بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئىسلام دىنى >> ئىسلام دىنىدىن ساۋاتلار >> ئومۇمىي ھۆكۈملەر

ئومۇمىي ھۆكۈملەر

يوللانغان ۋاقتى : 2008-10-25 15:19:58    كۆرۈلۈش سانى : 782  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
بىرىنچى، قەرىز  1 - تونۇشتۇرۇش: قەرىز لۇغەتتە ئۈزۈش دېمەكتۇر. قانۇنىي جەھەتتە مەنپەئەتلىنىدىغان كىشىگە مال بېرىش دېگەنلىك بولۇپ، كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ. مەسىلەن: موھتاج ئادەم ياردەم قىلغۇچىلارغا پالانى چاغقىچە ماڭا مانچىلىك مال ياكى ماتا ياكى ھايۋان قەرز بەرگىن ياكى ئۆتنە بېرىپ تۇرغىن. كېيىن ساڭا قايتۇرۇپ بېرەي، دەيدۇ. ئۇ قەرز بېرىپ تۇرىدۇ. 2 - ھۆكمى: قەرز بېرىش قەرز بەرگۈچىگە نىسبەتەن مۇستەھەپتۇر. )يەنى ياخشى كۆرۈلىدىغان ئىش( ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >كىمكى ئاللاھ قەرزى ھەسەن بېرىدىكەن )يەنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ ئۇنىڭ يولىدا پۇل - مال سەرىپ قىلىدىكەن( ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ. ئۇنىڭغا چوڭ ساۋاب بېرىدۇ. <(ھەدىد:11) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >كىمكى قېرىندىشىنى دۇنيانىڭ قىيىنچىلىقلىرىنىڭ بىرىدىن خالاس قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى قىيامەت كۈنىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنىڭ بىرىدىن خالاس قىلىدۇ.< (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.) قەرز ئالغۇچىغا نىسبەتەن ياخشىسىنى قايتۇرۇش دۇرۇس، رۇخسەت قىلىنغان ئىش بولۇپ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر بوتلاقنى قەرز ئېلىپ ياخشى بىر تۆگە قايتۇرۇپ بەرگەن ۋە: >كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى قەرزنى ياخشى ئادا قىلغان كىشىدۇر< (بۇخارى رىۋايەت قىلغان. )دېگەن. 3 - قەرزنىڭ شەرتلىرى: 1( قەرزنىڭ سان، ئۆلچەم، ۋەزنى ئېنىق بولۇش. 2( ئەگەر ھايۋان بولسا سۈپىتى ۋە يېشى ئېنىق بولۇش. 3( قەرز قەرز بېرىش ئىقتىدارى بار كىشىلەردىن ئېلىنىشى كېرەك. مۈلكى يوق. ئەقلى جايىدا ئەمەس كىشىلەردىن قەرز ئېلىش توغرا ئەمەس. 4 - قەرزنىڭ ئەھكاملىرى: 1( ئېلىنىدىغان قەرز نەق بولىشى كېرەك. 2( قەرزنىڭ ۋاقىتلىق ئېلىش توغرا بولىدۇ. 3( ئەگەر قەرز ئالغان مال قەرز ئالغان كۈندىكىدەك ئۆز ئەينى بولسا شۇ پېتى قايتۇرىلىدۇ. ئەگەر ئازىيىپ ياكى كۆپىيىپ ئۆزگىرىپ كەتسە، ئوىشىشى بولسا ئوخشىشى قايتۇرۇلىدۇ. ئەگەر بولمسىا ئوخشاش قىممىتى قايتۇرۇلىدۇ. 4( قەرزنى يۆتكەش قىيىن توختىمىسا ئېلىش، بېرىشتە ئورۇننى كېلىشىپ توختاتسا بولىدۇ. 5( قەرزنى ئاشۇرۇپ قايتۇرۇشنى شەرت قىلىش ياكى قەرز بەرگۈچى قەرز ئالغۇچىدىن نەپ ئېلىش قەتئىي توغرا ئەمەس. لېكىن قەرز ئالغۇچى ياخشى كۆڭلى بىلەن ياخشىراق قايتۇرۇپ بەرسە ھېچقىسى يوق. ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىچىك بوتلاقنىڭ ئورنىغا تۆت ياشلىق ياخشى تۆگىدىن بىرنى بەرگەن ۋە: >كىشىلەرنىڭ ياخشىسى قەرزلەرنى ئەڭ ياخشى قايتۇرغان كىشىدۇ.<(بۇخارى رىۋايەت قىلغان. )  دېگەن. ئىككىنچى ئامانەت قويۇلغان نەرسە: 1 - ئۇنى تونۇشتۇرۇش: ئامانەت قويۇلغان نەرسە دېگىنىمىز: تەلەپ قىلغان چاغدا ئامانەت قويغۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ساقلايدىغان ئادەمنىڭ يېنىدا قويۇپ قويغان مال ياكى باشقا نەرسىلەردۇر. 2 - ئۇنىڭ ھۆكمى: ئامانەت قويۇش ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزى بىلەن قانۇنلۇق بولغان: >ئامانەتنى ئالغۇچى ئادەم ئامانەتنى تاپشۇرسۇن<. (بەقەرە: 283)، >شۈبھىسىزكى ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرشقا بۇيرۇيدۇ.< (نىسا: 58) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن؛ >ئامانەت قويغان كىشىگە ئامانەتنى ئادا قىلغىن، ساڭا خىيانەت قىلغان كىشىگە خىيانەت قىلما.< (ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.) تاپشۇرۇلغان نەرسە ئامانەت قاتارىغا كىرىدۇ. تاپشۇرۇلغان نەرسىنىڭ ھۆكمى ئەھۋاللارنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگىرىدۇ. ئۇنى قوبۇل قىلىش مۇسۇلمانلارغا ۋاجىپ بولىدۇ. بۇ مۇسۇلمان مېلىنى ساقلاشتا قىينىلىپ قالغاندا، ئۇنىڭدىن باشقا ساقلاپ بېرىدىغان ئادەمنى تاپالمىغاندا بولىدۇ. ئەگەر بىر نەرسىنى ساقلاپ بېرىش تەلەپ قىلىنسا، ئۇ ئۆزىدە ساقلاشقا قۇدرەت بارلىقىنى ھېس قىلسا ساقلاپ بېرىش مۇستەھەپ )ياخشى(، چۈنكى بۇ ياخشىلىققا ياردەم بېرىش جۈملىسىدىن بولىدۇ. ئاللاھنىڭ تۆۋەندىكى سۆزىدە شۇنىڭغا بۇيرۇلغان: >ياخشى ئىشقا ۋە تاقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار.< (مائىد: 2) گاھىدا تاپشۇرۇلغان نەرسىنى قوبۇل قىلىش مەكروھ )يامان كۆرىلىدىغان ئىش( بولىدۇ. يەنى بېرىلگەن شەخس ساقلاشتىن ئاجىز بولسا. 3 - ئۇنىڭ ئەھكاملىرى: 1. ئامانەت بەرگۈچى ۋە ئالغۇچى ھەقىقىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان بولىشى كېرەك. كىچىك بالىلار ۋە نېرۋىسى ئاجىز )مەجنۇن( لاردىن ئامانەتنى ئېلىشقا ياكى ئۇلارنىڭ يېنىدا ئامانەت قويۇشقا بولمايدۇ. 2. بۇزۇپ چېچىۋەتمىگەن بولسا ئامانەت قويۇلغان نەرسىنى تۆلەپ بەرمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئامانەت قويۇلغۇچىغا تۆلەم كەلمەيدۇ.< (دارىقۇتنى رىۋايەت قىلغان. )؛ >ئامانەت قويۇلغان كىشىگە تۆلەم كەلمەيدۇ.< (ئىبنى ماججە رىۋايەت قىلغان. )  3. ئامانەت قويغۇچى ۋە قويۇلغۇچى قويۇلغان نەرسىنى قاچان خالىسا قايتۇرىۋېتىدۇ ۋە قايتۇرىۋالىدۇ. 4. ئامانەت قويغۇچىنىڭ قويۇلغان نەرسىدىن قانداقلا يول بىلەن بولمىسۇن پايدىلىنىشى دۇرۇس ئەمەس. لېكىن قويغۇچىنىڭ رۇخسىتى ۋە رازىلىقى بىلەن بولسا مەيلى. 5. ئامانەت قويۇلغان نەرسىنى قايتۇرۇشتا ئىختىلاپ بولسا سۆز قەسەم بىلەن قويۇلغۇچىنىڭ بولىدۇ. لېكىن قويغۇچىمۇ قايتۇرىۋالمىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىت كەلتۈرۈشى كېرەك. 4 - ھۆججەت يېزىش شەكلى  تاپشۇرۇپ بېرىش، تاپشۇرىۋېلىش ھۆججىتىنىڭ  يېزىلىش شەكلى: پالانى پالانىدىن مانچىلىك مالنى قانۇنى يوللار بىلەن تاپشۇرۇپ ئالدى. ئامانەت قويغۇچىنىڭ تەلىۋى بويىچە پالانى يەردە ساقلاپ بەرمەكچى. مەزكۇر كېلىشىمگە پالانىلا قاتناشتى ۋە قانۇن بويىچە تەستىقلىدى. قايتۇرۇۋېلىش ۋە قايتۇرۇپ بېرىش ھۆججىتى. پالانى پالانىدىن مانچىلىك مالنى قايتۇنىي جەھەتتە تاپشۇرۇپ ئالدى. بۇ ئۇنىڭ قولىغا ۋە ئۇنىڭ دائىرىسىگە ئۆتتى. بۇنىڭ مىقدارى مەزكۇر تاپشۇرىۋالغۇچى تاپشۇرۇلغۇچىغا بۇرۇن بەرگەندىكىدەك بۇنىڭدىن ئاز ياكى كۆپ نەرسە كېچىكتۈرۈلمىدى. بۇنىڭغا مەزكۇر قايتۇرۇپ بەرگۈچىمۇ قانۇنىي تەستىق سالدى. بۇ پالانى چاغدا پۈتتى. ئۈچىنچى، ئارىيەت  1 - ئۇنى تونۇشتۇرۇش، ئارىيەت دېگىنىمىز: مەنپەئەتلىنىدىغان كىشىگە بىر مۇددەت بېرىپ كېيىن قايتۇرىۋالىدىغان نەرسە. خۇددى بىر مۇسۇلمان يەنە بىرىدىن خەت يازىدىغان قەلەمنى ياكى كىيىدىغان كىيىمنى ئارىيەت ئېلىپ كېيىن قايتۇرۇپ بەرگەندەك. 2 - ئۇنىڭ ھۆكمى: ئارىيەت ئاللاھنىڭ: >ياخشىلىققا، تەقۋادارلىققا يادەم بېرىڭلار.< دېگەن سۆزى بىلەن يەنە ئاللاھنىڭ >ئۇلار قۇلغا بەرمەيدۇ< دېگەن سۆزى ئارقىلىق قانۇنلاشقان. يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >بەلكى قايتۇرۇلىدىغان ئارىيەتتۇر.< ؛ >تۆگىس كالىسى ۋە قوينىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىغان قانداقلا بىر ئادەم بولىدىكەن. قىيامەت كۈنى مەن ئۇ ھايۋانلار ئۈچۈن بىر تۈزلەڭلىكنى تەييارلايمەن. ئۇنى ئاچا تۇۋاقلىقلار تۇۋىقى بىلەن دەسسەيدۇ، مۈڭگۈزلۈكلەر مۈڭگۈزى بىلەن ئۈسىدۇ. ئۇ كۈندە توكۇر، ۋە مۈڭگۈزلۈكلەر بولمايدۇ، دېدى. بىز: ئى رەسۇلۇللاھ، ئۇنىڭ ھەققى نېمە؟ دېدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: >ئەركىكىنى قويۇپ بېرىش. قاچىلىرىنى ئارىيەت بېرىش، سوۋغا قىلىش سۇغا سېغىپ بېرىش ۋە ئاللاھ يولىدا مىنىش، دېدى.< (بۇخارى رىۋايەت قىلغان. )ئۇنىڭ ھۆكمى مۇستەھەپتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن؛ >ياخشىلىق ۋە تەقۋادارلىققا ياردەم بېرىڭلار.< بىرەر مۇسۇلمان مۇسۇلمان قېرىندىشى ئۇنىڭغا موھتاج بولۇپ، ئۆزى بىھاجەت بولسا باشقىلارغا ئارىيەت بېرىش ۋاجىپ. 3. ئۇنىڭ ئەھكاملىرى: 1 - توغرا بولىدىغان )يولغا قويۇلغان( نەرسىلەر ئارىيەت بولسا بولىدۇ. بىرگە بولۇش ئۈچۈن قىز ئارىيەت بېرىلمەيدۇ. كاپىرنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن مۇسۇلمان ئارىيەتكە بېرىلمەيدۇ. پاك نەرسە ياكى كىيىم ھارام ئىشلارغا ئارىيەتكە بېرىلمەيدۇ. چۈنكى گۇناھقا ياردەم بېرىش ھارامدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ياخشىلىققا، تەقۋادارلىققا ياردەم بېرىڭلار<. 2 - ئەگەر ئارىيەت بەرگۈچى ئارىيەتكە بېرىلگەن نەرسىگە كېپىل بولۇشنى شەرت قىلغان بولسا ياكى ئارىيەت ئالغۇچى بۇزىۋاتقان بولسا تۆلەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >مۇسۇلمانلار شەرتلىرىگە ئەمەل قىلىدۇ.< (ئەبۇ داۋۇد، ھاكىم رىۋايەت قىلغان. )  دېگەن. ئەگەر قەستەن ياكى سەل قاراپ بۇزۇلۇپ كەتسە شۇنىڭ ئوخشىشى ياكى شۇنىڭ قىممىتىدە تۆلىتىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئادا قىلىپ بولغۇچە قولدىكى نەرسىگە تۆلەم كېلىدۇ.<  3 - ئارىيەت ئالغان نەرسىنى قايتۇرۇپ بەرگەندە جاپاسى ئارىيەت ئالغۇچىغا بولىدۇ. مەسىلەن: كۆتۈرگۈچىلەر بىلەن ئاپىرىش ياكى ماشىنا كىرا قىلىش دېگەندەك. 4 - ئارىيەت ئالغۇچىنىڭ ئالغان نەرسىسىنى ئىجارىگە بېرىشى توغرا بولمايدۇ. ئەمما ئارىيەت بەرگۈچىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىپ ئارىيەت بەرسە بولىدۇ. ئەگەر ئارىيەت بەرگۈچى رازى بولمىسا ئارىيەت بېرىشكە بولمايدۇ. 5 - ئەگەر ياغاچ قويغىلى بىر تامنى ئارىيەت بەرگەن بولسا تامنى يىقىلىپ كەتكەندە قايتۇرۇپ بېرىش توغرا بولمايدۇ. شۇنىڭدەك يەرنى بىر نەرسە تېرىۋېلىش ئۈچۈن ئارىيەتكە ئالغان ئادەم زىرائەتنى ئورىماي تۇرۇپ قايتۇرۇپ بەرمەسلىكى كېرەك. چۈنكى بۇنداق قىلسا مۇسۇلمانلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ. بۇ ھارامدۇر.    6 - مەلۇم چاغقىچە بىر نەرسىنى ئارىيەتكە بەرگەن بولسا ۋاقىت توشماي تۇرۇپ قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلمىغان ياخشى. ئاخىرىدا مال تۈرى، ئارىيەت ئالغان. قايتۇرۇپ بېرىدىغان ۋاقتى. ئارىيەت ئالغۇچى ۋە بەرگۈچىنىڭ ئىسمى، يىل، ئاي، ۋاقىت ۋە گۇۋاھچىلار، شۇنداقلا باشقا تەپسىلاتلار ئېنىق يېزىلىپ ئارىيەت ھۆججىتى يېزىلىدۇ. تۆتىنچى، بۆلۈۋېلىش  1 - ئۇنى تونۇشتۇرۇش: بۆلىۋېلىش دېگىنىمىز، باشقىلارنىڭ مېلىنى ناھەق ئىگەللىۋېلىشتۇر.  خۇددى بىرسى يەنە بىرسىنىڭ ھويلىسىنى ئىگەللىۋېلىپ ئولتۇرغاندەك ياكى ئۇلىغىنى ئىگەللىۋېلىپ مىنىۋالغاندەك. 2 - ئۇنىڭ ھۆكمى: بۆلىۋېلىش ھارام قىلىنغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >بىر - بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالماڭلار.< (بەقەرە: 188) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن؛ >ئاگاھ بولۇڭلار، سىلەرنىڭ قانلىرىڭلار ۋە ماللىرىڭلار ئۆزئارا ھارامدۇر.< (بۇخارى رىۋايەت قىلغان. )؛ >كىمكى بىر غېرىچ يەرنى ناھەق ئىگەللىۋالىدىكەن قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا يەتتە قات زېمىن تۇۋاق قىلىپ سېلىنىدۇ.< (بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. )؛ >مۇسۇلمان ئىنساننىڭ مېلىنى ئېلىش ھالال بولمايدۇ. لېكىن ئكز رازىلىقىدىن بولسا مەيلى.< (دارىقۇت رىۋايەت قىلغان.)  3 - ئۇنىڭ ئەھكاملىرى: بۇلىۋېلىشنىڭ ئەھكاملىرى تۆۋەندىكىچە: 1. بۇلاڭچى ۋە شۇنىڭ ئوخشاشلىرىنى ئاللاھنىڭ ھەققى ئۈچۈن تۈرمە ۋە قاتتىق ئۇرۇش بىلەن ئەدەپلەش. 2. بۇلاڭچى بۇلىغان نەرسىنى قايتۇرۇپ بېرىش، ئەگەر قولىدىكىنى بۇزۇپ چاچقا بولسا ئوخشىشىنى ياكى شۇنچىلىك قىممەتتىكىنى تۆلەپ بېرىشى لازىم. 3. كىمكى بىر نەرسىنى بۇلاپ بۇنى بۇزۇپ قويسا، ئۇنىڭ ئوخشىشىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ. ئەگەر ئوخشىشىنى بېرىش تەس كەلسە شۇ نەرسىنى تۆلەم بىلەن قوشۇپ بېرىدۇ. 4. بۇلانغان نەرسە پايدىسى بىلەن بىللە قايتۇرۇلىدۇ. مەسىلەن: ھايۋاندىن چىققان نەرسە )يۇڭ( ياكى دەرەخلەرنىڭ پايدىسى ياكى ئۇلاغنى ئىجارە ساتقانغا ئوخشاش. 5. ئەگەر بۇلانغان نەرسە يەر بولۇپ، بۇنىڭغا بۇلاڭچى بىنا سالغان بولسا، ياكى كۆچەت تىككەن بولسا ئۇ بىنانى يېقىش ۋە دەرەخلەرنى يۇلۇپ بېرىش، بىنا سېلىپ، كۆچەت تىكىپ بۇزۇلغان يەرنى ئوڭشاش قاتارلىقلارنى قىلىپ بېرىدۇ. ئەگەر خالىسا سالغان بىنا ۋە كۆچەتلىرىنى تەرىك ئېتىپ، يەر ئىگىسى رازى بولس بۇزۇلغاننىڭ پۇلىنى ئالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >زالىمنىڭ قېنى ئۈچۈن ھەق كەلمەيدۇ<  6. بۇلاڭچى بۇلىغان نەرسىنى تىجارەتكە سېلىپ پايدا ئالغان بولسا پايدىسى بىلەن قوشۇپ قايتۇرىدۇ. 7. بۇلاڭچى بىلەن مال ئىگىسى بۇلانغان نەرسىنىڭ قىممىتى ۋە سۈپىتى توغرىسىدا ئىختىلاپلىشىپ قالسا گەپ قەسەم بىلەن بۇلاڭچىنىڭ ھېساب، ئەگەر مال ئىگىسىنىڭ پاكىتى بولمىسا. 8. كىمكى باشقىلارنىڭ مېلىنى رۇخسەتسىز زايا قىلىۋەتسە ئۇنى تۆلەپ بېرىشى كېرەك. مەسىلەن: كۆيدۈرۈۋەتكەندەك، يىرتىۋەتكەندەك ياكى قۇلۇپلاپ قويغان ئىشىكنى ياكى قەپەزنى ئېچىپ ياكى يىپنى يەشكەندەك ياكى باغلانچىسىنى يېشىپ ئۆينىڭ ياكى قەپەزنىڭ ئىچىدىكى نەرسە قېچىپ كەتكەنگە ئوخشاش. 9. ئىگىسى باغلاشقا سەل قارىغان غالجىر ئىت بىر ئادەمنى چىشلىۋالسا ئىت ئىگىسىگە تۆلەم كېلىدۇ. 10. ھايۋان كېچىسى قويىۋېتىلىپ زىرائەتنى ۋەيران قىلسا ئىگىسىگە تۆلەم كېلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >مال ئىگخلىرى ماللىرىنى كۈندۈزى ياخشى ساقلىشى لازىم. ئەگەر كېچىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلارنىڭ ئىگىسى ئىگە بولىدۇ.< (ئەبۇ داۋۇد، ئەھمەد، ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان. )  11. مىنگۈچىسى ياكى ھەيدىگۈچىسى يوق ئۇلاغ بىر نەرسە بۇزىۋەتسە ئۇنىڭغا تۆلەم كەلمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ھايۋان بۇزىۋەتكەن نەرسە بىكاردۇر.< (بۇخارى رىۋايەت قىلغان. )ئەگەر مىنىلگەن بولسىمۇ ئۇلاغنىڭ پۇتى بىلەن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا تۆلەم كەلمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن؛ >ھايۋاننىڭ پۇتى بىكارچىدۇر. )پۇتى بۇزىۋەتكەن نەرسە تۆلەنمەيدۇ.( ئەمما مىنىلگەن تۇرۇپ ئېغىزى ياكى قۇلى بىلەن بۇزۇلغان نەرسە تۆلىتىلىدۇ.< (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان. )  بەشىنچى، چۈشۈپ قالغان نەرسە ۋە تاشلىۋېتىلگەن بالا: ئا - چۈشۈپ قالغان نەرسە: 1 - ئۇنى تونۇشتۇرۇش: چۈشۈپ قالغان نەرسە دېگىنىمىز، بىرەر ئادەمنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغان يەردىن تېپىۋالغان نەرسىدۇر. مەسىلەن: مۇسۇلمان پۇل ياكى كىيىم تېپىۋېلىپ زايا بولۇپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ ئېلىپ قويىدۇ. 2 - ئۇنىڭ ھۆكمى: چۈشۈپ قالغان نەرسىنى ئېلىش توغرا. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ قالغان نەرسە توغرىلىق سورالغاندا مۇنداق دېگەن؛ >رەڭگىنى ۋە بوغقۇچىلىرىنى تونۇۋېلىپ ئۇنى بىر يىل ئېلان قىل. ئىگىسى كەلسە بەرگىن. ئەگەر كەلمىسە ئىختىيارىڭ.< يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۈتۈپ كەتكەن قوي توغرۇلۇق سورالغاندا: >ئۇنى تۇتىۋال. ئۇ سېنىڭ ياكى قېرىندىشىڭنىڭ ياكى بۆرىنىڭ< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس )دېگەن. لېكىن ئامانەت ساقلاشتا ئۆزىدە ئىشەنچىسى بار ئادەم تېپىۋالغان نەرسىنى ئېلىپ قويسا مۇستەھەپ. ئەگەر ئىشەنچ قىلالمىسا ئېلىشى مەكروھ )يامان كۆرۈلىدىغان ئىش( چۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ مېلىنى زىيانغا ئۇچرىتىش توغرا بولمايدۇ. 3 - ئۇنىڭ ئەھكاملىرى: چۈشۈپ قالغان نەرسىنىڭ ئەھكاملىرى  1. ئەگەر چۈشۈپ قالغان نەرسە نورمال كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتمىغۇدەك كېرەكسىز نەرسە بولسا، مەسىلەن: بىرەر تال خورما ياكى ئۈزۈم ياكى بىر لاتا ياكى قامچا، ھاسا دېگەندەك. بۇنى ئېلىپ ئادەتتە پايدىلانسا ھېچقىسى يوق. بۇ ئادەم ئۇنى ئېلان قىلىپ ساقلاپ يۈرمىسىمۇ بولىدۇ. بۇ توغرىدا جابىر )ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن( مۇنداق دېگەن: >پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە تېپىۋالغان ھاسا، قامچا، ئارغامچىغا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەردە پايدىلىنىشقا رۇخسەت قىلدى.< (ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان. )  2. ئەگەر چۈشۈپ قالغان نەرسە نورمال كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نەرسە بولسا تېپىۋالغان ئادەم ئۇنى تولۇق بىر يىل مەسچىد ئالدىلىرىدا، ئومۇمىي سورۇنلاردا ياكى گېزىت، رادىئو ۋاستىلىرى بىلەن ئېلان قىلىش لازىم. ئەگەر ئىگىسى كېلىپ ئۇنىڭ قاچىلىنىشى، سانى ۋە سۈپەتلىرىنى دەپ بەرسە، ئۇنى ئۇنىڭغا بېرىدۇ. ئەگەر تولۇق بىر يىلغىچە كەلمىسە ئۆزى ئىشلىتىدۇ. ئەگەر خالىسا سەدىقەت قىلىدۇ. ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىگىسى كېلىپ تەلپ قىلسا تۆلەپ بېرىش نىيتى بولىشى كېرەك. 3. ھەرەمدە چۈشۈپ قالغان نەرسىنى ئېلىش توغرا بولمايدۇ. لېكىن زايا بولۇپ كېتىشىدىن قورقسا ئالسا بولىدۇ. ئۇنى تېپىۋالغان ئادەم ئەگەر ھەرەمدە تۇرسىلا ئېلان قىلىشى، ئەگەر ھەرەمدە چىقىپ كەتسە ھاكىمغا تاپشۇرۇپ بېرىشى لازىم. ئۇنىڭ مالغا ئىگە بولۇش ھوقۇقى يوق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن؛ >ئېنىقكى، بۇ چەكلەنگەن شەھەر. ئۇنىڭ تىكەنلىرى سۇندۇرۇلمايدۇ. خالى يەرلىرىدە يالغۇز يۈرۈشكە بولمايدۇ. ئوۋلىرى قاچۇرۇلمايدۇ. چۈشۈپ قالغان نەرسىسى ئېلىنمايدۇ. لېكىن ئېلان قىلىش ئۈچۈن ئېلىنسا بولىدۇ.<  4.  يۈتۈپ كەتكەن ھايۋان، بۇ ئېزىپ قالغان ھايۋان دەپمۇ ئېتىلىدۇ. ئەگەر سايلىقتىكى قوي بولسا ئۇنى ھەر قانداق ئەھۋالدا ئېلىۋېلىپ پايدىلىنىش توغرا. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن؛ >ئۇ سېنىڭ ياكى قېرىندىشىڭنىڭ ياكى بۆرىنىڭ< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس ) ئەگەر تۆگە بولسا ھەر قانداق ئەھۋالدا ئۇنى تۇتىۋېلىش توغرا ئەمەس.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن؛ >ساڭا ۋە ئۇنىڭغا نېمە بولدى؟ ئۇنىڭدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇۋاق ئىزى، سۇ تۇلۇمى بار. ئۇ سۇ ئىچىدۇ. دەرەخلەرنى يەيدۇ. ئىگىسى كەلگەندە ئۇنى ئېلىپ كېتىدۇ.< ئېزىپ قالغان ئېشەك، خېچىر ۋە ئاتمۇ ئېزىپ قالغان تۆگىگە ئوخشايدۇ. ئۇلار پادىچىسى يوقلار، دەپ ئاتىلىدۇ. شۇڭا ئۇلارنى تۇتىۋېلىش توغرا ئەمەس. 4. تېپىۋالغان نەرسىنى ئېلان قىلىش خېتى: پالانى شۇنى جاكارلايدۇكى، ئۇ پالانى ئاينىڭ پالانى كۈنى مۇنداق ئورۇندا، مانچىلىك نەرسىسى بار ھەمياننى تېپىۋالدى. دەپ ۋاقىت، سائەتلىرىنى بىلدۈرىدۇ ۋە بازار، كوچا، مەسجىتلەردە كۈنلەر، ئايلار، بىر يىلدىن ئاقۇچە ئېلان قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىگىسى كەلمەي ئۆلۈپ كېتىشدىن قورقسا ئۆزىنىڭ بۇ نەرسىنى تېپىۋالغانلىقىغا ۋە ئۆزىنىڭ قولدا، ئۆز ئىگىلىكىدە تۇرىۋاتقانلىقىغا گۇۋاھچىلارنى گۇۋاھ قىلىدۇ. ئەگەر ئۇنى دەۋا قىلىدىغان ۋە ئۇنى قويۇپ قويغان ئادەم كېلىپ، ئۇنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىسا ئۇنى ئېلىپ كېتىدۇ. تېپىۋالغۇچى ئامانەتتىن ئاجراپ ئۇنى قانۇنىي يوللار بىلەن ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىپ قولىنى بىكار قىلىدۇ. يىل، ئاي، كۈن يېزىلىدۇ. ب - تاشلىۋېتىلگەن بالا: 1 - ئۇنى تونۇشتۇرۇش: بۇ مەلۇم بىر جايغا تاشلىۋېتىلگەن بالا بولۇپ، ئۇنىڭ نەسەبىنى بىلگىلى بولمايدۇ ۋە ھېچكىم ئىزدىمەيدۇ. 2. ئۇنىڭ ھۆكمى: ئۇنى بېقىپ، تەربىيىلەپ، قاتارىغا قوشۇش زۆرۈر، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ياخشىلىققا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەم بېرىڭلار< ئۇ قوغداش زۆرۈر بولغان ئۇلۇغ جان. 3. ئەگەر بالا بىلەن بىللە مال تېپىلسا بالىغا شۇنىڭدىن نەفىقە بېرىلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن بىر نەرسە تېپىلمىسا مۇسۇلمانلارنىڭ بەيتۇلمالىدىن بېرىلىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ نەفىقىسى )تەمىناتى( نى ئومۇمىي مۇسۇلمانلار ئۈستىگە ئالىدۇ. 4. تاشلىۋېتىلگەن بالا ئۆلۈپ قالسا ئۇنىڭ مىراسى، ئەگەر ئۆلتۈرۈلسە ئۇنىڭ دىيىتى تۆلەم پۇلى بەيتۇل مال )خەزىنە( ئۈچۈن بولىدۇ. دىنىي رەھبەرلەر بالىنىڭ ئىگىسى بولۇپ خالىسا قىساس ئالىدۇ، خالىسا بەيتۇل مال ئۈچۈن تۆلەم تۆلىتىدۇ. 5 - ئەگەر بىر ئادەم تاشلىۋېتىلگەن بالىنى ئۆز بالام، دەپ ئېتىراپ قىلسا ۋە شۇنداق بولۇش مۇمكىنچىلىكى بولسا بالا ئۇ ئادەمگە قوشۇپ بېرىلىدۇ. ئەگەر ئايال بولسىمۇ شۇنداق بولىدۇ. تېپىۋېلىنغان بالىغا نىسبەتەن بالىنىڭ سۈپىتى، يېنىدا مۈلۈك بار يوقلىقى، بالىنى تېپىۋالغۇچى ۋە تېپىۋالغان ئورۇن، يىل، ئاي، كۈن قاتارلىقلار يېزىلىپ بالا تېپىۋېلىش ھۆججىتى يېزىلىدۇ. ئالتىنچى، چەكلەش ۋە ۋەيران بولۇش  ئا - چەكلەش: 1 - ئۇنى تونۇشتۇرۇش: چەكلەش دېگىنىمىز، بىر ئىنساننىڭ كىچىك ياكى نېرۋىسى جايىدا ئەمەس، ياكى ساراڭ ياكى ۋەيران بولۇش سەۋەبىدىن ئۆز مېلىنى تەسەررۇپ قىلىشتىن توسۇشتۇر. 2 - ئۇنىڭ ھۆمى: چەكلەش قانۇنلۇقتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئاللاھ تىرىكچىلىكىڭلارنىڭ ئاساسىي قىلغان ماللىرىڭلارنى ئەقلى ئاجىز كىشىلەرگە تۇتقۇزۇپ قويماڭلار، ئۇلارنى يېمەك - ئىچمەك بىلەن تەمىنلەڭلار.< (نىسا:5)بۇنىڭغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەمەل قىلغان: >ئۆز ۋاقتىدا مۇئازنى قەرزگە پېتىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا مېلىنى بەرمەي، ئۇنى سېتىپ، ئورنىغا قەرزنى تۆلەپ ھەتتا ئۇنىڭغا ھېچنېمە قالمىغان.< (دارىقۇتنى ھاكىم رىۋايەت قىلغان. )  3 - چەكلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ھۆكمى: 1( كىچىك بالا، ئۇ بالاغەتكە يەتمىگەن كىچىك بالا بولۇپ، ئۇنىڭ ھۆكمى ئۇنىڭ مېلىنى ئىشلىتىش ئاتا - ئانىسىنىڭ رازىلىقى بولمىسا، ئەگەر يېتىم بالا بولسا ئىگە بولغۇچىنىڭ رازىلىقىسىز توغرا بولمايدۇ. ئەگەر بالا گالۋاڭ بولمىسا چەكلىنىش بالاغەتكە يەتكەنگە. ھەتتاكى بالا ياخشىلانغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن؛ >يېتىملەرنى بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر سىناپ تۇرۇڭلار، ئۇلاردا ماللىرىنى باشقۇرالايدىغان ھالەتنى بايقىساڭلار ئۇلارغا مال - مۈلكىنى تاپشۇرۇپ بېرىڭلار.< (نىسا: 6)  2( دۆت بالا: ئۇ مەنپەئەتنى بىلەلمىگەنلىكى ئۈچۈن پۇل - ماللىرىنى شەھۋىتىنى قاندۇرۇش ياكى يامان ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىپ، بۇزۇپ چاچقۇچىدۇر. شۇڭا بالا يولىنى تاپقانغا قەدەر ۋارىسنىڭ تەلىپى بىلەن بۇمۇ چەكلىنىدۇ. شۇڭا ئۇنى كىشىلەرگە ياردەم بېرىش، ئېلىم - سېتىم قاتارلىق مالنى ئىشلىتىدىغان ئىشلار چەكلىنىدۇ. ئەگەر چەكلىنىپ بولغاندىن كېيىن مېلىنى ئىشلەتسە ئۇنىڭ ئىشلىتىشى ھېساب ئەمەس. ئۇنىڭدىن ھېچنېمە ئىجرا قىلىنمايدۇ. چەكلىنىشتىن بۇرۇن قىلغان ئىشلىرى ئىجرا قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن بىر نەرسە تەلەپ قىلغىلى بولمايدۇ. 3( مەجنۇن: مەجنۇن دېگىنىمىز، ئەقىل - ئىدراكى ئاجىز كىشى بولۇپ ئۇمۇ چەكلىنىدۇ. شۇڭا ئۇ ياخشىلىنىپ ئەقلىنى تېپىپ بولغۇچە ئىقتىسادى تەسەۋۋۇر پاتى ھېساب بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >قەلەم ئۈچ كىشىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. ئەقلىدىن ئاداشقان مەجنۇن ياخشىلىنىپ بولغۇچە، ئۇيقۇدىكى ئادەم ئويغانغۇچە، كىچىك بالا بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر< (ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇت رىۋايەت قىلغان. )  4( كېسەل: كېسەل دېگىنىمىز، ئادەتتە ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان كېسەلگە دۇچار بولغان كىشى، چوقۇم ئۇنىڭ مىراسخورى ئۇنى چەكلىشى لازىم. شۇڭا ئۇ ساقىيىپ ياكى ئۆلۈپ كەتكۈچە ئۆزىنىڭ يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، تۇرالغۇ جاي ۋە دورىدىن ئىبارەت ئېھتىياجىدىن زىيادە تەسەررۇپ قىلىشى چەكلىنىدۇ. ب - ۋەيران بولۇش    1 - ئۇنى تونۇشتۇرۇش، ۋەيران بولۇش دېگىنىمىز، ھەممە دۇنيانى كىشىلەرنىڭ قەرزى يۈتۈپ كېتىپ، ئۆزىنىڭ چىقىمغا يەتكۈچىلىك مال دۇنياسى قالمىغان ئادەمنى كۆرسىتىدۇ. 2 - بۇنىڭ ئەھكاملىرى تۆۋەندىكىچە: 1( قەرز ئىگىلىرى تەلەپ قىلغاندا ئۇ ئادەمنى چەكلەش. )2( كىيمىنى ۋە ئۆزىگە بولمىسا بولمايدىغان يېمەك - ئىچمەككە ئوخشاش نەرسىدىن باشقا ھەممە نەرسىنى سېتىپ، قەرز ئىگىلىرىنىڭ قەرزىگە قاراپ قەرز ئىگىلىرىگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىلىدۇ. )3( قەرزدارلاردىن ئۆزىنىڭ مېلىنى ئۆزگىرىپ كەتمىگەن ھالەتتە ئۆز پېتى تاپقان ئادەم باشقا قەرزدارلارغا بەرمەي ئۆزىلا ئالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >كىمكى بىر ئادەمنىڭ قېشىدا ئۇنىڭ ماتاسىنى ئۆز ئەينى تاپقان بولسا ئۇ بۇنىڭغا ئەڭ لايىق.<  )4( كىمكى ھاكىمنىڭ قېشىدا ئۇنىڭ سېتىلىپ قەرزىنى تولدۇرۇپ بەرگۈدەك مال - ماتاسى يوق دەپ ئۇنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن ئۇنىڭدىن قەرزنى سۈيلەش ھەم ئۇنى ئىزدەش توغرا بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئەگەر قەرزدارنىڭ قولى قىسقا بولسا، ئۇنىڭ ھالى ياخشىلانغۇچە كۈتۈڭلار.< (بەقەرە: 280) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىلىك ساھابىلارنىڭ بىرىنىڭ قەرزدارلىرىغا: >تاپقىنىڭلارنى ئېلىڭلار. سىلەرگە ئاشۇلارلا بار.< (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. )دېگەن. )5( ئەگەر مال تەقسىم قىلىنىپ چەكلەش سەۋەبلىك بىلىنمەي قالغان قەرز ئاشكارا بولسا ۋە چەكلىنىپ قالغۇچىنىڭ مېلى سېتىلغان بولسا قەرزدارلارنىڭ مالدىن بولغان ھەققى ھەسسە بويىچە ئۈلەشتۈرۈپ قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ. )6( كىمكى قەرزدارنىڭ چەكلىنىپ قالغانلىقىنى بىلىپ ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلسا، ئۇ چەكلىنىپ قالغانلىقىنى بىلىپ بولغان قەرزدارلار بىلەن نىسىۋە ئېلىشقا بولمايدۇ. ئۇنىڭ قەرزى قۇرۇق قول قەرزدارنىڭ زىممىسىدە ھال كۈنى ياخشىلانغانغا قەدەر ئالىدۇ. 3 - ۋەيران بولغۇچىنى توختۇتۇپ قويۇش ھۆججىتىنىڭ يېزىلىش ئەھۋالى: بىسمىلاھ ۋە ئاللاھقا ھەمدە ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن: بۇ مەھكىمە قازىنىڭ پالانىغا بەرگەن گۇۋاھلىقىدۇر. مەھكىمە قازىيسى پالانىغا قانۇنى، توغرا ھالدا چەكلىدى. ئۇنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بار بولغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىن بولىدىغان مالنى تەسەررۇپ قىلىشتىن تولۇق چەكلىدى. ھۆكۈم شۇنىڭغا ئاساسەن چىقىرىلدىكى بۇنىڭ زىممىسىدە ئۆز مېلىدىن ئېشىپ كېتىدىغان قانۇنى ۋە زۆرۈر قەرزلەرنىڭ بارلىقى ئىسپاتلاندى. بۇنىڭ ئۈستىدىكى قەرز مانچىلىك … تەپسىلاتى پالانى چاغدا بەرمەكچى بولغان پالانىنىڭ مېلى مانچىلىك، پالانىنىڭ مانچىلىك … ھەربىر قەرزدار قانۇنى ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان توغرا، تولۇق ئاساس بىلەن مەھكىمىدە ئۆز قەرزلىرىنى ئىسپاتلايدۇ ۋە ئۇلاردىن ھەربىرى مۇشۇنىڭغا قەسەم قىلىدۇ. بۇ ئىشلار مەھكىمىدە قانۇنى پاكىتلار بىلەن قەرزدار ئۆزى ئۈستىدىكى مەزكۇر قەرزلەرنى ئادا قىلىشتىن ئاجىز، جاپاسىنىڭ بارلىقى، ئۇنىڭ پۈتۈن بارلىقىنىڭ قىممىتى ئۈستىدىكى قەرزگە يەتمەيدىغانلىقىنى، پەقەت ئۈلەشتۈرۈپ بەرسە بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغاندىن كېيىن بولىدۇ. مەزكۇرنىڭ قۇرۇق قوللىقى ۋە ئۇنى چەكلەشنىڭ توغرىلىقى قانۇنى ۋە مەسئۇللۇق جەھەتتە تولۇق ھۆكۈم قىلىندى. ئۆزىنىڭ بالا - چاقىلىرىنىڭ يېمەك - ئىچمەك ۋە كۈندىلىك لازىمەتلىكلىرىدىن ئىبارەت نەفىقاتلىرى مال - مۈلۈكلىرى سېتىلىپ بولغۇچە ئۆز مېلىدىن بولۇش بەلگىلەندى. بار بولغان ماللىرى قەرزدارلارغا قەرز نىسىۋېسى بويىچە قانۇنى ھالدا بۆلۈپ بېرىلدى. 〓〓يىل 〓〓ـئاي 〓〓ـ كۈنى  ئىسراپخور گالۋاڭنى چەكلەش ھۆججىتى: بىسمىللاھ دەپ ئاللاھقا ھەمدە ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن: مەھكىمە قازىسى شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، ئۇ پالانىغاقانۇنلۇق، توغرا ھالدا چەكلەش جازاسى بەردى ۋە ئۇنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بار بولغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىن بولىدىغان بارلىق ماللىرىنى تەسەررۇپ قىلىشتىن قانۇنىي جەھەتتە چەكلىدى. بۇ ھۆكۈمنى مەزكۇر پالانىنىڭ بەتخەج، مالنى نەفىقە قىلىش، ئېلىپ سېتىشتا ئالدى - كەينىنى بىلمەيدىغان گالۋاڭلىقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن چەكلەش ئارقىلىق زەربە بېرىش، ئەھۋالى ياخشىلىنىپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ ياخشىلانغانلىقى ئاشكارا بولغانغا قەدەر مال ئىشلىتىشتىن چەكلەش لايىق ھەمدە بۇنىڭغا قىلىش پايدىلىق، دەپ قاراپ بۇ ھۆكۈم چىقىرىلدى. قانۇنى جەھەتتە گالۋاڭ، دەپ ھۆكۈم قىلىنىپ مۇئامىلە قىلىشتىن توسۇلدى. ئۇنىڭ بارلىق تەسەررۇپاتلىرى قانۇنى جەھەتتە بىكار قىلىندى. ئۆزىنىڭ نەفىقەسى ۋە كىچىك بالا، ئايالىدىن ئىبارەت نەفىقە بېرىش لازىم بولىدىغان كىشىلەرنىڭ نەفىقە رەسمىيىتى ئۆز مېلىغا قاراشلىق بولدى. قانۇنى پاكىتلار بىلەن ئۇنىڭ ئۆزى ۋە ئۆزى بىلەن بىللە كىشىلەرگە مۇنچىلىك مال يېتەرلىك، ئۇنىڭدا كۆپ كەتمەيدۇ، دەپ رەسمىي ئىسپاتلانغاندىن كېيىن ئايال ۋە بالىلىرىغا شۇ مالدىن قانۇنلۇق ھالدا بۆلۈپ بېرىلدى. 〓〓يىل 〓〓ـ ئاي〓〓ـكۈنى  يەتتىنچى، ۋەسىيەت:   1 - ئۇنى تونۇشتۇرۇش: ۋەسىيەت دېگىنىمىز، بىر نەرسىگە كېلىشىم تۈزۈش ياكى ۋاپات بولغاندىن كېيىن مال بىلەن قىلىنىدىغان ئىنئانىدۇر. ئۇ ئىككى خىل بولىدۇ: بىرىنچىسى، قەرزنى ئادا قىلىش ياكى ھەقنى بېرىش ياكى كىچىك بالىلار بالاغەتكە يەتكۈچە ئۇلارغا قاراش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان ئادەمگە قىلىنىدىغان ۋەسىيەت. ئىككىنچىسى مىراسخورغا ۋەسىيەت قىلىش. 2 - ئۇنىڭ ھۆكمى: ۋەسىيەت قىلىش قانۇنلۇق ئىشتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئى مۆئمىنلەر، ئاراڭلاردىن بىر كىم ئۆلىدىغان چاغدا ۋەسىيەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭغا ئىچىڭلاردىن ئىككى ئادىل كىشى گۇۋاھ بولسۇن.< (مائىدە: 106)؛ >مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇنلانغان ۋە قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ مېڭىلىدۇ.< (نىسا: 11)  ئۈستىدە قەرزى بار ياكى قېشىدا ئامانەت قويۇلغان نەرسە بار ئادەمنىڭ ئۆلۈپ قېلىپ كىشىلەرنىڭ ماللىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھەقلىرى زايا بولۇپ كېتىپ، قىيامەت كۈنى سوئال - سوراق قىلىنىشتىن قورقۇپ ۋەسىيەت قىلىپ قويۇشى ۋاجىپ بولىدۇ. شۇنداقلا زەردار ۋە بايلار مىراسخورى بولىدىغان كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ مېلىدىن ئۈچتىن بىرى ياكى ئازراقىنى مىراسخورى بولمايدىغان يېقىنلىرى ئۈچۈن ياكى بىرەر خەيرىيەت ئورۇنلىرىغا ۋەسىيەت قىلىپ قويىشى مۇستەھەپ )ياخشى(، رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەئىيد ئىبنى ئەبى ۋەققاس ۋەسىيەت توغرۇلۇق سورىغاندا مۇنداق دېگەن: >ئۈچتىن بىرى … ئۈچتىن بىرى كۆپ، ئېنىقكى سېنىڭ مىراسخورلىرىڭنى باي ھالەتتە قالدۇرۇشۇڭ كىشىلەرگە قول سۇنىدىغان مۇھتاج ھالەتتە قالدۇرۇشۇڭدىن ياخشىدۇر.< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس.)  3. ۋەسىيەتنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە: 1 - ۋەسىيەت قىلىنغۇچى مۇسۇلمان بولىشى كېرەك. غەيرى مۇسۇلماننىڭ ھەقلەرنى ئادا قىلىش ۋە كىچىكلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش قاتارلىق يۈكلەنگەن ئىشلارنى زايا قىلىۋېتىشىدىن خاتىرجەم بولغىلى بولمايدۇ. 2 - كېسەل ئادەم ۋەسىيەت قىلىنىدىغان نەرسىگە ئىگە بولىشى، ئاق قارىنى پەرق ئېتىدىغان ئادەم بولىشى لازىم. 3 - ۋەسىيەت قىلىنغان ئىش قىلىش توغرا بولغان ئىش بولىشى كېرەك. ھارام ئىشقا قىلىنغان ۋەسىيەت ئىجرا قىلىنمايدۇ. مەسىلەن: كىشىنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن يىغلاشقا ۋەسىيەت قىلىش ياكى چېركاۋغا ياكى يامان كۆرۈلىدىغان بىدئەت ئىشلارغا ياكى ئويۇن چاقچاق ياكى گۇناھلىق ئورۇنلارغا مال بېرىشكە ۋەسىيەت قىلىشقا ئوخشاش. 4 - ۋەسىيەت قىلىنغان كىشى ۋەسىيەتنى قوبۇل قىلىش شەرت. ئەگەر قوبۇل قىلمىسا ۋەسىيەت بىكارچى بولۇپ، ئۇنىڭ ھوقۇقى يوقىلىدۇ. 4. ۋەسىيەتنىڭ ئەھكاملىرى: 1 - ئۆلگەندىن كېيىن ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ۋەسىيەت قىلغان كىشىنىڭ ۋەسىيەتنى خالىغانچە قايتۇرۇۋېلىش ياكى ئۆزگەرتىش ھوقۇقى بار. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن؛ >كىشى ۋەسىيىتىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىدۇ.<  2 - مىراسخورى بار ئادەمنىڭ مېلىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپىگە ۋەسىيەت قىلىشى توغرا بولمايدۇ. سەئىد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: مېلىمنىڭ ئۈچتىن بىرىنى سەدىقە قىلامدىمەن؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: >ئۈچتىن بىرىنى … ئۈچتىن بىرىمۇ كۆپتۈر. ۋارىسلىرىڭنى باي ھالەتتە قالدۇرغىنىڭ ئۇلارنى باشقىلارغا قولىنى سۇنغان، پېقىر ھالىتىدە قالدۇرۇپ كەتكىنىڭدىن ياخشى.<(بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس. ) دېگەن. 3 - رەسمىيەت قىلغۇچىنىڭ گەرچە ئاز بولسىمۇ بالىلار ئارىسىدا ئادالەتسىز بولۇشى توغرا ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئاللاھ ھەر بىر ھەق ئىگىسىگە ھوقۇق بەرگەن. ۋەسىيەت قىلغۇچىنىڭ مىراسخورلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەسىيەت قىلىشقا بولمايدۇ.< (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. )  4 - ۋەسىيەت قەرز تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئىجرا قىلىنىدۇ. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: >پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەرزنى ۋەسىيەتتىن بۇرۇن تۈگەتكەن.< (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. ) چۈنكى قەرز مەجبۇرىيەت، ۋەسىيەت خالىس ئىش. مەجبۇرىيەت خالىس ئىشنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. 5 - نامەلۇم ياكى يوق نەرسە بىلەن ۋەسىيەت قىلىش توغرا. چۈنكى ئۇ ياردەم ۋە ياخشىلىقتۇر. ۋەسىيەت قىلىنغان نەرسە تەل بولسا مەنپەئەتلىنىدۇ. ئەگەر بولمىسا ھېچقىسى يوق. مەسىلەن: بىر ئادەم قويدىن چىقىدىغان يۇڭ ياكى دەرەختىن كېلىدىغان پايدىنى ۋەسىيەت قىلغىنىغا ئوخشاش. 6 - ۋەسىيەتنى ۋەسىيەت قىلغۇچى ھايات ۋاقتىدا ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ قوبۇل قىلىش توغرا، شۇنداقلا ۋەسىيەت قىلغۇچى ۋەسىيەت قىلىنغان مال، ھەق، ياكى يېتىملەرنىڭ زايا بولۇپ كېتىشىدىن قورققانسېرى ئۇلاردىن ئۆزىنى تارتىشى توغرا. 7 - مۇئەييەن بىر نەرسە توغرىسىدا ۋەسىيەت قىلىنغان ئادەم رۇخسەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن باشقا ئىشلاردا تەسەررۇپ قىلىش توغرا ئەمەس. چۈنكى رۇخسەتسىز ھالدا كىشىلەرنىڭ ھەققىنى تەسەررۇپ قىلىش توغرا ئەمەس. 8 - ۋەسىيەتنى چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن مېيىت ئۈستىدە قەرز بارلىقى ئاشكارا بولسا ۋەسىيەت قىلىنغۇچىنىڭ بۇ قەرزنى تۆلەش مەسئۇلىيىتى يوق. چۈنكى ئۇ بۇرۇن بىلىمىگەن ۋە بىخەۋەر. شۇنداقلا ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان ئىشلارغا سەل قارىمىغان.    9 - بىر كىشى مەلۇم بىر ئىشنى قىلىشقا ۋەسىيەت قىلسا، ئاندىن ۋەسىيەت قىلىنغۇچى بۇزىۋەتكەن بولسا ۋەسىيەت بىكارچى بولىدۇ. 10 - ئەگەر بىر ئادەم مىراسخورلارنى بىر ئىشقا ۋەسىيەت قىلغان بولسا، ئاندىن بەزىلەر توغرا دەپ قارىسا، بەزىلەر توغرا ئەمەس دەپ قارىسا، توغرا ئەمەس دەپ قارىغانلار قېلىپ، توغرا دەپ قارىغانلارنىڭ ھەسسىسى ئىجرا قىلىنىدۇ. 11 - كىمكى ۋەسىيىتىدە: پالانىنىڭ بالىلىرىغا مانچىلىك ۋەسىيەت قىلدىم، دېسە ۋەسىيەت قىلىنغۇچىلار ئوغۇل - قىز ئوخشاش بولىدۇ. چۈنكى بالا دېگەن گەپ ئوغۇل، قىز ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئاللاھ بالىلىرىڭلار )غا تېگىدىغان ۋەسىيەت( ھەققىدە تەۋسىيە قىلىدۇكى بىر ئەرگە ئىككى ئايالنىڭ نېسىۋېسى تېگىدۇ.< (نىسا: 11)شۇنىڭدەك بىر كىشى: پالانىنىڭ بالىسىغا مانچىلىك دېسە، قىزلارغا ئەمەس ئوغۇللارغا بولىدۇ. يەنە بىرى، پالانىنىڭ قىز بالىسىغا مانچىلىك ۋەسىيەت قىلىمەن، دېسە ئۇ پەقەت ئاياللار ئۈچۈنلا بولىدۇ. 12 - بىر كىشى ۋەسىيەتنى يېزىپ ئۇنىڭغا بىرەرسىنى گۇۋاھچى قىلمىسىمۇ توغرا. ئەگەر ئۇ ۋەسىيىتىدىن يانغان بولسا ۋەسىيەت ئەمەلدىن قېلىپ ئىجرا قىلىنمايدۇ. ۋەسىيەتنىڭ يېزىلىشى: بىسمىللاھ دەپ ئاللاھقا ھەمدە ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن: بۇ پالانىنىڭ ئوغلى پالانىنىڭ ۋەسىيىتى … ئۇنىڭ گۇۋاھچىلىرى ئەقلىنىڭ ساغلاملىقى ۋە چۈشىنىشىنىڭ دۇرۇسلۇقىنى بىلىدۇ. ئۇ شۇنداق گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ يەككە يىگانە، ئاللاھنىڭ شىرىكى يوق. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى. جەننەت ھەق، دوزاخ ھەق، قىيامەت كېلىدۇ. ئۇنىڭدا شەك يوق. ئېنىقكى ئاللاھ قەبرىدىكىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ. ئۇ بالىلىرىغا، ئائىلىسىگە، يېقىنلىرىغا ئاللاھتىن قورقۇش، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ئىجرا قىلىش، دىنغا ئەمەل قىلىش، ئىسلام بىلەن ئۆلۈش ۋەسىيىتىنى قىلىدۇ، دەپ ۋەسىيەتنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنى، ۋەسىيەتنىڭ ئوبيېكتىلىرى ئادەملەر ۋە مال - مۈلۈك ئېنىق يېزىلىدۇ. گۇۋاھچىلىرىنىڭ گۇۋاھلىقى، ۋەسىيەتنىڭ شەرىئەت جەھەتتە توغرىلىقىمۇ خاتىرلىنىپ يىل، ئاي، كۈن يېزىلىدۇ. سەككىزىنچى، ۋەقىپى: 1 - ئۇنى تونۇشتۇرۇش: ۋەقپى دېگىنىمىز، تېگىدىن بېرىۋېتىش ، شۇڭا ئۇ مىراس قالدۇرۇلمايدۇ، سېتىلمايدۇ. كىشىلەرگە بېرىلمەيدۇ. 2 - ئۇنىڭ ھۆكمى: ۋەقىپى ياخشى ۋە قىزىقتۇرۇلىدىغان ئىش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >دوستلىرىڭلارغا ۋەسىيەت قىلساڭلار دۇرۇس بولىدۇ.< (ئەھزاب: 6) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن؛ >ئىنسان ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭ ئۈچ ئىشتىن باشقا بارلىق ئەمىلى توختايدۇ. ئۇلار سەدىقە جارىيە )ئۈزۈلمەس سەدىقە(، پايدىلىق بىلىم، ئۆزىگە دۇئا قىلىدىغان ياخشى بالا.< (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. )  ئۆي، يەر، مەسجىدلەر ۋە باشقىلارغا ۋەقىپى قىلىش سەدىقە جارىيە قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ. 3 - ئۇنىڭ شەتلىرى: ۋەقپىنىڭ توغرا بولىشىدىكى شەرتلەر:    1 - ۋەقپە قىلغۇچى  توغرا يولدا ماڭىدىغان، مېلى بار، ياردەم قىلىشقا قادىر ئادەم بولىشى كېرەك. 2 - ۋەقپە قىلىنىدىغان كىشى ئېنىق بولسا، ئۇ ئىگىدارچىلىق قىلىش ئىقتىدارى بار كىشى بولىشى لازىم. شۇڭا قورساقتىكى تۆرەلمىگە، قۇلغان ۋەقپى قىلىنمايدۇ. ئەگەر ئېنىق بولمىسا، ۋەقپى قىلىنغۇچى ياخشى ئادەم بولۇشى كېرەك. شۇڭا ئويۇن - كۈلكە، چېركاۋ ياكى ھارام قىلىنغان ئىشلارغا ۋەقپى قىلىنمايدۇ. 3 - ۋەقپى قىلىش ئوچۇق خەت بىلەن بولىشى لازىم. 4 - ۋەقپى قىلىنغان نەرسە پايدىسىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىنمۇ قېلىپ قالىدىغان نەرسە بولىشى كېرەك. مەسىلەن: قورو جاي، يەر زېمىن ۋە شۇلارغا ئالاقىدارلىق، ئەمما پايدىلىنىپ بولغىچە تۈگەپ كېتىدىغان نەرسە بولسا، مەسىلەن: تاماقلار ۋە خۇشپۇراقلارغا ئوخشاش، ئۇنى ۋەقپى قىلىش دۇرۇس ئەمەس. ئۇ ۋەقپى دەپ ئاتالماي سەدىقە دېيىلىدۇ. 4 - ئۇنىڭ ئەھكاملىرى: 1 - بالىلارغا ۋەقپى قىلىپ قويۇش توغرا. ئەگەر بالىلىرىمغا ۋەقىپى قىلىپ قويدۇم، دېسە ئوغۇل، قىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خۇددى قىز بالىلارسىز ئوغۇل بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندەك، ئەگەر بالىلىرىمغا ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى نەۋرىلىرىمگە ۋەقپى قىلدىم، دېسە ئوغۇل، قىز ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر. ئوغۇل بالىلىرىمغا دېسە، قىزلارغا ئەمەس ئوغۇللارغا ۋەقپى قىلىنغان بولىدۇ.    2 - ۋەقپى قىلغۇچى شەرت قىلغان سۈپەت ئىگىلىرى كېيىنلىك مەسىلىسىگە ئەمەل قىلىشى لازىم. ئەگەر ئۇ ئادەم، مۇنچىلىكنى ھەدىسشۇناس ئالىمغا ياكى فىقھى ئالىمغا ۋەقپى قىلدىم دېسە، بۇ بۇلاردىن باشقىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. 3 - ۋەقپى ۋەقپە بېرىلگۈچى ئادەمگە ئېلان قىلىپ قويىشى، بىلدۈرۈپ قويىشى، تاپشۇرۇپ بېرىشى لازىم. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى بۇزۇش، سېتىش ياكى باشقىلارغا بېرىۋېتىش توغرا بولمايدۇ. 4 - ئەگەر ۋەقپە خاراپ بولۇپ، مەنپەئەتلەنگىلى بولمىسا، بەزى ئالىملار سېتىپ پۇلىنى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشقا سەرىپ قىلىشنى ياكى پېقىر، مىسكىنلەرگە سەدىقە قىلىشنى توغرا، دەپ قاردى. 5 - ۋەقپى قىلىش ھۆججىتىنىڭ يېزىلىش ئەھۋالى: بىسمىللاھ دەپ ئاللاھقا ھەمدە ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن: كىشىلەرنى گۇۋاھچى قىلىپ تۇرۇپ ئۆز ئىلكىدە بار بولغان مەلۇم نەرسىلەرنى )تۈر، سانى ئېنىق يېزىلىدۇ( مەلۇم كىشى ياكى ئورۇنغا ۋەقپە قىلغانلىقىنى، ۋەقپە قىلىش ۋاقتى، سەۋەبى قاتارلىقلار ئېنىق يېزىلىپ باشقا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلار خاتىرلەنگەندىن كېيىن يىل، ئاي، كۈن يېزىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ. توققۇزىنچى، سوۋغات ۋە ئۆمۈرلۈك سوۋغات: 1 - ئۇنى تونۇشتۇرۇش: سوۋغا دېگىنىمىز، توغرا يولدا ماڭغۇچىنىڭ ئۆزى ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقان مال ياكى ئىشلىتىش توغرا بولغان مالدىن ئىئانە قىلىشتۇر. مەسىلەن، بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىرىگە قورو جاي ياكى كىيىم - كېچە، ياكى يېمەك - ئىچمەك سوۋغا قىلغىنىدەك ياكى پۇل - ماللارنى بەرگىنىدەك. 2 - ئۇنىڭ ھۆكمى: سوۋغا قىلىش ھەدىيە قىلغانغا ئوخشاش. بۇ ئىككىسى ياخشى ئىشتۇر. چۈنكى ئۇ ئىككىسى قىزىقتۇرۇشقا، بەسلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك ياخشىلىقنىڭ قاتارىدىن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلەردىن سەدىقە قىلمىغۇچە )يەنى ماللىرىڭلارنىڭ ياخشىسىنى سەدىقە قىلمىغۇچە( ھەرگىز ياخشىلىققا )جەننەتكە( ئېرىشەلمەيسىلەر.< (بەقەرە: 117)؛ >ئاللاھنى سۆيۈش يۈزىسىدىن خىش - ئەقرىبالارغا پۇل مال ياردەم بېرىش.< (ئال ئىمران: 92)  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >سوۋغا بېرىشىڭلار دوست بولىسىلەر، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈڭلار، سىلەردىن ئۆچمەنلىك، دۈشمەنلىك كېتىدۇ.<(ئىبنى ئەساكىر رىۋايەت قىلغان. )؛ >سوۋغىسىنى ياندۇرۇۋالغان كىشى قۇسۇقىنى ياندۇرۇۋالغان كىشىگە ئوخشايدۇ.< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس. )ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: >پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سوۋغىنى قوبۇل قىلاتتى ۋە ئۇنىڭغا ئالدىراپ باراتتى.< (بۇخارى رىۋايەت قىلغان. )پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن؛ >رىزقىنىڭ كەڭ بولىشى، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشىدىن خۇشال بولىدىغان ئادەم سىلە رەھىم قىلسۇن.<(بۇخارى رىۋايەت قىلغان. )  3. ئۇنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە: 1 - ئەگەر بىر بالىغىلا بەرمەكچى بولسا باشقا بالىلارغىمۇ ئوخشاش بېرىش ياخشى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن؛ >ئاللاھتىن قورقۇڭلار، بالىلىرىڭلارنىڭ ئىشىدا ئادىل بولۇڭلار.< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس)    2 - سوۋغىنى قايتۇرۇش ھارام. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن؛ >سوۋغىنى قايتۇرۇۋالغان ئادەم قۇسۇقىنى قايتۇرۇۋالغان ئادەمگە ئوخشايدۇ.< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەىس ) لېكىن بالىغا بېرىلگەن بولسا قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ. چۈنكى بالا ۋە بالىنىڭ مېلى دادىسىنىڭ بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >بىر ئادەمنىڭ بىر نەرسىنى بېرىپ بولۇپ قايتۇرۇۋېلىشى ھارام. لېكىن ئاتا - ئانىنىڭ بالىسىغا بەرگەن نەرسىسى بولسا مەيلى.< (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.)  3 - ئېرىشىش ئۈچۈن سوۋغا قىلىش مەكروھ، يەنى مۇسۇلماننىڭ جىقراق قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن بىر ئادەمگە سوۋغا بېرىشتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >سىلەر كىشىلەرنىڭ پۇل مېلى ئىچىدە ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بىرەر پۇل مالنى بەرسەڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇ ئۆسمەيدۇ. )يەنى كىشىلەر بەرگىنىمىزدىن جىقراق قايتۇرسۇن دېگەن نىيەت بىلەن بېرىلگەن سوۋغىنىڭ ئاللاھ دەرگاھىدا ساۋابى بولمايدۇ.( ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بەرگەن سەدىقەڭلار )ياكى ئېھسانىڭلار(غا ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىلىدۇ.< (رۇم:39) سوۋغا بېرىلگۈچىنىڭ قوبۇل قىلىش، قايتۇرۇش جەھەتتە ئىختىيارلىقى بار. ئەگەر ئۇنى قوبۇل قىلسا، ئۇ سوۋغا قىلغۇچىنىڭ بەرگىنىنىڭ ئوخشىشىنى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك بېرىشى زۆرۈر بولىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: >پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سوۋغىنى قوبۇل قىلاتتى ۋە ئۇنىڭغا كۆپرەك بېرەتتى.< (بۇخارى رىۋايەت قىلغان.) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >سىلەرگە ياخشىلىق قىلغان كىشىگە مۇكاپات بېرىڭلار.< (دەيلەمى رىۋايەت قىلغان. )؛ >ياخشىلىق قىلىنغان كىشى ياخشىلىق قىلغۇچىغا: ئاللاھ ساڭا ياخشى مۇكاپات بەرسۇن، دېسە ئەڭ ياخشى تەرىپلىگەن بولدى.< (نەسەئى، ئىبنى ھەببان رىۋايەت قىلغان. )  4 - سوۋغا بېرىش خېتىنىڭ يېزىلىش ئەھۋالى: بىسمىللاھ ۋە ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىلغاندىن كېيىن: پالانى ئەقلى - ھوشى جايىدا ۋاقتىدا … دەپ باشلاپ، سوۋغا قىلىنغان مال، مالنىڭ تۈرى، قانۇنىيلىقى، سوۋغا قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى قاتارلىق سوۋغا قىلىش، قوبۇل قىلىش جەريانلىرى يېزىلىپ، يىل، ئاي، كۈن خاتىرلىنىدۇ. 


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  نىكاھنىڭ بىرىنچى ك...
●  مۇھەممەد ئەلەيھىسس...
●  چوقۇم كۆرۈڭلار دوس...
●  ئىسلامدىكى قىرىندا...
●  ھەدىسى قۇددۇسى
●  تۆت مەزھەبنىڭ قايس...
●  ئايەت يېزىلغان جاز...
●  تاماكا چېكىش نېمىش...
●  ھايا
●  ھەج قىلىشقا قادىر ب...
●  قىيامەتنىڭ ئالامەت...
●  ئىسلامدىكى قۇل
●  ھۆكۈم ۋە ئىسپاتنىڭ ...
●  مال بوغۇزلارش، ئوۋ ...
●  جازالار
●  جىنايەت ۋە ئۇنىڭ ھۆ...
●  قەسەم ۋە نەزىر
●  مىراس ۋە ئۇنىڭ ئەھك...
●  نىكاھ، تالاق، ۋاز ك...
●  ئومۇمىي ھۆكۈملەر

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  نىكاھنىڭ بىرىنچى كىچىسى
●  مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام...
●  چوقۇم كۆرۈڭلار دوستلار ...
●  ئىسلامدىكى قىرىنداشلىق
●  ھەدىسى قۇددۇسى
●  تۆت مەزھەبنىڭ قايسىسى ئ...
●  ئايەت يېزىلغان جازىلارن...
●  تاماكا چېكىش نېمىشقا چە...
●  ھايا
●  ھەج قىلىشقا قادىر بولۇش...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى