خۇشېچىڭغا يېزىلغان خەت
يوللانغان ۋاقتى : 2008-09-24 10:16:54 كۆرۈلۈش سانى : 107
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
لاۋشې (1899 - 1966)
لاۋشې - ئەسلى ئىسمى شۇچىڭشى، زى شېيۈ، بېيجىڭلىق، ئاتاقلىق ھازىرقى زامان يازغۇچىسى. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «شياڭزى تۆگە»، «بىر ئائىلىدىكى تۆت ئەۋلاد»، «قىزىل بايراق ئاستىدا» قاتارلىق رومانى، «لوڭ شۈگۇ ئازگىلى»، «چايخانا» قاتارلىق درامىلىرى بار. لاۋشېنىڭ ئەسەرلىرى قويۇق يەرلىك پۇراققا ئىگە، ئۇ تىل ئىشلىتىشنىڭ پىرى.
لاۋشې بىر دوستىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق خۇشيېچىڭ بىلەن تونۇشۇپ، كېيىن توي قىلغان. لاۋشېنىڭ خۇشېچىڭغا يازغان مۇشۇ مۇھەببەت خېتىدىن ئۇنىڭ قىزىقچى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
- سىزنىڭ دادىڭىز ياردەمچىلەرنىڭ باشلامچىسى بولسا، مېنىڭ دادام ئارمىيىنى قوغدىغۇچىلاردىن؛ سىز ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولسىڭىز، مەن پەقەت ئوتتۇرا مەكتەپكىچىلا ئوقۇغان؛ سىز نازىنىن خېنىم بولسىڭىز، مەن قارا قورساق ئادەم. ئىككىمىز بىر - بىرىمىزگە پەقەتلا ماسلاشمىغان. ئەگەر سىز ماڭا ياتلىق بولىمەن دەيدىكەنسىز ھېچ بولمىغاندا مەن بىلەن بىرگە نامرات تۇرمۇش كەچۈرىشىڭىز، كۈنىگە زاغرا نان يېيىشىڭىز كېرەك. سىز باي ئاغىچە خېنىملاردەك كۈندە ماشىنىغا ئولتۇرىمەن، سەن ماڭا چاپارمەن بولىسەن دەيدىغان بولسىڭىز، بۇ ئىشقا ئاشمايدۇ.
- نىكاھلانغاندىن كېيىن سىرتتا قارىماققا سىزنى گۈلدەك ئەتىۋارلاپ، ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن خارلاش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ ....
- بىز ئىناقلىق بىلەن ئۆمۈر بويى جېدەللەشمەي ئۆتەيلى. كۈن بويى ئۇرۇشۇپ، سىز بىر بولۇڭدا دومسىيىپ ئولتۇرىسىز، مەن بىر بۇلۇڭدا دىمىم ئىچىمگە چۈشۈپ ئولتۇرسام بۇنداق تۇرمۇشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى....
- مەن جەمئىيەتكە بالدۇر ئارىلاشقان، شۇڭا تىرىكچىلىكنىڭ يولىنى كۆپ كۆردۈم. جەمئىيەتنىڭ ئاياللارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلماسلىقى مېنى ئىنتايىن بىئارام قىلىدۇ. جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەرلەرنى ئەزىزلەپ، ئاياللارنى خارلايدىغان، ئاجىز - ئورۇقلارنى بوزەك قىلىدىغان ئادىتىنى پەقەت ياقتۇرمايمەن...... |
|