بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئىسلام دىنى >> ئىسلام دىنىدىن ساۋاتلار >> ھۆكۈم ۋە ئىسپاتنىڭ ئەھكاملىرى

ھۆكۈم ۋە ئىسپاتنىڭ ئەھكاملىرى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-10 13:35:54    كۆرۈلۈش سانى : 367  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
بىرىنچى، ھۆكۈم: 1 - تونۇشتۇرۇش: ئۇ شەرىئەت ھۆكۈملىرى ۋە ئۇنىڭ ئىجراسىنى بايان قىلىش. 2 - ھۆكۈمى: ھۆكۈم چىقىرىش، پەرزى كۇپايە، ھۆكۈمران رەھبەر ئۆز تەۋەلىكىدىكى ھەربىر يۇرتقا ئۆزىگە ۋاكالىتەن شەرئى ھۆكۈملەرنى چىقىرىدىغان قازى - سوتچى تەيىنلىشى، پۇقرالار ئۇنىڭغا بويسۇنىشى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >زېمىننىڭ ھەر قانداق يېرىدە ئۈچ مۇسۇلمان بولسا بىرىنى ئۆزىگە رەھبەر سايلىشى كېرەك.< (ئەھمەد رىۋايەت قىلغان. )  3 - قازىيلىق مەنسىۋىنىڭ مۇھىملىقى: قازىيلىق مەنسىۋى ناھايىتى مۇھىم ۋە مەسئۇلىيەتلىك مەنسەب، چۈنكى قازى ئاللاھقا ۋاكالىتەن ئاللاھنىڭ ۋەكىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالانىڭ ئورۇنباسارى، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرغان ۋە بۇنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن بولۇپ، مۇنداق دېگەن: >قازىلار ئۈچ خىل، بىرى جەننەتتە، ئىككىسى دوزاختا بولىدۇ. جەننەتتىكىسى ھەقىقەتنى بىلىپ شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈم قىلغان كىشى. يەنە بىرى ھەقىقەتنى بىلگەن، ھۆكۈمدە ئادالەتسىزلىك قىلغان كىشى بولۇپ ئۇ دوزاختا، يەنە بىرى كىشىلەرگە نادانلىق بىلەن ھۆكۈم قىلغان كىشى بولۇپ، ئۇمۇ دوزاختا.< (ئەبۇد داۋۇد، ئىبنى ماجە، تىرمىزى ۋە ھاكىملار رىۋايەت قىلغان. ) مۇنداق دېگەن: >ئى ئابدۇراخمان ئىبنى سۇمرە، ھوقۇق سورىمىغىن، ئەگەر ئۇنىڭغا سورىماستىن ئېرىشسەڭ ياردەمگە ئېرىشىسەن. سوراپ ئېرىشسەڭ تاشلىنىپ قالىسەن.< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس. )؛ >ھوقۇققا ھەۋەس قىلىنىدۇ. بۇ قىيامەتتە پۇشايمەن ئېلىپ كېلىدۇ. ئىمىتكۈچى نېمە دېگەن ياخشى! ئايرىغۇچى نېمە دېگەن يامان< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس.)  4 - قازىلىق تەلەپ قىلغان كىشىگە بېرىلمەيدۇ. قازىلىق مەنسىۋىنى تەلەپ قىلغان ياكى ئۇنىڭغا ئېرىشىشكە ھېرىسمەن كىشىگە بېرىشكە بولمايدۇ. چۈنكى قازىلىق ئېغىر مەسئۇلىيەت، زور ئامانەت. ئۇنى پەقەت چۈشەنمىگەن. سەل قارىغان، خىيانەتچى كىشى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا يۇرت ۋە ئەلدە چىدىغۇسىز بۇزۇقچىلىق بارلىققا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >بىز بۇ خىزمەتنى سورىغان ياكى ئۇنىڭغا ھېرىس كىشىگە بەرمەيمىز.< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس.)؛ >بىز خىزمەت قىلىشنى خالاپ قالغان كىشىنى بىزنىڭ خىزمىتىمىزگە قويمايمىز.< (بۇخارى رىۋايەت قىلغان.)  5 - قازى بولۇشنىڭ شەرتلىرى: تۆۋەندىكى شەرتلەر تولۇق بولمىغان ئادەم قازى قىلىنمايدۇ. مۇسۇلمان، ئەقلى - ھوشى جايىدا، بالاغەتكەن، ئەركىن، قۇرئان ۋە ھەدىسنى بىلىدىغان، ئادىل ھۆكۈم قىلىشنى بىلىدىغان، ئاڭلىشى، كۆرىشى ياخشى، تىلى راۋان بولىشى كېرەك. 6 - قازىلىقنىڭ ئەدەپ - قائىدىسى: قازىلىقنى ئۈستىگە ئالغان ئادەم تۆۋەندىكى ئەدەپ - قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىشى لازىم: قوپاللىق قىلمايدىغان كۈچلۈك، ئاجىزلىق قىلمايدىغان مۇلايىم، مەڭسىتمەسلىككە ئۇچرىمايدىغان، ئېغىر بېسىق، سالماق، ئۆزىگە تەمەننا قويمايدىغان، باشقىلارنى سەل چاغلىمايدىغان، پاراسەتلىك، تەدبىرلىك بولىشى زالىملارنى ئۈمىدلەندۈرۈپ قويماسلىقى، ئاجىزلارغا ھەيۋەتلىك كۆرۈنمەسلىكى، جېدەلخورلارغا پۇرسەت بەرمەسلىكى، ھەممە كىشىنىڭ ئالاقىلىشىش ئىمكانىيىتى بولۇشى كېرەك. گەپ - سۆزدە، قاراشلىرىدا، ئولتۇرىشىدا، كىرىش، چىقىشتا ئىككى تەرەپكە ئادىل بولۇش، بىرىنى قويۇپ بىرىگە قاتتىقلىق قىلماسلىقى، سورۇنغا قۇرئان ۋە ھەدىسنى بىلىدىغان، قانۇنچىلىقتىن خەۋىرى بار بىلىم ئەھلىلىرى قاتنىشىشى، قىيىن ئىشلاردا ئۇلارغا مەسلىھەت سېلىشى لازىم. 7 - قازى ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلار: قازى ساقلىنىشقا، يىراق بولۇشقا تېگىشلىك ئىشلار كۆپ بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1( ئاچچىقلانغان، كېسەللىك ياكى ئاجىزلىق ياكى ئۇسسۇزلۇق ياكى ئىسسىق ياكى سوغۇق ياكى چارچاش، ياكى ھېرىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى سەزگەندە ھۆكۈم چىقارماسلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:  >ئىككى كىشى ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم قىلغۇچى غەزەبلەنگەندە ھۆكۈم قىلمىسۇن< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس.) دېگەن. 2( گۇۋاھچىلارنى ھازىر قىلماي تۇرۇپ ھۆكۈم قىلماسلىق. 3( ئۆزى ياكى بالىسى، ئاتا - ئانىسى، خوتۇنىغا ئوخشاش گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنمايدىغان كىشىلەرگە ھۆكۈم قىلماسلىق. 4( ھۆكۈمدە پارا قوبۇل قىلماسلىق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: >ئاللاھ ھۆكۈم قىلىشتا پارا ئالغۇچى، پارا بەرگۈچىگە لەنەت قىلىدۇ.< (ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزىلر رىۋايەت قىلغان. ) دېگەن. 5( قازى بولۇشتىن بۇرۇن سوۋغات بەرمەيدىغان كىشىلەرنىڭ سوۋغىسىنى قوبۇل قىلماسلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >بىز بىر ئىشقا ئىشلەتكەن ۋە تەمىنات بەرگەندىن كېيىن ئالغان نەرسە بوينىغا سېلىنىدىغان تاقاق.< (ئەبۇ داۋۇت ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان. )  8 - قازىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسى: قازىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئاستىدا تۆۋەندىكىدەك ئىشلار بار. 1( ئىجرا بولىدىغان ھۆكۈم ئارقىلىق داۋالاشقا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىنى ئايرىش، بايانلىرى زىد، پاكىتى ئېنىق ئەمەس ياكى ئاجىز ئىككى تەرپە ئوتتۇرىسىنى كېلىشتۈرۈش. 2( زالىم ۋە قارا نىيەتلەرنى بوي سۇندۇرۇش، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلار ۋە ھەق ئىگىلىرىگە ياردەم قىلىش، ھەقىقەتنى ئۆز ئورنىغا يەتكۈزۈش. 3( قان ۋە يارىلىنىشتا ھۆكۈم ۋە جازانى ئىجرا قىلىش. 4( نىكاھ، تالاق، نەفىقە قاتارلىق ئىشلارنى نازارەت قىلىش. 5( يېتىملەر، نېرۋىسى ئاجىزلار، ئۆزىنىڭ تەسەررۇپ قىلىشى چەكلەنگەنلەر قاتارلىق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولالمايدىغانلارنىڭ مال - مۈلكىنى نازارەت قىلىش. 6( يۇرتتىكى يول، كوچا قاتارلىق ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى نازارەت قىلىش. 7( ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە كىشىلەرنى ئەمەل قىلدۇرۇش، يامانلىقتىن توسۇش ھەم ئۇنى ئۆزگەرتىش ۋە يۇرتتىكى تەسىرىنى يوقىتىش. 8( جۈمە ۋە ھېيىت نامازلىرىغا ئىمام بولۇش. 9 - قازى نېمىگە ئاساسەن ھۆكۈم قىلىدۇ؟ قازىنىڭ ئادىل ھۆكۈمى چىقىرىشىدا تۆت ئىشنى ئاساس قىلىدۇ. 1( جاۋابكارنىڭ ئۆز جىنايىتىنى ئىقرار قىلىشى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئەگەر ئېتىراپ قىلسا جازالاڭلار.< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس.)  2( پاكىت ياكى گۇۋاھچى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام: >پاكىت داۋاگەرنىڭ، قەسەم پاكىتىنى ئىنكار قىلغۇچىنىڭ< (بەيھەقى رىۋايەت قىلغان. ) دېگەن. يەنە: >سېنىڭ گۇۋاھچىلىرىڭ ياكى ئۇنىڭ قەسىمى كېرەك.< (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.) دېگەن. گۇۋاھچى ئاز بولغاندا ئىككى. ئەگەر بولمىسا بىر گۇۋاھچى ۋە قەسەم، ئىبنى ئابباس مۇنداق دېگەن: >پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەسەم ۋە بىر گۇۋاھچىنى ئاساس قىلىپ ھۆكۈم قىلغان.<(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. )  3( قەسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >داۋاگەر پاكىت، جاۋابكارغا قەسەم كېرەك.< ئەگەر داۋاگەر پاكىت كەلتۈرەلمىسە جاۋابكار قەسەم قىلىپ سوتتىن ئايرىلىدۇ. 4( ئۆزىنى تارتىش، جاۋابكار قەسەمدىن ئۆزىنى تارتىپ قەسەم قىلمىسا سوتچى ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ: قەسەم قىلساڭ يولۇڭ ئوچۇق ئۇنداق بولمىسا ساڭا قارىشى ھۆكۈم چىقىدۇ، دەيدۇ. قەسەم قىلمىسا سوتچى ھۆكۈمنى چىقىرىۋېرىدۇ. لېكىن مالىك رەھىمەھۇمۇللاھ مۇنداق ۋاقىتتا داۋاگەردىن قەسەم قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۇ قەسەم قىلسا ئۇنىڭغا توغرا، دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. دەپ قارايدۇ. مالىكنىڭ دەلىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەقسىماتتا قەسەمنى داۋاگەرگە يۆتكىەە. بۇ ھۆكۈم ئۈچۈن ئەتراپلىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بولىدۇ. 10 - ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلى: داۋاگەر ۋە جاۋابكار ئىككىسى قازىنىڭ ئالدىدا تەل بولغاندا قازى: قايسىڭلار داۋاگەر؟ دەيدۇ. ئەگەر سادا چىقمىسا قايتىدىن دېسە بولىدۇ. داۋاگەر ئۆزىنىڭ داۋاسىنى بايان قىلىپ بولغاندىن كېيىن، سوتچى جاۋابكارغا: بۇنىڭ داۋاسىغا قانداق قارايسەن؟ دەيدۇ. جاۋابكار ئىقرار قىلسا قازى ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئەگەر  ئىنكار قىلسا قازى دەۋاگەرگە پاكىتىڭنى كەلتۈر، دەيدۇ. پاكىت كەلتۈرسە ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ. ئەگەر پاكىت كەلتۈرۈش ئۈچۈن ۋاقىت تەلەپ قىلسا مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلەپ بېرىلىدۇ. ئەگەر پاكىت كەلتۈرەلمىسە جاۋابكارغا: سېنىڭ توغرىلىقىڭغا قەسەم قىلامسەن؟ دەيدۇ. قەسەم قىلسا قويىۋېتىلىدۇ. ئەگەر قەسەمدىن ئۆزىنى تارتسا ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيىتى چۈشەندۈرىلىدۇ. ئەگەر يەنىلا قەسەم قىلمىسا داۋاگەرنىڭ توغرا دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. لېكىن قەسەم قىلىشنى داۋاگەردىنمۇ تەلەپ قىلىش ۋە شۇنىڭ قەسىمىڭەە قاراپ ھۆكۈم قىلىش ياخشى. مۇسلىم سەھى كىتابىدا ۋائىل ئىبنى ھۆجىردىن مۇنداق بايان قىلىدۇ: خەزرەمىيلىك ۋە كندىيلىق ئىككى ئادەم داۋالىشىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدى. خەزرەمىيلىك: ئى رەسۇلۇللاھ، بۇ مېنىڭ يېرىمنى ئىگەللىۋالدى، دېدى. كىندىيلىك: ئۇ مېنىڭ يېرىم، مېنىڭ ئىلكىمدە، ئۇنىڭ ئۇ يەردە ھەققى يوق. دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەزرەمىيلىككە: >پاكىتىڭ بارمۇ؟< دېدى. ئۇ: ياق، دېۋىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: >ئۇنداقتا كىنديلىق قەسەم قىلىدۇ< دېۋىدى. خەزرەمىيلىك: ئى رەسۇلۇللاھ، ئۇ قەسىمىگە پەرۋا قىلمايدىغان، بىر نەرسىگە دىققەت قىلمايدىغان بۇزۇق ئادەم، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: >بۇنىڭدىن باشقا يول يوق< دېدى. ]ئەسكەرتىش[  1 - قازى گۇۋاھچىنىڭ ئادىللىقىنى بىلىپ ئاندىن ھۆكۈم قىلىدۇ. 2 - يۆگەنگەن ئايال جاۋابكار بولسا ئۆزرىسى ياكى ئاجىزلىقى بولسا سوتقا ئۆزىنىڭ ۋاكالىتەن كىشىسىنى قاتناشتۇرسا بولىدۇ. 3 - قازى ئۆزىنىڭ بىلىشىگە تايىنىپ ئەمەس بەلكى پاكىت ئاساسىدا ھۆكۈم قىلىدۇ. ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: >مەن بىر ئادەمنىڭ ئاللاھنىڭ جازاسىدىن بىرەرىگە لايىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەم. ئۆزۈم يالغۇز ئۇنى جازالىمايمەن ۋە چاقىرتمايمەن.<  (ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.)    4 - سوتقا چاقىرىلغان كىشى كېلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ سوتتا يوق تۇرۇپ ھۆكۈم چىقىرىلمايدۇ. يوق بولسا قاتنىشىش ياكى ۋەكىل ئەۋەتىش تەلەپ قىلىنىدۇ. 5 - قازىنىڭ قازىغا يازغان خېتى چەكلىمىسىز قوبۇل قىلىنىدۇ. 6 - داۋاگەرنىڭ داۋاسى ئېنىق ھەم كەسكىن بولماي تۇرۇپ سوت قىلىنمايدۇ. 7 - قازىنىڭ ھۆكۈمى ھارامنى ھالال، ھالالنى ھارام قىلالمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ھەقىقەتەن مەن بىر ئىنسان سىلەر ماڭا داۋالىشىپ كېلىسىلەر. بەزىلىرىڭلار ئۆزىنىڭ پاكىتى ئارقىلىق باشقىلاردىن ئۈستۈن بولۇشنى ئۈمىد قىلىسىلەر، مەن ئاڭلىغىنىم بويىچە ھۆكۈم قىلىمەن. بىرەرسىگە ئۆز قېرىندىشىنىڭ بىر نەرسىسىنى ھۆكۈم قىلىپ بەرسەم ئۇنى ئالمىسۇن. مەن ئۇنىڭغا ئوتتىن بىر پارچە كېسىپ بېرىمەن.< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس.)  8 - ئىككى تەرەپنىڭ پاكىتلىرى قارىمۇ - قارشى چىقىپ قالسا، ھېچقايسىسى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمىە ئوتتۇرىدىكى نەرسە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا تەڭ ئۈلەشتۈرىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق قىلغان. ئىككىنچى: گۇۋاھلىق  1 - تونۇشتۇرۇش: گۇۋاھلىق ئىنساننىڭ كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان نەرسىنى راستچىللىق بىلەن بايان قىلىشىدۇر. 2 - ھۆكمى: گۇۋاھلىق بېرىش تەيىنلەنگەن كىشى بەرسە بولىدىغان پەرزى كۇپايىگە ئوخشاش بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن؛ >سىلەر ئەر كىشىڭلاردىن ئىككى كىشىنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار. ئەگەر ئىككى ئەر كىشى يوق بولسا، سىلەر رازى بولىدىغان كىشىلەردىن بىر ئەر، ئىككى ئايالنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار.<(بەقەرە: 282)؛ >گۇۋاھلىقنى يوشۇرماڭلار، كىمكى ئۇنى يوشۇرىدىكەن، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ دىلى گۇناھكار بولىدۇ.<(بەقەرە: 283) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >سىلەرگە ئەڭ ياخشى گۇۋاھچىنى دەپ بېرەيمۇ؟ ئۇ تەلەپ قىلىنىشتىن بۇرۇن كېلىپ گۇۋاھلىق بەرگەن كىشىدۇر.< (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.)  3 - گۇۋاھچىنىڭ شەرتلىرى: گۇۋاھچى مۇسۇلمان، كاللىسى جايىدا، بالاغەتكە يەتكەن، ئادىل، تۆھمەتتىن خالىي بولۇش. تۆھمەتتىن خالىي دېگىنىمىز، گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنمايدىغان كىشىلەردىن بولماسلىق. مەسىلەن: تۇغقانلارنىڭ بىر - بىرىگە گۇۋاھلىق بېرىشى، ئەر - ئايالنىڭ ئۆزئارا    بىر - بىرىگە گۇۋاھلىق بېرىشى، شۇنداقلا دۈشمەننىڭ ئۆز دۈشمىنىگە گۇۋاھلىق بېرىشىگە ئوخشاش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >خائىننىڭ، قېرىندىشىغا ئاداۋەت تۇتقۇچىنىڭ، بىر ئۆيدىكىلەرنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش توغرا ئەمەس.< (ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد قاتارلىقلار.)  4 - گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ ئەھكاملىرى: 1( گۇۋاھچى ئىشەنچىلىك كۆرگەن ياكى ئاڭلىغىنى بويىچىلا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گۇۋاھلىق توغرىلۇق سورىغان كىشىگە: >قۇياشنى كۆرىۋاتامسەن؟< دېدى. ھەئەت كۆرىۋاتىمەن. >ئەنە شۇنداق گۇۋاھلىق بەرگىن ياكى بەرمىگىن< (ئىبنى ئەدى رىۋايەت قىلغان. )دېدى. 2( گۇۋاھچى كېسەللىك ياكى باشقا زۆرۈر سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سوتقا كېلەلمىسە قازىنىڭ ھۆكۈم قىلىشى شۇنىڭغا قاراشلىق بولسا گۇۋاھچىنىڭ ۋەكىلى گۇۋاھلىق بەرسە بولىدۇ.    3( گۇۋاھچى ئادىللىق بىلەن مەشھۇر بولمىغان بولسا ئادىل ئىككى كىشى ئۇنى ئادىل، رازى بولارلىق كىشى، دەپ پاكلايدۇ. ئەگەر ئۇ مەشھۇر كىشى بولسا قازىنىڭ پاكلىشىغا موھتاج ئەمەس.    4( يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنى خاتالىقتىن توسۇش ۋە باشقىلارغا ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن ئەدەبلەش زۆرۈر. 5 - گۇۋاھلىقنىڭ تۈرلىرى: 1( زىنانىڭ گۇۋاھلىقى: بۇنىڭغا تۆت گۇۋاھچى لازىم. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئۇلارغا ئىچىڭلاردىن تۆت گۇۋاھچىنى كەلتۈرۈڭلار< (نىسا: 75) تۆتتىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ. 2( زىنادىن باشقا ئىشلاردا ئادىل ئىككى گۇۋاھچى يېتىدۇ.    3( ئىقتىسادى ئىشلاردا بىر ئەر ۋە ئىككى ئايال گۇۋاھلىقى يېتەرلىك بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئەگەر ئىككى ئەر كىشى يوق بولسا، سىلەر رازى بولىدىغان كىشىلەردىن بىر ئەر، ئىككى ئايالنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار.< (بەقەرە: 282)  4( ھۆكۈم ئىشلىرىدا تۆۋەن بولغاندا بىر گۇۋاھچى ۋە قەسەم يېتىدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: >پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەسەم ۋە بىر گۇۋاھچى بىلەن ھۆكۈم قىلغان< دېگەن. 5( قورساق كۆتۈرۈش، ھەيز كۆرۈش قاتارلىق ئاياللار خەۋەر تاپىدىغان ئىشلاردا ئىككى ئايالنىڭ گۇۋاھلىقى يېتەرلىك. )يۇقىرىقىلاردىكى ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەم(  ئۈچىنچى، ئىقرار قىلىش: 1 - تونۇشتۇرۇش: ئىقرار قىلىش ئۇ ئىنساننىڭ ئۆزى ئۈستىدىكى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش بولۇپ، مەسىلەن، مەندە پالانىنىڭ بەش مىڭ كۈيى بار، ياكى پالانىنىڭ مانچىلىك مېلى بار، دېگەنگە ئوخشاش. 2 - ئىقرارنى قوبۇل قىلىشنىڭ شەرتلىرى: كاللىسى جايىدا بالاغەتكە يەتكەن. ئىختىيارى ئىقرار قىلىشى كېرەك. ساراڭنىڭ، مەجبۇرلانغان كىشىنىڭ جاۋابكارلىقى يوق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: >قەلەم ئۈچ كىشىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى …< ۋە: >… مەجبۇرلانغان ئىش< دېگەن ھەدىسلىرى يۇقىرىدا ئۆتتى. 3 - ھۆكۈمى: ئىقرار قىلىشنىڭ ھۆكۈمى ئەمەل قىلىش بولۇپ، شەرتكە لايىق كىشىنىڭ ئىقرارى ئەمەل قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: >… ھەر ئىقرار قىلسا جازالاڭلار.< دېگەن. ئىقرار قىلىشنى جازالاشنىڭ ئاساسىي قىلغان. )مەيلى زىناخور قاتارلىقلارنى جازالاش ۋە ياكى باشقا ھۆكۈملەردە پاكىت ئىزدەشتە ھازىرقى پەن - تېخنىكا ئارتۇقچىلىقلىرىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ. ئادىل ھۆكۈم چىقىرىشقا پايدىلىق بولسىلا.(   


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  نىكاھنىڭ بىرىنچى ك...
●  مۇھەممەد ئەلەيھىسس...
●  چوقۇم كۆرۈڭلار دوس...
●  ئىسلامدىكى قىرىندا...
●  ھەدىسى قۇددۇسى
●  تۆت مەزھەبنىڭ قايس...
●  ئايەت يېزىلغان جاز...
●  تاماكا چېكىش نېمىش...
●  ھايا
●  ھەج قىلىشقا قادىر ب...
●  قىيامەتنىڭ ئالامەت...
●  ئىسلامدىكى قۇل
●  ھۆكۈم ۋە ئىسپاتنىڭ ...
●  مال بوغۇزلارش، ئوۋ ...
●  جازالار
●  جىنايەت ۋە ئۇنىڭ ھۆ...
●  قەسەم ۋە نەزىر
●  مىراس ۋە ئۇنىڭ ئەھك...
●  نىكاھ، تالاق، ۋاز ك...
●  ئومۇمىي ھۆكۈملەر

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  نىكاھنىڭ بىرىنچى كىچىسى
●  مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام...
●  چوقۇم كۆرۈڭلار دوستلار ...
●  ئىسلامدىكى قىرىنداشلىق
●  ھەدىسى قۇددۇسى
●  تۆت مەزھەبنىڭ قايسىسى ئ...
●  ئايەت يېزىلغان جازىلارن...
●  تاماكا چېكىش نېمىشقا چە...
●  ھايا
●  ھەج قىلىشقا قادىر بولۇش...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى