بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     

ھايا

يوللانغان ۋاقتى : 2008-09-04 11:45:08    كۆرۈلۈش سانى : 2038  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
مۇسۇلمان كىشى دىيانەتلىك، ھايالىق بولۇپ ئۇنىڭ ئەخلاقى، ئەلۋەتتە ھايا. ھايا ئىماننىڭ جۈملىسىدىن، ئىمان مۇسۇلماننىڭ ئەقىدىسى ۋە ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئاساسى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئىمان يەتمىش نەچچە ياكى ئاتمىش نەچچە شاخ، يۇقىرىسى لا اللە الا اللە، تۆۋىنى يولدىكى زىيانلىق نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىش، ھايا ئىماننىڭ بىر شېخى.<(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. )؛ >ھايا بىلەن ئىمان بىر - بىرىگە تولۇق باغلانغان. بىرى كۆتۈرۈلسە يەنە بىرى كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ.<(ھاكىم رىۋايەت قىلغان.)ئىمان بىلەن ھايانىڭ بۇنداق بولىشىنىڭ سىرى ھەر ئىككىلىسى ياخشىلىققا چاقىرىدۇ. يامانلىقتىن توسىدۇ. ئىمان مۆئمىننى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا، يامان ئىشلارنى تەرك ئېتىشكە ھەيدەيدۇ. ھايامۇ نېئمەتلەرگە شۈكرى ئېيتماسلىقتىن، مەسئۇلىيەتتە چېكىدىن ئاشۇرىۋېتىشتىن، يامان ئىش، يامان سۆزلەرنى قىلىشتىن توسىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھايا پەقەت ياخشىلىق بىلەن بارلىققا كېلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ھايا ياخشىلىق بىلەن قولغا كېلىدۇ.<(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.)يەنە مۇنداق دېگەن: >ھايا پۈتۈنلەي ياخشىلىقتۇر.<(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.)  ھايانىڭ يوقىلىشى پەسلىك، پەسلىك گەپ - سۆزدىكى ناچارلىق ۋە قوپاللىقتۇر. مۇسۇلمان ھەرگىز گېپى سەت، قوپال، يىرىك بولمايدۇ. بۇ دوزىخىلارنىڭ سۈپىتى. مۇسۇلمان خۇدا خالىسا جەننەت ئەھلىدىن، ئۇنداق ئىكەن، پەسلىك، رەسۋالىق ۋە قوپاللىق ئۇنىڭ ئەخلاقى ئەمەس، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى بۇنىڭ پاكىتى: >ھايا ئىماندىن، ئىمان جەننەتتە، پەسلىك قوپاللىقتىن، قوپاللىق دوۋزاختا.< (ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.)  گۈزەل ئەخلاقتا مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈلگىسى ئەۋۋەل، ئاخىرقىلارنىڭ رەھبىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چىمىلدىقتىكى قىزدىنمۇ بەك ھايالىق ئىدى. بۇخارى ئەبى سەئىدتىن بايان قىلىپ، ئەبى سەئىد: ئۇ ياقتۇرمايدىغان بىر نەرسىنى كۆرسە بىز ئۇنىڭ چىرايىدىن بىلىۋالاتتۇق. دەيدۇ. مۇسۇلمان كىشىلەر ئىچىدە ھايانى قوغداشقا، ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا چاقىرىش بىلەن بىللە ياخشىلىققا چاقىرىدۇ. ياخشى ئىشقا يېتەكلەيدۇ. چۈنكى ھايا ئىماننىڭ جۈملىسىدىن، ئىمان بارلىق پەزىلەتنىڭ يىغىندىسى، پۈتۈن ياخشىلىقنىڭ مەنبىئى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇرادىرىگە ھايا توغرۇلۇق نەسىھەت قىلىۋاتقان كىشىەە مۇنداق دېگەن: >ئۇنى قويىۋەت، ھايا ئىماننىڭ جۈملىسىدىن<(بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس )پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئارقىلىق ھايانى ساقلاپ قېلىشقا بۇيرۇپ، ئۇنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن توسقان، چۈنكى مۇسۇلماننىڭ بىر قىسىم ھوقۇقىنىڭ يوقۇلۇشى بىر قىسىم ھايانىڭ يوقىلىشىدىن ياخشى. چۈنكى ھايا ئىماننىڭ بىر قىسمى، ئىنسانىيلىقنىڭ ئالاھىدىلىكى، ياخشىلىقنىڭ بۇلىقى، ئاللھ بىر ئايالغا رەھمەت قىلسۇن، ئۇ بالىسىنى يوقۇتۇپ قويۇپ، بىر بۆلۈك كىشىلەردىن بالىسىنى سورىدى. ئۇلارنىڭ بىرى، يۈزىنى يۆگەپ تۇرۇپ بالىسىنى سوراۋاتىدۇ. دەيتى. ئۇ ئايال ئاڭلاپ، ھەي ئەر، بالامنى يوقۇتۇپ قويۇشىمدىكى مۇسىبىتىم ھايانى يوقۇتۇپ قويۇشىمدىكى مۇسىبىتىمدىن ياخشى، دېگەن. مۇسۇلماندىكى ھايا ئۇنىڭ ھەقنى ديىشىگە، ياخشىلىققا بۇيرىشىغا، يامانلىقتىن توسىشىغا ياكى بىلىم ئېلىشىغا توسالغۇ بولمايدۇ. بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ياىشى كۆرگەن كىشىسى ۋە ياخشى كۆرگەن كىشىسىنىڭ ئوغلى ئۇسامە تىبنى زەيىد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئارا تۇرۇشنى سورىغاندا، ھايا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇسامەگە غەزەپ بىلەن: >ئى ئۇسامە، ئاللاھنىڭ جازا قانۇنىدا ئارا تۇرۇشتىن سوراۋاتامسەن؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر مۇھەممەدنىڭ قىزى پاتىمە ئوغۇرلۇق قىلغان بولسا ئۇنىڭ قولىنى چوقۇم كېسەتتىم.< دېيىشتىن توسىمىدى. ھايا ئۇممۇ سۇلەيىم ئەنسارىنى شۇنداق دېيىشتىن توسىمىدى ئۇ مۇنداق دېگەن: يارەسۇلۇللھ، ئاللاھ ھەقتىن ھايا قىلمايدۇ، ئايال كىشى چۈش كۆرپۈ قالسا غۇسلى قىلامدۇ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: - ھايا ئۇنىڭغا توسالغۇ بولمىدى. - >شۇنداق، ئەگەر سۇنى كۆرسە< دېدى. بىر قېتىم ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ تويلۇقنىڭ يۇقىرىلىقى توغرۇلۇق نۇتۇق سۆزلىدى. بىر ئايال ئۇنىڭغا، ئى ئۆمەر، ئاللاھ بىزگە بەرسە سەن توسامسەن؟ ئاللاھ، سىلەرنىڭ بىرىڭلار بىر قىنتار تويلۇق بەرگەن بولسىمۇ ئۇنىڭدىن ھېچنەرسىنى ئېلىۋالمىسۇن، دېمىگەنمۇ؟ دېدى. ھايا ئۇ ئايالنى ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتىن توسمىدى ھەم ئۆمەرنىمۇ، ئى ئۆمەر، بارلىق كىشى دىنىغا سېنىڭدىن ئالىمكەن، دېيىشتىن توسمىدى، شۇنىڭدەك ئۆمەر كىشىلەرگە نۇتۇق سۆزلەپ ئاڭلاش ۋە ئىتائەت قىلىشقا بۇيرىۋېدى. مۇسۇلمانلاردىن بىرى، ئى ئۆمەر، سېنىڭ ئۈستۈڭدە ئىككى كىيىم، بىزنىڭ ئۈستىمىزدە بىر كىيىم بار. بىز ساڭا بويسۇنمايمىز، دېدى. ئۆمەر يۇقىرى ئاۋاز بىلەن، ئى ئۆمەرنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ، دەپ ئوغلىنى چاقىردى. ئۇ، خوش دادا، دېۋىدى. ئۆمەر، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلغىنكى، مەندىكى كىيىمنىڭ بىرى مەن ساڭا بەرگەن كىيىم ئەمەسمۇ؟ دېۋىدى. ئابدۇللاھ، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ئاشۇنداق، دېدى. ھېلىقى ئادەم، ئەمدى سېنىڭ سۆزۈڭنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلىمىز، ئى ئۆمەر، دېدى. قاراڭ. ھايا ئۇ كىشىنى ئاشۇنداق دېيىشتىن، ئۆمەرنى توغرىسىنى بايان قىلىشتىن توسىمىدى، مۇسۇلمان كىشى كىشىلەردىن ھايا قىلىپ ئۇلارنىڭ ئەۋرىتىنى ئاچمايدۇ. ئۇلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئاداقىلىدۇ. ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان ھەقنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۇلارغا يامان گەپ قىلمايدۇ. ئۇلارنى خاتاغا زورلىمايدۇ. ياراتقۇچىدىن ھايا قىلىپ تولۇق ئىتائەت قىلىدۇ. نېئمەتلىرىگە تەشەككۈر بىلدۈرىدۇ. ئاسىيلىق قىلمايدۇ. ئىبنى مەسئۇد مۇنداق دېگەن: >ئاللاھتىن ھەقىقىي تۈردە ھايا قىلىڭلار، ئويلۇنۇش قىلىڭلار، دىققەت بىلەن يەڭلار، ئۆلۈم ە چىرىپ كېتىشنى يادىڭلاردىن چىقارماڭلار<(مۇنزىر رىۋايەت قىلغان.)پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ھايا قىلىشقا ھەممىدىن لايىقراقى ئاللاھ<(بۇخارى رىۋايەت قىلغان.)  


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  نىكاھنىڭ بىرىنچى ك...
●  مۇھەممەد ئەلەيھىسس...
●  چوقۇم كۆرۈڭلار دوس...
●  ئىسلامدىكى قىرىندا...
●  ھەدىسى قۇددۇسى
●  تۆت مەزھەبنىڭ قايس...
●  ئايەت يېزىلغان جاز...
●  تاماكا چېكىش نېمىش...
●  ھايا
●  ھەج قىلىشقا قادىر ب...
●  قىيامەتنىڭ ئالامەت...
●  ئىسلامدىكى قۇل
●  ھۆكۈم ۋە ئىسپاتنىڭ ...
●  مال بوغۇزلارش، ئوۋ ...
●  جازالار
●  جىنايەت ۋە ئۇنىڭ ھۆ...
●  قەسەم ۋە نەزىر
●  مىراس ۋە ئۇنىڭ ئەھك...
●  نىكاھ، تالاق، ۋاز ك...
●  ئومۇمىي ھۆكۈملەر

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  نىكاھنىڭ بىرىنچى كىچىسى
●  مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام...
●  چوقۇم كۆرۈڭلار دوستلار ...
●  ئىسلامدىكى قىرىنداشلىق
●  ھەدىسى قۇددۇسى
●  تۆت مەزھەبنىڭ قايسىسى ئ...
●  ئايەت يېزىلغان جازىلارن...
●  تاماكا چېكىش نېمىشقا چە...
●  ھايا
●  ھەج قىلىشقا قادىر بولۇش...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى