۇڭغا يېزىلغان خەت

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى