بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئىسلام دىنى >> ئىسلام دىنىدىن ساۋاتلار >> تۆت مەزھەبنىڭ قايسىسى ئەڭ ساغلام يول؟

تۆت مەزھەبنىڭ قايسىسى ئەڭ ساغلام يول؟

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-15 10:03:55    كۆرۈلۈش سانى : 6637  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
سوئال: ئەھلى سۈننەت مەزھەبلىرى ئىچىدىكى مەشھۇر تۆت مەزھەبنىڭ قايسىسى ئەڭ توغرا دەپ قارىلىدۇ؟ جاۋاب:   بارلىق ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر ئاللاھ تائالا بىزنى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ كىتابى قۇرئان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى بىلەن ئىبادەت قىلىشقا چاقىرغان. بىز ئىسلامنى ساھابىلار ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەن ئۆلىمالار ۋە مۇجتەھىدلارنىڭ چۈشەنگىنىدەك چۈشىنىشىمىز لازىم. بۇ مۇجتەھىدلاردىن ئادالەت، راستچىللىق، تەقۋالىق ۋە توغرىلىقتا مەشھۇر بولغانلىرى ئىمام ئەبۇ ھەنىپە ئىمام ئەزەم، ئىمام شافىئىي، ئىمام مالىك ۋە ئىمام ئەھمەدلەردۇر. بۇ يۇقىرىقى تۆت مەزھەبنىڭ ھەممىسى ئەھلى سۈننە جەمائىتىدىن بولۇپ، ھەممىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىدۇ. لېكىن شاخچە مەسىلىلەردە ئۇلارنىڭ چۈشىنىشلىرى ئوخشاش بولمىغان. بەزىسىگە دەلىل يېتىپ بارغان بولسا بەزىسىگە شۇ دەلىلى ياكى ھەدىس يېتىپ بارمىغان. شۇڭا ئۇلارنىڭ بەزى شاخچە مەسىلىلەردە كۆز قاراشلىرى ئوخشاش بولمىغان. بۇ ئۇلارنىڭ ئىلمىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. سورىغۇچى ئۇلاردىن مەلۇم بىر مەزھەبكە ئەگەشكەن كىشى بولسا، دۇچ كەلگەن مەسىلىلەردە مەزھەب ساھىبنىڭ كۆز قارىشى قۇرئان ۋە ساغلام سۈننەتكە ئۇيغۇن بولىدىكەن ئۆز مەزھىبىگە ئەگەشسۇن. باشقا مەزھەبتە مەزكۇر مەسىلىنىڭ دەلىل ئىسپاتى كۈچلۈكلىكى ئۆلىمالار تەرىپىدىن بىلدۇرۇلگەن ياكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسا ئۇ ھۆكۈمگە ئەمەل قىلىشى لازىم بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى توغرىلىق ۋە ھەقىقەتنى تارقىتىشتا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان زاتلاردۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھنىڭ رەسۇلىدىن غەيرىگە -كىم بولۇشتىن قەتئى نەزەر -پۈتۈن ئەھكاملاردا دېگەن سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىگە شەرتسىز ئەگىشىش كېرەك دەپ مەزھەب تەئەسسۇپلىقى قىلىش جايىز ئەمەس. شەرىئەت دەلىللىرىدىن  ئەھكام چىقىرالايدىغان دەرىجىدىكى ئالىم ئەقلىنى ئىشلىتىپ ئىش كۆرۈشى لازىم. ئەمما شەرىئەت بىلىملىرىدىن خەۋىرى يوق مۇسۇلمانلار بولسا، ئىلمىغا ئىشەنچ قىلىدىغان تەقۋادار ئۆلىما ۋە دىنى زىيالىيلارنىڭ پەتىۋالىرى بىلەن ئىش كۆرۈشى لازىم.   ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى ئاللاھتۇر. مەنبە؛ دارۇل ئىسلام تورى


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  نىكاھنىڭ بىرىنچى ك...
●  مۇھەممەد ئەلەيھىسس...
●  چوقۇم كۆرۈڭلار دوس...
●  ئىسلامدىكى قىرىندا...
●  ھەدىسى قۇددۇسى
●  تۆت مەزھەبنىڭ قايس...
●  ئايەت يېزىلغان جاز...
●  تاماكا چېكىش نېمىش...
●  ھايا
●  ھەج قىلىشقا قادىر ب...
●  قىيامەتنىڭ ئالامەت...
●  ئىسلامدىكى قۇل
●  ھۆكۈم ۋە ئىسپاتنىڭ ...
●  مال بوغۇزلارش، ئوۋ ...
●  جازالار
●  جىنايەت ۋە ئۇنىڭ ھۆ...
●  قەسەم ۋە نەزىر
●  مىراس ۋە ئۇنىڭ ئەھك...
●  نىكاھ، تالاق، ۋاز ك...
●  ئومۇمىي ھۆكۈملەر

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  نىكاھنىڭ بىرىنچى كىچىسى
●  مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام...
●  چوقۇم كۆرۈڭلار دوستلار ...
●  ئىسلامدىكى قىرىنداشلىق
●  ھەدىسى قۇددۇسى
●  تۆت مەزھەبنىڭ قايسىسى ئ...
●  ئايەت يېزىلغان جازىلارن...
●  تاماكا چېكىش نېمىشقا چە...
●  ھايا
●  ھەج قىلىشقا قادىر بولۇش...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى