مەن مەنگە يېزىلغان خەت
يوللانغان ۋاقتى : 2008-09-22 11:05:29 كۆرۈلۈش سانى : 109
خۇڭ لىڭفېي (1901 - 1933)
خۇڭ لىڭفېي - جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان يازغۇچىسى، تەخەللۇسى لىڭ مەنچىڭ، لىڭ يىننەن، لى تيېلاڭ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چاۋجۇ دېگەن يېرىدىن، نامرات دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئالتە يېشىدىن باشلاپ جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغان، كېيىن گۇاڭدۇڭ ئالىي پېداگوكىكا مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇغان، ئوقۇغۇچىلىق دەۋرلىرىدە ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرگە پائال قاتناشقان، بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن گومىنداڭ تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقتىن سىنگاپور قاتا رلىق قوشنا دۆلەتلەردە قېچىپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. «بىزنىڭ ئايلىق ژۇرنىلىمىز» نىڭ نەشر قىلىنىشىغا قاتناشقان، 1930 - يىلى «سولقانات يازغۇچىلار ئىتتىپاقى» قۇرۇلغاندا، مۇشۇ ئىتتىپاقىنىڭ يەتتە دائىمىي ھەيئىتىنىڭ بىرى بولغان. 1933 - يىلى گومىنداڭ تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، شۇ يىلى مەخپىي ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ «سەرگەردانلىق»، «ئالدىنقى سەپ» قاتارلىق ئاساسلىق ئەسەرلىرى بار.
مەن مەن خۇڭ لىڭفېينىڭ خوتۇنى.
ئەڭ قەدىرلىك سىڭلىم:
مۇشۇنداق سوغۇق غۇۋا چىراغ نۇرى، ئۆگزىگە شىلدىرلاپ چۈشۈۋاتقان يامغۇرنىڭ ئاۋازى مېنىڭ يالغۇز تېنىمگە ھەمراھ بولماقتا! ئىنقىلاب قىلىمەن، دەپ ئۆزۈمنىڭ نام - ئابرۇيۇمنى، ئورنۇمنى، ئائىلەمنى بىر - بىرلەپ قۇربان قىلىۋەتتىم! ئۆزۈمنىڭ ئوتتەك قىزغىنلىقىم، جەسۇرلۇقۇم، باتۇرلۇقۇم، ئېگىلمەس - سۇنماس ئىرادەم بەدىلىگە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مەسخىرىسى، ھۇجۇمى، زىيانكەشلىكىگە ئېرىشتىم! مەن ئارزۇلىغان ئىنقىلاب پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولدى. ھەممىلا جاينى مەغلۇبىيەت، قاراڭغۇلۇق، گاڭگىراش، دەھشەتلىك ئۆلتۈرۈش، تېررورلۇق قاپلاپ كەتتى! ئائىلەمدىكىلەر «مېنى خاتا چۈشەندى» ماڭا لەنەت ئوقۇدى، مېنى باستى! مەن ھازىر ئۈمىدسىزلىنىپ، ئۆكۈنۈپ، چۈشكۈنلىشىپ، ئاقىۋەتتە ئەقلىمدىن ئازغان ساراڭغا ئايلاندىم. ھەي! قەدىرلىك سىڭلىم! مېنىڭ بىرىنبىر پاناھىم، كۈچ قۇۋۋىتىمنىڭ مەنبەسى، روھىمنى ئۇرغۇتقۇچى، قاراڭغۇلۇقۇمدىكى ئاي، ئارزۇلىغان قۇياش نۇرۇم بولغان سىز مېنى قامچىلامسىز؟ رىغبەتلەندۈرەمسىز؟ ياكى مېنىڭ قايغۇ - ھەسرىتىمنى يېنىكلىتەمسىز؟ ۋە ياكى مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قانداق يولدا مېڭىشىمغا يېتەكچىلىك قىلامسىز؟
ئاھ! نەپرەتلىنىمەن! تېررورلۇق كۈچلىرى مېنى سەرگەردانلىق يولىدا مېڭىشقا قايتىدىن مەجبۇر قىلىپ، ئىككىمىزنى بىر - بىرىمىزدىن ئايرىۋەتتى. بىزنى خۇشاللىقتىن مەھرۇم قىلىپ، مۇشۇنداق كۈلپەتلىك كۈنلەرگە قويدى!
ئاڭلىشىمچە يۇرتلىقىمىز «L» بىلەن «B» ئەكسىيەتچى كۈچلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپتۇ! بۇ قېتىم «C» شەھىرىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1000 دىن ئېشىپتۇ! ئاھ! بۇ، مىسلى كۆرۈلمىگەن بالايىئاپەتقۇ! مۇستەبىت پادىشاھتىن ئون ھەسسە، جاھانگىرلىكتىن 1000 ھەسسە ئەشەددىي بولغان ئاتالمىش «سابىق يولداشلار»، مەن سىلەرنىڭ ئۇستىلىق بىلەن ئىشلەتكەن نەيرەڭلىرىڭلارغا قول قويدۇم!
قەدىرلىك سىڭلىم! ھەسرەت چەكمەڭ، قورقۇپمۇ كەتمەڭ. بىز خەلق ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىسسىق قېنىنى تۆككەن ئاشۇ قۇربانلارنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرىدىغان بولساقلا قېنىمىز باشقىدىن ئۇرغۇيدۇ، يۈرىكىمىز باشقىدىن سوقىدۇ! كۆزلىرىمىزدىن ئىسسىق ياشلار تۆكۈلىدۇ! يۈرىكىمىز يېرىلىپ كەتكۈدەك غەزەپ - نەپرەتكە تولىمىز! بىز بوشىشىپ روھسىزلىنىپ ئۆتەمدۇق؟ ياق! ھەرگىز ياق! مۇشۇنداق چاغدا بىز تېخىمۇ تىرىشىمىز! تېخىمۇ بوشاشماي تىرىشىشىمىز لازىم!
ئۇلار پۈتۈن ئەتراپىمىزنى ئۆلۈم يولى بىلەن قورشاپ بولدى. بىز پەقەت مۇشۇ يوللارنى بۆسۈپ ئۆتەلىسەكلا ئاندىن بىزگە ھاياتلىق يولى بار! بىز كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، قورالىمىزنى بەتلەپ، بار ئاۋازىمىز بىلەن شوئارىمىزنى توۋلاپ، گۈركىرەپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆلۈمگە باش ئەگمەي باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىش - قۇل بولۇپ ياشىغاندىن ياخشىغۇ!
قەدىرلىك سىڭلىم، ھەسرەت چەكمەڭ، قورقۇپمۇ كەتمەڭ، بىز يۇقىرى ئاۋازىمىز بىلەن ناخشا توۋلاپ، باتۇرلۇق بىلەن مەڭگۈ بوشاشماي ئالغا ئىلگىرىلەيلى! مەڭگۈ روھسىزلانمايلى! مانا بۇ بوران - چاپقۇنلۇق دەۋرىدىكى كىشىلەرگە خاس پوزىتسىيە بولىدۇ، خالاس!
تىرىشىشىڭىزنى تىلەپ
سۆيگىنىڭىز خۇڭ لىڭفېيدىن
X ئاينىڭ X كۈنى |
|