بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     

جازالار

يوللانغان ۋاقتى : 2008-11-15 11:20:22    كۆرۈلۈش سانى : 573  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
بىرىنچى: ھاراقنىڭ جازاسى  1 - جازالاش ۋە ھاراقنى تونۇشتۇرۇش: جازالش دېگىنىمىز، ئۇرۇش ياكى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئاللاھ چەكلىگەن ئىشنى قىلغۇچىنى توسۇش. ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرى ئاللاھ يېقىنلاشماسلىقنى بۇيرىغان ئىشلاردۇر. ھاراق - ئۇ تۈرى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئىچكۈچىنى مەس قىلىدىغان بارلىق ئىچىملىك بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ھەر قانداق مەست قىلغۇچى ھاراق. بارلىق ھاراق ھارام.< (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. )  2 - ئىچىشنىڭ ھۆكمى: مەيلى ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن، ھاراق ئىچىش ھارام بولۇپ، ئاللاھ تائالا ھاراق ۋە قىماردىن توسۇپ مۇنداق دېگەن؛ >سىلەر توسۇلامسىلەر؟<(مائىدە: 91، 90)؛ >ئۇنىڭدىن يىراق بولۇڭلار.< (نىسا: 25) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: >ئاللاھ ھاراق ئىچكۈچى ۋە ئۇنى ساتقۇچىغا لەنەت قىلىدۇ.< دېەەن. ھەمدە ھاراق ئىچكۈچىنى مەسچىدنىڭ مەيدانىدا دەررە ئۇرۇپ جازالىغان. بۇ ئىككى سەھى كىتابتا بار. 3 - ھاراقنى چەكلەشنىڭ ھېكمىتى: مۇسۇلماننىڭ دىنى، ئەقلى جىسمى ۋە ئىقتىسادىنى قوغداش. 4 - ھاراق ئىچكۈچىنىڭ ھۆكۈمى: ھاراق ئىچكەن ئادەم ھاراق ئىچكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسا ياكى ئىككى ئادىل گۇۋاھچى بىلەن ھاراق ئىچكەنلىكى ئىسپاتلانسا، ئەگەر  ئۇ ئەركىن ئادەم بولسا دۈمبىسىگە سەكسەن قامچا ئۇرۇش ئارقىلىق جازالىنىدۇ. ئەگەر قۇل بولسا قېرىق قامچا ئۇرۇلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن؛ >ئۇلارغا ھۆر ئاياللارغا بېرىلىدىغان جازانىڭ يېرىمى بېرىلىشى كېرەك.< (مائىدە: 91، 90) ئەر قۇل ئايال قۇلغا قىياس قىلىنغان. 5 - ھاراقكەشنى جازالاشنىڭ شەرتلىرى: ھاراقكەشنى جازالاش ئۈچۈن ئۇ مۇسۇلمان نېرۋىسى جايىدا، بالاغەتكە يەتكەن ھاراقنىڭ ھاراملىقىنى بىلىدىغان ساق كىشى بولىشى كېرەك. كېسەل سەۋەبلىك جازا ئەمەلدىن قالمايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ساقىيىشىنى كۈتۈپ، ساقايغاندا جازا يۈرگۈزىلىدۇ. 6 - بىر قېتىم جازالىنىش: ئەگەر مۇسۇلمان كىشى ھاراقنى بىر نەچچە قېتىم ئىچكەن بولسىمۇ بىر قېتىم جازالىنىدۇ. بىراق جازالىنىپ بولغاندىن كېيىن قايتىدىن ئىچكەن ھامان جازالىنىدۇ. 7 - جازا قانداق ئىجرا قىلىنىدۇ؟ ھاراق ئىچكۈچى يەرگە ئولتۇرغۇزۇلۇپ دۈمبىسىگە بەك قاتتىقمۇ، بەك يەڭگىلمۇ ئەمەس، سەكسەن قامچا ئۇرۇلىدۇ. ئايالنىڭ جازالىنىشىمۇ ئەرگە ئوخشاش، لېكىن ئەۋرىتى ئېچىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن تاياق ئۆتكۈدەك نېپىز كىيىم بىلەن يۆگىلىدۇ. ]ئەسكەرتىش[ ھاراق ئىچكۈچىنى بەك قىززىق ياكى بەك سوغۇق مۇھىتتا جازالانمايدۇ. بەلكى ھاۋانىڭ نورماللىشىشىشنى كۈتۈش كېرەك. شۇنداقلا مەست ياكى كېسەل ۋاقتىدا جازا يۈرگۈزۈلمەستىن ھوشىنى تېپىش ياكى ساقىيىشى كۈتۈلىدۇ. ئىككىنچى: تۆھمەت قىلىشنىڭ جازاسى    1 - تونۇشتۇرۇش: ئۇ بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمنى زىناخور ياكى مەن ئۇنىڭ زىنا قىلغانلىقىنى ۋە ياكى ئوخشاش جىنىستىكىلەر مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندەك پاھىشە ئىشلىرىنى كۆردۈم. دەپ باشقىلارغا بۇزۇق، دەپ تۆھمەت چاپلىشىدۇ. 2 - ئۇنىڭ ھۆكمى: تۆھمەت چاپلاش ئەڭ چوڭ گۇناھلاردىن بىرى بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى قىلغۇچىنى پاسىق، دېدى ۋە جازالاشقا بۇيرىدى. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: >ئىپپەتلىك ئاياللارنى زىنا بىلەن قارىلىغان، تۆت گۇۋاھچىنى كەلتۈرەلمىگەن كىشىلەرنى 80 دەررە ئۇرۇڭلار، ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى ھەرگىز قوبۇل قىلماڭلار، ئۇلار پاسىقلاردۇر. كېيىن تۆۋبە قىلغان ۋە تۈزەتكەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. چۈنكى ئاللا مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. تولىمۇ مېھرىباندۇر.< (نۇر: 5 - 4)  3 - ئۇنىڭ جازاسى: تۆھمەت قىلغۇچى سەكسەن قامچا ئۇرۇلىدۇ. ئاللاھ تائالا: >ئۇلارنى سەكسەن قامچا ئۇرۇڭلار< دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشەگە تۆھمەت چاپلىغۇچىلارنى سەكسەن قامچا ئۇرغان. 4 - تۆھمەتخورنى جازالاشنىڭ ھېكمىتى: مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بۇزۇقچىلىق ۋە رەزىللىكنىڭ تارقىلىشىدىن جەمئىيەتنى قوغدىغاندەك ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئابروي ۋە ھۆرمىتىنى قوغداش. مۇسۇلمان دېگەن ئادىل، پاك كېلىدۇ. 5 - جازا ئىجرا قىلىشنىڭ شەرتلىرى: تۆھمەت چاپلىغۇچىغا جازا ئىجرا قىلىشتا تۆۋەندىكىلەر تولۇق تېپىلىشى كېرەك: 1( تۆھمەت چاپلىغۇچى نېرۋىسى جايىدا، بالاغەتكە يەتكەن مۇسۇلمان بولۇش. 2( تۆھمەت چاپلانغۇچى كىشىلەر بۇزۇق دەپ قارىمايدىغان ئىپپەتلىك بولۇش. 3( تۆھمەت چاپلانغۇچى تۆھمەت چاپلىغۇچىنى جازالاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش. جازالاش تۆھمەت چاپلانغۇچىنىڭ ھوقۇقى بولۇپ، خالىسا جازالىنىدۇ، خالىسا كەچۈرىدۇ. 4( تۆھمەت چاپلىغۇچى سۆزىنىڭ راستلىقىغا ئادىل تۆت گۇۋاھچى ئەكېلەلمىگەن بولۇش، ئەگەر بۇ شەرتلەردىن بىرسى كەم بولسا جازا ئەمەلدىن قالىدۇ. ئۈچىنچى: زىنانىڭ جازاسى:   1 - تونۇشتۇرۇش: ئۇ ئالدىدىن بولسۇن ياكى كەينىدىن بولسۇن ھارام قىلىنغان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش. 2 - ھۆكۈمى: زىنا كاپىرلىق، شىرىك كەلتۈرۈش ۋە ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن كېيىنكى كەيبىرە گۇناھلاردىن بىرى. شۇنداقلا ئەڭ چوڭ پاھىشە. ئاللاھ تائالا زىناخورلۇقنى چەكلەپ مۇنداق دېگەن: >زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر.< (ئىسرا: 32 ) جازالاشنى يولغا قويۇپ مۇنداق دېگەن: >زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەربىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار.< (نۇر: 2)يەنە لەبزى ئەمەلدىن قالغان، ھۆكمى ئەمەلدە بار بولغان قۇرئاندىن نازىل قىلىنغان باياندا مۇنداق دېگەن: >ياشقا چوڭ زىناخور ئەر - ئاياللارنى ئاللاھنىڭ نامى بىلەن جازالاش يۈزىسىدىن ئەلۋەتتە چالما - كېسەك قىلىڭلار.< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس. ) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >زىنا قىلغۇچى مۆئمىن ھالىتىدە زىنا قىلمايدۇ.< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس ) ئەڭ چوڭ گۇناھ توغرىلىق سورالغاندا: >خوشناڭنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىش< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس) دېگەن. 3 - زىنانى ھارام قىلىشنىڭ ھېكمىتى: بۇنىڭ ھېكمىتى - ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ساپلىقىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئابرويىنى، پاكلىقىنى قوغداش، ھۆرمىتىنى، نەسەبىنىڭ ئېسىللىكىنى، روھىيىتىنىڭ سۈزۈكلىكىنى، داۋاملاشتۇرۇش. 4 - زىنانىڭ جازاسى: زىنا قىلغۇچىلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ جازامۇ ئوخشىمايدۇ. زىنا قىلغۇچىلار توي قىلمىغان، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ باقمىغانلار بولسا يۈز قامچا ئۇرۇلۇپ، بىر يىل سۈرگۈن قىلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئەر - ئايال ئوخشاش. لېكىن سۈرگۈن قىلىش ئايال كىشىنىڭ بۇزۇلىشىغا سەۋەب بولسا ئايال سۈرگۈن قىلىنمايدۇ. ئاللاھ تائالا: >زىنا قىلغۇچى ئەر - ئايالنىڭ ھەربىرىنى يۈز قامچا ئۇرۇڭلار< دېگەن. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: >پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇرغان، سۈرگۈن قىلغان. ئەبۇ بەكرىمۇ ئۇرغان، سۈرگۈن قىلغان. ئۆمەرمۇ ئۇرغان، سۈرگۈن قىلغان.< (بۇخارى رىۋايەت قىلغان. ) زىنا قىلغۇچى قۇل بولسا ئەللىك قامچا ئۇرۇلۇپ، خوجايىنىنىڭ ھوقۇقى كۆزدە تۇتۇلۇپ سۈرگۈن قىلىنمايدۇ. زىنا قىلغۇچىلار بىر قېتىم توي قىلغانلار بولسا ئۆلگەنگە قەدەر چالما - كېسەك قىلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئوقۇلىشى ئەمەلدىن قېلىپ، ھۆكۈمى بار. ئايەت پاكىت: >ياشانغانلار زىنا قىلسا ئاللاھنىڭ جازاسى يۈزىسىدىن ئۇلارنى چالما - كېسەك قىلىڭلار، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس ) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چالما - كېسەك قىلىشقا بۇيرىغان ھەمدە ھامىدىيە ۋە مائىز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالارنى شۇنداقلا ئىككى يەھۇدىنى )ئۇ ئىككىسىگە ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن( چالما - كېسەك قىلغان (سەھى كىتابتا بار )  5 - زىنا قىلغۇچىنى جازالاشنىڭ شەرتلىرى: 1( زىنا قىلغۇچى كاللىسى جايىدا، بالاغەتكە يەتكەن، مەجبۇرلانمىغان مۇسۇلمان بولۇش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن؛ >قەلەم ئۈچ كىشىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن. كىچىك بالىدىن بالاغەتكە يەتكۈچە، ئۇخلىغۇچىدىن ئويغانغۇچە، ساراڭدىن ئەقلىنى تاپقۇچە< (بۇرۇن ئۆتكەن.)؛ >مېنىڭ ئۈممىتىمدىن سەۋەنلىك، ئۇنتۇپ قېلىش ۋە مەجبۇرلىنىپ قىلغان ئىش ئەپۇ قىلىندى.< (تىبرانى رىۋايەت قىلغان. )  2( ئۆزىنىڭ ئىقرار قىلىشى بىلەن ياكى زىنا قىلغانلىقىنى شۇنداق زىنا قىلىش ئىسپاتلىرىنى كۆرگەن ئادىل تۆت گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن زىنا قىلغانلىقى ئېنىق ئىسپاتلىنىش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئاياللىرىڭلاردىن پاھىشە قىلغانلارنى )ئىسپاتلاش ئۈچۈن( ئاراڭلاردىن تۆت گۇۋاھچى كەلتۈرۈڭلار.< پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالم مائىزغا مۇنداق دېگەن: >ئۇنىڭ بىلەن بىر يەردە بولدۇڭمۇ؟ ئۇ: ھەئە، دېدى<  3( زىنا قىلغۇچى ئىقرارىدىن يېنىۋالماسلىقى كېرەك. ئەگەر جازالاشتىن بۇرۇن ئىقرارىدىن يېنىۋېلىپ، مەن زىنا قىلمىدىم، دېسە جازالانمايدۇ. سەھى بايان بار بولۇپ، مائىزغا تاش ئېتىلغاندا قاچتى ساھابىلار ئۇنى تېپىپ تاش ئېتىپ ئۆلتۈردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقانداق: >ئۇنىڭ قېچىشىنى ئىقراردىن يېنىۋېلىش دەپ قارىغاندەك ئۇنى قويىۋەتسەڭلار بولماسمىدى؟< دېگەن. يەنە شۇنداق بايان قىلىنىدۇكى، ئۇ قاچقاندا، مېنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا ئاپىرىڭلار. مېنىڭ قەۋمىم مېنى ئۆلتۈردى. مېنى ئالدىدى، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سېنى ئۆلتۈرمەيدۇ دېگەن ئىدى. دېگەن. 4( زىنا قىلغۇچىنى جازالاش ئۇسۇلى: گۇناھكارنىڭ كۆكرەككە كەلگۈدەك ئۆرەك كولىنىپ گۇناھكار كۆمۈلۈپ رەھبەر ياكى ئۇنىڭ ۋەكىلىنىڭ ھەمدە ئاز بولغاندىمۇ تۆتتىن ئاز بولمىغان مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ قاتنىشىش بىلەن چالما كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن؛ >ئۇلارنى جازالىغان چاغدا مۆئمىنلەردىن بىر تۈرلۈك كىشى ھازىر بولسۇن.< (نۇر: 2)  ئايالنىڭ جازالىنىشىمۇ ئەرگە ئوخشاش. لېكىن ئەۋرىتى ئېچىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن كىيىم پۇختا كەيدۈرىلىدۇ. بۇ چالما - كېسەك قىلىشقا قارىتىلغان. ئەمما قامچا )دەررە( ئۇرۇپ جازالاش ئۇسۇلى تۆھمەتخور ۋە ھاراق ئىچكۈچىنى جازالاشقا ئوخشاش بولىدۇ. ]ئەسكەرتىش[  ئوخشاش جىنىستىكىلەرنىڭ بۇزۇقچىلىقىنىڭ جازاسى مەيلى توي قىلغان بولسۇن، مەيلى توي قىلمىغان بولسۇن چالما - كېسەل قىلىپ ئۆلتۈرۈش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >لوت قەۋمىنىڭ ئىشىنى قىلغانلارنى تاپساڭلار ئىككىلىسىنى ئۆلتۈرۈڭلار.< (ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. ) ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشتە ساھابىلاردا ئوخشىماسلىق بار. بەزىلەر كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرگەن. بەزىلەر چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرگەن. ئىبنى ئابباس بۇ توغرىلىق مۇنداق دېگەن: >كەنىتتىكى ئەڭ ئېگىز بىنادىن تاشلىنىپ ئاندىن چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.<  كىمكى ھايۋان بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغان بولسا ئۇ ھارام قىلىنغان پاھىشەگە كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇرۇش ياكى تۈرمىگە سولاش ئارقىلىق قاتتىق جازالىنىدۇ. ئۇنىڭ خاراكتېرىدىكى ئازغۇنلۇقنى تۈزەش ئۈچۈن جازا قاتتىق بولۇشى كېرەك. ھايۋان بىلەن پاھىشە قىلغۇچى ۋە شۇ ھايۋان ئۆلتۈرىلىدۇ. دېگەن بايانمۇ بار. لېكىن بۇنىڭ پاكىتى كۈچلۈك بولمىغاچقا رەھبەرنىڭ بۇزۇقچىلىقىنى تۈزەشنى چىقىش قىلىپ چىقارغان جازالاش ھۆكۈمى بويىچە قاتتىق جازالىنىدۇ. ئەگەر قۇل ۋە دېدەك زىنا قىلغان بولسا قامچا ئۇرۇپ جازالىنىدۇ. توي قىلغانلار بولسىمۇ شۇنداق، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئۇلارغا ھۆر ئاياللارغا بېرىلىدىغان جازانىڭ يېرىمى بېرىلىشى كېرەك.< (نىسا: 25) ئۆلۈمنى ئىككىگە بۆلگىلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن چالما - كېسەك قىلىنماستىن ئەللىك قامچا ئۇرىلىدۇ. خوجايىن ئۆزى جازالىسىمۇ، رەھبەرنىڭ قېشىغا ئېلىپ بارسىمۇ بولىدۇ. تۆتىنچى" ئوغۇرلۇقنىڭ جازاسى  1 - ئوغۇرلۇقنى تونۇشتۇرۇش: دۇكان ياكى ئۆيگە ئوخشاش جايغا يوشۇرۇن كىرىپ كىيىم - كېچەك، پۇل - مال ياكى يېمەك - ئىچمەكككە ئوخشاش قوغدىلىدىغان نەرسىلەرنى ئوغۇرلاش. 2 - ھۆكۈمى: ئوغۇرلۇق كەبىرە گۇناھلار قاتارىدىن بولۇپ، ئاللاھ ئوغۇرلۇقنى ھارام قىلىپ مۇنداق دېگەن: >ئوغرىلىق قىلغۇچى ئەرنىڭ ۋە ئوغرىلىق قىلغۇچى ئايالنىڭ قىلمىشىنى جازالاپ، ئاللاھ تەرىپىدىن ئىبرەت قىلىش يۈزىسىدىن قوللىرىنى كېسىڭلار، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.< (مائىدە: 38) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوغرىلىق قىلغۇچىغا لەنەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: >ئاللاھ تۇخۇم ئوغرىلاپ قولى كېسىلگەن ئوغرىدا لەنەت قىلىدۇ.<(بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس. )ئوغرىلىق قىلىۋاتقان ئوغرىغا ئىمان بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: >ئوغرىلىق قىلغۇچى مۆئمىن تۇرۇپ ئوغرىلىق قىلمايدۇ.< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس ) ئوغرىلىقنى جازالاشنىڭ ھەربىر ئادەمگە ئىجرا قىلىنىدىغان ئاللاھنىڭ جازالىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: >روھىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر مۇھەممەدنىڭ قىزى پاتىمە ئوغرىلىق قىلسا ئۇنىڭ قولىنى ئەلۋەتتە كېسىمەن.< (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. )  3 - ئوغرىلىق قانداق ئىسپاتلىنىدۇ؟ ئوغرىلىق ئىككى ئىشنىڭ بىرىدە ئىسپاتلىنىدۇ. بېسىم ئىشلىتىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئوغرىلىق قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى بىلەن ياكى ئوغرىلىق قىلغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىدىغان ئىككى ئادىل گۇۋاھچى بىلەن، ئەگەر ئىقراردىن يېنىۋالسا قولى كېسىلمەيدۇ. پەقەت ئوغرىلانغان مال قايتۇرىلىدۇ. 4 - قول كېسىشنىڭ شەرتلىرى: 1( ئوغرىلىق قىلغۇچى ئەقلى - ھوشى جايىدا، بالاغەتكە يەتكەن بولۇشى كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ >قەلەم ئۈچ كىشىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى …< دېگەن سۆزى بۇنىڭ دەلىلى. 2( ئوغرىلىق قىلغۇچى مال ئىگىسىنىڭ دادىسى ياكى بالىسى ياكى يولدىشى ياكى خوتۇنى بولماسلىقى كېرەك. چۈنكى ئۇلارنىڭ مالدا ئورتاق ھوقۇقى بار. 3( ئوغرىنىڭ ئوغرىلانغان مالدا نىسپىي ھوقۇقى بولماسلىقى مەسىلەن: ئۆزىنىڭ گۆرۈگە قويغان مېلىنى ياكى خوجايىنىدىكى ئىش ھەققىنى ئوغرىلىغانغا ئوخشاش. 4( ئوغرىلانغان مال ھاراق ياكى چالغۇ ئەسۋابقا ئوخشاش ھارام قىلىنغان مال بولماسلىقى ھەمدە ئوغرىلانغان مالنىڭ قىممىتى بىر دىنارنىڭ تۆتتىن بىرىدىن تۆۋەن بولماسلىقى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: قول بىر دىنارنىڭ تۆتتىن بىرىگە يەتكەن ئۇنىڭدىن زىيادە ھالدا كېسىلىدۇ.< (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. )  5( ئوغرىلانغان مال ھويل ياكى دۇكان ياكى قوتان ياكى ساندۇققا ئوىشاش قوغدىغۇچى ھېسابلىنىدىغان قوغدۇلۇش دائىرىسىدە بولۇش. 6( مال بۇلانغان بولماستىن، ئوغۇرلانغان بولۇش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: >خائىننىڭ، بۇلاڭچىنىڭ، كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا مالنى ئېلىپ قاچقۇچىنىڭ قولىنى كېسىش يوق< دېگەن.    5 - ئوغرى قانداق جازالىنىدۇ؟  1( ئوغرى ئوغرىلىقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن قولىدا مال بولسا ياكى تۇرمۇشى ياخشى بولسا ئوغرىلانغان مالنى تۆلەيدۇ. ئەگەر مالنى بۇزۇپ چېچىپ بولغان بولسا گەدىنىدە قەرز قالىدۇ. 2( قولى كېسىلىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ھوقۇقىغا ئوخشاش ئىش بولۇپ، جازالار ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلارغا بېرىلىدۇ. ئەگەر شەرت تولۇق بولمىغانلىقى ئۈچۈن قولى كېسىلمىسە ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن، ئوغرىنىڭ تۇرمۇشى ياخشى بولسۇن ياكى قىيىن بولسۇن مالنىڭ ئىگىسىگە مالنى تاپشۇرىدۇ. 6 - قانداق كېسىلىدۇ؟ ئوغرىنىڭ ئوڭ قولى ئالقان بوغۇمدىن كېسىلىدۇ. ئىبنى مەسئۇد، >ئوڭ قوللىرىنى كېسىڭلار<دەپ ئوقۇغان. كېسىلگەن قل تومۇرلار ئېتىلىپ، قان توختىشى ئۈچۈن قاينىتىلغان ياغقا تىقىلىدۇ. ئۇنى ئىبرەت ئۈچۈن ئوغرىنىڭ گەدىنىەە ئېسىپ قويۇش ياخشى. 7 - قول كېسىلمەيدىغان ئىشلار: قوغدالمايدىغان ياكى قىممىتى تۆتتە بىر دىنارغا يەتمەيدىغان مالنى ۋە ياكى دەرەختىكى مېۋىنى ئوغىرلاشقا قولى كېسىلمەيدۇ. ئەگەر ئوغرىلىغان مېۋىنى يوشۇرۇپ قويغان بولسا ئىككى ھەسسە تۆلىتىلىدۇ. جازالىنىپ ئۇرۇلىدۇ. ئەمما قورسىقىغا يېگەن بولسا چارە كۆرۈلمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن يايلاقتىن تۇتىۋالغان قوي توغرۇلۇق سورالغاندا: >ئىككى ھەسسە قىممەتتە تۆلىتىلىدۇ. ئۇرۇپ جازالىنىدۇ. قوتاندىن ئوغرىلىغان بولسا، قىممىتى قالقاننىڭ باھاسىغا يەتسە قولى كېسىلىدۇ< دېگەن ئېتەكتە ئېلىپ مېڭىلغان مېۋە توغرۇلۇق سورالغاندا: >يوشۇرۇپ قويماي يېسە جازالانمايدۇ. يوشۇرۇپ قويسا، ئىككى ھەسسە تۆلىتىلىپ ئۇرۇپ جازالىنىدۇ. خاماندىن ئوغرىلىغان بولسا قىممىتى بىر قالقاننىڭ قىممىتىگە يەتسە قولى كېسىلىدۇ.< (ئەھمەد ۋە نەسەئى رىۋايەت قىلغان. )  ]ئەسكەرتىش[  ئەگەر مال ئىگىسى ئوغرىنى ئەپۇ قىلىپ ئەرز قىلمىسا قولى كېسىلمەيدۇ. ئەگەر ئەزر قىلسا كېسىش زۆرۈر بولۇپ، ھېچكىمنىڭ تىنىۋېلىشىغا بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوغرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئۈچۈن كەلتۈرۈلۈپ بولغاندا ئەپۇ قىلماقچى بولغان كىشىگە: >يېنىمغا ئېلىپ كېلىشتىن بۇرۇن قىلساڭ بولماسمىدى.< (ئەسھابۇل سۇنەن رىۋايەت قىلغان.) دېگەن. جازالاش ئىشىدا ئەرز قىلىنىپ بولغاندا تىلىۋېلىش ھارام. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئاللاھنىڭ جازا قانۇنىغا ئۆزىنىڭ تىلىۋېلىشىنى توسالغۇ قىلغان ئادەم ئاللاھنىڭ پەرمانغا قارشى چىققان بولىدۇ.< (ئەبۇ داۋۇد ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان. )ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: >ئاللاھنىڭ جزالىشىدا تىلىۋالماقچىمۇ سەن؟< دېگەن. ئۆيلەرگە چۈشۈپ ئۆيدىكىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، مال - مۈلۈك توغرىلىغان ئادەمنىڭ ھۆكۈمى بۇلاڭچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھۆكۈمىگە ئوخشايدۇ. يەتتىنچى، بۇلاڭچىلارنىڭ جازاسى  1 - ئۇنى تونۇشتۇرۇش: بۇ بىر بۆلۈك مۇسۇلمانلارنىڭ قورال كۆتۈرۈپ چىقىپ زومىگەرلىك بىلەن يولۇچىلارنىڭ يولىنى توسۇپ ئۆلتۈرۈپ پۇل - مېلىن ئېلىۋېلىشىدۇر. 2 - ئۇلارنىڭ ھۆكۈمى: 1( ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ تۆۋبە قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەگەر خاتالىقىنى تونۇپ تۆۋبە قىلسا قوبۇل قىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇنىمىسا ئۇرۇش ئېچىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇلار بىلەن ئۇرۇش ئاللاھ يولىدىكى جىھاد بولۇپ، ئۇلار بىلەن يوشۇرۇپ ئۆلگەن مۇسۇلمان شېھىد بوىدۇ. ئۇلردىن ئۆلگەنلەر قېنى بىكار ئاققاق بولىدۇ. ئاللاھ مۇنداق دېگەن: >تاجاۋۇز قىلغۇچى تاكى ئاللاھنىڭ ھۆكمىەە قايتقانغا قەدەر ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇڭلار.< (ھوجرات: 9)  2( بۇلاڭچىلاردىن تۆۋبە قىلىشتىن بۇرۇن تۇتۇلۇپ قالغانلىرى، ئۆلتۈرۈش ياكى دارغا ئېسىش ياكى قول - پۇتىنى كېسىش ياكى سۈرگۈن قىلىش بىلەن جازالىنىدۇ. ئاللاھ مۇنداق دېگەن: >ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغانلارنىڭ، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىىدىغانلارنىڭ جازاسى شۇكى، ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈشى ياكى دارغا ئېسىلىشى ياكى ئوڭ قوللىرى ۋە سول پۇتلىرى كېسىلىشى ياكى سۈرگۈن قىلىنىشى كېرەك< (مائىدە: 33) سەدىقە تۆگىنى بۇلاپ، باققۇچىلارنى ئۆلتۈرىۋېتىپ قېچىپ كەتكەن ئورنىغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق قىلغان. بۇ جازالارنىڭ قايسىسى بىلەن جازالاش رەھبەرنىڭ تاللىشى بىلەن بولىدۇ. بىر قىسىم بىلىم ئەھلى ئۆلتۈرگەنلەر ئۆلتۈرىلىدۇ. مال بولىغانلارنىڭ قول - پۇتى كېسىلىدۇ. جان ياكى مالغا چىقىلمىغانلار تۆۋبە قىلغانغا قەدەر سۈرگۈن قىلىنىدۇ. ياكى تۈرمىگە سولىنىدۇ. دەپ قارىدى. 3 - باستۇرۇلۇپ بېرىشتىن بۇرۇن تۆۋبە قىلىپ ئۆزلىكىدىن قورالىنى تاپشۇرۇپ، ئۆزلىرىنى ھۆكۈمران ئالدىغا قويغان بولسا ئاللاھنىڭ قازاسى ئەمەلدىن قېلىپ بەندىلەرنىڭ قالىدۇ. قان ۋە مال توغرىلىق سوت ئېچىلىپ ماللار تۆلىنىدۇ. قان توغرىلىق ئامال قىلىنىپ تۆلەم قوبۇل قىلىنىدۇ ياكى كەچۈرىلىدۇ. قايسى بىرى بولسا توغرا. ئاللاھ مۇنداق دېگەن: >سىلەر تۇتۇۋېلىشتىن ئىلگىرى تۆۋبە قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، بىلىڭلاركى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.< (مائىدە: 34) ئەگەر ئۇلاردا مال بولمىسا ئۇلارغا ۋاكالىتەن رەھبەر تۆلىۋەتسىمۇ بولىدۇ ياكى ئۇلار قەرز بېرىپ تۇرىسمۇ بولىدۇ. ئالتىنچى: ئىسىيانچىلار  ئا - تونۇشتۇرۇش: ئىسيانچىلار - كۈچ ۋە نوپۇزغا ئىگە بىر بۆلۈك كىشىلەرنىڭ رەھبەرنى كاپىر ياكى ئازغۇن ياكى زالىم دەپ قارايدىغان ئەقىلگە مۇۋاپىق سەۋەب بىلەن توپلۇشۇپ رەھبەرگە قارشى چىقىپ ئىتائەت قىلماسلىقتۇر. ب - ئۇلارنىڭ ھۆكۈمى: 1 - رەھبەر ئادەم ئەۋەتىپ، ئالاقىلىشىپ ئۇلارنىڭ مەقسىتى ۋە قارىشى چىقىش سەۋەبىنى سورايدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرىگە ياكى باشقىلارغا زۇلۇم قىلغانلىقىنى دېسە، رەھبەر زۇلۇمنى يوقىتىدۇ. ئەگەر بىر ئىشتىن گۇمانلنغانلىقىنى دېسە، رەھبەر گۇمانلىق تەرەپلەرنى يورۇتۇپ، ھەقنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ، پاكىتنى بايان قىلىدۇ. ئىسىيانچىلار ھەقكە قايتىپ قبۇل قىلىنىدۇ. ئەگەر ھەققە قايتىقىلى ئۇنىمىسا پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئۇلارغا ئۇرۇش ئېچىشى لازىم. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئەگەر مۆئمىنلەردىن ئىككى گۇرۇھ ئۇرۇشۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ قويۇڭلار، ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ئىككىنچىسىگە تاجاۋۇز قىلسا، تاجاۋۇز قىلغۇچى تاكى ئاللاھنىڭ ھۆكۈمىگە قايتقانغا قەدەر ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇڭلار.< (ھوجرات: 9)  2 - ئۇلارغا ئايروپىلان بىلەن ياكى باشقۇرىلىدىغان بومبا بىلەن بومباردىمان قىلىشقا ئوخشاش ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك ئۇرۇش ئېچىشقا بولمايدۇ. بەلكى ھەيۋىسىنى سۇندۇرۇپ تەسلىم بولۇشقا قىستايدىغان ھالەتتە ئۇرۇش قىلىش كېرەك. 3 - ئۇلارنىڭ ئايال، بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە، ماللىرىنى مۇسادىرە قىلىشقا بولمايدۇ. 4 - يارىدارلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىككە، ئەسىرلىرىنى، ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ قاچقانلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جەمەل كۈنىسى مۇنداق دېگەن: >قاچقۇچى ئۆلتۈرۈلمەيدۇ. يارىدارنىڭ ئۆلۈمى تىزلىتىلمەيدۇ. ئىشىكنى ئېتىۋالغان كىشى ئەمىنلىككە ئېرىشىدۇ.< (سەئىد ئىبنى مەنسۇر رىۋايەت قىلغان. )  5 - ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ ئىسىيانچىلار مەغلۇب قىلىنسا، ئۇلاردىن تۆۋبە قىلىپ ھەققە قايتىشتىن باشقا ئىش تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئەگەر ئۇلار )ئاللاھنىڭ ئەمرىگە( قايتسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئادىللىق بىلەن تۈزەپ قويۇڭلار، ئادىل بولۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ.< (ھۇجۇرات: 9)  ]ئەسكەرتىش[ ئەگەر مۇسۇلمانلاردىن ئىككى گۇرۇھ تەرەپبازلىق ياكى مال - دۇنيا ياكى مەنسەب ئۈچۈن ئۇرۇشسا ھەر ئىككىلى گۇرۇھ زۇلۇم قىلغۇچى ھېسابلىنىپ زىيانغا ئۇچرىغان مال ۋە ئادەمنى قارىشى تەرەپكە تۆلەيدۇ. يەتتىنچى، جازالاپ ئۆلتۈرىدىغان كىشىنىڭ بايانى: ئا - مۇرتەد دىنىدىن يانغۇچى  1 - تونۇشتۇرۇش: مۇرتەد - ئىسلامنى تاشلاپ خىرىستىيان ياكى يەھۇدى ۋە ياكى باشقا مەسىلەن، دىنسىزلىق ياكى كوممۇنىزىمغا ئوىشاش ئېتىقادلارغا كىرگەن، ئەقلى ھوشى جايىدا مەجبۇرلانمىغان كىشى. 2 - ھۆكۈمى: مۇرتەد ئىسلام دىنىغا قايتىشقا ئۈچ كۈن مەزمۇت دەۋەت قىلىنىدۇ. ئىسلامغا قايتسا مەيلى، قايتمىسا جازا يۈزىسىدىن قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيىھسسالام: >دىنىنى ئۆزگەرتكەچ كىشىنى ئۆلتۈرۈڭلار.< (بۇخارى رىۋايەت قىلغان.) دېگەن.؛ >دىنىنى ئۆزگەرتكەچ كىشىنى ئۆلتۈرۈڭلار.< (بۇخارى رىۋايەت قىلغان.) دېگەن.؛ >ئۈچ ئىشنىڭ بىرىسىز مۇسۇلماننى ئۆلتۈرۈش ھارام. ئۇلار توي قىلغان زىنا قىلغۇچى، قاتىل، دىننى تەرىك ئېتىپ مۇسۇلمانلار توپىدىن ئايرىلغۇچى< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس )  3 - ئۆلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىنكى ھۆكۈمى: مۇرتەد ئۆلتۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن يۇيۇلمايدۇ. ناماز ئوقۇلمايدۇ، مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنمايدۇ. ماللىرىمۇ مىراس قىلىنماي مۇسۇلمانلارنىڭ خەزىنىسىگە كىرىم قىلىنىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمىي ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلگەن ھېچبىر ئادەمنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمىگىن، ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىدىمۇ تۇرمىغىن. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلدى. ئۇلار پاسىق ھالىتى بىلەن ئۆلدى.< (تۆۋبە: 84) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >كاپىر مۇسۇلمانغا مۇسۇلمان كاپىرغا مىراسخور بولمايدۇ.< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس.) بارلىق مۇسۇلمانلار يۇقىرىقى ھۆكۈمگە ئەمەل قىلىشقا بىرلىككە كەلگەن. 4 - كاپىر قىلىدىغان ئەقىدىسى ۋە سۆزلەر: ئاللاھنى ياكى پەيغەمبەرلەردىن بىرىنى ياكى پەرىشتىلەردىن بىرەرىنى تىللىغان كىشى كاپىر بولىدۇ. ناماز ياكى زاكات ياكى روزا ياكى ھەج ياكى ئاتا - ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىش ياكى كۈرەشكە ئوخشاش ئاساسىي شەرىئەت پەرزلىرىدىن بىرەرىنى ئىنكار قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ. زىنا ياكى ھاراق ئىچىش ياكى ئوغرىلىق قىلىش ياكى ئادەم ئۆلتۈرۈش ياكى سېھرى قىلىشقا ئوخشاش شەرىئەتتە زۆرۈر ھارام قىلىنغان ئىشتىن بىرەرىنى ھالال ھېسابلىغۇچى كاپىر بولىدۇ. ئاللھنىڭ كىتابى - قۇرئاننىڭ بىرەر سۈرىسى ياكى بىرەر ئايەت ياكى بىرەر ھەرىپىنى ئىنكار قىلغۇچى كاپىر بولىدۇ. ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرەرىنى ئىنكار قىلغان ئادەم كاپىر بولىدۇ. دىندىكى پەرز ياكى سۈننەتنى كۆزگە ئىلمىغان ياكى پەس كۆرگەن ياكى قۇرئاننى پەس كۆرۈپ، خورلاپ تاشلىغان ياكى نىجىس يەرگە ئاتقان ياكى پۇتى بىلەن دەسسىگەن ئادەم كاپىر بولىدۇ.    قايتا تىرىلىش ياكى دوزاى ياكى جەننەت يوق، دەپ قارىغان ئادەم كاپىر بولىدۇ. ئەۋلىيالار پەيغەمبەرلەردىن ئۇلۇغ ياكى بىر قىسىم ئەۋلىيالاردىن ئىبارەت ساقىت بولغان دېگەن كىشىلەرمۇ كاپىر بولىدۇ. بۇنىڭ كاپىرلىقىغا ئاللاھنىڭ تۆۋەندىكى سۆزى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمىي قارىشى پاكىت. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن؛ >سىلەر ئاللاھنىڭ دىنىنى، ئاللھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلارمۇ؟ دېگىن. سىلەر ئۆزرە ئېيتماڭلار. سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن كاپىر بولدۇڭلار< (تۆۋبە: 65 - 66) بۇ ئايەت ئاللاھنى ياكى ئۇنىڭ سۈپەتلىرىنى ياكى ئۇنىڭ شەرىئىتىنى ياكى پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلغان ئادەمنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 5 - يۇقىرىقىدىكىلەر سەۋەبلىك كاپىر بولغان كىشىنىڭ ھۆكمى: بۇنىڭ ھۆكمى - ئۈچ قېتىم تۆۋبە قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. سۆزىگە ياكى ئەقىدىسىگە تۆۋبە قىلسا ياخشى. بولمىسا ئۆلتۈرىلىدۇ. ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىنكى ھۆكۈمى مۇرتەدنىڭ ھۆكۈمىگە ئوخشاش. بىلىم ئەھلىلىرى: ئاللاھ ياكى ئۇنىڭ رەسۇلىنى تىللىغان كىشى شۇ ھامان ئۆلتۈرۈلىدۇ، تۆۋبىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ، دېدى. بىر قىسىملار بولسا، تۆۋبە قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. تۆۋبە قىلىپ، قايتىدىن ئىمان ئېيتىپ، ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا مەيلى، دەپ قارىدى. ]ئەسكەرتىش[ تاياق ياكى تەھدىت ئاستىدا ئىمانى مۇستەھكەم ھالدا مەجبۇرىي كۇپۇر سۆزىنى دېسە جازالانمايدۇ. ئاللاھ تائال مۇنداق دېگەن: >قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرسىمۇ مەجبۇرلاش ئاستىدا ئىماندىن يانغانلىقىنى بىلدۈرگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا.< (نەھىد: 106)  ب - زىندلىق  1 - تونۇشتۇرۇش: ئۇ كۆرىنىشى مۇسۇلمان، لېكىن كاپىرلىقىنى يوشۇرغان كىشى بولۇپ، مەسىلەن، قىيامەتكە ئىشەنمىگەن ياكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلغان، ياكى قۇرئاننىڭ ئاللاھنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىگەن كىشىگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇ قورققانلىقى ياكى ئاجىزلىقى تۈپەيلى ئۆزىنىڭ كاپىرلىقىنى ئاشكارىلىيالمايدۇ. 2 - ھۆكۈمى: قاچانكى ئۇنىڭ ماھىيىتى بىلىنسە ياكى ئاشكارىلانسا جازالاپ ئۆلتۈرىلىدۇ. تۆۋبە قىلىشنى تەلەپ قىلىش ياخشى، تۆۋبە قىلمىسا ئاندىن ئۆلتۈرىلىدۇ، دەپ قارالدى. ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىدىن كېيىنكى ھۆكۈمى مۇرتەدنىڭ ھۆكۈمىگە ئوخشاش بولۇپ يۇيۇلمايدۇ، نامىزى ئوقۇلمايدۇ. ج - سېھرى قىلغۇچى: 1 - تونۇشتۇرۇش: ئۇ سېھرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى سېھرى قىلىدىغان ئادەم. 2 - ھۆكۈمى: سېھرىگەردىن كاپىرلىققا ئېلىپ بارىدىغان سۆز ياكى ئىش ھەرىكەت سادىر بولسا ئۆلتۈرىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: >سېھرىگەرنىڭ جازاسى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈش< (تىرمىزى ۋە دارىقۇتنى رىۋايەت قىلغان. ) دېگەن. ئەگەر ئىش - ھەرىكەت، گەپ - سۆزدە كۇپۇرلۇق بولمىسا، تەربىيە يۈزىسىدىن جازالىنىپ، تۆۋبە قىلدۇرىلىدۇ. ئەگەر تۆۋبە قىلمىسا ئۆلتۈرىلىدۇ. چۈنكى سېھرىگەر كاپىر قىلىدىغان گەپ سۆزدىن خالىي بولالمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >بىز كىشىلەرنى سىنايمىز. )ئۇلار( كاپىر بولمىغىن، دېمىگۈچە ھېچ كىشىگە سېھرى ئۆگەتمەيتتى.< (بەقەرە: 102)؛ >يەھۇدىلار سېھرىنى سېتىۋالغۇچىغا ئاخىرەتتە ھېچ نېسىۋە يوق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى< (بەقەرە: 102)  د - نامازنى تەرىك ئەتكۈچ: 1 - تونۇشتۇرۇش: بۇ مۇسۇلمانلاردىن بەش نامازنى پەرۋا قىلماي ياكى ئىنكار قىلىپ تەرىك ئەتكەن كىشى. 2 - ھۆكۈمى: نامازنى تەرىك ئەتكۈچى نامازغا قايتا - قايتا بۇيرۇلىدۇ ھەمدە ناماز ئوقۇغىدەك يېتەرلىك ۋاقىت بېرىلىدۇ. ناماز ئوقۇسا مەيلى. بولمىسا ئۆلتۈرىلىدۇ. ئاللھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلسا، ناماز ئۆتىسە، زاكات بەرسە، دىنى جەھەتتە سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار بولىدۇ.< (تۆۋبە: 11) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >مەن كىشىلەر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دەپ گۇۋاھلىق بەرگەن. ناماز ئوقۇغان، زاكات بەرگەنگە قەدەر ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. شۇنداق قىلسا جېنى ۋە ماللىرىنى مەندىن ساقلاپ قالىدۇ. بولمىسا ئىسلام نامىدىن ئۇلار بىلەن ئۇرۇشىمەن.< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس. )  ]ئەسكەرتىش[ ناماز ئوقۇمىغۇچىغا بىر رەكئەت ناماز ئوقۇغىدەك ۋاقىت بېرىش، ئۇنىمىسا ئۆلتۈرۈش مالىكنىڭ قارىشى، ئۈچ كۈن پۇرسەت بېرىش ئەھمەدنىڭ قارىشى. دىندىكى مەلۇم زۆرۈر ئىشنى ئىنكار قىلىش سەۋەبى بىلەن مۇرتەد بولغان ئادەمنىڭ تۆۋبىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ. پەقەت قايتا ئىمان ئېيتىش ۋە ئاللاھتىن كەچۈرۈم سوراش بىلەن بىللە ئىنكار قىلغان ئىشنى ئىقرار قىلسا ئاندىن قوبۇل قىلىنمايدۇ. مۇرتەد، زىندىق، سېھىر قىلغۇچى جازالپ ئۆلتۈرىلىدۇ، دېگەن سۆزىمىزدىكى جازا دېگەن سۆز شەرىئەتنىڭ جازاسىنى كۆرسىتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: >سېھرىگەرنىڭ جازاسى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈش< دېگەن سۆزىگە ئوخشاش، جىنايىتى سەۋەبلىك شەرىئەتنىڭ جازاسى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن كىشى كاپىر ئۆلىدۇ. كاپىر ئۆلگەن كىشى بىز بايان قىلغاندەك يۇيۇلمايدۇ. نامىزى ئوقۇلمايدۇ، مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنمايدۇ. ماللىرى مىراسمۇ قىلىنمايدۇ. سەككىزىنچى: ئەدەبلەش )تەئزىر(: 1 - تونۇشتۇرۇش: ئۇ ئۇرۇش ياكى تىللاش ياكى مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ياكى سۈرگۈن قىلىش ئارقىلىق ئەدەبلەش. 2 - ھۆكۈمى: ئاللاھ جازا ياكى كاپارەت بەلگىلىمىگەن بارلىق جىنايەتلەردە ئەدەبلەش )تەزىي ئۇرۇش( زۆرۈر. مەسىلەن، قولىنى كېسىش دەرىجىسىگە يەتمىگەن ئوغرىلىق، باشقا ئاياللارنى تۇتۇش ياكى سۆيۈش، بۆھتان دەرىجىسىگە يېتىپ بارمايدىغان تۆھمەت چاپلاش، يارىلاندۇرماستىن ئۇرۇش قاتارلىق جىنايەتلەر. 3 - ئەدەبلەشنىڭ ئەھكامى: 1 - ئەگەر ئۇرۇشقا تېگىشلىك بولسا ئون قامچىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئاللاھنىڭ جازاسىدىن باشقا ئىشتا ئون قامچىدىن زىيادە ئۇرۇشقا بولمايدۇ.< (بىرلىككە كېىنگەن ھەدىس)   2 - ھۆكۈمران ئەدەبلەشتە ئەمەلىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈش جىنايەتچىلەرنى ئۆزىگە لايىق ئەدەبلەيدۇ. ئەگەر خاتالىقتىن توسۇش ياكى تەرىيىلەشكە تىللاش يېتەرلىك بولسا تىللايدۇ. ئەگەر بىر كېچە - كۈندۈز سولاش يېتەرلىك بولسا بىر كېچە - كۈندۈز سولايدۇ. ئەگەر يەڭگىل جەرىمانە يېتەرلىك بولسا ئېغىر جەرىمانە ئېلىنمايدۇ. ۋاھاكازالار … چۈنكى مەقسەت جازالاش ئىنتىقام ئېلىش ئەمەس، بەلكى تەربىيىلەش ۋە تۈزەش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ زەرنى: >سەن جاھىلىيەتنىڭ تەسىرى بار ئادەم ئىكەنسەن< (بۇخارى رىۋايەت قىلغان. ) دەپ ئەدەبلىگەن؛ >مەسجىدتە سودا قىلغنا كىشىگە ئاللاھ تىجارىتىڭگە پايدا بەرمىسۇن، دەڭلار.< (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. ) مەسجىدتە يوقاپ كەتكەن نەرسىنى ئىزدىگەن كىشىگە: >ئاللاھ ساڭا ئۇنى قايتۇرۇپ بەرمىسۇن، مەسجىد بۇنىڭ ئۈچۈن سېلىنمىغان< دېگەن. شۇنىڭدەك سەۋەبسىز كۈرەشتىن قېلىپ قالغان ئۈچ كىشىدىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشكە بۇيرىغان. ئايال مىجەز ئەرلەرنى مەدىينىدىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرىغان. بىر ئادەمنى تۆھمەد سەۋەبلىك بىر كېچە - كۈندۈز سولاپ قويغان. خورمىنى ئوغرىلاپ يوشۇرۇپ قويغان كىشىگە ئىككى ھەسسە تۆلەتكەن. مانا بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەرخىل ئەدەبلەشنىڭ تۈرلىرى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەقسىتى مۇسۇلمانلارنى تەربىيىلەش ۋە يېتىشتۈرۈش بولغان.   


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  نىكاھنىڭ بىرىنچى ك...
●  مۇھەممەد ئەلەيھىسس...
●  چوقۇم كۆرۈڭلار دوس...
●  ئىسلامدىكى قىرىندا...
●  ھەدىسى قۇددۇسى
●  تۆت مەزھەبنىڭ قايس...
●  ئايەت يېزىلغان جاز...
●  تاماكا چېكىش نېمىش...
●  ھايا
●  ھەج قىلىشقا قادىر ب...
●  قىيامەتنىڭ ئالامەت...
●  ئىسلامدىكى قۇل
●  ھۆكۈم ۋە ئىسپاتنىڭ ...
●  مال بوغۇزلارش، ئوۋ ...
●  جازالار
●  جىنايەت ۋە ئۇنىڭ ھۆ...
●  قەسەم ۋە نەزىر
●  مىراس ۋە ئۇنىڭ ئەھك...
●  نىكاھ، تالاق، ۋاز ك...
●  ئومۇمىي ھۆكۈملەر

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  نىكاھنىڭ بىرىنچى كىچىسى
●  مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام...
●  چوقۇم كۆرۈڭلار دوستلار ...
●  ئىسلامدىكى قىرىنداشلىق
●  ھەدىسى قۇددۇسى
●  تۆت مەزھەبنىڭ قايسىسى ئ...
●  ئايەت يېزىلغان جازىلارن...
●  تاماكا چېكىش نېمىشقا چە...
●  ھايا
●  ھەج قىلىشقا قادىر بولۇش...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى