بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئىسلام دىنى >> ئىسلام دىنىدىن ساۋاتلار >> ئىسلامدىكى قۇل

ئىسلامدىكى قۇل

يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-11 19:09:35    كۆرۈلۈش سانى : 813  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
بىرىنچى: قۇللۇق  قۇللۇقنى تونۇشتۇرۇش: قۇللۇق ئىگىدارچىلىق قىلىش ۋە باشقۇرۇش بولۇپ، قۇل ئىگىدارچىلىق قىلىنغان بويسۇندۇرىلىدىغان كىشى بولىدۇ. 2 - قۇللۇقنىڭ ھۆكمى: قۇللۇق توغرا. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >سىلەرنىڭ باشقۇرۇشۇڭلار ئاستىدىكى چۆرىلىرىڭلار< (نىسا: 24 ) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >كىمكى، قۇلنى تەستە سالسا ياكى ئۇنى ئۇرسا ئۇنىڭ كاپارىتى ئۇنى ئازاد قىلىشتۇر.< (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.)  3 - قۇللۇقنىڭ تارىخى ۋە ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى: قۇللۇق ئىنسانلار ئىچىدە بىر نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى داۋاملىشىپ كەلگەن بولۇپ، مىسىر، جۇڭگو، ھىندىستان، يۇنان ۋە روسلۇقلارغا ئوخشاش قەدىمكى خەلقلەردە مەۋجۈد بولۇپ >تەۋرات< ۋە >ئىنجىلغا ئوخشاش كىتابلاردىمۇ سۆزلەنگەن، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى ھاجەر ئۆز ۋاقتىدىكى مىسىر پادىشاھى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى سارەگە سوۋغا قىلىنغان قۇل بولۇپ >سارە< ھاجەرنى ئۆز يولدىشى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا سوۋغا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ھاقەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى تۇغۇپ بەرگەن. قۇللۇقنىڭ پەيدا بولۇشىنى تۆۋەندىكى سەۋەبلەرگە باغلاپ قاراشقا بولىدۇ. 1 - ئۇرۇش: بىر تۈركۈم كىشىلەر يەنە بىر جامائەتكە ھۇجۇم قىلىپ ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلسا ئاياللىرى ۋە بالىلىرىنى قۇللۇققا ئالاتتى. 2 - نامراتلىق، نامراتلىق كۆپىنچە كىشىلەر بالىلىرىنى باشقىلارغا قۇللۇققا سېتىپ بېرىشكە ئېلىپ بارىدۇ. 3 - ئوغۇرىلاپ ياكى بۇلاپ ئېلىپ قېچىش: ياۋروپادىن كەلگەن نۇرغۇن كىشىلەر ئافرىقىغا چۈشۈپ ئافرىقىلىق قارا تەنلىكلەرنى ئېلىپ قېچىپ ياۋروپادىكى قۇل بازارلىرىدا ساتىدۇ. شۇنداقلا ياۋروپالىق دېڭىز قاراقچىلىرى دېڭىزدا مېڭىۋاتقان پاراخوتلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ يولۇچىلارغا بېسىم ئىشلىتىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرسە، ئۇلارنى ياۋروپادىكى قۇل بازىرىدا سېتىۋېتىپ پۇلىنى خەجلەيدۇ. ئىسلام دىنى ئاللاھنىڭ ھەق دىنى بولۇپ، ئۇ يۇقىرىقىلاردىن بىرىگىلا يول قويىدۇ. بۇ بولسىمۇ ئۇرۇش يولى كەلگەنلەرنى قۇللۇققا ئېلىش، بۇ ئىنسانىيەتكە كۆيۈنۈشتۇر. غەلىبە قىلغۇچىنى بۇ غەلىبە كۆپىنچە ئەھۋالدا ئىنتىقام ئېلىشنى ياخشى كۆرۈش ھېسسىياتى تەسىرى ئاستىدا بۇزۇقچىلىق قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ - دە، ئەرلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىپ ئاياللارنى ۋە بالىلارنى ئۆلتۈرىدۇ. شۇڭا ئىسلام دىنى ئۆزى ئەگەشكۈچىلىرىگە بىرىنچى قىلىپ ئۇلارنى ھايات قالدۇرۇش، ئىككىنچى قىلىپ ئۇلارنىڭ بەخىتلىك بولۇشىغا ۋە ئازادلىققا چىقىشىغا ھازىرلىق قىلىش ئۈچۈن ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇللۇققا ئېلىشقا رۇخسەت قىلغان. ئەمما ئۇرۇشقا قاتناشقان ئەرلەرگە كەلسەك ئۇلارنى تۆلەم تۆلەتمەستىن ئۇلارغا ياخشىلىق ئەر بىلەن تۆلەم تۆلىتىش ئوتتۇرىسىدا ئىمام - رەھبەر تاللايدۇ. ئاللاھ - تائالا مۇنداق دېگەن: >سىلەر كۇپپارلارغا )جەڭ مەيدانىدا( ئۇچراشقان چېغىڭلاردا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈڭلار، سىلەر ئۇلارنى قېرىپ )مەغلۇپ قىلىپ ئۇلاردا سىلەرگە قارشىلىق كۆرسىتىدىغان كۈچ قالمىغان چاغدا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشتىن توختاپ( ئۇلارنى ئەسىر ئېلىڭلار، ئاندىن ئۇلارنى ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن قويۇپ بېرىڭلار ياكى فىدىيە )تۆلەم( ئېلىپ قويۇپ بېرىڭلار. ھەتتاكى ئۇرۇش ئۆزىنىڭ ئېغىر يۈكىنى تاشلىغانغا قەدەر ئۇرۇش توختىغانغا قەدەر مۇشۇنداقتۇر.< (مۇھەممەد: 4)  4 - قۇللارغا قىلىنىدىغان مۇئامىلە: بىز ئىسلام ئۈممىتىدىن باشقىلاردا قۇللارغا مۇئامىلە قىلىشىدا پەرق زور. ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىدا قۇل پەقەت ھەر قانداق ئىشلاردا، ھەر قانداق نىشاندا خىزمەت قىلىدىغان بويسۇندۇرۇلغان ماشىنىدىن )سايماندىن( باشقا نەرسە ئەمەس. يەنە كېلىپ ئۇلار بىكاردىن بىكار ئۇرۇلىدۇ. ئاچ قويۇلىدۇ، كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارغا مەجبۇرلىنىدىغان. شۇنداقلا ئوت بىلەن داغلىنىدۇ. نەرسىلەرنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن بەدەنلىرى كېسىلىدۇ. خوجايىنلار ئۇلارنى )جانلىق سايمان( دەپ ئاتايدۇ. ئەمما ئىسلامدا قۇلغا ئىنسانلىق ھۆرمىتىگە لايىق مۇئامىلە قىلىنىدۇ. شۇڭا ئىسلام دىنى قۇلنى ئۇرۇش، ئۆلتۈرۈشنى شۇنىڭدەك ئۇلارغا تاپا تەنە قىلىش ۋە تىللاشنى ھارام قىلىپ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرىدى. مانا بۇ مەزمۇنلار شۇنى بايان قىلىدۇ. 1( ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >خىش - ئەقرىبالىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن خوشنىغا، يىراق خوشنىغا، ياندىكى ھەمراھقا )يەنى سەپەرداشقا( مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل چۆرىلىرىڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار.< (نىسا:36)  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئۇلار سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار، سىلەرنىڭ تاغا - ھاممىلىرىڭلار، ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرنىڭ باشقۇرۇشىڭلاردا قىلغان. كىمكى قېرىندىشى ئۇنىڭ قولىدا بولسا ئۇنىڭغا ئۆزى يېگەندىن يېگۈزسۇن، كىيگەندىن كىيگۈزسۇن، ئۇلارنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارغا سالماڭلار، ئەگەر سالساڭلار ئۇلارغا ياردەم قىلىڭلار< (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. )  يەنە مۇنداق دېگەن: >كىمكى قۇلنى كاچاتلىسا ياكى ئۇرسا ئۇنىڭ كاپارىتى قۇلنى ئازاد قىلىشتۇر.< (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.)  ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسلام دىنى ئومۇمەن قۇللارنى ئەركىنلىككە چىقىرىشقا چاقىرغان ۋە بۇنىڭغا قىزىقتۇرغان. بۇنىڭغا تۆۋەندىكى ئىشلار پاكىت. 1( قۇلنى ئازاد قىلىشنى خاتا ئادەم ئۆلتۈرۈش، زىھار قىلىش، قەسەمنى بۇزۇش ۋە روزىنى سۇندۇرۇپ رامزاننىڭ ھۆرمىتىنى تۆككەنگە ئوخشاش بىر قانچە گۇناھنىڭ كاپارىتى دەپ بەلگىلەنگەن. 2( قۇللار ئىچىدىن خوجايىنى بىلەن پۇل مال بېرىشكە توختام تۈزۈشنى تەلەپ قىلغانلار بىلەن توختام تۈزۈش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە بۇيرىغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >قۇللىرىڭلاردىن توختام تۈزۈشنى تىلەيدىغانلار )يەنى خوجىسىغا مۇئەييەن پۇل مال تۆلەش شەرتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئازاد قىلىنىشىنى تىلەيدىغانلار( بىلەن ئەگەر ئۇلارنىڭ ساداقىتىنى بايقىساڭلار توختام تۈزۈڭلار، سىلەرگە ئاللاھ ئاتا قىلغان مال - مۈلۈكنىڭ بىر قىسمىنى )ئۆزلىرىنى ئازاد قىلىشقا ياردەم قىلىش سۈپىتىدە( ئۇلارغا بېرىڭلار< (نۇر: 33)  3( زاكاتنى خىراجەت قىلىش يوللىرىدىن مەخسۇس بىر يولنى قۇللارنى ئازاد قىلىشقا ياردەم قىلىش ئۈچۈن تەيىنلەش ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە زاكات خادىملىرىغا ماللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا، ئىبنى سەبىللەرگە بېرىلىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر. ئاللاھ )بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى( ئوبدا بەلگىلىگۈچىدۇر. ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر< (تۆۋبە: 60)  4( قۇل ئاياللارنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە بالىلارنىڭ ئانىسى بولۇپ مۇشۇنىڭ بىلەن ئازاد بولۇشى ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ئۆي تۇتۇشقا رۇخسەت قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن. >قايسى بىر ئايال قۇل خوجايىنىدىن بالا تۇغسا خوجايىن ئۆلگەندىن كېيىن ئازاد بولىدۇ.< (ئىبنى ماججە، ھاكىم رىۋايەت قىلغان. )  5( قۇلنى ئۇرۇشنىڭ كاپارىتىنى ئۇنى ئازاد قىلىش قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >كىمكى ئۆزىنىڭ خىزمەتچىسىنى جازالاشقا توشمىسىمۇ ئۇرسا ياكى ئۇنى كاچاتلىسا ئۇنىڭ كاپارىتى ئۇنى ئازاد قىلىشتۇر.< (ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى، ماججە رىۋايەت قىلغان. )  6( رەھىمدىل ئادەمگە ئېرىشىش بىلەنلا قۇلنىڭ ئازاد قىلىنىشى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >نىكاھ ھارام بولغان )ئىشەنچىسىز( رەھىمدىل خوجايىنغا ئېرىشكەن ئادەم ئۇ ئازادتۇر.< (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. )  ]دىققەت[: ئەگەر بىرسى: نېمە ئۈچۈن ئىسلام دىنى قۇلنى ئازاد قىلىشنى مۇسۇلمانلار تەرك ئېتەلمىگۈدەك پەرز قىلمايدۇ؟ دېسە بىز مۇنداق دەيمىز: ئىسلام دىنى قۇللۇق تۈزۈم دەۋرىدە كەلدى. شۇڭا ئاللاھنىڭ ئادىل، ئىنسانلارنىڭ روھىنى، يۈز ئابروي ۋە مېلىنى قوغداش ئۈچۈن چۈشكەن بۇ شەرىئەتكە كىشىلەرنى پۈتۈن مال - مۈلكىنى تاشلىۋېتىشنى پەرز قىلىش )مەجبۇرلاش( لايىق كەلمەيدۇ. شۇنىڭدەك نۇرغۇن قۇللارنى ئازاد قىلىۋېتىش توغرا ئەمەس. چۈنكى ئاياللارنى، بالىلارنى ھەتتاكى ئىشلەشتىن ئاجىز ياكى ئىشلەش يوللىرىنى بىلمەسلىك سەۋەبلىك ئۆزىنى ئۆزى بېقشىقا قادىر بولالمايدىغان ئەرلەرنىڭ ئۆزى نېمە يېسە شۇنىڭ بېرىدىغان، نېمە كىيسە شۇنى كىيگۈزىدىغان، كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارغا سالمايدىغان مۇسۇلمان خوجايىنى بىلەن بىللە قىلىشى، ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلىدىغان، ئايرىلىش ۋە مەھرۇمىيەتچىلىك جەھەننىمىگە بېرىشتىن قۇتقۇزۇپ قالىدىغان ئۆيدىن ئايرىلىشتىن مىڭ ياخشى.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  نىكاھنىڭ بىرىنچى ك...
●  مۇھەممەد ئەلەيھىسس...
●  چوقۇم كۆرۈڭلار دوس...
●  ئىسلامدىكى قىرىندا...
●  ھەدىسى قۇددۇسى
●  تۆت مەزھەبنىڭ قايس...
●  ئايەت يېزىلغان جاز...
●  تاماكا چېكىش نېمىش...
●  ھايا
●  ھەج قىلىشقا قادىر ب...
●  قىيامەتنىڭ ئالامەت...
●  ئىسلامدىكى قۇل
●  ھۆكۈم ۋە ئىسپاتنىڭ ...
●  مال بوغۇزلارش، ئوۋ ...
●  جازالار
●  جىنايەت ۋە ئۇنىڭ ھۆ...
●  قەسەم ۋە نەزىر
●  مىراس ۋە ئۇنىڭ ئەھك...
●  نىكاھ، تالاق، ۋاز ك...
●  ئومۇمىي ھۆكۈملەر

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  نىكاھنىڭ بىرىنچى كىچىسى
●  مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام...
●  چوقۇم كۆرۈڭلار دوستلار ...
●  ئىسلامدىكى قىرىنداشلىق
●  ھەدىسى قۇددۇسى
●  تۆت مەزھەبنىڭ قايسىسى ئ...
●  ئايەت يېزىلغان جازىلارن...
●  تاماكا چېكىش نېمىشقا چە...
●  ھايا
●  ھەج قىلىشقا قادىر بولۇش...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى