بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئىسلام دىنى >> ئىسلام دىنىدىن ساۋاتلار >> نىكاھ، تالاق، ۋاز كېچىش...

نىكاھ، تالاق، ۋاز كېچىش...

يوللانغان ۋاقتى : 2008-10-28 13:43:26    كۆرۈلۈش سانى : 1772  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
    نىكاھ، تالاق، ۋاز كېچىش، لەنەتكە ئۇچراش، زىھار قىلىش، ئىددەت، نەفيقە ۋە بالا بېقىش            بىرىنچى، نىكاھ: 1. ئۇنى تونۇشتۇرۇش: نىكاھ قىلىش ياكى توي قىلىش ئەر - ئايالنىڭ ئۆز ھەمراھىدىن پايدىلىنىشنى ھالال قىلىپ بېرىدىغان چېتىپ قويۇشتۇر. 2. ئۇنىڭ ھۆكمى: نىكاھ ئاللاھنىڭ سۆزى بىلەن قانۇنلاشقان: >ئۆزەڭلار ياقتۇرىدىغان باشقا ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى ۋە تۆتنى ئېلىشىڭلارغا بولىدۇ. ئەگەر )ئۇلارنىڭ ئارىسىدا( ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار بىر خوتۇن بىلەن ياكى قول ئاستىڭلاردىكى چۆرىلەر بىلەن كۇپايىلەنسەڭلار بولىدۇ.< (نىسا: 3)ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: >ئاراڭلاردىكى بويتاق ئەر، ئاياللارنىڭ ۋە ياخشى قۇل ۋە ياخشى چۆرىلىرىڭلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇڭلار.< (تۈر: 32) تەمىناتقا قادىر بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھارامغا چۈشۈپ قېلىشىدىن قورققان كىشىنىڭ توي قىلىشى زۆرۈر. توي قىلىشقا قادىر بولۇپ، گۇناھقا چۈشۈپ قېلىشتىن قورقمىغان ئادەمگە توي قىلىش سۈننەت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئى ياشلار، سىلەردىن توي قىلىشقا قادىر بولغانلار توي قىلسۇن. توي قىلىش كۆزنى نامەھرەمدىن يۇمدۇرىدۇ، زىنادىن ساقلايدۇ.< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس.)؛ >تۇغۇدىغان ئايال بىلەن توي قىلىڭلار. مەن قىيامەت كۈنى سىلەر بىلەن ئۈممىتىمنىڭ كۆپ بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.< (ئەھمەد ئىبنى ھەببان رىۋايەت قىلغان. )  3. توي قىلىشنىڭ ھېكمەتلىرى: 1 - نىكاھتىن كېلىپ چىققان كۆپىيىش بىلەن ئىنسان تۈرىنى داۋاملاشتۇرۇش. 2 - ئەر - ئايالنىڭ تەبىئىي جىنسىي ھېسسىياتىنى قاندۇرۇش بىلەن ئۆزىنىڭ ئىپپىتىنى قوغداش ئۈچۈن بىر - بىرىگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش. 3 - ئەر - ئايالنىڭ ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتىنى قوغداشتا ھەمكارلىشىشى. 4 - ياخشى كۆرۈش، مۇھەببەت باغلاش، ھۆرمەت قىلىش ۋە قەدىرلەشتىن كېلىپ چىققان ھەمكارلىق ئاساسىدا ئەر - ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىش ۋە ئۆزئارا ياردەملىشىش. 4. نىكاھنىڭ ئاساسلىرى: نىكاھنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن تۆت ئاساس تولۇق بولىشى لازىم. بۇلار: ئا - ۋەلى  ئۇ ئايالنىڭ دادىسى ياكى ھاممىسى ياكى يېقىنىدۇر. يېقىنى ئۆز جەمەتىدىن ياكى ئۆز ئائىلىسىدىن بولغان پىكرى ئۆتكۈر ئادەم بولىشى ياكى ئەمىر - رەھبەر بولىشى كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ۋەلىيىسىز نىكاھ نىكاھ ئەمەس.< (ئەسھابۇ سۈنەنى )ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: >ئايال ۋەلىيىنىڭ ياكى ئۆز ئائىلىسىدىن ئۆتكۈز پىكىرلىك كىشىنىڭ ياكى ئەمىرنىڭ ئىزنىسىز نىكاھلانمايدۇ.< (مالىك رىۋايەت قىلغان. )  ۋەلىينىڭ ئەھكاملىرى: ۋەلىينىڭ ئەھكاملىرى بار بولۇپ، بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. ئۇلار: 1 - ئەر، بالاغەتكە يەتكەن، ئەقلى - ھوشى جايىدا ئازاد بولغان، ۋەلىي بولۇشقا لايىق ئادەم بولۇش. 2 - ئەگەر ياتلىق بولغۇچى قىز بولۇپ، ۋەلى دادىسى بولسا، قىزنى نىكاھلاپ ئالغۇچى ۋەلىدىن رۇخسەت ئالىدۇ. ئەگەر ياتلىق بولغۇچى بىر نىكاھلىق ياكى قىز بولۇپ، ۋەلى دادىسىدىن باشقىسى بولسا، ياتلىق بولغۇچىنىڭ رازىلىقى تەلەپ قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن؛ >تۇل ئايال ئۆزىگە ۋەلىدىن بەكراق ھەقلىق. قىزدىن رازىلىق ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭ رازىلىقى جىسىم تۇرغىنىدۇر.< (مالىك رىۋايەت قىلغان. )  3 - ئەڭ يېقىن كىشى بار تۇرۇقلۇق ئانچە يېقىنچىلىقى بولمىغان كىشىنىڭ ۋەلى بولىشى توغرا بولمايدۇ. مەسىلەن: بىر تۇغقان ئاكىسى بار تۇرۇقلۇق تاغىسىنىڭ ۋەلى بولىشى توغرا ئەمەس ۋە بىر تۇغقان ئاكىسى بار تۇرۇپ جىيەنىنىڭ ۋەلى بولىشى توغرا ئەمەس. 4 - ئايال كىشى نىكاھلىنىشتا ئىككى ئادەمگە رازىلىقىنى بىلدۈرسە، ئۇ ئايالنى ئىككىسىنىڭ ھەربىرى نىكاھىغا ئالماقچى بولسا، ئۇ ئايال ئەۋۋەلقىسىنىڭ بولىدۇ. ئەگەر بىرلا ۋاقىتتا نىكاھ ئوقۇلسا ئىككىلىسىنىڭ نىكاھى بۇزۇلىدۇ. ب - ئىككى گۇۋاھچى  ئىككى گۇۋاھچى دېگىنىمىزدىن مەقسەت: نىكاھقا ئادىل مۇسۇلمان ئەرلەردىن ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك كىشىنىڭ ھازىر بولىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن؛ >سىلەردىن ئادىل ئىككى كىشىنى گۇۋاھچى قىلىڭلار.< (تالاق: 2 - ئايەت ) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن؛ >ۋەلىسىز ۋە ئادىل ئىككى گۇۋاھچىسىز نىكاھ، نىكاھ ئەمەس.< (بەيھەقى، دارىقۇتنى رىۋايەت قىلغان. )  گۇۋاھچىلارنىڭ ئەھكاملىرى: 1. ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولىشى كېرەك. 2. ئادىل بولۇش كېرەك. ئادىل دېگىنىمىز: چوڭ گۇناھلاردىن قېچىش كۆپىنچە كىچىك گۇناھلارنى تەرىك ئېتىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. زىنا قىلىدىغان، ھاراق ئىچىدىغان، جازانە يەيدىغان پاسىقنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشى توغرا ئەمەس. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئاراڭلاردىن ئىككى ئادىل كىشى …< پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: >ئىككى ئادىل گۇۋاھچى …< دېگەن. 3. بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىزدە ئادالەتپەرۋەرلەر ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن گۇۋاھچىلارنىڭ كۆپ بولغىنى ياخشى. ج: نىكاھ كېلىشىمنىڭ شەكلى: كېلىشىم شەكلى مۇنداق: ئەر ياكى ئەرنىڭ ۋەكىلى كېلىشىمدە، قىزىڭنى ياكى ۋەسىيەت بىلەن قالغان پالانى قىزىڭنى ماڭا تويلاپ قويغىن، دەيدۇ. ۋەلى، مەن ساڭا پالانى قىزىمنى تويلاپ قويدۇم، نىكاھىڭغا بەردىم، دەيدۇ. ئەر كىشى، چىن كۆڭلۈم بىلەن ئۇنى قوبۇل قىلدىم، دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەھكاملىرى: 1 - ئەر ئازاد بولۇش: ئەخلاقلىق، دىندار ھەم ئىشەنچىلىك بولۇش ئارقىلىق توي قىلىشقا لايىق بولۇش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن؛ >ئەگەر سىلەرگە ئەخلاقى، دىنى رازى قىلارلىق كىشى كەلسە، ئۇنىڭغا تويلاپ بېرىڭلار، ئۇنداق قىلمىساڭلار، زېمىندا پىتنە ۋە زور بۇزۇقچىلىق بولىدۇ.< (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. )  2 - كېلىشىمدە ۋەكىل بولۇش توغرا بولىدۇ. ئەگەر خالىغان ئادەم ۋەكىل بولىدۇ. ئەمما ئايالنىڭ نىكاھ كېلىشىمىگە ۋەلىسى ئىگە بولىدۇ. د - تويلۇق: تويلۇق ياكى مەھرەم دېگىنىمىز: ئاياللار ياسىنىپ مەنپەئەتلىنىش ئۈچۈن بېرىلىدىغان نەرسە، يەنى مەھىر بېرىش ۋاجىپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئاياللارغا ئۇلارنىڭ مەھىرلىرىنى خۇشاللىق بىلەن سوۋغا قىلىپ بېرىڭلار.< (نىسا: 4) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئىزدەنگىن، گەرچە بىر تال تۆمۈر ئۈزۈك بولسىمۇ< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس)  ئۇنىڭ ئەھكاملىرى: مەھرىنىڭ يەڭگىل بولىشى مۇستەھەپ )يەنى ياخشى كۆرۈلىدۇ( پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن؛ >ئاياللارنىڭ بەك بەرىكەتلىكى چىقىمى ئەڭ ئاز بولغىنى< (ئەھمەد، ھاكىم، بەيھەقى رىۋايەت قىلغان. )چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزلىرىنىڭ تويلىقى 400 ياكى 500 دەرھەم بولغان. (ئەسھابۇل سۇنەنى رىۋايەت قىلغان. ) شۇنداقلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ تويلىقىمۇ شۇنداق بولغان. 2 - نىكاھتا تويلۇقنى تىلغا ئېلىش سۈننەت. 3 - قىممىتى تۆت دىيناردىن ئاشىدىغان ھەر قانداق ھالال نەرسىنى تويلۇق قىلىپ نىكاھ قىلىشقا بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئىزدەن، گەرچە تۆمۈر ئۈزۈك بولسىمۇ.<  4 - تويلۇقنى نىكاھ بىلەن بىللە بېرىش توغرا. پۈتۈنلەي ياكى بىر قىسمىنى مەلۇم ۋاقىتقىچە كېچىكتۈرۈشمۇ توغرا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئەگەر سىلەر ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى، مەھرى تەيىنلىنىپ بولغاندىن كېيىن تالاق قىلساڭلار…<(بەقەرە: 237)  6 - ئەگەر ئەر - ئايالنىڭ يېنىغا كىرىشتىن ئىلگىرى، مەھرى بەلگىلەپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتسە ئۇ ئايالغا مىراس ۋە مەھرى تەۋە بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەگەر ئۇ مەھرى دەپ ئاتالغان بولسا مۇشۇنداق ھۆكۈم قىلدى. ئەگەر مەھرى دەپ ئاتالمىسا ئۇ ئايالغا مەھرى بېرىش، ئايال ۋاپات ئىددىتى تۇتۇش كېرەك. 5. نىكاھنىڭ ئەدەپ - قائىدىلىرى ۋە ئۇنىڭ سۈننەتلىرى: 1 - خۇتبە ئوقۇش: يەنى ھەقىقەت ھەمدە ئاللاھقا خاستۇر. بىز ئاللاھتىن ياردەم سورايمىز، مەغپىرەت تەلەپ قىلىمىز. ئاللاھ بىلەن كۆڭۈلنىڭ يامانلىقى ۋە ئەمەللىرىمىزنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمىز. ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ئازدۇرغۇچى يوق، ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھىدايەتكە باشلىغۇچى يوق. شۇنداق گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق. مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر. دەيدۇ. ئاندىن: >ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر ئاللاھتىن ھەقىقى رەۋىشتە قورقۇڭلار، مۇسۇلمان ھالىتىدە ئۆلۈڭلار< ۋە: >ئى ئىنسانلار، سىلەرنى بىر ئىنساندىن ياراتقان … كۈزىتىپ تۇرغۇچىدۇر.< (نىسا: 1) غىچە ۋە: >ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىڭلار. بولىدىغان گەپنى قىلىڭلار … بۈيۈك< دېگەن يەرگىچە ئوقۇيدۇ. رىۋايەت قىلىنىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن؛ >ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلار نىكاھ ياكى باشقا بىر ھاجەت ئۈچۈن خۇتبە ئوقۇسا ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر … ئاخىرغىچە دېسۇن.< (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. )  2 - توي زىياپىتى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋىف توي قىلغاندا ئۇنىڭغا: >بىر قوي بولسىمۇ توي زىياپىتى بەر.< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس. ) دېگەن. توي زىياپىتى - يېڭىدىن توي قىلغان كىشىنىڭ بېرىدىغان تامىقى. ئۇنىڭغا چاقىرىلغان كىشىنىڭ بېرىشى ۋاجىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن؛ >تويغا ياكى باشقا ئىشقا چاقىرىلغان كىشى بارسۇن.< (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. )ئەگەر تويدا ئويۇن چاقچاق ياكى خاتا ئىشلار (ئىبنى ماججە رىۋايەت قىلغان. ) بولسا بارمىسا بولىدۇ. ئىككى ئادەم تەڭلا چاقىرغان ئادەم تەكلىپ بۇرۇن كەلگىنىگە بارىدۇ. بايلارغا ئوخشاش پېقىرلارمۇ چاقىرىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن؛ >ئەڭ يامان تائام توي تائامىدۇر. كېلىشكە تېگىشلىكلەر چاقىرىلمايدۇ. تېگىشلىك ئەمەسلەر چاقىرىلىدۇ. چاقىرغا يەرگە بارمىغان ئادەم ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ. روزا تۇتقان ئادەم چاقىرىلسا بېرىپ، ئەگەر روزىسى نەفلە روزا بولسا يەيدۇ. خالىمىسا قويۇپ قويۇپ چىقىپ كەتسە بولىدۇ< پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئەگەر بىرەرىڭلار چاقىرىلسا بارسۇن. ئەگەر روزىدار بولسا داۋاملاشتۇرسۇن. روزىسىنى سۇندۇرسا تاماق يېسۇن.< (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. )  3 - توينى داپ، رۇخسەت قىلىنغان ناخشىلار بىلەن ئېلان قىلىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ھالال ۋە ھارام ئوتتۇرىسىدىكى پەرق داپ ۋە ئاۋاز.< (ئەبۇ داۋۇدنى 〓〓بارلىق ئەسھابۇل سۇنەن رىۋايەت قىلغان. )  4 - ئەر - ئايال ئىككىسىگە دۇئا قىلىش. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: >پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىرەر كىشى توي قىلسا: ئاللاھ سەن ئۈچۈن بەرىكەت بەرسۇن، ساڭا بەرىكەت بەرسۇن، ئىككىڭلارنى ياخشىلىق ئۈستىدە جەم قىلسۇن، دەيتتى.< (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. )  5 - شەۋۋالدا توي قىلىش. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: >پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى شەۋۋالدا نىكاھىغا ئالدى. ماڭا شەۋۋالدا ئۆي تۇرۇپ بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قايسى ئايالى ئۇنىڭ قېشىدا مەندەك نىسىۋىگە ئالدى؟ ئۇ ئاياللىرىنىڭ يېنىغا شەۋۋالدا كىرىشكە قىززىقاتتى.< (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. )    6 - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايالىنىڭ قېشىغا كىرگەندە، ئايالىنىڭ چېكىسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: >ئى ئاللاھ، مەن سەن ئارقىلىق ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى ۋە سەن ياراتقان ياخشىلىقنى سورايمەن. سەن بىلەن ئۇنىڭ يامانلىقىدىن، سەن ئۇنى ياراتقان يامانلىقتىن پاناھ تىلەيمەن.< (ئىبنى ماجە، ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان. )دەيتتى. 7 - ئەر كىشى بىر يەردە بولۇشنى مەقسەت قىلسا: ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. ئى ئاللاھ، مەندىن شەيتاننى يىراق قىل ۋە ئۇنى بىزگە ئاتا قىلغان بالىدىن يىراق قىل، دەيدۇ. رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن؛ >كىمكى مۇشۇ سۆزنى ئاخىرغىچە دېسە، ئەگەر شۇ ئىككىسىگە مۇشۇ كېچىدە بالا تەقدىر قىلىنىپ قالغان بولسا، بۇ بالىغا شەيتان ھەرگىز زىيان سالالمايدۇ.< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس. )  8 - ئەر - ئايالنىڭ ئۆزى ئوتتۇرىسىدا بولغان جىنسىي سۆزلىرىنى ئاشكارىلاش مەكروھ )يامان كۆرۈلىدۇ( پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن؛ >قىيامەت كۈنىسى ئاللاھ دەرگاھىدا ئورنى ئەڭ پەس ئادەم ئەر ئايالغا، ئايال ئەرگە سۆزلەيدۇ. ئاندىن سىرلىرىنى ئاشكارىلىغان ئادەمدۇر.< (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. )  6 - نىكاھتىكى شەرتلەر: ئايال ئۆزىگە تەلەپ قويغان كىشىگە ياتلىق بولۇش ئۈچۈن، بەزى شەرتلەرنى قويىدۇ. ئەگەر ئايالنىڭ قويغان شەرتى نىكاھنىڭ ئاساسى بولۇپ ئۇنى كۈچەيتىدىغان، مەسىلەن: ئۆزىگە نەپىقە بېرىش، بىر يەردە بولۇش ياكى ئەرنىڭ يەنە بىر ئايالى بولسا ئادىل بولۇشنى شەرت قىلغاندەك بولسا بۇ شەرت ئەسلىدىنلا قىلىشقا تېگىشلىك ئىش بولۇپ، شەرتنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر شەرت ئايال بىلەن مەنپەئەتلەنمەسلىك، ئايال ئېرىگە قىلىپ بېرىدىغان ئادەتتە بولىدىغان يېمەك - ئىچمەك ئېتىپ بەرمەسلىككە ئوخشاش بولسا، بۇ شەرت بىكارچى بولۇپ ئۇنىڭغا ۋاپا قىلمىسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئۇ توي قىلىشتىكى نىشانغا زىتتۇر. ئەگەر شەرت بۇنىڭ سىرتىدا بولسا، مەسىلەن: يېقىنلىرىنى يوقلاش ياكى يۇرتىدىن ئېلىپ چىقىپ كەتمەسلىككە ئوخشاش ھارامنى ھالال، ھالالنى ھارام قىلمايدىغان بولسا بۇ چاغدا ئايالنىڭ شەرتىنى ئىجرا قىلىش ۋاجىپ، ئۇنداق بولمىسا خالىسا ئايالنىڭ نىكاھىنى بۇزۇش ھوقۇقى بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئەمەل قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق شەرتلەر نىكاھتىكى شەرتلەردۇر.<(بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس. ) شۇنداقلا ئايال كىشىنىڭ بىر ئەر كىشىگە ياتلىق بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئايالدىن ئاجرىشىشىنى شەرت قىلىشى ھارام. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن؛ >بىر ئايالنىڭ باشقىلارنى تالاق قىلىش بەدىلىگە نىكاھلىنىشى ھالال ئەمەس.< بۇخارى ۋە مۇسلىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايال كىشىنىڭ ئۆز قىز بىر تۇغقىنىنى تالاق قىلىشنى شەرت قىلىشتىن توستى. 7 - نىكاھتىكى تاللاش  ئەر - ئايال ئىككىلىسىنىڭ ئەر - ئاياللىق مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇش ياكى تۆۋەندىكى سەۋەبلەردىن بىرەر سەۋەب تېپىلغاندا بۇزۇش ئىختىيارى بولىدۇ. 1 - ساراڭلىق ياكى جۇزام كېسىلى ياكى ئاق كېسەل ياكى لەززەتلىنىشنى يوقىتىدىغان جىنسىي ئاجىزلىققا ئوخشاش ۋە ئەر كىشى ئاۋغات )پىچىۋېتىلگەن( ياكى مەجنۇن ياكى ئاياللارغا يېقىنلىشىشقا ۋە ھاياجانلاندۇرۇشقا كۈچى يەتمەيدىغان جىنسىي ئاجىزلىققا ئوخشاش ئەيىبلىك بولسا. نىكاھنى بۇزماقچى بولغاندا قارىلىدۇ. ئەگەر نىكاھنىڭ بۇزۇلىشى بىر يەردە بولۇشتىن بۇرۇن بولسا، ئەر ئايالغا بەرگەن مەھرىدىن يېرىمىنى قايتۇرۇۋېلىشى، ئەگەر بىر يەردە بولۇشتىن كېيىن بولسا، بىر نەرسە قايتۇرۇۋالماسلىق كېرەك. چۈنكى ئايالنىڭ مەھرى ئايالغا يەتكەن ئىشلار تۈپەيلىدىن ئايالغا تەۋە بولىدۇ. 2 - ئالدىنىش، ئەر ئايالنى مۇسۇلمان دەپ توي قىلغان بولسا ئەھلى كىتاب چىقىپ قالسا ياكى ئەركىن دەپ توي قىلسا قۇل چىقىپ قالسا، ياكى ساق دەپ توي قىلسا كېسەل چىقىپ قالسا توينى بۇزۇش، بۇزماسلىق ئەرنىڭ ئىختىيارى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: >ئەرنى ئالدىغان ئايالغا مېھرى قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ. تويلۇق ئالدانغان ئەرگە قالىدۇ.<  3 - مەھرىنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بېرىشنىڭ تەس كېلىشى. كىمكى ئايالنىڭ مەھرىنى نىسى ئەمەس شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بېرىش تەس كەلسە، ئايالنىڭ ئەر ئايال بىلەن بىر تۆشەككە كىرىشتىن بۇرۇن نىكاھنى بۇزۇش ھوقۇقى بولىدۇ. ئەمما ئەر ئايال بىلەن بىر تۆشەككە كىرگەندىن كېيىن بولسا ئايالنىڭ نىكاھنى بۇزۇشتا ھوقۇقى بولمايدۇ. بەلكى نىكاھ ھېساب بولۇپ مەھرى ئەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىدۇ. ئايال ئۆزىنى ئەردىن تارتىشقا بولمايدۇ. 4 - نەپىقە بېرىشنىڭ تەس كېلىشى. كىمكى ئايالىغا نەپىقە بېرىش تەس كەلسە، ئايال ئۇنى قادىر بولغىچە كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئايالنىڭ قانۇنى ۋاستە بىلەن نىكاھنى بۇزۇشتا ھەققى بولىدۇ. بۇنىڭغا ئەبۇ ھۈرەيرە، ئۆمەر، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالارغا ئوخشاش ساھابىلار، ھەسەن، ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز، رەئبە، مالىك رەھىمەھۇمۇللاھلارغا  ئوخشاش تابىئىنلارمۇ شۇنداق قارايدۇ. 5 - ئەگەر ئەر يوقاپ كېتىپ، ئۇنىڭ نەگە كەتكەنلىكى بىلىنمىسە ۋە ئايال ئۈچۈن نەپىقە قويۇپ قويمىسا ياكى بىرەر ئادەمگە ئايالغا نەپىقە بېرىشنى ھاۋالە قىلمىسا، ئايالنىڭ نەپىقىسى شۇ ئەرگە قاراشلىق بولسا، ئۇ ئايالنىڭ قېشىدا ئۆزى نەپىقە بېرىپ، ئۇنىڭ قېشىغا بارغۇدەك بىر نەرسە بولمىسا، ئايالنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلغۇچىنىڭ ۋاستىسى بىلەن نىكاھنى بۇزۇش ھوقۇقى بولىدۇ. ئايال ئىشلىرىنى سوتقا كۆتۈرۈپ بارىدۇ. سوت ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىدۇ. سەۋرى قىلىشقا تەسۋىيە قىلىدۇ. ئەگەر ئۇنىماي قالسا، سوت ئايالنىڭ يولدىشىنى تونۇيدىغان گۇۋاچىنىڭ ۋاستىسى بىلەن گۇۋاھلىق خەت يازىدۇ. گۇۋاھچىلار ئۇ ئادەمنىڭ يوقلىقىغا، ئايالنىڭ تەس كۈنگە قالغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. ئۇندىن كېيىن ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى نىكاھ بۇزۇلىدۇ. بۇ تالاق رەجئى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئىددەت مۇددىتىدە يولدىشى قايتمىسا ئايال يولدىشىنىڭ قېشىغا قايتىپ بارىدۇ. گۇۋاھ بولۇش خېتىنىڭ يېزىلىش شەكلى: بىسمىللاھ دەپ ئاللاھقا ھەمدە، رەسۇلۇللاغا سالام يوللاپ بولغاندىن كېيىن …  بىزنىڭ قېشىمىزدا پالانى، پالانى ئىككى گۇۋاھچى ھازىر بولدى. بۇلار ئادىل، ئەقلى مۇكەممەل بولغانلىقى ئۈچۈن گۇۋاھچى بولىشى توغرا بولغان كىشىلەردىندۇر. بۇلار ئاللاھنىڭ رازىلىقىدىن باشقىنى تەلەپ قىلماي، ئىختىيارى ھالدا شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىدۇكى: ئۇلار پالانىلارنى تونۇيدۇ ھەم پالانى ئاخۇن بىلەن پالانىنىڭ توغرا قانۇنى نىكاھ بىلەن نىكاھلانغان ئەر - خوتۇن ئىكەنلىكى، بىرگە ئۆي تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى، كېيىن ئەرنىڭ مانچىلىك ۋاقىت يوقاپ كەتكەنلىكى ۋە ئايالنى كىيىم - كېچەك، نەپىقىسىز ياكى ئۇنىڭ قېشىدا ئۆزى يوق ۋاقتىدا ئۆزىگە نەفىقە قىلغۇدەك نەرسە قويمىغانلىقى ياكى يولدىشى يوق ۋاقىتتا نەفىقە قىلىشقا كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكى ياكى بىر نەرسە ئەۋەتىپ يەتكۈزۈپ بەرمىگەنلىكى ۋە ئۇ ئايالدىمۇ ئۆزىگە نەفىقە قىلىپ يولدىشىنىڭ قېشىغا بارىدىغانغا مالنىڭ يوقلىقى، ئۇ ئايالنىڭ ئېرىگە بويسۇنۇپ، ئېرى تاشلاپ قويغان يەردە تۇرىۋاتقانلىقى، ئېرىدىن نىكاھنى بۇزۇشتا مەجبۇر بولغانلىقىغا گۇۋاھلىق بەردى. ئۇ ئىككىسى مۇشۇ ئىشلارنى بىلىپ، قىيامەتتە ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا مەسئۇل بولۇپ گۇۋاھلىق بەردى. ئاندىن مەزكۇر ئايال كېلى مەركۇر گۇۋاھلىق بەرگەن كىشىلەرنىڭ گۇۋاھچىلىقىدا راستچىل ئىكەنلىكى، ئۆزىنىڭ ئېرىشنىڭ ئىتائىتىدە تۇرىۋاتقانلىقى، ئېرىدىن نىكاھنى ئۈزۈشكە مەجبۇ بولغانلىقىغا قانۇنى ھالدا يىگانە، ئۇلۇغ ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلدى. مۇشۇنىڭغا بىنائەت پاكىت ۋە ئوچۇق قەسەم جەريانى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئايالنىڭ ئېرىدىن ئاجرىشىش تەلىپىنى ماقۇل كۆردۇق. ئايال ئوچۇق ھالدا: مەن يولدۇشۇم ئىلكىدە نىكاھىمنى بۇزدۇم، دېدى. بۇ بىر قېتىم تالاقى رەجئى قىلىنغانغا باراۋەر بولۇپ، ئۇ ئايالنىڭ مەزكۇر يولدىشى بىلەن بولغان نىكاھى بۇزۇلدى. پالانى چاغدا بولدى. 6 - قۇللۇقتىن ئازاد قىلىش. ئەگەر ئايال بىر قۇلنى نىكاھىدىكى دېدەك بولسا، كېيىن ئازاد قىلىنسا، ئۆزىنىڭ ھۆر ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن نىكاھ مۇناسىۋىتىنى بۇزۇش ياكى ساقلاپ قېلىش ئىختىيارى بار. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە مۇنداق دېگەن؛ >بەرىيرە ئازاد قىلىندى. ئۇنىڭ يولدىشى قۇل ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا تاللاش ئىختىيارلىقىنى بەردى. ئەگەر ئۇ ھۆر بولغان بولسا ئۇنداق قىلمايتتى.<  8 - ئەر - ئاياللىق ھوقۇق: ئا - ئايالنىڭ يولدىشى ئۈستىدىكى ھەققى: ئايالنىڭ يولدىشى ئۈستىدە ئاياللارغا بەلگىلەنگەن زۆرۈر ھەقلىرى بار: ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئاياللىرى ئۈستىدە ئەرلەرنىڭ ھەقلىرى بولغىنىدەك ئاياللارنىڭمۇ ئەرلىرى ئۈستىدە ھەقلىرى بار.< (بەقەرە:822) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلاردىن ئالىدىغان ھەق بار. ئاياللىرىڭلارنىڭمۇ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا ھەققى بار.< (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. ) بۇ ھەقلەردىن: 1 - ئايالغا ياخشىلىق بىلەن يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، تۇرالغۇ جاي قاتارلىق نەفقاتلارنى بېرىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايالنىڭ ئېرى ئۈستىدىكى ھەققى توغرۇلۇق سورىغاندا كىشىگە: >تاماق يېسەڭ ئۇنىڭغىمۇ بېرىسەن، كىيىم كىيسەڭ ئۇنىڭغىمۇ كىيگۈزىسەن. يۈزىگە ئۇرما. سەت گەپ قىلما. ئۆيدىن باشقا يەرگە تاشلاپ قويما.<(ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ھەببان قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان. )دېگەن. 2 - پايدىلىنىش: ئەر ئەگەر ئاجىز كەلسە گەرچە تۆت ئايدا بىر قېتىم بولسىمۇ ئايال بىلەن بىر يەردە بولۇش ۋاجىپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئاياللىرىغا يېقىنچىلىق قىلماسلىققا قەسەم ئىچكەن كىشىلەر تۆت ئاي كۈتىدۇ. ئەگەر ئۇلار قايتسا ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.<  3 - ئايالىنىڭ قېشىدا ھەر تۆت كۈندە بىر كېچە قونۇش. چۈنكى بۇنىڭغا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەۋرىدە ھۆكۈم قىلىنغان. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ: >ئۆزەڭلار ياقتۇرغان … يەردىن تۈگىگىچە< سۆزىدىن ئېلىنغان. 4 - ئەگەر ئېرىنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ئاياللىرى بولسا ئۇنىڭغىمۇ ئادىللىق بىلەن تەقسىم قىلىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئىككى ئايالى بار ئادەم بىرىدىن بىرىگە مايىل بولسا قىيامەت كۈنىسى بەدىنىنىڭ يېرىمى چۈشۈپ كېتىپ سۆرىگەن ياكى مايماق ھالدا كېلىدۇ.< (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. )  5 - ئايالنىڭ قېشىدا - ئەگەر قىز بولسا - توي قىلغان كۈنى يەتتە كۈن، ئەگەر چوكان بولسا ئۈچ كۈن تۇرىشى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >قىز ئۈچۈن يەتتە كۈن، چوكان ئۈچۈن ئۈچ كۈن تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن باشقا ئاياللىرىنىڭ يېنىغا قايتىدۇ.< (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.)  6 - ئەرنىڭ ئايالىنى نىكاھ چۈشمەيدىغان تۇغقانلىرىنىڭ بىرەرسىنىڭ كېسىلىنى كۆرۈپ كېلىش، ئۆلۈپ كەتكەن بولسا جىنازىسىغا قاتنىشىش ياكى ئەر - ئاياللىق تۇرمۇشقا زىيان يەتكۈزمەي يېقىنلىرىنى زىيارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىشى ياخشى. ب - ئەرنىڭ ھەقلىرى: ئەرنىڭ ئايالى ئۈستىدە بەلگىلىك ھەقلىرى بار. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئاياللىرى ئۈستىدە ئەرلەرنىڭ ھەقلىرى بولغىنىدەك ئاياللارنىڭمۇ ئەرلىرى ئۈستىدە ھەقلىرى باردۇر.< (بەقەرە:228) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلاردىن )ئالىدىغان( ھەققىڭلار بار.< (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. ) بۇ ھەقلەر تۆۋەندىكىچە: 1 - ياخشى ئىشتا بوي سۇنۇش: ئايال كىشى ئەرلىرىگە ئاللاھقا ئاسىي بولىدىغان ئىشتا ئەمەس، ياخشى ئىشتا بوي سۇنىدۇ. يەنە ئايالىنىڭ قۇدرىتى يەتمەيدىغان ياكى ئاياللارغا قىيىن توختايدىغان ئىشلاردا بويسۇنمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئەگەر سىلەرگە ئىتائەت قىلسا ئۇلارنى بوزەك قىلىش خىيالىدا بولماڭلار.< (نىسا: 34) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئەگەر مەن بىر ئادەمنى يەنە بىر ئادەمگە سەجدە قىلىشقا بۇيرىغان بولسام ئەلۋەتتە ئايالىنى ئېرىگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇيتتۇم.< (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. )  2 - ئېرىنىڭ مېلىنى ساقلاش، يۈز - ئابرويىنى قوغداش، رۇخسىتىسىز ئۆيدىن چىقماسلىق، بۇ توغرىلىق ئاللاھ تائالاغا مۇنداق دېگەن: >ئېرى يوق ۋاقتىدا ئېرىنىڭ ھەققىنى ساقلىغۇچى ئاياللار< پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئەڭ ياخشى ئايال قارىساڭ سېنى خۇرسەن قىلغان، بۇيرىساڭ ئىتائەت قىلغان، يوق بولساڭ ئىپپىتىنى ساقلاپ، مېلىڭنى قوغدىغان ئايالدۇر.< (نىسا: 35)  3 - ئەگەر ئەر سەپەر قىلماقچى بولسا، ئايال نىكاھ كېلىشىمدە سەپەر قىلماسلىقنى شەرت قىلمىغان بولسا، يولدىشى بىلەن سەپەرگە چىقىش. چۈنكى ئايالنىڭ ئېرى بىلەن سەپەرگە چىقىش ئەرگە ئىتائەت قىلىش جۈملىسىدىندۇر. 4 - يولدىشى ئايالى بىلەن مەنپەئەتلىنىشنى تەلەپ قىلغاندا يولدىشىغا ماسلىشىش. چۈنكى ئايالدىن مەنپەئەتلىنىش ئەرنىڭ ئايال ئۈتىدىكى ھەققىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئەگەر بىر ئادەم ئايالىنى تۆشەككە چاقىرسا، ئايال كەلگىلى ئۇنىماي يولدىشى ئايالىغا ئاچچىقلانغان پېتى يېتىپ قالسا، پەرىشتىلەر ئايالغا تاڭ ئاتقۇچە لەنەت ئوقۇيدۇ.< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس )  5 - ئايال ئېرى ئۆيدە ۋاقتىدا روزا تۇتماقچى بولسا، ئېرىدىن رۇخسەت سوراش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئايال كىشىنىڭ يولدىشى بار تۇرۇپ ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز روزا تۇتىشى ھارامدۇر.< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس )  6 - ئايالنىڭ سەركەشلىك قىلىشى )يەنى تاپتىن چىكىتىشى( ئايال كىشى سەركەشلىك قىلسا يەنى ئېرىگە ئاسىيلىق قىلىپ ئۇنىڭدىن يۈزىنى تارتىپ، ئۇنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلىشتىن ئۆزىنى چەتكە ئالسا ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىنىدۇ. ئەگەر ئىتائەت قىلسا مەيلى، ئەگەر ئىتائەت قىلمىسا مەلۇم ۋاقىت ياتاق ئايرىيدۇ. بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە ئۈچ كۈنلا دېيىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >مۆئمىننىڭ ئۆز قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندە زىيادە تاشلىۋېتىشى توغرا بولمايدۇ.< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس.) ئەگەر ئىتائەت قىلسا مەيلى. ئىتائەت قىلمىسا يۈزىدىن باشقا يېرىگە ئىچىگە ئۆتكۈزمەستىن ئۇرىدۇ. ئەگەر ئىتائەت قىلسا مەيلى. يەنە ئىتائەت قىلمىسا ئەرنىڭ ئائىلىسىدىن بىر ئادەم، ئايالنىڭ ئائىلىسىدىن بىر ئادەم ئەۋەتىلىپ، ھەر ئىككىلىسى ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە كېلىشتۈرۈشكە تىرىشىپ ئەستايىدىللىق بىلەن ئۇچرىشىدۇ. ئەگەر بۇمۇ تەس بولسا ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىنى تالاقى بائىن بىلەن ئايرىۋېتىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >سىلەر سەركەشلىك قىلىشىدىن قورقىدىغان ئاياللارغا نەسىھەت قىلىڭلار. بۇ ئۈنۈم بەرمىسە بىر تۆشۈكتە بىللە ياتماڭلار. )بۇمۇ ئۈنۈم بەرمىسە( ئۇلارنى ئەدەپلەش مەقسىتىدە ئاستىراق ئۇرۇڭلار. ئەگەر سىلەرگە ئىتائەت قىلسا ئۇلارنى بوزەك قىلىش خىيالىدا بولماڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەردىن ئۈستۈندۇر، بۇيۈكتۇر )ئاللاھ ئاياللارغا زۇلۇم قىلغاننى جازالايدۇ.( ئەگەر ئەر - خوتۇن ئىككەيلەننىڭ ئىناقسىز بولۇپ قېلىشىدىن قورقساڭلار ئەرنىڭ تۇغقانلىرىدىن بىر ھەققانىي كىشىنى، خوتۇننىڭ تۇغقانلىرىدىن بىر ھەققانى كىشىنى ئەۋەتىڭلار. ئاللاھ ئەگەر بۇ ئىككى كىشىنى ئەپلەشتۈرۈشنى خالىسا، ئەر - خوتۇن ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا ئىناقلىق سالىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر. ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.< (نىسا: 34 - 35)  10. تۆشەك ئەخلاقلىرى: تۆشەكنىڭ ئەخلاقلىرى بار بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىش ۋە شۇ ئەخلاق بىلەن ئىش ئېلىپ بېرىش لازىم. 1 - بىر يەردە بولماقچى بولغاندا ئايالىنى ئەكېلىش ۋە ھېسسىياتنى قوزغايدىغان گەپلەرنى قىلىش. 2 - ئايالىنىڭ ئەۋرىتىگە قارىماسلىق، چۈنكى بۇ ئايالىنى ئۆچ كۆرۈشكە ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىش. 3 - ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. ئى ئاللاھ بىزنى شەيتاندىن يىراق قىلغىن ۋە شەيتاننى بىزگە رىزىق قىلىپ بەرگەن )بالا( دىن يىراق قىلغىن، دېيىش. سەۋەب - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭغا ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: >ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلماقچى بولسا: ئى ئاللاھ، بىزنى شەيتاندىن يىراق قىلغىن ۋە شەيتاننى بىزگە رىزىق قىلىپ بەرگەن )بالا، پەرزەنت( دىن يىراق قىلغىن، دېسە ئۇ ئىككىسىگە شۇ كۈنى بالا تەقدىر قىلىنغان بولسا ئۇنىڭغا شەيتان مەڭگۈ زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.< دېگەن ھەدىس بىلەن قىززىقتۇرغان. 4 - ئايال ھەيزدار ياكى نىفاس ۋاقتىدا ۋە پاكلىنىپ يۇيۇنىشتىن بۇرۇن ئايال بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتلىك بولۇش ھارام. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ھەيىز مەزگىلىدە ئاياللىرىڭلاردىن نېرى تۇرۇڭلار. )ھەيزدىن( پاك بولغىچە ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار.< (بەقەرە: 222)    5 - ئەرنىڭ ئايالىنىڭ ئالدىدىن باشقا يەرگە كېلىشى ھارام. بۇ توغرىلىق تەكىتلەش ئىنتايىن كۆپ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئايالغان ئارقىدىن كەلگەن ئادەمگە ئاللاھ قىيامەت كۈنى قارىمايدۇ.<    6 - ئايالىنىڭ ھېسسىياتى تامام بولۇشتىن بۇرۇن ئۆزىنى تارتماسلىق. چۈنكى بۇنىڭدا ئايالغا ئەزىيەت يېتىدۇ. مۇسۇلمانغا ئەزىيەت بېرىش ھارام. 7 - ئايالىنىڭ رۇخسىتىسىز قورساق كۆتۈرۈشتىن قورقۇپ ئەزلى قىلماسلىق ۋە قاتتىق زۆرۈرىيەت بولمىسا ئەزلى قىلماسلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەزلى توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن؛ >ئۇ يوشۇرۇن تىرىك كۆمۈۋېتىشتۇر.<(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. )  8 - ئەر غۇسلى قىلىشتىن بۇرۇن قايتا بىرگە بولماقچى بولسا ياكى ئۇخلىماقچى بولسا ياكى بىر نەرسە يېمەكچى بولسا كىچىك تاھارەت ئېلىشى مۇستەھەپ )ياخشى(. 9 - ئەر ئايالى ھەيىزدار ياكى نىفاسدار بولسا كىندىك بىلەن تىزىنىڭ ئارىلىقىدىن باشقا يەرنى قۇچاقلىسا بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >بىر يەردە بولۇشتىن باشقا ھەممە ئىشنى قىلىڭلار.< (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. )  11 - توغرا بولمىغان نىكاھلار.   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام توسقان توغرا بولمىغان نىكاھلار تۆۋەندىكىچە: 1 - ۋاقىتلىق نىكاھ: بۇ مەيلى ئۇزۇن ياكى قىسقا بولسۇن ۋاقىتلىق نىكاھ قىلىشتۇر. مەسىلەن، بىر ئەر بىر ئايالنى بىر ئاي ياكى بىر يىلدەك مۇئەييەن مۇددەت خوتۇن قىلىشقا ئوخشاش. بۇ توغرىدا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس بار: >پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەيبەردە تۇرغان ۋاقىتتا ۋاقىتلىق نىكاھ قىلىشتىن، ئائىلىدە باقىدىغان ئېشەكنىڭ گۆشىدىن توسقان.< بۇ نىكاھنىڭ ھۆكۈمى ئۇ نىكاھ كۈچكە ئىگە ئەمەس. قاچانلا بولسا بۇ نىكاھنى بۇزۇش ۋاجىپ، بۇ نىكاھتا ئەگەر ئەر - ئايال بىلەن بىر تۆشەكتە ياتقان بولسا، تويلۇق كۈچكە ئىگە. ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا كۈچكە ئىگە ئەمەس  2 - مەھرىسىز ئۆزئارا قىز ئالماشتۇرۇپ نىكاھىغا ئېلىش. بۇ ۋەلى ئۆزىنىڭ قىزىنى باشقا بىر ئادەمگە، بۇ ئادەممۇ قىزىنى تويلاپ بېرىش شەرتى بىلەن نىكاھلاپ بېرىشتۇر. مەيلى ئۇ ئىككىسى مەھرى دېيىشكەن بولسۇن ياكى دېيىشمىگەن بولسۇن. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئىسلامدا قىز ئالماشتۇرۇپ نىكاھىغا ئېلىش يوق.<(يوق.) ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: >پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىز ئالماشتۇرۇپ نىكاھىغا ئېلىشتىن توستى. بۇ بىر ئادەمنىڭ، قىزىڭنى ماڭا بەرگىن، مەن قىزىمنى ساڭا بېرىمەن. ياكى سەن قىز بىر تۇغقىنىڭنى ماڭا بەرگىن. مەنمۇ قىز بىر تۇغقىنىمنى ساڭا بېرىمەن. دېيىشىدۇر.< (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. )ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: >پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىز ئالماشتۇرۇپ نىكاھىغا ئېلىشتىن توستى. بۇ بىر ئادەم باشقا بىر ئادەمگە ئۇنىڭ قىزىنى ئېلىش بەدىلىگە قىزنى تويلاپ بېرىدۇ. ئۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا مەھرى بولمايدۇ.< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس )  بۇ نىكاھنىڭ ھۆكۈمى: ئەر ئايال بىلەن بىر تۆشەكتە يېتىشتىن بۇرۇن بۇزۇش كېرەك. ئەگەر يېتىپ بولغان بولسا مەھرىدىن باشقىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. ئايالغا بېرىلگەن مەھىر ئەمەلدىن قالدۇرۇلمايدۇ. 3 - ھالال قىلىش نىكاھى: بۇ ئايال ئۈچ تالاق قىلىنسا يولدىشىغا ھارام بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئەگەر )ئۇ( ئۇنى )يەنى خوتۇنىنى( ئۈچ قېتىم تالاق قىلسا )خوتۇن( باشقا ئەرگە تەگمىگىچە ئۇنىڭغا دۇرۇس بولمايدۇ.< (بەقەرە: 230)  ئۇ ئايالنى تۇنجى ئېرىگە ھالال قىلىپ بېرىش مەقسىتىدە يەنە بىرىگە تويلاپ قويىدۇ. مانا بۇ نىكاھ باتىلدۇر. ئىبنى مەسئۇد مۇنداق دېگەن: >رەسۇلۇللاھ ھالال قىلغۇچى ۋە ھالال قىلىنغۇچىغا لەنەت قىلدى.< (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. )  بۇ نىكاھنىڭ ھۆكۈمى، بۇنداق نىكاھ يەنى تەھلىل نىكاسى قەتئىي خاتا. ئۇ ئايال ئۈچ تالاق قىلغان ئادەمگە ھالال بولمايدۇ. ئەگەر بىر يەردە بولغان بولسا، مەھرى ئايالغا ھېساب بولىدۇ. ئاندىن كېيىن ئۇ ئىككىسى ئايرىۋېتىلىدۇ. 4 - ئېھران باغلىغۇچىنىڭ نىكاھى، بۇ بىر ئادەم ھەجگە ياكى ئۆمرىگە ئېھرام باغلاپ، ئېھرامدىن چىقىشتىن بۇرۇن توي قىلىشنى كۆرىسىتدۇ. بۇ نىكاھنىڭ ھۆكۈمى - باتىلدۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەگەر ئۇ ئايال بىلەن توي قىلماقچى بولسا، ھەج ياكى ئۆمرىنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن يېڭىدىن نىكاھ قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئېھرام باغلىغۇچى نىكاھقا ئالمايدۇ ۋە نىكاھمۇ قىلمايدۇ.< (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.) يەنى ئۇنىڭغا نىكاھ قىلىنمايدۇ. باشقىسى ئۈچۈنمۇ نىكاھ قىلىپ قويمايدۇ. بۇ يەردىكى توسۇش ھارام بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. 5 - ئىددەت ئىچىدە تۇرۇپ نىكاھلىنىش: ئۇ بىر ئادەم ئاجرىشىش سەۋەبىدىن ياكى ئېرى ئۆلۈپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن ئىددەت تۇتىۋالغان ئايال بىلەن توي قىلىشتۇر. بۇ نىكاھ باتىلدۇر. بۇنىڭ ھۆكۈمى - نىكاھ باتىل بولغانلىقى ئۈچۈن ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسى ئايرىۋېتىلىدۇ. ئەگەر ئەر ئايالغا ھېساب بولىدۇ. ئۇ ئادەمنىڭ ئايالىنىڭ ئىددىتى چىقىپ بولغاندىن كېيىن نىكاھىغا ئېلىشى ھارام. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇنى جازالاشتۇر. بۇ توغرۇلۇق ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئىددىتى توشمىغۇچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئېلىشقا بەل باغلىماڭلار.< (بەقەرە: 235)  6 - ۋەلسىز نىكاھ: ئۇ ئەرنىڭ ئايالنى ئاياىلنىڭ ۋەلىسىنىڭ رۇخسىتىسىز نىكاھىغا ئېلىشتۇر. بۇ نىكاھتا ۋەلىنىڭ بولىشىدىن ئىبارەت مۇھىم بىر ئاساس كەم بولغانلىقى ئۈچۈن باتىلدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ۋەلسىز نىكاھ نىكاھ بولمايدۇ.< (ئەسھابۇل سۇنەنى رىۋايەت قىلغان.) بۇنىڭ ھۆكۈمى - ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسى ئايرىۋېتىلىدۇ. ئەگەر بىر يەردە بولغان بولسا مەھرى ئايالغا ھېساب بولىدۇ. ئۇ ئادەم ئىشلىرى تۈگەپ بولغاندىن كېيىن. ھېلىقى ئايالنىڭ ۋەلىسى رازى بولسا، نىكاھ ۋە تويلۇق بىلەن ئۇ ئايالنى نىكاھىغا ئالسا بولىدۇ. 7 - ئەھلى كىتاب ئەمەس كاپىر ئايالنى نىكاھىغا ئېلىش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >مۈشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغۇچە، ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار.< (بەقەرە: 221) بۇ مەسىلىنىڭ ھۆكۈملىرى تۆۋەندىكىچە: 1 - كاپىر ئەر - ئايال ئىككىنچىسى بىرسى مۇسۇلمان بولسا ئىككىسىنىڭ نىكاھى بۇزۇلىدۇ. ئەگەر ئىككىسىنىڭ ئىددەت تۈگەشتىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولسا ئەسلىدىكى نىكاسى بويىچە بولىدۇ. ئەگەر ئىددەت تۈگەپ بولغاندىن كېيىن مۇسۇلمان بولسا، ئومۇمىي ئالىملارنىڭ كۆز قارىشى بويىچە يېڭىدىن نىكاھ مەجبۇرىيەتلىرى ئۆتەش لازىم. 2 - ئەگەر ئايال تۇرمۇش قۇرۇشتىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولسا ئۇنىڭغا مەھرىدىن ھېچنېمە تەگمەيدۇ. چۈنكى ئايرىلىش ئايالدىن بولىدۇ. ئەگەر ئەر كىشى مۇسۇلمان بولسا ئايالغا مەھرىنىڭ يېرىمى بېلىدۇ. ئەگەر ئايال تۇرمۇش قۇرۇپ بولغاندىن كېيىن مۇسۇلمان بولغان بولسا مەھرىنىڭ ھەممىسى ئايالغا بولىدۇ. ئەر - ئايال ئىككىسىنىڭ بىرىنىڭ مۇرتەد بولىشىنىڭ ھۆكمى ئىككىسىنىڭ بىرىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاش. 3 - مۇسۇلمان بولغان ئادەمنىڭ نىكاھىدا مۇسۇلمان بولغان ياكى مۇسۇلمان بولمىسىمۇ ئەھلى كىتاب بولغان تۆتتىن ئارتۇن خوتۇنى بولسا، ئۇلاردىن تۆتنى تاللاپ قالغىنىدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئون ئايالى بىر بولۇپ مۇسۇلمان بولغان ئادەمگە: >ئۇلاردىن تۆتنى تاللىغىن.< (ئەھمەد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. ) دېگەن. شۇنداقلا مۇسۇلمان بولغان ئادەمنىڭ نىكاھىدا ئاچا - سىڭىل بولسا ئىككىسىنىڭ خالىغان بىرىدىن ئايرىلىدۇ. چۈنكى ئاچا - سىڭىلنىڭ بىر كىشىنىڭ نىكاھىدا بولىشى توغرا ئەمەس. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئىككى ھەمشىرىنى بىرلا ۋاقىتتا ئەمرىڭلاردا ساقلىشىڭلار ھارام قىلىندى.< (نىسا: 23) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمان بولغان ۋە نىكاھىدا ئىككى ھەمشىرىنى نىكاھىدا ساقلىغان ئادەمگە مۇنداق دېگەن: >ئىككىسىدىن قايسىسىنى خالىساڭ تالاق قىلغىن.< (ئەھمەد رىۋايەت قىلغان. )  8 - ھارام قىلىنغان ئاياللارنى نىكاھىغا ئېلىش: ئا - مەڭگۈلۈك ھارام قىلىنغانلار: 1 - نەسەپ ئارقىلىق ھارام قىلىنغانلار: ئۇلار تۇغقان ئانا ۋە چوڭ ئانا ئاخىرغىچە يەنى تېخىمۇ چوڭ ئانا، قىزى ۋە قىزىنىڭ قىزى ئاخىرغىچە يەنى قىزىنىڭ قىزى، ئۇنىڭ …، ئوغۇلنىڭ قىزى ۋە شۇ قىزنىڭ قىزى ئاخىرغىچە، قىز بىر تۇغقىنى مۇتلەق ھارام. قىز ىبر تۇغقاننىڭ قىزى ۋە ئوغۇلنىڭ قىزلىرى ئاخىرغىچە، ھامماچ مۇتلەق ھارام، بۇمۇ ئاخىرغىچە، ئوغۇل بىر تۇغقاننىڭ قىزى مۇتلەق ھارام. ئوغۇل بىر تۇغقاننىڭ ئوغلىنىڭ قىزى ۋە قىزىنىڭ قىزى ئاخىرغىچە، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >سىلەرگە ئانىلىرىڭلارنى، قىزلىرىڭلارنى، ھەمشىرىڭلارنى، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرلىرىنى، ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرلىرىنى، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ قىزلىرىنى، ھەمشىرىڭلارنىڭ قىزلىرىنى نىكاھىڭلارغا ئېلىش ھارام قىلىندى.< (نىسا: 23)  2 - قۇدا باجىلىق سەۋەبلىك ھارام قىلىنغانلار: دادىسىنىڭ ئايالى، بوۋىسىنىڭ ئايالى ئاخىرغىچە، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئاتلىرىڭلار ئالغان ئاياللارنى ئالماڭلار.< (نىسا: 23) ئايالىنىڭ ئانىسى ۋە ئايالىنىڭ چوڭ ئانىسى ئاخىرغىچە، ئەگەر ئانا بىلەن بىر تۆشەككە كىرگەن بولسا شۇنىڭ قىزى، شۇنىڭدەك ئايالنىڭ قىزىنىڭ قىزى ياكى ئوغلىنىڭ قىزى. شۇنىڭدەك ئايالنىڭ قىزىنىڭ قىزى ياكى ئوغلىنىڭ قىزى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >قېيىنئاناڭلارنى، سىلەر بىر يەردە بولغان ئاياللىرىڭلارنىڭ )باشقا ئەردىن بولغان( ئۆيۈڭلاردا تەربىيلەنگەن قىزلىرىنى )بۇ شەرت ئەمەس. ئۆيدە تەربىيلەنمىگەن بولسىمۇ( ئېلىش ھارام قىلىندى.< (نىسا: 32) ئوغۇلنىڭ ئايالى ياكى ئوغۇلنىڭ ئوغلىنىڭ ئايالى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >يەنە ئۆز پۇشتۇڭلاردىن بولغان بالىلىرىڭلارنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىشىڭلار ھارام قىلىندى.<(نىسا: 23)  3 - ئىمىلداشلىق بىلەن ھارام قىلىنغانلار: بۇلار ئانىلار، قىزلار، ھەمشىرلەر، دادىسىنىڭ ھەمشىرلىرى، ئانىنىڭ ھەمشىرلىرى، بىر تۇغقاننىڭ قىزلىرى ۋە ھەمشىرىنىڭ قىزلىرىدىن ئىبارەت نەسەب بىلەن ھارام قىلىنغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >نەسەب ئارقىلىق ھارام بولغانلار ئىمىلداشلىق بىلەنمۇ ھارام بولىدۇ.< ھارام قىلىنغان ئىمىلداشلىق ئىككى ياشقا يەتمىگەنلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئىمىلداشلىق ئىمىلداش دەپ قارىلىۋاتقان بالىنىڭ قورسىقىغا سۈننەت رەسمىي يېتىپ بېرىشى بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >بىر ياكى ئىككى شوراش ھارام قىلمايدۇ.< (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. ) چۈنكى بىر قېتىم شوراش بىكارچى، بىر قېتىم شوراش بىلەن سۈت ئاز چىققانلىقى ئۈچۈن قورساققا سۈت كىرمەيدۇ. ]دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار[: ئىمىتكەن ئايالنىڭ يولدىشى ئەمگەن بالىنىڭ دادىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ كىشىنىڭ ئەمگەن ئايالنىڭ باشقىسىدىن بولغان بالىلىرى بولسۇن ئۇ بالىنىڭ قېرىندىشى بولسۇن. ئۇ بالىغا دادىسىنىڭ ئانىلىرى، ھەمشىرلىرى، ھاممىلىرى ئومۇمەن ھارام بولىدۇ. شۇنداقلا ئىمىتكەن ئايالنىڭ قايسى ئەردىن بولغان بالىلىرى بولسۇن ئۇ بالىنىڭ قېرىنداشلىرى بولسۇن. بۇ توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا مۇنداق دېگەن: >ئەبىل قەسىينىڭ قېرىندىشى ئەپلەھكە رۇخسەت قىلىڭ. ئۇ سىزنىڭ تاغىڭىز.< ئۇنىڭ ئايالى ئائىشەنى ئىمىتكەن ئىدى. ئەمگەن بالىنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە ھەمشىرلىرىگە ئەمگەن بالىغا ھارام قىلىنغان كىشىلەردىن ھېچكىم ھارام بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭغا ئوخشاش ئەممىەەن. شۇڭا قېرىندىشىنىڭ قېرىندىشىنى ئىمىتكەن ئانىنى ياكى ئۇنىڭ ئانىسىنى ياكى ئۇنىڭ قىزىنى نىكاھىغا ئېلىشى توغرا. شۇنىڭدەك ھەمشىرىسىمۇ قېرىندىشى ياكى ھەمشىرىسى ئەمگەن سۈت ئىگىسىگە ياكى ئۇنىڭ دادىسىغا ياكى ئوغلىغا نىكاھلانسا توغرا بولىدۇ. ئىمىلداشلىقى بولغان ئوغۇلنىڭ ئايالى ئۆز پۇشتىدىن بولغان ئوغلىنىڭ ئايالىغا ئوخشاش ھېسابلىنىپ ھارام بولالامدۇ؟  جۇمھۇر ئۆلىمالار ئۇ ئايالنى ئوغۇلنىڭ ئايالىغا ئوخشاش دەپ قارىدى. ئۇنداق قارىمىغانلار ئىمىلداشلىقتىن بولغان ئوغۇلنىڭ ئايالى قۇدا - باجىلىق سەۋەبىدىن ھارام قىلىنغانلىق. ئىمىلداشلىق پەقەت نەسەپ ھارام قىلغاننى ھارام قىلىدۇ، دېگەننى دەلىل كەلتۈردى. 4 - لەنەت قىلىشقانلار: ئەگەر لەنەت قىلىپ ئايرىلىپ كەتكەن ئايالى مەڭگۈ ھارامدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئىككى لەنەت قىلىشقۇچى ئايرىلىپ كەتسە مەڭگۈ بىر يەرگە كەلمەيدۇ.< (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان. )  ب - ۋاقىتلىق ھارام قىلىنغانلار:   1 - ئايالنىڭ ھەمشىرىسىنى، ھەمشىرە تالاق قىلىنىپ ئىددەت توشقىچە ياكى ئۆلۈپ كەتكۈچە نىكاھىغا ئېلىش ھارام. ئاللاھ ھارام قىلىنغانلارنى بايان قىلىۋېتىپ: >ئىككى ھەمشىرىنى بىرلا ۋاقىتتا نىكاھىڭلاردا ساقلىشىڭلار ھارام قىلىندى.< دېگەن. 2 - ئايالىنىڭ ھاممىسى، ئەر بىر تۇغقاننىڭ ياكى قىز بىر تۇغقاننىڭ قىزى تالاق قىلىنىپ ئىددىتى توشمىغىچە ياكى ۋاپات بولمىغىچە ھامما ئاچىنىڭ ئۆز جىيەنىنىڭ يولدىشى بىلەن توي قىلىشى ھارام. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: >ئايال كىشىنى ھامما ئاچىسى ئۈستىگە نىكاھلاپ ئېلىشتىن توستى.< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس.)  3 - ئېرى بار ئايال تالاق قىلىنغۇچە ياكى توي قىلىپ ئىددىتى توشقىچە، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئەرلىك ئاياللارنى ئېلىشمۇ سىلەرگە ھارام قىلىندى.<  4 - تالاق ياكى ئېرى ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن ئىددەت تۇتقان ئايال ئىددىتى توشمىغىچە بۇنىڭغا تەكلىپ قويۇشمۇ ھارام. بىراق ئەر كىشىنىڭ ئارزۇسىنى بىلدۈرۈشى چەكلەنمەيدۇ. مەسىلەن، >مەن ساڭا قىزىقىمەن.< دېگەندەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >لېكىن ئۇلار بىلەن يوشۇرۇن ۋەدىلىشىپ قويماڭلار. پەقەت )ئاشكارا ئېيتىلسا كىشى خىجىل بولمايدىغان( مۇۋاپىق سۆزنى قىلساڭلار بولىدۇ. ئىددىتى توشمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئېلىشقا بەل باغلىماڭلار.< (بەقەرە: 23)  6. زىنا قىلغۇچى ئايال زىنادىن تەۋبە قىلغۇچە ۋە تەۋبە قىلغانلىقى ئېنىق بىلىنىپ ئىددىتى توشقىچە. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >زىنا قىلغۇچى ئايال پەقەت زىنا قىلغۇچى ئەر ياكى مۈشرىككىلا تېگىدۇ. ئۇ )يەنى زىنا( مۆئمىنلەرگە ھارام قىلىندى.< (نۇر: 3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >دەردە قىلىندى.< (ئەھمەد ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان. )  2. تالاق  1 - ئۇنى تونۇشتۇرۇش: تالاق دېگىنىمىز، سەن تالاق دېگەندەك ياكى نىيەت بىلەن كىنايە قىلىپ، ئۆيۈڭگە كەت، دېگەندەك ئوچۇق سۆز بىلەن ئەر - ئاياللىق مۇناسىۋەتنىڭ ئۈزۈلىشىدۇر. 2 - ئۇنىڭ ھۆكمى: ئەر - ئايال ئىككىسىنىڭ بىرىدىن زىياننى كۆتۈرۈۋېتىش ئۈچۈن ئاجرىشىش توغرا. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >)قايتا يارىشىشقا بولىدىغان( تالاق ئىككى قېتىمدۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن )خوتۇننى( چىرايلىقچە تۇتۇش ياكى ياخشىلىق بىلەن )زۇلۇم قىلماي، يامان گېپىنى قىلماي، كىشىلەرنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرماي( قويىۋېتىش لازىم.< (بەقەرە: 229)؛ >ئى پەيغەمبەر! )ئۈممىتىڭگە ئېيتقىنكى( سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلساڭلار ئۇلارنىڭ ئىددىتىگە )لايىق پەيىتتە يەنى پاكلىق ھالىتىدە( تالاق قىلىڭلار.< (تالاق: 1)  ئەگەر ئەر - ئايال بىرسى ئۇچرىغان زىيان ئايرىلىپ كەتمىسە، يوقالمايدىغان بولسا ئاجرىشىش زۆرۈر. شۇنىڭدەك ئاجرىشىش ئەر - خوتۇن ئىككىسىنىڭ بىرىگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغان ۋە ياكى ئاجراشمىغانغا قارىغاندا ئاجرىشىش كۆپ پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغان بولسا ئاجرىشىش ھارام بولىدۇ. بىرىنچىسىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا ئايالىنىڭ ئېغىزىنىڭ يامانلىقىنى شىكايەت قىلىپ كەلگەن ئادەمگە قىلغان: >ئۇنى تالاق قىلىۋەت< (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان. ) دېگەن سۆزى پاكىت. ئىككىنچىسىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ >ئەھمىيەتسىز ئىشلار تۈپەيلى ئېرىدىن ئاجرىشىشىنى تەلەپ قىلىدىغان ئايالغا جەننەتنىڭ پۇرىقى ھارامدۇر.<(ئەسھابۇل سۈنەن رىۋايەت قىلغان. )  3. ئاجرىشىش ئاساسلىرى: 1 - بالاغەتكە يېتىپ شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئۈستىگە ئېلىشقا لايىق بولغان ئۆز ئېرىدىن باشقا ئادەمنىڭ تالاق قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >تالاق قىلىش پاچاقنى تۇتقان كىشىنىڭدۇر.< (ئىبنى ماججە، دارىقۇت رىۋايەت قىلغان. ) شۇنداقلا ئەقلىنى يوقاتقان، بالاغەتكە يەتمىگەن، مەجبۇرلانغان كىشىنىڭ تالاق سۆزى ھېساب ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >قەلەم ئۈچ تۈرلۈك كىشىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. ئۇخلىغان ئادەم ئويغانغۇچە، كىچىك بالا بالاغەتكە يەتكۈچە، ساراڭ ئەقلىگە كەلگۈچە.< (ئىلگىرى ئۆتكەن.)؛ >مېنىڭ ئۈممىتىمدىن سەۋەنلىك ئۇنتۇلۇپ قېلىش ۋە مەجبۇرلىنىش كۆتۈرۈۋېتىلدى.< (تىبرانى رىۋايەت قىلغان. )  2 - تالاق قىلىنىپ بولغان يەنى نىكاھىدا بولمىغان، ئىددەت تۇتىۋاتقان ياكى تېخى توي قىلمىغان ئايالنى تالاق قىلىش ھېساب ئەمەس. شۇڭا تالاق ئۈچۈن نىكاھىدا تۇرىۋاتقان ئايال بولىشى كېرەك. چۈنكى تالاق ئۆز ئورنىغا چۈشمىسە ئىناۋەتسىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئادەم بالىسىنىڭ كۈچ يەتمىگەن ئىشنى نەزىر قىلىشى، ئىگە بولمىغان نەرسىنى ئازاد قىلىشى، ئىگە بولمىغان ئىشتا تالاق قىلىشى يوق. (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. )<  3 - مەيلى ئوچۇق ياكى كىنايە بولسۇن تالاقنى بىلدۈرىدىغان سۆز قىلىش كېرەك. سۆزسىز نىيەت قىلىش تالاق قىلىشقا كۇپايەت قىلمايدۇ ۋە نىيەت بىلەن ئايال تالاق قىلىنمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئاللاھ مېنىڭ ئۈممىتىمدىن سۆزلىمىسە ياكى ئەمەلدە قىلمىسا كۆڭلىدە پەيدا بولغان ئىشلاردىن ئۆتىدۇ. (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس)<  4. تالاقنىڭ قىسىملىرى: 1 - توغرا بولغان تالاق: ئۇ ئايالىنى پاكلانغاندا، ئۇنىڭغا يېقىنلاشماستىن تالاق قىلىشتۇر. ئەگەر مۇسۇلمان كىشى ئايالىنى ئىككىسىنىڭ بىرىگە يەتكەن ئەزىيەت سەۋەبىدىن تالاق قىلماقچى بولسا ۋە ئەزىيەت تالاق قىلمىسا يوقالمايدىغان بولسا ئايالىنى ھەيز كۆرۈپ پاكلانغىچە كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئەگەر پاكلانسا ئۇنىڭغا يېقىنلاشماستىن بىر تالاق قىلىدۇ. مەسىلەن: سىز تالاق بولدىڭىز، دېگەندەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئى پەيغەمبەر! )ئۈممىتىڭگە ئېيتقىنكى( سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلساڭلار ئۇلارنىڭ ئىددىگە )لايىق يەنى پاكلىق ھالىتىدە( تالاق قىلىڭلار. (تالاق: 1)<  2 - بىدئەت تالاق. ئۇ بىر ئادەمنىڭ ئايالىنى ھەيزدار ياكى نىفاسدار ياكى پاك بولسىمۇ مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن تۇرۇپ تالاق قىلىشى ياكى بىر سۆزدە ئۈچ تالاق ياكى بىر قېتىمدا ئۈچ قېتىم تالاق قىلىشى بولۇپ، مەسىلەن: ئۇ تالاق، تالاق، تالاق، دېگەنگە ئوخشاش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر ئايالىنى ھەيزدار ۋاقتىدا تالاق قىلغاندا ئايالىنى قايتۇرۇپ ئەكېلىپ پاك بولغىچە يەنى ھەيزدار بولۇپ پاكلانغۇچە كۈتۈپ تۇرىدۇ، ئۇندىن كېيىن خالىسا ئېلىپ قېلىپ، خالىمىسا بىر يەردە بولۇشتىن بۇرۇن تالاق قىلىشقا بۇيرىغان. ئاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: >ئاشۇ ئاللاھ ئاياللار شۇ بويىچە تالاق قىلىنىشى لازىم قىلغان ئىددەت (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. )<دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر ئادەمنىڭ ئايالىنى بىر قېتىمدا ئۈچ تالاق قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغاندا: >مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا تۇرسام ئۇ ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ئوينىشامدىكەن؟ (نەسەئى رىۋايەت قىلغان. )<دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قاتتىق غەزەبلەنگەنلىكى ئاشكارە بولغان. بىدئەت تالاق توغرا تالاققا ئوخشاشلا ھېساب بولىدۇ. ئەر - ئاياللىق مۇناسىۋەت بۇزىلىدۇ. 3 - تالاقى بائىن: ئۇ تالاق قىلغۇچى ئايالنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ئىگە بولالمايدىغان تالاق بولۇپ، تالاق قىلىپ بولغاندىن كېيىن تالاق قىلغۇچى باشقا تەلەپ قويغۇچىلارغا ئوخشاش بولىدۇ. تالاق قىلىنغان خوتۇن خالىسا ئۇنى مەھرى ۋە نىكاھ بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. خالىسا ئۇنى رەت قىلىدۇ. تۆۋەندىكى بەش خىل ھالەتتە تالاق تالاقى بائىن بولىدۇ. 1( ئايالنى تالاقى رەجئى قىلىپ ئاندىن ئۇنى تاشلاپ قويۇپ ئايالنىڭ ئىددىتى تۈگەپ بولغىچە ئېلىپ كەتمىسە، ئىددەت تۈگىشى بىلەنلا تالاقى بائىن بولۇپ كېتىدۇ. 2( ئايال ئەرگە مال بېرىپ ئاجرىشىش. 3( ئىككى ئادىل كىشى ئەر - ئاياللىق مۇناسىۋەتنىڭ داۋام قىلغىنىدىن ئاجرىشىپ كېتىش ياخشى، دەپ قاراپ ئايرىۋېتىش. 4( توينى قىلىپ ئايال بىلەن بىر يەردە بولۇشتىن بۇرۇن تالاق قىلىش. چۈنكى بىر يەردە بولۇشتىن بۇرۇن تالاق قىلىنغان ئايالغا ئىددەت كەتمەيدۇ. 5( ئەر ئايالنى بىر قېتىمدىلا ياكى بىر قانچە سورۇندا ئۈچ تالاق قىلىش ياكى ئىككى قېتىمدىن كېيىن ئۈچىنچى تالاقنى قىلىش بىلەن رەسمىي تالاق بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن چوڭ تالاقى بائىن بارلىققا كېلىپ ئايال باشقا ئەرگە تەگمىگۈچە ئۇ ئەرگە ھالال بولمايدۇ. 4 - تالاقى رەجئى: ئۇ گەرچە ئايالى نارازى بولسىمۇ ئايالىنى قايتۇرۇپ ئەكېلىش ھوقۇقى بولىدىغان تالاقتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئەگەر ئەپلىشىپ قېلىشنى خالىسا شۇ مۇددەت ئىچىدە ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىشكە )باشقىلارغا قارىغاندا( ئەڭ ھەقلىقتۇر. (بەقەرە 228)< پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر ئايالىنى تالاق قىلىپ بولغاندىن كېيىن: >ئۇنى قايتۇرۇپ كەل. (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.)< دېگەن. تالاقى رەجئى دېگىنىمىز: تالاقى بائىن ھېسابلانمايدىغان تالاقلار بولۇپ، تالاقى رەجئى بىلەن تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ھۆكمى ئىددىتى تۈگەپ بولغىچە ئورۇن، تۇرالغۇ ۋە ئۇ ئىككىسىدىن باشقا ئىشلاردا نىكاھتىكى ئايالنىڭ ھۆكمىگە ئوخشايدۇ. ئەگەر ئىددەت تۈگىسە ئېرىدىن تالاقى بائىن بولىدۇ. ئەگەر ئېرى قايتۇرۇپ كەتمەكچى بولسا، ئايالىغا: مەن سېنى قايتۇرۇپ كېتىمەن، دېسىلا بولىدۇ. قايتۇرۇپ كېتىشكە ئادىل ئىككى كىشىنى گۇۋاھچى قىلىشى سۈننەت. 5 - ئوچۇق تالاق: ئۇ تالاق قىلغۇچى نىيەتكە موھتاج بولمايدىغان بەلكى ئوچۇق تالاق سۆزى كۇپايەت قىلىدىغان تالاقتۇر. مەسىلەن: سەن تالاق بولدۇڭ، تالاق قىلىندىڭ ياكى تالاق قىلدىم، دېگەندەك ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئوچۇق سۆزلەر. 6 - كىنايىلىك تالاق: ئۇ تالاق قىلغۇچى نىيەت قىلمىسا بولمايدىغان تالاقتۇر. چۈنكى تالاقنى بىلدۈرىدىغان سۆز ئوچۇق ئەمەس. مەسىلەن: ئۆيۈڭگە كەت، ئۆيدىن چىق ياكى ماڭا گەپ قىلما، دېگەندەك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تالاق ۋە تالاق مەنىسى تىلغا ئېلىنمىغان سۆزلەر. بۇنداق ئىشلاردا تالاق نىيەت قىلىنمىسا تالاق بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرىنىڭ بىرىنى: >ئۆيىڭىزگە كېتىڭ. (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس )< دەپ تالاق قىلغان. ئېنىقكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزى بىلەن بىرگە تالاقنى نىيەت قىلغان. لېكىن كەئىبى ئىبنى مالىكقا: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سېنى ئايالىڭدىن ئايرىلىپ تۇرىشىڭنى بۇيرىدى، دېيىلگەندە، تالاق قىلامدىم؟ ياكى نېمە قىلىمەن، دېگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: >ئايرىلىپ تۇر، يېقىنلاشما< دېگەن. كەئىبى ئىبنى مالىك ئايالىغا: ئۆيىڭىزگە بېرىڭ، دېگەن. ئۇ ئۆيىگە بېرىپ تۇرغان. ۋاھالەنكى بۇ كەئىبىگە تالاق ھېسابلانمىغان. بۇ يوشۇرۇن كىنايە، ئەمما ئوچۇق كىنايە مۇنداق. مەسىلەن: سەن ئەركىن ياكى ئەرگە تەگسەڭ بولىدۇ، دېيىش بولۇپ، بۇ كىنايە نىيەتكە موھتاج بولمايدۇ. بەلكى سۆزنى دېيىش بىلەنلا تالاق ھېساب بولىدۇ. (ئوچۇق كىنايە بىلەن تالاق قىلىش تالاقى رەجئى بولامدۇ ياكى بائىن بولامدۇ، ئىختىلاپ بار.)  7 - تالاقى مۇنجىز ۋە تالاقى مۇئەللەق: تالاق مۇنجىز دېگىنىمىز: ئايال كىشى شۇ ۋاقىتتىلا تالاق بولىدىغان تالاقتۇر. مەسىلەن: سەن تالاق، دەيدۇ. شۇ ۋاقىتتا تالاق قىلىنىپ كېتىدۇ. ئەمما تالاقى مۇئەللەق: ئۇ بىر ئىشنى قىلىشقا ياكى قىلماسلىققا باغلاپ قويۇلغان تالاق بولۇپ، باغلاپ قويۇلغان ئىش يۈز بەرسە تالاق بولىدۇ. مەسىلەن: ئەگەر ئۆيدىن چىقساڭ تالاق ياكى قىز تۇغساڭ تالاق، دېگەندەك. شۇنىڭ بىلەن ئايال ئۆيدىن چىقسا ياكى قىز تۇغسا تالاق بولىدۇ. 8 - تالاقى تەخيىر ۋە تالاقى تەملىك: ئۇ ئەر - ئايالىغا مەن بىلەن ئايرىلىپ كېتىش ياكى قېلىپ قېلىشنى ئۆزەڭ تاللا ياكى ئىختىيارىڭ، دېيىش. ئەگەر ئايال ئايرىلىشنى تاللىسا تالاق بولۇپ كېتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرىغا ئىختىيار بەرگەن. ئۇلار ئايرىلماسلىقنى تاللىغان. شۇنىڭ بىلەن تالاق بولمىغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئى پەيغەمبەر! )ئارتۇق خىراجەت سوراپ سېنى رەنجىتكەن( ئاياللىرىڭغا ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر دۇنيا تىرىكچىلىكىنى )يەنى پاراۋان تۇرمۇشنى( ۋە دۇنيانىڭ زىبۇ - زىننەتلىرىنى كۆزلىسەڭلار كېلىڭلار، ئازراق بىر نەرسە بېرەيلى سىلەرنى چىرايلىقچە قويۇپ بېرەي، ئەگەر سىلەر ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى، ئاخىرەت يۇرتىنى ئىختىيار قىلساڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىچىڭلاردىكى ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا چوڭ ساۋابنى )يەنى كۆز كۆرمىگەن، قۇلاق ئاڭلىمىغان ۋە ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كەلمىگەن نازۇ - نېئمەتلەر بار جەننەتنى( تەييار قىلدى. (ئەھزاب: 28 - 29 )< ئەمما تالاقى تەملىك دېگىنىمىز: ئىشىڭغا ئۆزەڭنى ئىگە قىلىپ قويدۇم، ئۆز ئىشىڭ ئۆز قولۇڭدا، دېيىش بولۇپ ئايالغا مۇشۇنى دەپ ئايال: ئۇنداقتا مەن ئاجرىشىمەن، دېسە بىر قېتىم تالاقى رەجئى قىلىنغان بولىدۇ. 9 - ۋەكىل بىلەن ياكى خەت يېزىپ تالاق قىلىش: ئەگەر بىر ئەر كىشى يەنە بىر كىشىنى خوتۇنىنى تالاق قىلىشقا ۋەكىل قىلسا ياكى ئۇنىڭغا تالاق قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ خەت يېزىپ ئايالغا ئەۋەتىپ بەرسە ئايال تالاق بولىدۇ، بۇ توغرىسىدا ئالىملار ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ يوق، چۈنكى ۋاكالەتەن دېگەن ھوقۇق جەھەتتە توغرا ئىش. ئەگەر گاچا ياكى يىراقتا كۆرۈشۈش تەس كەلگەندە خەتمۇ سۆزلەشنىڭ ئونىدا تۇرىدۇ. 10 - ھارام قىلىپ تالاق قىلىش: ئۇ بىر ئادەمنىڭ ئايالىغا سەن ماڭا ھارام دېيىشى بولۇپ، ئەگەر مۇشۇنىڭ بىلەن تالاقنى نىيەت قىلغان بولسا تالاق بولىدۇ. ئەگەر زىھارنى قىلغان بولسا زىھار بولۇپ بۇنىڭغا زىھار قىلىشنىڭ كاپارىتى كېلىدۇ. ئەگەر تالاقنىمۇ، زىھارنىمۇ نىيەت قىلماي قەسەم قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسا مەسىلەن: ئەگەر بۇ ئىشنى قىلساڭ سەم ھارام، دېسە ئۇ ئايال ئۇ ئىشنى قىلسا، بۇنىڭغا باشقىسى ئەمەس قەسەمنىڭ كاپارىتى كېلىدۇ< ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: >ئەگەر ئەر ئۆز ئايالىنى ھارام قىلسا ئۇ قەسەم بولۇپ، ئۇنىڭغا قەسەم كاپارىتى كېلىدۇ. ئاندىن كېيىن مۇنداق دېگەن: >چوقۇم سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدە ئۈلگە بار. (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس )<  11 - ھارام تالاق: ئۇ بىر ئادەمنىڭ ئايالىنى بىر قېتىمدا ياكى بىر ئورۇندا ئۈچ سۆزدە ئۈچ تالاق قىلىشتۇر. مەسىلەن: )سەن ئۈچ تالاق( دېگەندەك ياكى سەن تالاق، تالاق، تالاق دېگەندەك بۇ تالاق ئومۇمىي كۆز قاراش بىلەن ھارام قىلىنغاندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر ئادەمنىڭ ئايالنى بىراقلا ئۈچ تالاق قىلغانلىقى خەۋىرى يېتىۋېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاچچىغىدا ئورنىدىن تۇرۇپ: >مەن ئاراڭلاردا بار تۇرۇپ ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ئوينىشامدىكەن؟< دېدى. بىر ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ: ئى رەسۇلۇللاھ ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتەيمۇ؟ (نەسەئى، ئىبنى كەسىر) دېگەن. جەمھور ئۆلىمالارنىڭ كۆز قارىشىدا بۇ تالاقنىڭ ھۆكمى: تۆت ئىمام )ئەبۇ ھەنىفە، ئىمام شاپىئى، ئىمام ئەھمەد، ئىمام مالىك( ۋە ئۇلاردىن باشقىلار، ئۇ ئۈچكە ماڭىدۇ، تالاق قىلىنغان ئايال باشقا ئەرگە تەگمىگۈچە ئۇ ئادەمنىڭ ھالال بولمايدۇ. ئەمما جەمھۇر ئۆلىمالاردىن باشقا ئۆلىمالار بىر قېتىملىق تالاقى بائىن ياكى تالاقى رەجئى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ توغرىدا ئۆزئارا ئىختىلاپ بار. دەلىل ھەرخىل بولغانلىقى ئۈچۈن ۋە ھەربىر پاكىتنى ئۆز ئالدىغا چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن ئالىملارنىڭ كۆز قارىشى ھەرخىل. ئالىملارنىڭ بۇ توغرىسىدىكى ئىختىلابىغا ئاساسەن - ئاللاھ تائالا ئەڭ ئالىمدۇر. بارلىق دەلىللەرنى يىغىپ ۋە ئۈممەتكە كۆيۈنۈپ تالاق قىلغۇچىنىڭ ئەھۋالىغا قاراش ياخشى. ئەگەر تالاق قىلغۇچى ئۈچ قېتىم سەن تالاق دېگەن سۆزىدە پەقەت ئايالىنى قۇتقۇزۇشنى مەقسەت  قىلغان بولسا مەسىلەن: بىر ئىشقا باغلاپ قويۇپ: ئەگەر مۇشۇ ئىشنى قىلساڭ سەن تالاق، دەپ ئۇ ئايال ئۇ ئىشنى قىلغاندەك ياكى قاتتىق ئاچچىقلانغان ھالىتىدە بولسا ياكى تالاقنى مەقسەت قىلماي مۇشۇ سۆزنى قىلغان بولسا ئۇنىڭغا بىر قېتىملىق تالاق بائىننىڭ ھۆكۈمى بولىدۇ. ئەگەر ئۇ، سەن ئۈچ تالاق دېگەن سۆزىدىن ھەقىقەتەن ئايرىلىپ كېتىشنى ياكى تالاقى بائىن قىلىشنى، ھەتتاكى ھەر قاندا ئەھۋالدا قايتىپ كەلمەسلىكنى مەقسەت قىلغان بولسا ئۇنىڭغا ئۈچ تالاقنىڭ ھۆكمى بولىدۇ. ئۇ ئايال باشقا ئەرگە تەگمىگۈچە ئۇ ئەرگە ھالال بولمايدۇ. 】دىققەت قىلىدىغان ئىككى ئىش【  ئالىملار ئۈچ تالاق قىلىنغان ئايال توغرا ھالدا ئۆز يولدىشىدىن باشقا ئەرگە تېگىپ ھەر ئىككىلىسى تۇرمۇشنىڭ تەمىنى تېتىپ ئايال يېڭى تەككەن ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن ئاۋۋالقى ئېرى بىلەن توي قىلسا، بۇرۇنقى ئۈچ تالاق يوقۇلۇپ بۇ يېڭى توي بولىدۇ. دېگەنگە ئورتاق قوشۇلدى. ئەمما بىر ئەردىن بىر ياكى ئىككى قېتىم ئاجرىشىپ بولۇپ باشقا ئەر بىلەن توي قىلغان، كېيىن ئۇنىڭدىنمۇ ئاجرىشىپ كونا ئېرى بىلەن قايتا توي قىلغان بولسا بۇرۇنقى ئاجرىشىشلار يوق بولامدۇ ياكى ھېساب بولامدۇ؟ دېگەندە ئىختىلاپ بار. مالىك بۇرۇنقى تالاقمۇ ھېسابلىنىدۇ. باشقا ئەر بىلەن توي قىلىش بۇرۇنقى ئېرىنىڭ بىر ياكى ئىككى تالىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋەتمەيدۇ، دەپ قارىدى. ئىبنى ئابباس ۋە ئىبنى ئۆمەر قاتارلىقلار باشقا ئەر بىلەن توي قىلىش ئۈچ تالاقنى يوق قىلغان يەردە بىر ياكى ئىككى تالاقنى ئەلۋەتتە يوق قىلىدۇ، دېدى. ساھابە، تابئىن ۋە ئىماملاردىن ئىبارەت جەمھۇر ئۆلىمالار قۇلنىڭ ئايالىنى ئىككى قېتىم تالاق قىلىدىغانلىقى، ئەگەر ئىككى قېتىم تالاق قىلسا تالاقى باش بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئايال ئۇ ئەرگە ھالال بولمايدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلدى. ئۈچىنچى: ۋاز كېچىش  1 - ئۇنى تونۇشتۇرۇش: ۋاز كېچىش دېگىنىمىز: ئايالنىڭ ئۆزى يامان كۆرگەن ئەرنىڭ ئۆزىدىن يىراق بولۇشى ئۈچۈن مال بېرىشتۇر. 2 - ئۇنىڭ ھۆكمى: ۋاز كېچىش شەرتلىرى توشسا توغرا ئىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سابىت ئىبنى قەيسنىڭ ئايالى ئېرى توغرۇلۇق سۆزلەپ: >ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مەن ئۇنىڭغا دىن، ئەخلاق جەھەتتە ئەيىب تارتمايمەن. لېكىن مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن كاپىر بولۇپ كېتىشىدىن قورقىمەن، - دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: >باغچىسىنى قايتۇرۇپ بېرەمسىز، دېۋىدى. ئايال: ھەئە، - دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ يولدىشىغا )يەنى سابىت ئىبنى قەيسقا(: >باغچىنى قوبۇل قىلىپ ئۇنى بىر قېتىم تالاق قىل (بۇخارى رىۋايەت قىلغان.)< دېدى. 3 - ئۇنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە: 1( يامان كۆرۈش ئايالىدىن بولۇش. ئەگەر يامان كۆرگۈچى ئۆلۈپ قالسا ئۇنىڭ ئايالىدىن تۆلەم ئېلىش ھوقۇقى يوق. ئۇ ئايالىغا سەبرى قىلىشى ياكى يامان ئەھۋالدىن قورقسا تالاق قىلىشى كېرەك. 2( ئايال ئۆزى ياكى يولدىشىنىڭ ھەققى توغرىسىدا ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلالماسلىقىدىن قورقۇپ يامانلىققا بېرىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلماسلىقى كېرەك. 3( ئەر كىشى ئايالىنى ۋاز كەچتۈرۈش ئۈچۈن ئايالىغا ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىكى لازىم. ئەگەر شۇنداق قىلسا، ئايالىدىن بىر نەرسە ئېلىشى مەڭگۈ ھالال بولمايدۇ. ئۇ ئاسىي بولىدۇ. ۋاز كېچىپ ئاجرىشىش تالاقى بائىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئەر ئايالىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى مەقسەت قىلسا يېڭى نىكاھتىن كېيىن ئاندىن ھالال بولىدۇ. 4 - ئۇنىڭ ئەھكاملىرى: 1( ئەر كىشى ئايالغا بەرگەن مەھرىدىن جىق ئالماسلىقى ياخشى. چۈنكى قەيس ئايالىغا تويلۇق قىلىپ بەرگەن باغ بىلەن كۇپايىلەندى. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرىقى بىلەن بولغان.    2( ئەگەر ۋاز كېچىش ۋاز كېچىش لەبزى بىلەن بولسا پاكلانغۇچىغا ئوخشاش بىر ھەيىز مىقدارى ئىددەت تۇتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سابىتنىڭ ئايالىنى بىر ھەيىز ئىددەت تۇتۇشقا بۇيرىغان. ئەگەر تالاق لەبزى بىلەن بولسا، جەمھۇر ئالىملار ئۈچ ھەيز مەزگىلى ئىددەت تۇتۇشقا بىرلىككە كەلدى. 3( ۋاز كېچىپ ئاجراشقۇچى ئىددەت مەزگىلىدە ئايالىنى قايتۇرۇپ كېلەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ تالاقى بائىن ھېسابلىنىدۇ. 4( دادا كىچىك قىز ئەقلى جايىدا ئىشلىمىگەنلىكى ئۈچۈن زىيانغا ئۇچرىغا بولسا ۋەكىل بولۇش دادا ۋاكالەتەن ۋاز كېچىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرسە بولىدۇ. تۆتىنچى: قەسەم قىلىش: 1 - ئۇنى تونۇشتۇرۇش: ئەرنىڭ ئايالى بىلەن تۆت ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت بىر يەردە بولالمايدىغانلىقىغا ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىشتۇر. 2 - ئۇنىڭ ھۆكمى: ئەگەر تۆت ئايدىن ئاز بولسا ئايالىنى تەربىيىلەش ئۈچۈن بولسا قەسەم قىلىش توغرا. ئاللاھ تائالام مۇنداق دېگەن: >ئاياللىرىغا يېقىنچىلىق قىلماسلىققا قەسەم ئىچكەن ئەرلەر تۆت ئاي كۈتىدۇ. ئەگەر ئۇلار )بۇ مۇددەت ئىچىدە ئاياللىرىغا يېقىنچىلىق قىلىشقا( قايتسا )ئاياللىرىغا يامانلىق قىلغان گۇناھىنى( ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ ناھايىتى مېھرىباندۇر.< (بەقەر: 227.)  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرىدىن تولۇق بىر ئاي بىر يەردە بولماسلىققا قەسەم قىلغان. بۇ ئايالنى تەربىيىلەش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئايالىغا ئازار بېرىش ئۈچۈن بولسا بۇ ھارام بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >زىيان تارتىش ۋە زىيان تارتقۇزۇش يوق.< (ئەھمەد، ئىبنى ماججە رىۋايەت قىلغان. )  3 - ئۇنىڭ ئەھكاملىرى: 1( قەسەم قىلغان ۋاقىت يەنى تۆت ئاي ئۆتۈپ ئەر بىر يەردە بولمىسا ئايالى ھاكىمنىڭ قېشىغا بېرىپ ئەرنىڭ قايتىشىنى ياكى تالاق قىلىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئەگەر ئۇلار )بۇ مۇددەت ئىچىدە ئاياللىرىغا يېقىنچىلىق قىلىشقا( قايتسا )ئاياللىرىغا يامانلىق قىلغان گۇناھىنى( ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ ناھايىتى مېھرىباندۇر. ئەگەر ئۇلار تالاق قىلىش نىيتىگە كەلسە ئاللاھ ھەقىقەتەن )ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى( ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر. نىيەتلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. (بەقەر: 272)<  2( ئەگەر قەسەم قىلغۇچى توختىۋېلىپ تالاق قىلمىسا ئايالغا كېلىدىغان زىياننى يوقىتىش ئۈچۈن ھاكىم ئۇنىڭ ئورنىدا تالاق قىلىدۇ. 3( ئەگەر قەسەم قىلغۇچى توختىۋېلىپ تالاق قىلسا بۇ ئۇنىڭ تالاق قىلغىنى ھېسابلىنىپ ئەگەر بىر تالاق بولسا تالاقى رەجئى بولىدۇ. ئەگەر ئايال ئۇنىمىسا تالاقى بائىن بولىدۇ. ئۇ ئادەم ئايالنى يېڭىدىن نىكاھ قىلىپ ئاندىن ئېلىپ كېتەلەيدۇ. 4( قەسەم بىلەن تالاق قىلىنغان ئايال تالاقنىڭ ئىددىتىنى تۇتىدۇ، ئۇنىڭغا بىر ھەيز بىلەن پاكلىنىش كۇپايە قىلمايدۇ. چۈنكى ئىددەت بالاياتقۇنى پاكلاش ئۈچۈنلا ئەمەس. 5( ئەگەر ئەر تۆت ئاي مۇددەت قەسەم قىلماستىن قەسەم قىلغان ئادەمگە ئوخشاش ئايالى بىلەن بىرگە بولمىسا ئايالنىڭ تەلىپى بويىچە بىر يەردە بولىدۇ ياكى ئاجرىشىدۇ. 6( ئەگەر قەسەم قىلغۇچى بىر يەردە بولماسلىقنى قەسەم قىلغان مۇددەت توشۇشتىن بۇرۇن )ئايالى بىلەن بىر يەرددە بولۇشقا( قايتسا قەسىمىنىڭ كاپارىتىنى بېرىش ۋاجىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئەگەر سەن قەسەم قىلغان بولساڭ باشقىسىنى )قەسەمنى بۇزۇشنى( ئۇنىڭدىن )قەسەمدىن( ياخشى دەپ قارىساڭ ياخشىنى قىل. )قەسەمنى بۇز( قەسەمگە كاپارەت بەر. (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس.)<  بەشىنچى: زىھار  1 - ئۇنى تونۇشتۇرۇش: زىھار دېگىنىمىز، ئەر ئايالىغا سەن ماڭا ئانامنىڭ ئۇچىسىغا ئوخشاش، دېيىشىدۇر. 2 - ئۇنىڭ ھۆكمى: ئاللاھ تائالا زىھارنى خاتا ۋە يالغان سۆز دەپ ئاتىغانلىقى ئۈچۈن زىھار قىلىش ھارام بولىدۇ. ئاللاھ تائالا زىھار قىلغۇچىلار توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: >ھالبۇكى ئۇلار )يەنى زىھار قىلغۇچىلار( ئەلۋەتتە يامان سۆزنى ۋە يالغان سۆزنى قىلىدۇ. (مۇجادەلە:2)<  3 - ئۇنىڭ ئەھكاملىرى: 1( بارلىق ئالىملار زىھار قىلىشنىڭ >ئانا< سۆزىگىلا ئەمەس بەلكى، ئۇ ئايالىنى ئۆزىگە مەڭگۈ ھارام قىلىنغان قىزى، چوڭ ئانىسى، ھامما ئاچىلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئوخشۇتۇش بىلەن بولىدۇ. چۈنكى ھەممىسى مەڭگۈ ھارام بولۇشتا ئانىغا ئوخشايدۇ دەپ قارايدۇ. 2( زىھار قىلغۇچى ئەگەر زىھار قىلىنغان ئايالغا قايتماقچى بولسا )يەنى بىر يەردە بولماقچى بولسا( كاپارەت بېرىشى ۋاجىپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >زىھار قىلىپ ئاندىن قىلغان سۆزىگە پۇشايمان قىلغان )ئەر - ئايال ئىككىلىسى( يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى بىر قۇلنى ئازاد قىلىشى لازىم. (مۇجادەلە:3)<  3( يۇقىرىدىكى ئايەتلەر بولغانلىقى ئۈچۈن زىھار قىلغۇچى كاپارەتنى ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى بارلىق ئىشلاردىن بۇرۇن ئىجرا قىلىش كېرەك. 4( ئەگەر ئايالغا كاپارەت بېرىشتىن بۇرۇن يېقىنچىلىق قىلسا گۇناھ قىلغان بولدى، ئۇ ئاللاھقا پۇشايمان قىلىپ، مەغپىرەت تەلەپ قىلىپ تۆۋبە قىلىشى، كاپارەتنى ئىجرا قىلىشى لازىم. ئۇنداق قىلسا ئۇنىڭغا ھېچ ئىش كەلمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، مەن ئايالىمنى زىھار قىلىپ كاپارەت تۆلەشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن بىر يەردە بولۇپ قالدىم، دېگەن ئادەمگە: >نېمە دەپ شۇنداق قىلدىڭ؟ ئاللاھ ساڭا رەھمەت قىلسۇن. سەن ئاللاھ سېنى بۇيرىغان ئىشنى قىلىپ بولمىغىچە ئۇنىڭغا يېقىنلاشما (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.)< دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا كاپارەتتىن باشقا ھېچنېمىنى بايان قىلمىغان. 5( كاپارەت دېگىنىمىز، ئۈچنىڭ بىرىنى قىلىش، يەنى مۆئمىن قۇل ئازاد قىلىش ياكى ئارقىمۇ - ئارقا ئىككى ئاي روزا تۇتۇش ياكى ئاتمىش مىسكىنگە تاماق بېرىش. پەقەت ئاۋۋالقىسىغا قۇدىرىتى يەتمىگەندە كېيىنكىسىنى قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: )ئەر - ئايال ئىككىلىسى( يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى بىر قۇلنى ئازاد قىلىشى لازىم. بۇنىڭ بىلەن سىلەرگە ۋەز - نەسىھەت قىلىنىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر. )ئازاد قىلىشقا( قولى يوق ئادەم ئايالى بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇدا ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى لازىم. )قېرىلىق ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن روزا تۇتۇشقا( قادىر بولالمىغان ئادەم ئاتمىش مىسكىنگە )بىر ۋاخ( تاماق بېرىشى لازىم.< (مۇجادەلە: 4)  6. روزىنى ئايغا قاراپ ئىككى ئاي ياكى سان بويىچە ئاتمىش كۈن ئۇلاشتۇرۇپ تۇتۇش ۋاجىپ. كېسەللىك سەۋەبسىز روزىنىڭ ئارىلىقىنى ئۈزۈپ قويسا، تۇتقان روزىسى بىكارچى بولۇپ روزىنى قايتا يېڭىۋاشتىن تۇتىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئۇدا ئىككى ئاي روزا تۇتىشى لازىم.<  ئالتىنچى: لەنەت قىلىش  1. ئۇنى تونۇشتۇرۇش: لەنەت قىلىش بىر ئەرنىڭ ئۆز ئايالىنى زىنا قىلدى، دەپ ياكى ئايالىنىڭ قورسىقىدىكى بالىنى ئۆزىدىن بولغانلىقى ئىنكار قىلىپ ئايالىغا گۇناھ ئارتىپ ھاكىمنىڭ قېشىغا بارىدۇ. ھاكىم ئەردىن پاكىت تەلەپ قىلىدۇ. يەنى زىنا قىلغانلىقىنى كۆرگەنلىكىگە تۆت گۇۋاھچى تەلەپ قىلىدۇ، ئەگەر پاكىت تولۇق بولمىسا ھاكىم ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا لەنەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەر ئاللاھ بىلەن گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، مەن ئۇنىڭ زىنا قىلغانلىقىنى كۆردۈم. ياكى بۇ ھامىلە مەندىن بولمىغان، دەپ تۆت قېتىم گۇۋاھلىق بېرىدۇ، ھاكىم، ئەگەر يالغانچى بولسا ئاللاھنىڭ لەنىتى ئۇنىڭغا بولسۇن، دەيدۇ. ئاندىن كېيىن ئايال زىنا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ ئۇنىڭغا ھەد ياكى جازا يۈرگۈزىلىدۇ. ئەگەر ئېتىراپ قىلمىسا ئۇنى، ئاللاھ بىلەن گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئۇ مېنىڭ زىنا قىلغانلىقىمنى كۆرمىدى ياكى بۇ بالا شۇنىڭدىن بولغان، دەپ تۆت قېتىم گۇۋاھلىق بېرىدۇ ۋە ئەگەر ئۇ راست سۆزلىگۈچىلەردىن بولسا ئاللاھنىڭ غەزىۋى ئايالغا بولسۇن دەيدۇ، ئاندىن ھاكىم ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىۋېتىدۇ. ئۇ ئىككىسى مەڭگۈ بىر يەرگە كېلەلمەيدۇ. 2 - ئۇنىڭ قانۇنلۇق بولىشى: ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >خوتۇنلىرىنى زىنا بىلەن قارلىغان ۋە ئۆزلىرىدىن باشقا گۇۋاھچىسى بولمىغانلار گۇۋاھلىق سۆزىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن تۆت قېتىم قەسەم قىلسۇن. بەشىنچى قېتىمدا: >ئەگەر يالغانچى بولسام ئاللاھنىڭ لەنىتى ماڭا بولسۇن!< دېسۇن. خوتۇن كىشى ئېرىنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىگە تۆت قېتىم قەسەم ئىچسە جازاغا تارتىلىشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ. بەشىنچى قېتىمدا: ئۇ ئەگەر راستچىللاردىن بولسا )يەنى ئېرىمنىڭ گېپى راست بولىدىغان بولسا( ماڭا ئاللاھنىڭ غەزىپى بولسۇن، دەپ قەسەم قىلىدۇ. (نۇ. 6 - 9)<  مەھىھ ھەدىستە كەلگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوۋەيمىز ئوجلانى بىلەن خوتۇنى ئوتتۇرىسىدا، ھىلال ئىبنى ئۈمەدىيە بىلەن ئايالى ئوتتۇرىسىدا لەنەت قىلغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: >ئىككى لەنەت قىلىشقۇچى ئايرىلىپ كەتسە مەڭگۈ بىر يەرگە كەلمەيدۇ.< دېگەن. 3 - لەنەت قىلىشنىڭ قانۇنلۇق بولۇشتىكى ھېكمىتى تۆۋەندىكىچە: 1( ئەر - ئايالنىڭ يۈز - ئابرويىنى قوغداش، مۇسۇلماننىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاش. 2( ئەردىن بۆھتان توقۇشنىڭ جازاسىنى، ئايالدىن زىنانىڭ جازاسىنى كەتكۈزۈش. 3( ياتاق ئىگىسى )خوتۇننىڭ ئېرى( نىڭ باشقىسىنىڭ بالىسىنى ئىنكار قىلىشىغا مۇمكىنچىلىك يارىتىش. 4 - لەنەت قىلىشنىڭ ئەھكاملىرى تۆۋەندىكىچە: 1( پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: >قەلەم ئۈچ تۈرلۈك كىشىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى.< دېگەن سۆزى بىلەن ساراڭ ۋە كىچىك بالىنىڭ جاۋابكارلىقى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئەر - ئايال ئىككىلىسى بالاغەتكە يەتكەن ئەقىللىق بولۇشى كېرەك. 2( ئەر - ئايالنىڭ زىنا قىلغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ۋە ھامىلىنى ئىنكار قىلىشتا ئايالى بىلەن ئەسلى بىر يەردە بولمىغانلىقىنى ياكى ھامىلدار بولغىدەك مۇددەت بىر يەردە بولمىغانلىقىنى دەۋا قىلىشى كېرەك. مەسىلەن: ئايالىنىڭ ئۆزى بىلەن ئالتە ئايدىن ئازراق بىللە تۇرغانلىقىنى دەۋا قىلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىسا لەنەت قىلىش يوق. چۈنكى تۆھمەت قىلىپلا ياكى گۇمان قىلىپلا لەنەت قىلىشىش قانۇنسىزلىق )شەرىئەتتە يوق(. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئى مۆئمىنلەر! نۇرغۇن گۇناھلاردىن ساقلىنىڭلار، )يەنى ئائىلىكلىرىڭلار ۋە كىشىلەرگە گۇمانخورلۇق قىلماڭلار( بەزى گۇمانلار ھەقىقەتەن گۇناھتۇر. (ھوجۇرات: 12)< پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >گۇمانخورلۇقتىن ساقلىنىڭلار (ئىلگىرى ئۆتتى.)<ئايالغا تۆھمەت قىلىپ لەنەت قىلغاندىن ئۇنى تالاق قىلغان ۋە روھىي ئەندىشىلەرنىڭ جاپالىرىدىن ۋە روھىي ئازابلاردىن قۇتۇلغان ياخشى.    3 - لەنەت قىلىشنى ھاكىم بىر قىسىم مۆئمىنلەرنىڭ ئالدىدا قىلىشى  ۋە ئايەتتە كەلگەن سۆزلەر بىلەن بولۇشى لازىم. 4 - ھاكىم ئەرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: >بالىسىغا تىنىۋالدى ھەر قانداق ئادەم بولىدىكەن ئۇ بالىسىغا قارايدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭدىن بالىسىنى توسىۋالىدۇ، ئۇنى پۈتۈن خالايىق ئالدىدا رەسۋا قىلىدۇ. (ئىلگىرى ئۆتتى. )< دېگەن سۆزى بىلەن نەسىھەت قىلىشى، ئايالىغىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: >قانداق بىر ئايال ھارامدىن ھامىلدار بولغان بولسا ئۇنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋىتى ئۈزۈلىدۇ. ئاللاھ ئۇنى ھەرگىز جەننەتكە كىرگۈزمەيدۇ< دېگەن سۆزى بىلەن نەسىھەت قىلىشى لازىم. 5( ئىككىسىنى بىر يەرگە كەلمەيدىغانغا ئايرىۋېتىش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >لەنەت قىلىشقا ئىككى ئادەم ئايرىلىپ كەتسە مەڭگۈ بىر يەرگە كەلمەيدۇ. (ئالدىنقى ھەدىسىنىڭ يېرىمى)<  6( بالا لەنەت قىلىش بىلەن لەنەت قىلىشقۇچى دادا تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى مىراسى ئېلىشمايدۇ. ئۇ ئادەم بالىغا نەفىقە قىلمايدۇ. لېكىن ئېھتىيات يۈزىسىدىن ئۆز بالىسىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇنىڭغا زاكات بەرمەيدۇ. ئۇ بالا بىلەن ئۇ ئادەمنىڭ بالىلىرى ئوتتۇرىسىدا ھارام قىلىنىش بولىدۇ. ئۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا قىساس بولمايدۇ. بىر - بىرىگە گۇۋاھلىق بېرىشىمۇ توغرا ئەمەس، بالا ئانىسىغا قوشىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام لەنەت قىلغۇچىلارنىڭ بالا توغرىسىدا: >ئۇ ئانىسىدىن مىراس ئالىدۇ، ئانىسى ئۇنىڭدىن مىراس ئالىدۇ< (ئەھمەد رىۋايەت قىلغان. ) دەپ ھۆكۈم قىلغانلىقى ئۈچۈن ئانىسى بالىسىدىن بالىسى ئانىسىدىن مىراس ئالىدۇ. 7( ئەگەر ئەر كېيىن ئۆزىنىڭ يالغان ئېيتقانلىقىنى ئىقرار قىلسا بالا دادىغا قوشۇلىدۇ. توققۇزىنچى: ئىددەت  1 - ئۇنى تونۇشتۇرۇش: ئىددەت دېگىنىمىز، ئايرىلىپ كەتكەن ئايالنىڭ ئېرى ئۈچۈن كۈتۈپ تۇرىدىغان كۈنلىرى بولۇپ ئايال كىشى بۇ ۋاقىتتا توي قىلمايدۇ ۋە توي قىلىشقىمۇ يۈزلەنمەيدۇ. 2 - ئۇنىڭ ھۆكمى: ئىددەت كۈتۈش ئېرىدىن ئايرىلىپ كەتكەن ياكى ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ھەربىر ئايالغا ۋاجىپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۈچ ھەيز ئۆتكىچە ئىددەت تۇتىدۇ< (بەقەرە: 228).؛ >ئىچىڭلاردا ئۆزى ۋاپات بولۇپ ئاياللىرى قىلىپ قالغان كىشىلەر بولسا، ئاياللىرى تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتىشى لازىم.< (بەقەررە: 234) لېكىن بىر يەردە بولۇشتىن بۇرۇن تالاق قىلىنغان خوتۇنغا ئىددەت كەتمەيدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭغا تويلۇقمۇ كەتمەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئى مۆئمىنلەر! سىلەر مۆئمىن ئاياللارنى ئالساڭلار، ئاندىن ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن بۇرۇن قويىۋەتسەڭلار، بۇ چاغدا ئۇلار سىلەر ئۈچۈن ئىددەت تۇتماسلىقى كېرەك، ئۇلارغا ئاز تولا نەرسە بېرىڭلار، ئۇلارنى چىرايلىقچە قويۇپ بېرىڭلار(ئەھزاپ: 49)<  3 - ئىددەتنىڭ قانۇنلۇق بولۇشتىكى ھېكمەتلىرى: 1( ئەگەر تالاق تالاقى رەجئى بولسا ئەرگە ئايالنىڭ قېشىغا جاپاسىز يېنىپ بېرىشىغا رۇخسەت بېرىش. 2( نەسەپلەرنىڭ ئارىلىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن رەھمىنىڭ پاكلىقىنى بىلىش. ئەگەر ئېرى ئۆلۈپ كېتىپ تۇتقان ئىددەت بولسا. 3( ئايالنىڭ ئەرنىڭ ئائىلىسىدىكى ئىشلارغا ھەمكارلىشىش، ئەرگە ۋاپادارلىقىنى بىلدۈرۈش پۇرسىتى بولۇش. 4 - ئىددەتنىڭ تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە: 1( ھەيزى كۆرىدىغان تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ئىددىتى ئۈچ ھەيز مەزگىلىدۇر، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۈچ ھەيز ئۆتكىچە ئىددەت تۇتىدۇ. (بەقەر: 228)<. ئەگەر ئايال پاكلىق ھالىتىدە تالاق قىلىنسا ئايال ھەيز كۆرۈپ ئاندىن پاكلىنىپ، ئاندىن ھەيز كۆرۈپ پاكلانسا ئىددىتى تۈگەيدۇ. ئەگەر بىز جەمھۇر ئۆلىمالارغا ئوخشاش مەزگىلدىن مەقسەت پاكلىنىش دېسەك ئايالنىڭ ئىددىتى ئۈچىنچى ھەيزگە كىرىش بىلەن تۈگەيدۇ. شۇنى ئويلىنىپ كۆرۈش كېرەككى، ئەگەر ئۇ ھەيز مەزگىلىدە تالاق قىلىنغان بولسا ئىددەت تۇتىدىغان ھەيز دەپ ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. بۇ ھۆر ئايالغا نىسبەتەن شۇنداق، ئەمما دېدەككە نىسبەتەن ئۇنىڭ ئىددىتى پەقەت ئىككى ھەيز مەزگىلى بولىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >دېدەكنىڭ تالىقى ئىككى، ئىددىتى ئىككى ھەيز. (دارىقۇتنى رىۋايەت قىلغان.)<  2( ياشتا چوڭ ياكى كىچىك بولغانلىقى سەۋەبىدىن ھەيز كۆرمەيدىغان تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ئىددىتى ئۈچ پەسىل بولىدۇ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئاياللىرىڭلارنىڭ ئىچىدىكى ھەيزدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەنلەردىن )يەنى يېشى چوڭ بولغانلىقتىن ھەيز كۆرمەيدىغانلارنىڭ ئىددىتىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقىدىن( شۈبھىدە بولساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتى ئۈچ ئايدۇر. )كىچىكلىكتىن( ھەيز كۆرمىگەنلەرنىڭ ئىددىتىمۇ ھەم ئۈچ ئايدۇر. (تالاق: 4 )< دېدەكلەرنىڭ ئىككى ئايلا بولىدۇ. 3( تالاق قىلىنغان ھامىلدار ئايالنىڭ ئىددىتى ھۆر ياكى دېدەك بولسۇن تۇغۇپ بولغانغا قەدەر، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئىددىتى )مەيلى ئۇ قويىۋېتىلگەن، ياكى مەيلى ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسۇن( بۇ ئىش بىلەنلا تۈگەيدۇ.< (تالاق: 4 )  4( ھەيز كۆرىدىغان ۋە ھەيزى مەلۇم ياكى نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۈزۈلۈپ قالغان تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ئىددىتى. ئەگەر بالا ئىمىتىش ياكى كېسەللىكتىن ئىبارەت مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەيز ئۈزۈلۈپ قالغان تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ئىددىتى. ئەگەر بالا ئىمىتىش ياكى كېسەللىكتىن ئىبارەت مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەيز ئۈزۈلۈپ قالغان بولسا ھەيزنىڭ قايتا كېلىشىنى كۈتۈلىدۇ ۋە ئۇزۇن بولسىمۇ ھەيزغا قاراپ ئىددەت تۇتۇلىدۇ. ئەگەر نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۈزۈلۈپ قالغان بولسا بىر يىل ئىددەت تۇتىدۇ، توققۇز ئاي قورساق كۆتۈرۈش ۋاقتى، ئۈچ ئاي ئىددەت. دېدەك ئون بىر ئاي ئىددەت تۇتىدۇ. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەنسارلار بىلەن مۇھاجىرلار ئوتتۇرىسىدا مۇشۇنداق ھۆكۈم قىلغان. بۇنى ھېچكىم ئىنكار قىلمىغان. 5( ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئايالنىڭ ئىددىتى. ئەگەر ھۆر بولسا تۆت ئاي ئون كۈن، ئەگەر دېدەك بولسا ئىككى ئاي بەش كۈنگىچە، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئىچىڭلاردا ئۆزى ۋاپات بولۇپ ئاياللىرى قىلىپ قالغان كىشىلەر بولسا، ئاياللىرى تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتىشى لازىم. (بەقەر: 234)<  6( قان توختىمايدىغان ھەيزدار ئايالنىڭ ئىددىتى ئەگەر ئۇنىڭ قېنى ھەيز قېنىدىن ئايرىلىپ ياكى ئۆزى بىلىدىغان ئادەتتىكى ئىش بولسا ئۇ مەزگىللىك ئىددەت تۇتىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ قېنىنى ئايرىغىلى بولمايدىكەن ھەم ئادەتلەنگەن بولمىسا يېڭىدىن باشلانغاندەك بولسا ھەيزدىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەنلەرگە ئوخشاش ئاي ساناپ ئۈچ ئاي ئىددەت تۇتىدۇ. بۇ ھۆكۈم ھەيزدارنىڭ نامازدىكى ھۆكمىگە قىياس قىلىنغان. 7( ئېرى يوقاپ كېتىپ ئۆلۈكمۇ ياكى تىرىكمۇ ئاقىۋىتىنى بىلگىلى بولمايدىكەن ئايالنىڭ ئىددىتى ئېرىنىڭ خەۋىرى ئۈزۈلگەندىن باشلاپ تۆت يىل كۈتىدۇ. ئاندىن تۆت ئاي، ئون كۈن ئېرى ۋاپات بولغۇچىغا ئوخشاش ئىددەت تۇتىدۇ. 5 - ئىددەتنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشى: 1( تالاقى رەجئى قىلىنىپ ئىددەت تۇتىۋاتقان ئايالنىڭ ئىددەت مەزگىلىدە ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئىددىتى تالاق ئىددىتىدىن ۋاپات ئىددىتىگە يۆتكىلىپ، تالاق قىلغۇچى ۋاپات بولغاندىن باشلاپ تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتىدۇ. چۈنكى، تالاقى رەجئتە ئايالنى ئەرنىڭ خوتۇنى دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. تالاقى بائىندا ئۇنداق ئەمەس. تالاقى بائىننىڭ ئىددىتى ئۆزگەرمەيدۇ. چۈنكى تالاقى رەجئى قىلىنغۇچى مىراسخور بولىدۇ. بائىن قىلىنغۇچى مىراسخور بولالمايدۇ. 2(  تالاق قىلىنغان ئايال ھەيز بىلەن ئىددەت تۇتۇپ بىر ياكى ئىككى ھەيز كۆرۈپ ئاندىن ھەيز توختاپ قېلىپ ھەيز كېلىشتىن ئۈمىدسىزلەنسە ئاي ساناپ ئىددەت تۇتۇشقا ئۆزگىرىپ ئۈچ ئاي ئىددەت تۇتىدۇ. 3( تالاق قىلىنغۇچى تېخى ھەيز كۆرمىگەن كىچىك ياكى ھەيزدىن ئۈمىدسىزلەنگەن چوڭ ئايال بولسا، ئۇ ئاي ساناپ ئىددەت تۇتىدۇ، ئۇ ئىددەت تۇتۇپ بىر ئاي ياكى ئىككى ئايدىن كېيىن قان كۆرۈپ قالسا، ئاي ساناپ ئىددەت تۇتۇشتىن ھەيز ئىددىتىگە يۆتكىلىدۇ. بۇ ئىددەت ۋاقتى ئىددەت ئايلىرىغا يەتمىگەنلەر، ئەمما ئىددەت تۈگىگەن ئاندىن ھەيز كەلگەن بولسا بۇنىڭدا چاتاق يوق، چۈنكى ئۇ ئايالنىڭ ئىددىتى تۈگەپ بولغان.    4( تالاق قىلىنغۇچى ئاي ساناپ ياكى مەزگىللىك ئىددىتىنى باشلىۋەتكەن، شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ ھامىلدارلىقى ئاشكارا بولسا ئۇ ھامىلىنى تۇغۇش ئىددىتىگە ئۆزگىرىدۇ. 】ئەسكەرتىش【  ئىددەت تۇتىۋاتقان ئايال جىماغا ئېلىپ بارىدىغان ياكى باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قارىتىدىغان زىننەت بۇيۇمى ئىشلىتىش، خۇشپۇراق ئىشلىتىش ياكى ياسىنىشتىن يىراق بولۇش لازىم. ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئايالىنىڭ ئىددەت ۋاقتىدا قارلىق تۇتۇش، چىرايلىق رەڭدار كىيىملەرنى كىيمەسلىكى، سۈرمە تارتماسلىقى، خۇش - پۇراق ئىشلەتمەسلىكى، زىبۇ - زىننەت تاقىماسلىقى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىشەنگەن ئايالىنىڭ ئۈچ كۈندىن ئارتۇق قارلىق تۇتىشى ھالال بولمايدۇ. لېكىن يولدىشىغا تۆت ئاي ئون كۈن قارلىق تۇتىدۇ. (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس )< ئۇممۇ ئەتىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: >بىز مەيىتقا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق قارلىق تۇتۇشتىن توسالغان ئىدۇق. لېكىن ئەرگە تۆت ئاي ئون كۈن قارلىق تۇتاتتۇق. سۈرمە سۈرمەيتتۇق. رەڭلىك كىيىم كىيمەيتتۇق. لېكىن ئەسەب كىيىمى كىيەتتۇق. (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)<  شۇنداقلا ئىددەت تۇتقان ئايال ئۆيىدىن چىقماسلىقى كېرەك. ئەگەر ئايالغا لازىم بولغان بىرەر ھاجەتكە چىقسا يولدىشى ۋاپات بولغان ئۆيدىن باشقا ئۆيدە قونماسلىقى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يولدىشى ۋاپات بولغاندىن كېيىن تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە بارماقچى بولغان ئايالغا: >ۋاقىت توشقىچە )ئىددەت ۋاقتى( ئېرىڭىزنىڭ مۇسىيبىتى كەلگەن ئۆيدە تۇرۇڭ (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.)< دېگەن. ئۇ ئايال مۇنداق دېگەن: مەن ئۇ ئۆيدە تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتتۇم.    سەككىزىنچى: نەففات  1 - ئۇنى تونۇشتۇرۇش: نەفىقە دېگىنىمىز، زۆرۈر بولغان كىشىلەرگە بېرىلىدىغان يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك ۋە ئورۇن تۇرالغۇ جايدۇر. 2 - نەفىقە كىمگە زۆرۈر بولىدۇ؟ كىمگە يۈكلىنىدۇ؟  ئالتە خىل ئادەمنىڭ نەفىقە بېرىشى ۋاجىپ، ئۇلار: 1( ئەرنىڭ ئايالىغا، مەيلى يولدىشىنىڭ ئىلكىدە دائىملىق تۇرىدىغان كىشىگە ئوخشاش ھەققى بولسۇن، مەيلى ئىددىتى تۈگەش ئالدىدا تۇرغان تالاقى رەجئى قىلىنغان ئايال بولسۇن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئۇلارنىڭ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىكى ھەققى سىلەرنىڭ كىيىم - كېچەك ۋە يېمەك - ئىچمەكنى ياخشى قىلىپ بېرىشىڭلار ئەمەسمۇ؟ (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.)<. 2( تالاق قىلغۇچىنىڭ تالاقى بائىن قىلىنغان ئايالغا ھامىلدار بولسا ئىددەت مەزگىلىدە، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئەگەر ئۇلار ھامىلدار بولسا بوشانغانغا قەدەر ئۇلارنى تەمىنلەڭلار.< (تالا: 6)  3( بالىنىڭ ئاتا - ئانىغا، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئاتا - ئانىغا ياخشىلىق قىلىش …< پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياخشى ھەمراھ بولۇشقا كىشىلەرنىڭ ئەڭ ھەقلىقى توغرۇلۇق سورالغاندا: >)ئۇچ قېتىم( ئاناڭ، ئاندىن كېيىن داداڭ (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس )< دېگەن. 4( ئاتا - ئانىلارنىڭ كىچىك بالىلارغا: ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئۇلارغا يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك بېرىڭلار، چىرايلىق گەپ قىلىڭلار. (نىسا: 5.)< پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >بالا، تاماق بەر. مېنى كىمگە تاشلاپ قويىسەن؟ دەيدۇ<  5( خوجايىننىڭ خىزمەتچىگە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن؛ >خىزمەتچىسىنىڭ تامىقى، كىيىم - كېچىكى خوجايىننىڭ ئۈستىدە خوجايىن خىزمەتچىنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا سالماسلىقى كېرەك.< (ئەھمە، ارىقۇتنى رىۋايەت قىلغان. )  6( ھايۋان ئىگىسىنىڭ ھايۋانلارغا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >بىر ئايال مۈشۈك توغرىسىدا دوزاخقا كىرگە ئۇ ئايال مۈشۈكنى ئۆلۈپ كەتكەنگە قەدەر سولاپ قويغان. مۈشۈككە يېمەكلىك بەرمىگەن ياكى ئۆزى ئوزۇق تېپىپ يېيىشى ئۈچۈن قويۇپ بەرمىگەن.< (بۇخارى رىۋايەت قىلغان. )  3 - ۋاجىپ بولغان نەفىقەنىڭ مىقدارى: نەفىقە ياخشى يېمەك - ئىچمەك، ئىسسىق، سوغۇقنى مۇداپىئە قىلىدىغان كىيىم - كېچەك، دەم ئالىدىغان ۋە ئورۇنلىشىدىغان ئورۇن، تۇرالغۇدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ھاياتلىقنى ساقلاش ئۈچۈن زۆرۈل نەرسە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدا ئىختىلاپ يوق. دېمەك ئىختىلاپ ئاز - كۆپلۈك، ياخشى - ناچارلىقتا. چۈنكى بۇ نەفىقە قىلغۇچىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشى ياكى قىيىن ئىكەنلىكى، نەفىقە قىلغۇچىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشى ياكى قىيىن ئىكەنلىكى، نەفىقە قىلىنغۇچىنىڭ تۇرمۇشى شەھەر تۇرمىشىمۇ ياكى سەھرا تۇرمىشىمۇ، قاراپ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى مۇسۇلمانلار قازىسىغا ھۆكۈم قىلدۇرسا ئەڭ مۇۋاپىق. ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ھەرخىل ئەھۋالىغا ۋە ئۇلارنىڭ شارائىت ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىگە قاراپ ئۆلچەپ كېسىدۇ. 4 - نەفىقە بېرىش قاچان ئەمەلدىن قالىدۇ؟ نەفىقە تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا ئەمەلدىن قالىدۇ: 1( ئايال يولدىن چىقىپ كەتكەندە ياكى ئەرنىڭ ئايال بىلەن بىرگە بولىشى مۇمكىن بولمىغاندا، چۈنكى نەفىقە دېگەن مەنپەئەتلىنىشكە قاراپ بولىدۇ. بۇ تەس كەلسە نەفىقە ئەمەلدىن قالىدۇ.    2( تالاقى رەجئى قىلىنىپ ئىددىتى توشقان ئايال. ئىددەتنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن نەفىقە توختۇتىلىدۇ. 3( ھامىلدار تالاق قىلىنغان ئايال بوشۇنۇپ بولسا، لېكىن ئايالغا ئىمىتىش ھەققى بېرىش كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئەگەر ئۇلار سىلەر ئۈچۈن )بالىلىرىڭلارنى( ئىمىتىپ بەرسە ئۇلارنىڭ )ئىمىتىش( ھەققىنى بېرىڭلار. ھەققانىي ئاساستا ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىڭلار. (تالاق: 6.)<  4( ئاتا - ئانا بالىغا موھتاج بولمىسا ياكى بالا ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن ئېشىنالمىغۇدەك دەرىجىدە نامراتلىشىپ كەتسە. چۈنكى ئاللاھ كىشىلەرنى كۈچى يەتمىگەن ئىشقا مەجبۇرلىمايدۇ. 5( بالىلار، ئوغۇل بالاغەتكە يەتسە، قىز توي قىلسا، بۇنىڭدىن مېيىپ، ساراڭ مۇستەستا بولۇپ، ئۇنىڭ نەفىقىسىنى ئاتا - ئانىسى داۋاملىق بېرىدۇ. 】دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىككى ئىش【  مۇسۇلمان كىشى دادىسى ۋە ئانىسىنىڭ تۇغقانلىرىغا مېھرى - شەپقەت يەتكۈزىشى لازىم. ئەگەر قېشىدا ئوشۇق مال بولسا يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك ياكى تۇرالغۇ جايغا موھتاج بولغان ئادەمگە ياردەم قىلىش كېرەك. بۇنىڭدا ئەڭ يېقىندىن باشلىشى كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن؛ >بەرگۈچىنىڭ قولى يۇقىرىدۇر. يېقىن تۇغقانلىرىڭدىن باشلا: ئاناڭ، داداڭ، ھەمشىرەڭ، قېرىندىشىڭ، ئاندىن كېيىن باشقىلار (نەسەئى رىۋايەت قىلغان. )<  ئەگەر ھايۋان ئىگىسى ھايۋانلىرىغا يېمەكلىك بەرمىسە، ئاچلىقتىن جاپا تارتماسلىقى ئۈچۈن سېتىۋېتىلىدۇ ياكى ئۆلتۈرىۋېتىلىدۇ. ئۇنى ئازابلاش ھارامدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >بىر ئايال بىر مۈشۈك سەۋەبلىك دوزاخقا كىرىپ كەتكەن. ئۇ مۈشۈكنى سولاپ قويۇپ ئاخىر ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇ ئايال مۈشۈككە يار بىر نەرسە بەرمىگەن ياكى ئۆزى بىر نەرسە تېپىپ يېيىش ئۈچۈن قويۇپ بەرمىگەن. (ئالدىدا ئۆتتى.)<  توققۇزىنچى: بېقىش  1 - ئۇنى تونۇشتۇرۇش: بېقىش دېگىنىمىز، كىچىك بالىغا ئىگە بولۇش ۋە ئۇ بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر كېپىل بولۇش دېگەنلىكتۇر. 2 - ئۇنىڭ ھۆكمى: كىچىكلەرنىڭ جىسمانىي، ئەقلى ۋە دىنى جەھەتتە ساغلام يېتىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى بېقىش ۋاجىپ. )زۆرۈر(  3 - كىمگە ۋاجىپ؟ كىچىكلەرنى بېقىش ئاتا - ئانىغا ۋاجىپ. ئەگەر ئۇ ئىككىسى بولمىسا ئۇلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ ئەڭ يېقىنىغا، ئەگەر  يېقىنلىرى بولمىسا ھۆكۈمەتكە ياكى مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا ۋاجىپ. 4 - كىچىكلەرنى بېقىشقا ئەڭ لايىقى كىم؟ ئەگەر بالىنىڭ ئاتا - ئانىسى تالاق بىلەن ياكى ۋاپات بولۇپ ئايرىلىپ كەتكەن بولسا، بالىسىنى بېقىشقا توي قىلمىغان بولسا ئانا ئەڭ ھەقلىق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بالىسىنى قارىتىۋالغانلىقىنى شىكايەت قىلىپ كەلگەن ئايالغان: >سىز نىكاھلانمىغان بولسىڭىز، بالىنى بېقىشقا سىز ئەڭ ھەقلىق. (ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.)< دېگەن. ئەگەر ئانىسى بولمىسا ئانىنىڭ ئانىسى )يەنى چوڭ ئانىسى( ئەگەر ئۇمۇ بولمىسا ئانىنىڭ ھەشىرىسى، چۈنكى چوڭ ئانا ئانا قاتارىدا ھېسابلىنىدۇ. ھامما ئاچا ئانىنىڭ ئورنىدا بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن؛ >ھامما ئاچا ئانىنىڭ ئورنىدا (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس )< ئەگەر ئۇمۇ بولمىسا دادىنىڭ ئانىسى )چوڭ ئانا(، ئەگەر ئۇ بولمىسا دادىسىنىڭ ھەمشىرىسى، ئەگەر ئۇمۇ بولمىسا دادىنىڭ ھاممىسى، ئەگەر ئۇمۇ بولمىسا دادىنىڭ قېرىندىشىنىڭ قىزى. ئەگەر مەزكۇر كىشىلەردىن ھېچ قايسى بولمىسا بالىنى بېقىش دادىسىغا، ئاندىن كېيىن بوۋىسىغا )دادىنىڭ دادىسى(، ئاندىن كېيىن قېرىندىشىنىڭ ئوغلىغا، ئاندىن تاغىسىنىڭ ئاندىن كېيىن جەمەتىدىكى ئەڭ يېقىنىغا كېلىدۇ. 5 - بېقىش ھوقۇقى قاچان ئەمەلدىن قالىدۇ؟ بېقىشتىن مەقسەت كىچىك بالىنىڭ ھاياتىنى قوغداش، ئۇنى جىسمانىي، ئەقلى ۋە روھىي جەھەتتىن تەربىيىلەش بولغانلىقى ئۈچۈن بېقىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ھەر قانداق ئادەمدىن بېقىش ھوقۇقى ئەمەلدىن قالىدۇ. ئانا بېقىلغان بالىغا تۇغقان بولمىغان ئادەمگە يادلىق بولسا بېقىش ھوقۇقى ئەمەلدىن قالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: >يادلىق بولمىسىڭىز< دېگەن. چۈنكى ئايالىنىڭ ئېرى ياد ئادەم بولسا ئۇنىڭغا بالىنى بېقىش، بالىنى قوغداش تەس كېلىدۇ. شۇنداقلا بېقىش ھوقۇقى تۆۋەندىكىدەك ئەھۋالدا باققۇچىدا بولمايدۇ. 1 - باققۇچى ساراڭ ياكى مېيىپ بولسا. 2 - جوزام ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يۇقۇملۇق كېسەل بولسا. 3 - بالاغەتكە يەتمىگەن، ئەقلى جايىدا ئەمەس كىچىك بالا بولسا. 4 - كىچىك بالىنى، بالىنىڭ جىسمى، ئەقلى ۋە دىنىنى قوغداشتىن ئاجىز بولسا. 5 - ئەگەر باققۇچى كاپىر بولسا بالىنىڭ دىنى ۋە ئەقىدىسىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن قورقۇپ بالىنى بېقىش ھوقۇقى بولمايدۇ. 6 - بېقىش مۇددىتى: بېقىش مۇددىتى ئوغۇل بالا بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر، قىز بالا توي قىلىپ ئېرى بىلەن بىر يەردە بولغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. لېكىن ئېرىدىن ئايرىلىپ كەتكەن ئانا ياكى باشقىلار بالىنى بېقىشقا يالغۇز قالغاندا بېقىش ۋاقتى قىزغا نىسبەتەن يەتتە يىلغىچە بولىدۇ. ئاندىن كېيىن بالىنى بېقىش دادىسىغا يۆتكىلىدۇ. چۈنكى دادا بالا يەتتە ياشتىن كېيىن باشقا باققۇچىلارغا قارىغاندا ئەڭ لايىق. شۇنىڭدەك ئوغۇل بالا يەتتە ياشقا يەتكەندە ئانىسى بىلەن دادىسى ئوتتۇرىسىدا ئىختىيارغا قويىلىدۇ. بالىنى قايسىسى تاللىسا بالىنى بېقىش شۇنىڭغا يۆتكىلىدۇ. ئەگەر ھېچقايسىسى تاللىماي )تاكاللىشىپ قالسا ياكى بېخىللىق قىلسا( ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا چەك تارتقۇزىلىدۇ. 7 - بالىنىڭ نەفىقىسى )چىقىمى( ۋە باققۇچىنىڭ ئىش ھەققى: بالىنىڭ چىقىمى ۋە باققۇچىنىڭ ئىش ھەققى دادىسىنىڭ تۇرمىشىغا قاراپ دادىسىغا يۈكلىنىدۇ. چۈنكى باققۇچى ئىمىتكۈچىگە ئوخشايدۇ. ئىمىتكۈچى ئايالغا ئىمىتىش ھەققى بېرىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئەگەر ئۇلار سىلەر ئۈچۈن )بالىلىرىڭلارنى( ئىمىتىپ بەرسە ئۇلارنىڭ )ئىمىتىش( ھەققىنى بېرىڭلار< لېكىن باققۇچى خىزمىتىنى خالىس قىلغان بولسا بۇنىڭغا ھېچنېمە كەلمەيدۇ. بالىنىڭ چىقىمى ۋە باققۇچىنىڭ ھەققى بالىنىڭ دادىسىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ جاپالىق ياكى ئەمەسلىكىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >باي ئادەم )ئايالىنى ۋە بالىسىنى( ئۆزىنىڭ بايلىقىغا يارىشا تەمىنلىسۇن. )يەنى ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا يارىشا خىراجەت قىلسۇن( ئاللاھ ئىنساننى پەقەت تاقىتى يېتىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىدۇ. )يەنى پېقىر ئادەمنى باينى تەكلىپ قىلغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ( (تالاق: 7.)<  8 - بالا ئاتا - ئانىسى ئوتتۇرىسىدا بېرىپ - كېلىپ تۇرىدۇ. بالا يەتتە ياشقا يەتسە ئاتا - ئانا ئوتتۇرىسىدا تاللاشقا قويىلىدۇ. ئەگەر ئانا تاللىسا كىچىدە ئانىسىنىڭ قېشىدا، كۈندۈزى دادىسىنىڭ قېشىدا تۇرىدۇ. ئەگەر دادا تاللىسا كېچە - كۈندۈز دادىسىنىڭ قېشىدا تۇرىدۇ. چۈنكى كۈندۈزى دادىسىنىڭ قېشىدا تۇرىشى كۆپىنچە ئۇنى ئوبدان ساقلايدۇ. دادىسى ئۇنى تەربىيىلەپ بىلىم بېرىدۇ. بۇ ئىشلارنى كۆپىنچە ئانا قىلالمايدۇ. شۇنىڭدەك بالا دادىسىنى تاللىسا مۇمكىن بولغان چاغدا ئانىدىن چەكلەنمەسلىكى لازىم. چۈنكى مېھرى - شەپقەت يەتكۈزۈش ۋاجىپ. ئاتا - ئانىنى قاقشىتىش ھارامدۇر. 9 - بالا بىلەن سەپەر قىلىش: ئەگەر ئاتا - ئانىنىڭ بىرى سەپەرگە چىقىپ يۇرتىغا كېيىنچە قايتماقچى بولسا بالا يۇرتىدا تۇرغۇچىنىڭ قېشىدا قالىدۇ. ئەگەر سەپەرگە چىقماقچى بولغان كىشى قايتىپ كەلمىسە يۇرتىدا دادىسى ياكى ئانىسىنىڭ قېشىدا قالامدۇ ياكى باشقا شەھەردە تۇرۇش ئۈچۈن سەپەر قىلغۇچى بىلەن بىللە كېتەمدۇ، بالىنىڭ مەنپەئەتىگە قارىلىدۇ. بالىنىڭ مەنپەئەتى نەدە ئەمەلگە ئاشسا شۇ يەردە تۇرىدۇ. چۈنكى مەنپەئەت قانۇندىكى بېقىش نىشانىدۇر. 10 - بېقىلغۇچى بالا ئامانەتتۇر: بالا باققۇچى ئامانەت ئىكەنلىكىنى بىلىش زۆرۈر. بالىغا ئوبدان كۆڭۈل بۆلىشى، ئۇنى ئوبدان ساقلىشى لازىم. ئەگەر ئۇ ئۆزىنى بالىغا يېتەرلىك تەربىيە بېرىش، تولۇق كۆڭۈل بۆلۈشتىن ئاجىز ئىكەنلىكىنى سەزسە، بۇ ئامانەتنى كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە قوغداشقا كۈچى يېتىدىغان جايدا قويىشى لازىم. بالىنى بېقىشتا بالىنىڭ دادىسىدىن ئېلىنىدىغان ھەقنى نىشان قىلىپ ۋاقىت توشقىچە بالىنى داۋاملىق بېقىشقا بولمايدۇ. شۇڭا بالىنىڭ ئىگىسىگە شۇنداقلا ھاكىم باشقا ھەرقانداق ئىشقا قارىماي بالىنى جىسمانىي، ئەقلى ۋە روھى جەھەتتىكى تەربىيىدىن ئىبارەت بالىنىڭ مەنپەئەتىنى ئوبدان كۈزىتىش لازىم. چۈنكى بالىنى پەرۋىش قىلىپ يېتىشتۈرۈش قانۇنىنىڭ بالىغا ئىگىدارچىلىق قىلىشتىكى نىشانىدۇر.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  نىكاھنىڭ بىرىنچى ك...
●  مۇھەممەد ئەلەيھىسس...
●  چوقۇم كۆرۈڭلار دوس...
●  ئىسلامدىكى قىرىندا...
●  ھەدىسى قۇددۇسى
●  تۆت مەزھەبنىڭ قايس...
●  ئايەت يېزىلغان جاز...
●  تاماكا چېكىش نېمىش...
●  ھايا
●  ھەج قىلىشقا قادىر ب...
●  قىيامەتنىڭ ئالامەت...
●  ئىسلامدىكى قۇل
●  ھۆكۈم ۋە ئىسپاتنىڭ ...
●  مال بوغۇزلارش، ئوۋ ...
●  جازالار
●  جىنايەت ۋە ئۇنىڭ ھۆ...
●  قەسەم ۋە نەزىر
●  مىراس ۋە ئۇنىڭ ئەھك...
●  نىكاھ، تالاق، ۋاز ك...
●  ئومۇمىي ھۆكۈملەر

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  نىكاھنىڭ بىرىنچى كىچىسى
●  مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام...
●  چوقۇم كۆرۈڭلار دوستلار ...
●  ئىسلامدىكى قىرىنداشلىق
●  ھەدىسى قۇددۇسى
●  تۆت مەزھەبنىڭ قايسىسى ئ...
●  ئايەت يېزىلغان جازىلارن...
●  تاماكا چېكىش نېمىشقا چە...
●  ھايا
●  ھەج قىلىشقا قادىر بولۇش...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى