مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشىنىش
يوللانغان ۋاقتى : 2008-08-15 16:48:15 كۆرۈلۈش سانى : 7885
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ھەر بىر مۇسۇلمان شۇنداق ئىشىنىدۇكى، ئاللاھنىڭ دوستى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ئىسمائىلنىڭ نەسەبىدىن بارلىققا كەلگەن ئەرەپ قورەيش قەبىلىسى ھاشىمى جەمەتى ئابدۇللار ئىبنى، ئابدۇل مۇتەللىپنىڭ ئوغلى قارا ساۋات پەيغەمبەر - مۇھەممەت، ئۇ ئاللاھنىڭ بەندىسى شۇنداقلا ئاق تەنلىك بولسۇن، قارا تەنلىك بولسۇن پۈتۈن كىشىلەرگە ئەۋەتكەن پەيغەمبىرى، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكى بىلەن پۈتۈن پەيغەمبەرلىك تامام بولغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق ئەنبىيا ۋە پەيغەمبەرلەر يوق. ئۇ مۆجىزىلەر بىلەن كۈچلەندۈرگەن. ئۇنى باشقا پەيغەمبەرلەردىن ھۆرمەتلىك قىلغان. شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۈممىتىنىمۇ باشقا ئۈممەتلەردىن ھۆرمەتلىك قىلغان. ئۇنى ياخشى كۆرۈش، ئۇنىڭغا بويسۇنۇش، ئۇنىڭغا ئەگىشىشنى زۆرۈر قىلغان. ئۇنى ۋەسىلە، كەۋسەر، ھەۋزى ۋە ماقامى مەھمۇد بىلەن ئۆزگىچىلىككە ئىگە قىلغان.
(1)
1 - ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى ئاللاھنىڭ تۆۋەندىكى سۆزىدە ۋەھى ئارقىلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەن. >لېكىن ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان ئارقىلىق )پەيغەمبەرلىكىڭگە( گۇۋاھلىق بېرىدۇ. ئاللاھ قۇرئاننى )باشقىلار بىلمەيدىغان ئۆزىگە خاس( ئىلمى بىلەن نازىل قىلدى. پەرىشتىلەرمۇ گۇۋاھلىق بېرىدۇ. ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى يېتەرلىكتۇر<
2 - ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ ئومۇمىيلىقى، ئۇنى ياخشى كۆرۈش ۋە بويسۇنۇشنىڭ زۆرۈرلىكى، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ خاتىمىسى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېگەن: >ئى ئىنسانلار! پەيغەمبەر سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلاردىن ھەق )دىن( ئېلىپ كەلدى. ئىمان ئېيتىڭلاركى، )بۇ( سىلەر ئۈچۈن پايدىلىق<(نىسا:170) يەنە مۇنداق دېگەن: >ئى ئەھلى كىتاب! )يەنى يەھۇدى ۋە ناسارالار( بىزگە خۇشخەۋەر بەرگۈچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىدى دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈن پەيغەمبەرلەر ئۈزۈلۈپ قالغان بىر زاماندا سىلەرگە )شەرىئەتنى ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرىنى( بايان قىلىپ بېرىدىغان رەسۇلىمىز كەلدى. ھەقىقەتەن سىلەرگە خۇشخەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى )يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام( كەلدى<(مائىدە:19)يەنە مۇنداق دېگەن: >سېنى بىز پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق.<(ئەنبىيا:107)يەنە مۇنداق دېگەن: >ئاللاھ ئۈممىلەرگە )قارا ساۋات( ئۇلارنىڭ ئىچىدىن پەيغەمبەرنى )يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى( ئەۋەتتى. ئۇ ئۇلارغا قۇرئان - ئايەتلىرىنى ئوقۇپ بېرىدۇ. ئۇلارنى )گۇناھلاردىن پاك قىلىدۇ. ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدۇ. گەرچە ئۇلار ئىلگىرى ئوچۇق گۇمراھلىقتا بولسىمۇ<(جۈمە:2)يەنە مۇنداق دېگەن: >پۈتۈن جاھان ئەھلىنى ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇشى ئۈچۈن بەندىسىگە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى قۇرئاننى نازىل قىلغان ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر.<(فورقان:1) يەنە مۇنداق دېگەن: >مۇھەممەد ئاراڭلاردىكى ئەرلەردىن ھېچبىرىنىڭ ئاتىسى ئەمەس، لېكىن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر.<(ئەھزاب:40) يەنە مۇنداق دېگەن: >قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى.<(قەمەر:1) يەنە مۇنداق دېگەن: >بىز ساڭا ھەقىقەتەن نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلدۇق.<(كەۋسەر:1)يەنە مۇنداق دېگەن: >پەرۋەردىگارىڭ ساڭا )ئاخىرەتتە ساۋاب، ھۆرمەت ۋە شاپائەت قاتارلىقلارنى( ئاتا قىلىدۇ. سەن مەمنۇن بولىسەن.<(زوھا:5)يەنە مۇنداق دېگەن: >پەرۋەردىگارىڭ سېنى مەدھىيىلىنىدىغان ئورۇنغا تۇرغۇزۇشمۇ ھەقىقەتتۇر<(ئىسرا:79) يەنە مۇنداق دېگەن: >ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار<(نىسا:59) يەنە مۇنداق دېگەن:>ئېيتقىنكى، >ئەگەر سىلەرنىڭ ئاتاڭلار، ئوغۇللىرىڭلار، قېرىنداشلىرىڭلار، خوتۇنىڭلار، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىڭلار، تاپقان پۇل - ماللىرىڭلار، ئاقماي قېلىشىدىن قورققان تىجارىتىڭلار، ياخشى كۆرىدىغان ئۆيلىرىڭلار، سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھات قىلىشتىنمۇ سۆيۈملۈك بولسا، ئۇ ھالدا سىلەر تاكى ئاللاھنىڭ ئەمىرى كەلگۈچە كۈتۈڭلار.<(تەۋبە:24) يەنە مۇنداق دېگەن ئى مۇھەممەد ئۈممىتى؛ >سىلەر كىشىلەر ئۈچۈن چىقىرىلغان ئۈممەتنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولدۇڭلار.< يەنە مۇنداق دېگەن: >شۇنىڭدەك )يەنى سىلەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغاندەك( كىشىلەرگە شاھىد بولۇشۇڭلار ئۈچۈن بىز سىلەرنى ياخشى ئۈممەد قىلدۇق.<(ئال ئىمران:110)يەنە مۇنداق دېگەن: >ئېيتقىنكى، >ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ. گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ.<(بەقەرە:143)
3. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىكى، ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ خاتىمىسى ئىكەنلىكى، ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى پەيغەمبەرلىكىنىڭ ئومۇمىيلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ، مۇنداق دېگەن: >مەن يالغىنى يوق پەيغەمبەرمەن مەن ئابدۇل مۇتەللىپنىڭ ئوغلىمەن.<(ئىككى سەھى ھەدىستە بار) يەنە مۇنداق دېگەن: >ئەلۋەتتە مەن ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبەرلىرىنىڭ خاتىمىسى<(بۇخارى، ئەھمەد ۋە ئىبىن ھەبباب رىۋايەت قىلغان)
يەنە مۇنداق دېگەن: >مېنىڭ مىسالىم ۋە مەندىن بۇرۇنقى باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ مىسالى ئۆي سالغان بىر ئادەمنىڭ مىسالىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇ ئادەم ئۆينى ناھايىتى چىرايلىق سالدى. لېكىن بىر كېسەلىك جاي بوش، كىشىلەر ئۇ ئۆينى كۆرۈشكە ۋە ئۇنىڭغا قىزىقىشقا باشلايدۇ ۋە بۇ بىر كېسەكنى نېمىشقا قويمىغاندۇ؟< دەيدۇ. مانا مەن ئاشۇ كېسەك، مەن پەيغەمبەرلەرنىڭ خاتىمىسى<(بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس.)يەنە مۇنداق دېگەن: >مېنىڭ روھىم ئىلكىدە زات بىلەن قەسەمكى، سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلارغا مەن ئۇنىڭ بالىلىرى، ئاتا - ئانىسى ۋە بارلىق كىشىلەردىن سۆيۈملۈك بولمىغۇچە، ئۇ مۆئىمىن بولالمايدۇ.<(بۇخارى رىۋايەت قىلغان.)يەنە مۇنداق دېگەن: >ئۇنىمىغان كىشىدىن باشقا ھەممىڭلار جەننەتكە كىرىسىلەر.<
- يارەسۇللاھ! جەننەتكە كىرىشكە كىم ئۇنىمايدۇ؟
- ماڭا بويسۇنغان كىشى جەننەتكە كىرىدۇ. ماڭا ئاسىي بولغان كىشى جەننەتكە كىرىشكە ئۇنىمىغان كىشى.<(بۇخارى رىۋايەت قىلغان
) يەنە مۇنداق دېگەن: ئەلۋەتتە پەيغەمبەرلىك ۋە نەبۇۋۋەت ئاخىرلاشتى. مېنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر ياكى نەبى يوق.< (ئەھمەد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.) يەنە مۇنداق دېگەن: >مەن ئالتە ئىش بىلەن باشقا پەيغەمبەرلەردىن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتىم. ماڭا سۆزلەرنىڭ جۇغلانمىسى بېرىلدى. شامال بىلەن ياردەمگە ئېرىشتىم. غەنىمەتلەر ھالال قىلىندى. زېمىن سەجدىگاھ ۋە پاك جاي قىلىندى. پۈتۈن خەلققە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلدىم. مەن ئارقىلىق پەيغەمبەرلىك تامام بولدى.<
(مۇسلىم ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)يەنە مۇنداق دېگەن: >ماڭا بويسۇنغان كىشى ئاللاھقا بويسۇنغان بولىدۇ. ماڭا ئاسىي بولغان كىشى ئاللاھقا ئاسىي بولغان بولىدۇ. مېنىڭ ئەمىرىمگە بويسۇنغان كىشى ماڭا بويسۇنغان بولىدۇ. مېنىڭ ئەمىرىمگە ئاسىي بولغان كىشى ماڭا ئاسىي بولغان بولىدۇ.<(بۇخارى رىۋايەت قىلغان.)يەنە مۇنداق دېگەن: >جەننەت مەن كىرمەستىن باشقا پەيغەمبەرلەرگە، مېنىڭ ئۈممىتىم كىرمەستىن باشقا ئۈممەتلەرگە چەكلەندى<. (دارىقۇتنى رىۋايەت قىلغان) يەنە مۇنداق دېگەن: >قىيامەت كۈنىسى بولغاندا مەن پەيغەمبەرلەرنىڭ رەھبىرى، ئۇلارنىڭ خاتىۋى، شاپائەت ھەمراھى بولىمەن. بۇنىڭغا پەخىرلىنىش كەتمەيدۇ.<(تىرمىزى. ئىبنى ماججە، ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.)يەنە مۇنداق دېگەن: >مەن قىيامەت كۈنىسى ئادەم بالىلىرىنىڭ رەھبىرى، قەۋرىدىن ئەڭ دەسلەپ تۇرغۇچى، ئاۋۋال شاپائەت تىلىگۈچى ۋە شاپائەتكە ئېرىشكۈچى<. (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
4. تەۋارات ۋە ئىنجىل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى، پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مۇسا ۋە ئەيسا ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن ئۇ توغرىسىدىكى بىشارەتلەرنى بايان قىلغان. ئاللاھ تائالا ئەيسا ئەلەيھىسسالام توغرۇلۇق بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: >ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئەيسا: >ئى ئىسرائىل ئەۋلادى: مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاللاھ ئەۋەتكەن. مەندىن بۇرۇن كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغۇچى، مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇشخەۋەر بەرگۈچى پەيغەمبەرمەن< دېدى.<(سەپ:6) يەنە مۇنداق دېگەن: >ئۇلار ئەلچىگە - ئۈممى پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىدۇ. ئۇلار ئۆز ئىلكىدىكى تەۋرات، ئىنجىللاردا ئۇنىڭ يېزىلغىنىنى ككرىدۇ. ئۇ ئۇلارنى ياخشى ئىش قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. يامان ئىش قىلىشتىن توسىدۇ. ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ. ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ.<(ئەئرافلا157)تەۋراتتا مۇنداق دېگەن: >كەلگۈسىدە مەن ئۇلارغا ئۆز قېرىنداشلىرى ئىچىدىن پەيغەمبەر تۇرغۇزۇپ بېرىمەن، مېنىڭ سۆزۈمنى ئۇنىڭ ئاغزىدە قىلىمەن. ئۇ مەن بۇيرىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا سۆزلەپ بېرىدۇ. كىمكى ئۇنىڭ مېنىڭ نامىم بىلەن سۆزلىگەن سۆزىگە بويسۇنمايدىكەن ئۇنىڭدىن ئىنتىقام ئالغۇچى بولىمەن.<
مانا بۇ بىشارەت ھازىرقى تەۋراتتا بار بولۇپ، بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى، ئۇنىڭغا ئەگىشىش ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ. ئۇ يەھۇدىلارغا گەرچە ئۇلار ئۇنى ئۆزگەرتىپ ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئىسپات. ئاللاھ تائاللانىڭ مەن ئۇلارغا پەيغەمبەر تۇغۇزىمەن، دېگەن سۆزى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەبى ۋە پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى شەكسىز ئىسپاتلايدۇ. بۇ يەردە خىتاپ قىلىنغان كىشى مۇسا ئەلەيھىسسالام بولۇپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش كىشى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام نەبى ھەم پەيغەمبەر، قېرىنداشلىرى ئىچىدىن دېگىنىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىكەنلىكى ئېنىق. سۆزۈمنى ئۇنىڭ ئاغزىدا قىلىلمەن دېگىنى مۇھەممدە ئەلەيھىسسالامدىن باشقىسىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ چۈنكى ئۇ ئاللھنىڭ سۆزىنى ئوقۇيدۇ. يادىلايدۇ. ئۇ ئۇلرغا ھەممە نەرسىنى سۆزلەپ بېرىدۇ دېگىنىمۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاش ئىسپات بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقا پەيغەمبەرلەر سكزلىمىگەن غەيپ ئىشلارنى سكزلىگەن، شۇنداقلا بولۇپ بولغان ۋە قىيامەتكىچە بولىدىغان بىر قىسىم ئىشلاردىن خەۋەر بەرگەن.
تەۋراتتا مۇنداق بايان بار: >ئى پەيغەمبەر! بىز سېنى خۇشخەۋەر بەرگۈچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى، قارا ساۋاتلارنىڭ مۇداپىئە تىل تۇمارى قىلىپ ئەۋەتتۇق. سەن مېنىڭ بەندەم ۋە ئەلچەم، سېنى تەۋەككۈل قىلغۇچى، دەپ ئاتىدىم، ئۇ ئەدەپسىز، قوپال، بازارلاردا چوقان سالغۇچى ئەمەس، يامانلىقنى يامانلىق بىلەن قايتۇرمايدۇ. بەلكى ئەپۇ قىلىدۇ، كەڭ قورساق بولىدۇ، كەچۈرىدۇ. ئازغان مىللەت تۈزۈلۈپ، ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق، دېمىگۈچە ئاللاھ ئۇنىڭ جېنىنى ئالمايدۇ. ئۇ ئارقىلىق قارىغۇ كۆزلەر، گاس قۇلاقلار، غاپىل دىللار ئېچىلىدۇ.<(بۇخارى رىۋايەت قىلغان) يەنە مۇنداق دېگەن: ئۇلار ئاللاھدىن باشقىسى بىلەن ئكزلىرىنىڭ باتىل مەبۇدلىرى سەۋەبلىك ماڭا غەزەپلەندى. مەن ئۇلارغا باشقا خەلق بىلەن ھۇجۇم قىلىمەن، جاھىل خەلق بىلەن ئۇلارغا غەزەپ قىلىمەن.< جاھىل خەلق دېگەن سۆزدىن ئەرەب خەلقى ئىكەنلىكى ئېنىق، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىشتىن ئىلگىرى ئۇلار نادان خەلق ئىدى. ھەتتاكى يەھۇدىلارمۇ ئەرەبلەرنى قارا ساۋاتلار دەپ ئاتايتتى.
ھەر قايسى مىللەتلەر كۈتۈۋاتقان كىشى بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزدىن باشقا كىشى ئەمەس، بولۇپمۇ، يەھۇدىلار ئۆزلىرى ئېنىق بىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى بەك كۈتكەن كىشىلەردىن ئىدى. لېكىن ھەسەتخورلۇق ئۇلارنى ئۇنىڭغا ئىشىنىش ۋە ئەگىشىشتىن مەھرۇم قىلدى. ئاللاھ تائالا سۈربەقەردە مۇنداق دېگەن: >ئىلگىرى ئۇلار >مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋاستە قىلىپ< كاپىرلارغا قارشى ئۆزلىرىگە ياردەم كېلىشىنى تىلەيتتى. ئۇلار بىلىدىغان >يەنى تەۋراتتا سۈپىتى بايان قىلىنغان< پەيغەمبەر كەلگەن چاغدا ئۇنى ئىنكار قىلدى. ئاللاھ كاپىرلارغا لەنەت قىلدى.<(بەقەر:89) شۇنىڭدەك ئىنجىلدا تۆۋەندىكىدەك بىشارەتلەر كەلگەن.
1 - شۇ كۈنلەردە يۈھەننەل مەئمادان يەھۇدىلار ئىچىدە مۇنداق دەپ نەسىھەت قىلىدۇ: >تۆۋبە قىلىڭلار، ئاسمان پادىشاھلىقى يېقىنلاپ قالدى.< ئاسماننىڭ پادىشاھلىقى يېقىنلاپ قالدى. دېگىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى دېگىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ پەيغەمبەر بولۇشىنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىدىن بىشارەت، چۈنكى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالاملا ئاسماننىڭ قانۇنى بىلەن ھوقۇق تۇتقۇچى ۋە ھۆكۈم قىلغۇچى.
2 - ئۇلارغا يەنە بىر مىسال كەلتۈرگەن: >ئاسماننىڭ پادىشاھلىقى ئىنسان قولىغا ئېلىپ ئېتىزغا تېرىغان قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ. ئۇ ئۇرۇقلار ئىچىدە ئەڭ كىچىك، لېكىن ئۈنۈپ چىققان ۋاقىتتا ھەممىدىن چوڭ.< مانا بۇ ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بايان قىلغان سۆزىنىڭ ئۆزى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئۇلارنىڭ ئىنجىلدىكى سۈپىتى بولسا شاخ چىقارغان، كۈچلىنىپ چوڭايغان، ئاندىن ئۆز غولى بىلەن ئۆرە تۇرغان، بۇلۇقلۇقى ۋە كۆركەم كۆرۈنۈشى بىلەن دېھقانلارنى مەمنۇن قىلغان بىر زىرائەتكە ئوخشىتىش، كۇفارلارنى خاپا قىلىش ئۈچۈندۇر.<(فەتھى:29)
بۇنىڭدىن مەقسەت مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەسھابلىرى.
3 - >مەن كېتىمەن، ئەگەر مەن كەتمىسەم بار قەلت(يۇنانچە سكز بولۇپ، مۇھەممەد ياكى ئەھمەد دېگەن سۆز بىلەن مەنىداش) كەلمەيدۇ. مەن كەتسەم ئۇنى مەن سىلەرگە ئەۋەتىمەن. ئۇ كەلسە دۇنيانى خاتالىقى سەۋەبلىك ئەيىبلەيدۇ< مانا بۇ ئىنجىلدىكى جۈملىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېنىق بىشارىتى ئەمەسمۇ؟ ئەيىبلىگەن كىشى مۇھەممەدتىن باشقا يەنە كىم؟ ئەينى ۋاقىتتا مۇھەممەد پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەندە، دۇنيا بۇزۇقچىلىق ۋە يامانلىقنىڭ دېڭىزىغا غەرق بولغان، بۇددىزملىق ھەتتاكى ئەھلى كىتابلارغا قەدەر دۇنيانىڭ ھەر قايسى بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغىچە تارقالغانىدى. ئەيسا ئاسمانغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن باشقا كىم كېلىپ، ئاسمان ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا چاقىرغان.
(2)
1 - ئاللھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن بۇرۇن نەچچە يۈز ئەلچى ۋە پەيغەمبەر ئەۋەتكەن ئىكەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىشكە نېمە توسالغۇ بولسۇن؟ ئەگەر ئەقىل ۋە شەرىئەت جەھەتتىن توسالغۇ بولمىسا ئۇنداقتا ئۇنىڭ پۈتۈن كىشىلەرنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكى قانداقمۇ ئىنكار قىلىنسۇن؟
2 - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپ كەلگەن دەۋر ئىنساننىڭ ئۆز پەرۋەردىگارىغا بولغان تونۇشىنى يېڭىلاش ئۈچۈن پەيغەمبەر ۋە ئىلاھى تەلىماتىنى تەلەپ قىلاتتى.
3 - ئىسلامنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا، ئاۋات رايونلىرىغا تېزلىك بىلەن تارقىلىشى، كىشىلەرنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىشى، باشقا دىنلاردىن ئۈستۈن قويۇشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ دەلىلى.
4 - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوتتۇرىغا قويغان پىرىنسىپ ۋە ئاساسلارنىڭ ساغلاملىقى، راستلىقى، ئىسلاھ قىلىشچانلىقى ۋە ئۇنىڭ ياخشى ئۈنۈمى ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
5 - ئۇنىڭ قولى بىلەن بارلىققا كەلگەن مۆجىزىلەر پەيغەمبەرلەردىن باشقىسىنىڭ قولىدىن كېلىشى مۇمكىن بولمايدىغان ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن كۈچلەندۈرۈلگەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. تۆۋەندىكىلەر ئاشۇ مۆجىزىلەرنىڭ بىر قىسمى، شۇنداقلا ئۇ سەھى ھەدىسلەردە بار بولۇپ، ئۇنى پەقەت كەم ئەقىل كىشىلەرلا قوبۇل قىلالايدۇ.
)1( پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ئاينىڭ يېرىلىشى ۋەلىدە ئىبنى مۇغەيرە قاتارلىق قۇرەيىش كۇپپارلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىكتىكى داۋاسىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىت - مۆجىزە كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئاي ئىككىگە يېرىلىپ، بىر پارچىسى تاغنىڭ ئۈستىگە، بىر پارچىسى تاغنىڭ يېنىغا چۈشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: >مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمگە گۇۋاھلىق بېرىڭلار< دېگەندە، ئۇلارنىڭ بەزىسى: >ئاينىڭ تاغ بوشلۇقىغا چۈشكىنىنى كۆردۈم< دېدى. قۇرەيىشلىكلەر باشقا يۇرتلۇقلاردىن: ئاينىڭ يېرىلغانلىقىنى كۆردۈڭلارمۇ دەپ سورىدى. ئۇلار كۆرگەنلىرىنى خەۋەر قىلدى. ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى سۆزى نازىل بولدى: >قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى، بىرەر مۆجىزىنى كۆرسىلا يۈز ئۆرۈپ، بۇ >داۋاملاشقۇچى سېھىردۇر< دېيىشىدۇ، ئۇلار )پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى( ئىنكار قىلدى. نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشتى.<(قەمەر:1،3)
)2(ئوھۇد كۈنىسىدە قەتادەنىڭ كۆزى يارىلاندى. ھەتتا مەڭزىگە چۈشۈپ قالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى جايىغا كەلتۈرۈپ قويىۋېدى. بۇرۇنقىدىن چىرايلىق بولۇپ كەتتى.
)3( خەيبەر كۈنىسى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىككى كۆزى ئاغرىپ قالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسى سەلاتۇۋەسسالام پۈۋلەپ قويىۋېدى، خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك ياخشىلىنىپ كەتتى.
)4( بەدرى كۈنىسىدە ئىبنى ھەكەمنىڭ پۇتى سۇنۇپ كەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پۈۋلەپ قويدى. شۇ ۋاقىتتنىڭ ئۆزىدە ساقايدى. ھېچقانداق ئاغرىقتىن ئەسەر قالمىدى.
)5( پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دەرەخ سۆزلىگەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بىر تاغلىق كەلدى، ئۇ ئۇنىڭغا:
- ئى تاغلىق، نەگە؟
- ئائىلەمگە.
- ياخشىلىققا ماڭغىڭ يوقمۇ؟
- ئۇ نېمە ئىش؟
- ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق. ئۇ شەكسىز يەككە - يىگانە، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى، دەپ گۇۋاھلىق بېرىسەن.
- سېنىڭ دېگەنلىرىڭگە كىم ئىسپات بولىدۇ؟
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىلغىنىڭ قىرغىقىدىكى دەرەختى كۆرسىتىپ.
- بۇ دەرەخ گۇۋاھ بولىدۇ، - دېدى - دە، دەرەخ يەرنى يېرىپ كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن ئۈچ قېتىم گۇۋاھلىق بېرىشنى تەلەپ قىلىۋېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دېگىنىدەكلا ئۈچ قېتىم گۇۋاھلىق بەردى.
)6( خورما غولىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سېغىنىشى ۋە مەسچىتتىكى كىشىلەر ئاڭلىغۇدەك يىغىلىشى، بۇ مۇنداق ئىش: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاشۇ خورمىنىڭ غولىدا تۇرۇپ، نۇتۇق سكزلەيتتى. ئۇنىڭغا مۇنبەر ياساپ بېرىلگەندە، خورما غولىغا چىقمىدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سېغىنىپ يىغلىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى قۇرساق كۆتۈرگىلى ئون ئاي بولغان تۆگىنىڭ ئاۋازىدەك ئاڭلاندى. ئۇ توختىمىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىپ ئۇنىڭغا مۇبارەك قولىنى قويغاندا ئاندىن توختىدى.
)7( پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پارىس ئىمپېراتورى كىسرانىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ ۋەيران بولۇشىغا دۇئا قىلغان. ئۇ ۋەيران بولدى.
)8( پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئابباسنىڭ ئوغلى ئابدۇللارنىڭ دىندار ئالىم بولۇشىغا دۇئا قىلغان بولۇپ، ئابدۇللار مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆلىماسىغا ئايلاندى.
)9( ئۇنىڭ دۇئاسى سەۋەبلىك تائام كۆپەيگە پەقەت ئارپا مىقدارىچىلىك تاماقنى سەكسەندىن كۆپ كىشى يېگەن.
)10( پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى بىلەن سىز كۆپەيگەن. ھۇدەيبىيە كۈنى كىشىلەر ئۇسساپ كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالدىدىكى بىر قاچا سۇ بىلەن تاھارەت ئېلىۋاتاتتى. كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە: بىزدە ئاشۇ قولۇڭدىكى قاچىدىن باشقا سۇ يوق دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولىنى قاچىنىڭ ئىچىگە قويدى - دە، سۇ ئۇنىڭ بارماقلىرى ئارىسىدىن بەئەينى بۇلاققا ئوخشاش چىقىشقا باشلىدى. كىشىلەر ئىچىپ تاھارەت ئالدى. ئۇلار بىر مىڭ بەش يۈز ئىدى.
)11( پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىسى مەسچىدىل، ھەرەمدىن، مەسچىدىل ئەقساغىچە، يۇقىرى ئاسمانغىچە، سىدرەتىل مۇنتەھاغىچە كېچىسى يۈردى. يۇقىرىغا چىقتى، ئورنىغا قايتىپ كەلدى. ھالبۇكى، ئۇرنى تېخى سوۋىمىغائىدى.
)12( قۇرئان كەرىم ئۇ شۇنداق كىتابكى، ئۇنىڭدا بۇرۇنقىلارنىڭ ئىشلىرى، كېيىنكىلەرنىڭ خەۋەرلىرى، بىزنىڭ ئىشلىرىمىز توغرىسىدىكى ھۆكۈم بار. ئۇنىڭدا ھىدايەت ۋە نۇر بار. ئۇ كۈنلەر ۋە ئەسىرلەر بويى مەڭگۈ تۇرىدىغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ بۈيۈك مۆجىزىسى بولۇپ، ئۇ زېمىننى ئاللاھ تاپشۇرۇپ ئالغانغا قەدەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرىدىغان دەلىل، كىشىلەرگە نىسبەتەن تەۋرەنمەس پاكىت.
بۈيۈك قۇرئان بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە بېرىلگەن مۆجىزىلەرنىڭ ئەڭ بۈيۈكى، ئۇنىڭغا بېرىلگەن بايانلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: >ھەر قانداق بىر پەيغەمبەر بولىدىكەن، ئۇنىڭغا ئايەتلەر بېرىلگەن، ئۇنىڭغا كىشىلەر ئىشەنگەن ماڭا بېرىلگىنى ئاللاھ ماڭا ۋەھى قىلغان ۋەھى، مەن قىيامەت كۈنىسى ئەگەشكۈچۈمنىڭ ھەممىدىن كۆپ بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.<(بۇ مۆجىزىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىككى سەھى كىتابتا بار. ئۇنىڭغا بولمىغانلىرى، باشقا ھەسى ھەدىس كىتابلىرىدا بار.)
|
|