بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئىسلام دىنى >> ئىسلام دىنىدىن ساۋاتلار >> قەسەم ۋە نەزىر

قەسەم ۋە نەزىر

يوللانغان ۋاقتى : 2008-11-01 12:42:29    كۆرۈلۈش سانى : 1168  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
بىرىنچى، قەسەم: 1 - قەسەمنى تونۇشتۇرۇش: قەسەم دېگىنىمى ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم سۈپەتلىرى بىلەن قەسەم، قىلىشتۇر. مەسىلەن: ئاللاھ بىلەن قەسەم مۇنداق قىلىمەن. ياكى مېنىڭ جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەم ياكى قەلبىلەرنى باشقۇرغۇچى بىلەن قەسەم دېگەنگە ئوخشاش. 2 - توغرا بولىدىغان ۋە توغرا بولمايدىغان قەسەم: ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى بىلەن قەسەم قىلىش توغرا. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يىگانە ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلاتتى. يەنە >مۇھەممەدنىڭ جېنى ئىلكىدە بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەم< دەپ قەسەم قىلاتتى. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى بىلەن قەسەم قىلىپ: >سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭ بىلەن قەسەمكى: ئۇنى بىرەر كىم ئاڭلاپلا قالسا كىرمەي قالمايدۇ. <(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. ) دېگەن. ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىنىڭ باشقىسى بىلەن قەسەم قىلىش توغرا بولمايدۇ. قەسەم قىلغۇچى نەرسە مەيلى كەئىبە شەرىپقا ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش شەرىئەتتە ئۇلۇغ بىلىنىدىغان بولسۇن، ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرىدىن باشقا نەرسە بىلەن قەسەم قىلىش توغرىدا بولمايدۇ. بۇ توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >قەسەم قىلماقچى بولغان كىشى ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلسۇن ياكى جىم تۇرسۇن< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس.)؛ >ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىڭلار ۋە راستچىللىق بىلەن قەسەم قىلىڭلار< (ئەبۇ داۋۇد نەسىئىي. )؛ >ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلغان كىشى ئاللاھنىڭ ئېنىق شىرىك كەلتۈرگەن بولدى< (ئەھمەد رىۋايەت قىلغان. )؛ >ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلغان كىشى شەكسىز كاپىر بولدى.< (ئەبۇد داۋۇد، ھاكىم رىۋايەت قىلغان.)  3 - قەسەمنىڭ تۈرى: قەسەم ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ ئۇلار:    1 - غومۇس: بۇ بىر ئادەمنىڭ قەستەن يالغان ئېيتىپ قەسەم قىلىشىدۇر. مەسىلەن: شۇ پۇلغا سېتىۋالمىسىمۇ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى بۇنى مەن ئەللىك كويغا سېتىۋالدىم، دېگەندەك ياكى ئۇنداق قىلمىسىمۇ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن مۇنداق قىلدىم. دېگەنگە ئوخشاش. بۇ غومۇس قەسىمى دەپ ئاتالدى. چۈنكى بۇ قەسەم قەسەم قىلغۇچىنى گۇناھقا پاتۇرىۋېتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: >بىر ئادەمنىڭ مېلىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن )قاجىرلىق( خاتالىق بىلەن قەسەم قىلغان ئادەمگە ئاللاھ غەزەپلەنگەن ھالدا ئۇچرىشىدۇ< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس ) دېگەن سۆزىدە مۇشۇ قەسەم كۆزدە تۇتۇلغان. غومۇس قەسىمىنىڭ ھۆكمى: بۇ قەسەمگە كاپارەت كۇپايەت قىلمايدۇ. بۇ گۇناھى چوڭ بولغانلىقى بولۇپمۇ مۇسۇلماننىڭ ھەققىنى ئورۇنسىز ئېلىۋېلىشقا بېرىپ قالسا بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن قەسەم قىلغۇچى تۆۋبە قىلىش ۋە گۇناھىغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىش لازىم. 2 - چاقچاق قەسەم: بۇ مۇسۇلماننىڭ ئېغىزىدا مەقسەتسىز ھالدا بولۇپ تۇرىدىغان قەسەمنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ياق ئاللاھ بىلەن قەسەم، شۇنداق ئاللاھ بىلەن قەسەم، دېگەن سۆزنى جىق قىلغانغا ئوخشاش. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: >چاقچاق قەسەم بىر ئادەمنىڭ ئۆيىدە ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەم دېگەن سۆزىدۇر< (بۇخارى رىۋايەت قىلغان. ) بۇ قەسەمنىڭ بىرى. بىر مۇسۇلمان بىر ئىشنى مۇنداقمىكىن، دەپ گۇمان قىلىپ قەسەم قىلىدۇ. ئىش ئويلىغىنىنىڭ قارشىسى چىقىپ قالىدۇ. بۇ قەسەمنىڭ ھۆكمى: بۇ سۆزنى دېگۈچىگە گۇناھ بولمايدۇ ۋە كاپارەت كەتمەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئاللاھ سىلەرنى سەۋەنلىك بىلەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ. لېكىن سىلەرنى قەستەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىدۇ.< (مائىرە: 89)  3 - مونئەقىدە قەسىمى: بۇ كەلگۈسىدە بولىدىغان بىر ئىشقا بەل باغلاپ قەسەم قىلىش. مەسىلەن: ئاللاھ بىلەن قەسەم، مەن چوقۇم مۇنداق قىلىمەن. ياكى ئاللاھ بىلەن قەسەم، مەن مۇنداق ئىشنى قىلمايمەن، دېگەنگە ئوخشاش، بۇ قەسەمدە قەسەمنى بۇزغۇچى )ئىجرا قىلمىغۇچە( جازالىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >لېكىن سىلەرنى قەستەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىدۇ.<  بۇ قەسەمنىڭ ھۆكمى: ئۇنى بۇزغان ئادەم گۇناھكار بولىدۇ. بۇ ئادەمگە كاپارەت بېرىش ۋاجىپ، ئەگەر قەسىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرسا گۇناھى ساقىت بولىدۇ ۋە تۈگەيدۇ. 4 - كاپارەت ئەمەلدىن قالىدىغان ئىشلار: كاپارەت ۋە گۇناھ تۆۋەندىكى ئىككى ئىش ئارقىلىق قەسەم قىلغۇچىدىن ساقىت بولىدۇ:    1 - تاشقا قەسەم قىلغاننى قىلىش ياكى قىلماسلىققا قەسەم قىلغاننى قىلماسلىق، ياكى قىلىشقا قسەم قىلغاننى قىلمىغان، قىلماسلىققا قەسەم قىلغاننى قىلغان بولسىمۇ ئۇنتۇپ قېلىپ ياكى سەۋەنلىكتىن ياكى مەجبۇرلىنىپ قىلغان بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >سەۋەنلىك، ئۇنتۇپ قېلىش ۋە مەجبۇرلانغان ئىش مېنىڭ ئۈممىتىمدىن ئەپۇ قىلىندى<  2 - قەسەم قىلغان چاغدا ئېھتىماللىق قالدۇرسا مەسىلەن: ئاللاھ خالىسا ياكى ئاللاھ خالىمىسا قىلغىلى بولمايدۇ، دېگەندەك، يەنە بۇ ئېھتىماللىق قويۇش قەسەم قىلغان ئورۇندا بولۇش لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >كىمكى قەسەم قىلىپ ئاللاھ خالىسا دېسە قەسەمنى بۇزغان بولمايدۇ< (ئەسھابۇل سۇنەن ). قەسەم بۇزۇلمىسا ئۇ ئادەمگە گۇناھمۇ بولمايدۇ، كاپارەتمۇ كەتمەيدۇ. 5 - ياخشىلىق ئىشلىرىدا قەسەمنى بۇزۇش ياخشى. مۇسۇلمان بىرەر ياخشىلىق ئىشنى تەرىك ئېتىشكە قەسەم قىلغان بولسا تەرىك ئېتىشكە قەسەم قىلغان ئىشنى قىلىشى ۋە قەسىمىدىن يېنىۋېلىشى ياخشى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >قەسەم قىلىش شەكلى بىلەن ئاللاھنى توسالغۇ قىلماڭلار< (بەقەرە: 224) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئەگەر سەن بىر ئىشقا قەسەم قىلىپ باشقا بىر ئىشنىڭ ئۇنىڭدىن ياخشى ئىكەنلىكىنى سەزسەڭ ياخشىسىنى قىل، قەسىمىڭدىن يېنىۋال< (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. )  6 - قەسەمنى ئىجرا قىلىشنىڭ ۋاجىپلىقى: مۇسۇلمان قېرىندىشىغا بىر ئىشنى قىلىپ بېرىشكە قەسەم قىلغان بولسا قەسىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى، ئەگەر قىلىش ياكى قېرىندىشىنىڭ زىيىنىغا قىلغان قەسىمىنى تەرىك ئېتىشكە مۇمكىنچىلىك بولسا قەسەمنى بۇزۇپ ئىشنى تەرىك قىلماسلىقى ۋاجىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خورما ھەدىيە قىلىنىپ يېرىمىنى يەپ، يېرىمىنى قويۇپ قويسا ھەدىيە قىلغۇچىسى ھەممىنى يېيىشكە قەسەم قىلسا ئۇنىمىغان ئايالغا: >ئىجرا قىلىڭ. گۇناھى بۇزدۇرغۇچىغا< دېگەن. 7 - قەسەم قەسەم قىلغۇچىنىڭ نىيىتى بويىچە بولىدۇ. قەسەمنى بۇزۇشتىكى ئىبرەت ۋە قەسەمنى قەسەم قىلغۇچىغا نىيتى بىلەن يوق قىلىش. چۈنكى ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق بولىدۇ. ھەر قانداق ئادەم نىيەت قىلغان نەرسىگە ئېرىشىدۇ. كىمكى يەردە يەنى كۆرپىدە ئۇخلىماسلىققا قەسەم قىلسا، بۇ ئىش شۇ كىشىنىڭ نىيتى بويىچە بولىدۇ. ئەگەر كۆرپىدە )ياتاقتا( ئۇخلىمىسا قەسىمى بۇزۇلمايدۇ. بىر كىشى، بۇ رەختە چاپان كىيمەيمەن، دەپ قەسەم قىلىپ ئۇنىڭدا ئىشتان كىيگەن بولسا ئەگەر ئۇ پەقەت چاپان كىيمەيمەن، دەپ نىيەت قىلغان بولسا قەسىمى بۇزۇلمايدۇ. لېكىن چاپان كىيسە قەسىمى بۇزۇلىدۇ. 8 - قەسەمنىڭ كاپارىتى، قەسەمنىڭ كاپارىتى تۆت خىل: 1 - ئون مىسكىنگە تاماق بېرىش يەنى ھەربىر مىسكىنگە بىركىلودىن بۇغداي بېرىش ياكى ئەتىگەنلىك ياكى كەچلىك تاماققا چاقىرىپ تويغۇدەك بېرىش ياكى ھەر بىرىگە بەزىدە ئىدام بىلەن نان بېرىش لازىم. 2 - نامازغا يارىغۇدەك كىيىم بېرىش. ئەگەر ئايال كىشىگە بەرسە ئۇنىڭغا بىر ىدا ۋە بىر ياغلىق بېرىش كېرەك. چۈنكى ئۇ ئايالغا نامازغا يارايدىغان ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمدىكى كىيىمدۇر. 3 - مۆئمىن قۇلدىن بىرنى ئازاد قىلىش. 4 - ئەگەر كۈچى يەتسە ئارقىمۇ - ئارقا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش، ئەگەر قادىر بولالمىسا بۆلۈپ - بۆلۈپ تۇتسىمۇ بولىدۇ. تاماق بېرىش، كىيىم بېرىش ياكى قۇل ئازاد قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن چاغدا ئاندىن روزا تۇتۇش لازىم. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >مۇنداق قەسىمىڭلارنى بۇزساڭلار بۇنىڭ كاپارىتى ئائىلەڭلارغا بېرىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك تاماق بىلەن ئون مىسكىننى بىر ۋاخ غىزالاندۇرۇشتۇر. ياكى ئۇلارغا )يەنى ئون مىسكىنگە( بەدىنىنى يېپىپ تۇرىدىغان بىر قۇر كىيىم بېرىشتۇر ياكى بىر قۇل ياكى بىر چۆرىنى ئازاد قىلىشتۇر. كىمكى بۇنداق قىلىشقا كۈچى يەتمىسە ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشى لازىم. بۇ ئەنە شۇ ئىچكەن قەسىمىڭلارنى بۇزغانلىقىڭلارنىڭ كاپارىتىدۇر.< (مائىدە: 89)  2 - نەزىر: 1 - ئۇنى تونۇشتۇرۇش: نەزىر دېگىنىمىز - مۇسۇلمان نەزىرسىز ئاللاھقا ئىتائەت قىلالمىسا ئۆزىنى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا مەجبۇرلىشىدۇر. مەسىلەن، ئاللاھ بىلەن قەسەم، بىر كۈن روزا تۇتىمەن. ياكى ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيمەن دېگەنگە ئوخشاش. 2 - ئۇنىڭ ھۆكمى: نەزىرنىڭ ھۆكمى تۆۋەندىكىچە: روزا تۇتۇش، ناماز ئوقۇش ياكى سەدىقە بېرىش قاتارلىق نەزىر قىلىشقا ئوخشاش ئاللاھ رازىلىقى كۆزدە تۇتۇلىدىغان مۇتلەق نەزىرنى قىلىش توغرا ۋە بۇنىڭغا ۋاپا قىلىش ۋاجىپ. شەرتلىك نەزىر قىلىش مەكروھ )خاتا( مەسىلەن، ئەگەر ئاللاھ كېسىلىمگە شىپالىق بەرسە مۇنداق روزا تۇتىمەن ياكى مانچىلىك سەدىقە قىلىمەن، دېگەندەك. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: >پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەزىر قىلىشتىن توسىغا ۋە: نەزىر قىلىش ھېچنېمىنى قايتۇرالمايدۇ. پەقەت ئۇنىڭ ئارقىلىق بېخىلنىڭ )پىخسىق( مېلى خىراجەت قىلىنىدۇ، دېگەن< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس ) ئەگەر شۇ نەزىر ئاللاھنىڭ رازىلىقىدىن غەيرى ئۈچۈن بولسا ھارام بولىدۇ. مەسىلەن، پالانى غوجام ئەگەر ئاللاھ كېسىلىمگە شىپالىق بەرسە، سېنىڭ قەبرەڭگە مۇنداق قوي ئۆلتۈرەتتىم ياكى ساڭا ئاتاپ مۇنداق سەدىقە قىلاتتىم، دېگەندەك، چۈنكى بۇ ئىبادەتنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە قىلغانلىق بولىدۇ. بۇ ئاللاھ: >ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار< (نىسا: 36) دەپ ھارام قىلغان شېرىكتۇر. 3 - ئۇنىڭ تۈرلىرى، نەزىرنىڭ تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە: 1 - مۇتلەق نەزىر، بۇ توغرا مەنبەدىن چىققان نەزىر. مەسىلەن، بىر مۇسۇلمان ئاللاھ بىلەن قەسەم، مەن ئۈچ كۈن روزا تۇتىمەن ياكى ئون مىسكىنگە تاماق بېرىمەن، دېگەندەك. مۇسۇلمان بۇنىڭ بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشىشنى ئويلايدۇ. بۇ خىل نەزىرنىڭ ھۆكمى: بۇنىڭغا ۋاپا قىلىش ۋاجىپ ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >سىلەر ئەھدە تۈزەشكەنلىرىڭلاردا، ئاللاھنىڭ ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار< (نەھىل: 91) >ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلسۇن.< (ھەج: 29)  2 - مۇئەييەن بولمىغان مۇتلەق نەزىر: مەسىلەن، بىر مۇسۇلماننىڭ قانداق نەزىر قىلىدىغانلىقىنى دېمەي، ئاللھ بىلەن قەسەم مەن نەزىر قىلىمەن، دېگەن سۆزى ئوخشاش. ئۇنىڭ ھۆكمى، بۇنى ئىجرا قىلىش ۋاجىپ، ئەگەر ئىجرا قىلىنمىسا قەسەمنىڭ كاپارىتى بويىچە كاپارەت كېلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >نەزىرنىڭ كاپارىتى ئەگەر ئىسمى ئاتالمىسا )يەنى نەزىرنىڭ خىلى ئاتالمىسا( قەسەمنىڭ كاپارىتى بويىچە بولىدۇ< (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. )  ئېيتىلىشچە، بۇنىڭغا ئىككى رەكئەت ناماز ياكى بىر كۈن روزا تۇتقانغا ئوخشاش نەزىر دەپ ئاتالغان ئەڭ ئاز نەرسە كۇپايە قىلىدىكەن. 3 - ئاللاھ ئەززە ۋە جەللەنىڭ بىر ئىشىنى قىلىپ بېرىشىنى شەرت قىلىپ نەزىر قىلىش، بۇ شەرتلىك خىراجەت مەسىلەن، بىر مۇسۇلمان ئەگەر ئاللاھ كېسىلىمگە شىپالىق بەرسە ياكى يوقاپ كەتكەن نەرسەمنى قايتۇرۇپ بەرسە مانچە مىسكىنگە تاماق بېرىمەن ياكى مانچە كۈن روزا تۇتىمەن دېگەنگە ئوخشاش. ئۇنىڭ ھۆكمى: ئۇ مەكروھ )خاتا( نەزىر بولۇپ بۇنىڭغا ۋاپا قىلىش )ئىجرا قىلىش( ۋاجىپ، ئەگەر ئاللاھ ئۇنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىپ بەرسە ئۇ ئاتىغا ئىبادىتىنى قىلىش ۋاجىپ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >كىمكى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا نەزىر قىلىدىكەن. ئىتائەت قىلسۇن< (بۇخارى رىۋايەت قىلغان. ) ئەگەر ئاللاھ ئۇنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىپ بەرسە ئۇ نەزىرىنى )ئىبادىتىنى( قىلمىسىمۇ بولىدۇ. 4 - ئەگەر مەخلۇقنىڭ بىر ئىش قىلىپ بېرىشىنى شەرت قىلىنغان نەزىر. بۇ تەرسانىڭ قەسىمى مەسىلەن: مۇنداق، مۇنداق قىلىپ بەرسەڭ ياكى مۇنداق بولسا بىر ئاي روزا تۇتىمەن. ياكى مۇنداق قىلساڭ مانچىلىك مال خىراجەت قىلىمەن، دېگەنگە ئوخشاش. ئۇنىڭ ھۆكمى: نەزىرىنى باغلاپ قويغان ئىشنى بۇزسا نەزىرنى قىلىش ياكى قەسەمنىڭ كاپارىتىنى بېرىش ئىككىسىنىڭ بىرىنى تاللىسا بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئاچچىقلىنىشقا نەزىر قىلىش يوق، ئۇنىڭ كاپارىتى قەسەمنىڭ كاپارىتىدۇر< (سەئىيد رىۋايەت قىلغان. )چۈنكى تەرسانىڭ نەزىرىسى كۆپىنچە ئاچچىقلىنىش بىلەن بولىدۇ. بۇ نەزىر بىلەن قارىشى تەرەپنى بىر ئىشنى قىلىشتىن توسۇش ياكى تەرىك ئېتىشتىن توسۇش مەقسەت قىلىنىدۇ. 6 - گۇناھ قىلىشنى نەزىر قىلىش: يەنى ھارام قىلىنغان ئىشنى قىلىشنى نەزىر قىلىش ياكى ۋاجىپنى تەرىك ئېتىشنى نەزىر قىلىش. مەسىلەن: مۆئمىننى ئۇرۇشنى ياكى نامازنى تەرىك قىلىشنى نەزىر قىلغاندەك ئۇنىڭ ھۆكمى: بۇ نەزىرىنى قىلىش ھارام. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >كىمكى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنى نەزىر قىلسا ئىتائەت قىلسۇن. كىمكى ئاللاھقا ئاسىي بولۇشنى نەزىر قىلسا ئاسىي بولمىسۇن< (ئەھمەد، تىرمىزى، ئىبىن ماجە، ئەبۇ داۋۇد، نەسەئى رىۋايەت قىلغان. )لېكىن بەزى ئالىملار بۇ نەزىرىنى قىلغۇچىغا قەسەمنىڭ كاپارىتى كېلىدۇ، دەپ قارىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئاللاھقا ئاسىي بولۇشقا نەزىر قىلىش يوق. ئۇنىڭ كاپارىتى قەسەمنىڭ كاپارىتىدۇر< (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان. )    7 - مۇسۇلمان ئۆزى ئىگە بولالمايدىغان نەزىرىنى ياكى قىلالمايدىغان ئىشنى نەزىر قىلىش، مەسىلەن: پالانى قۇلنى ئازاد قىلىش ياكى نۇرغۇن پۇل سەدىقە قىلىشقا ئوخشاش. ئۇنىڭ ھۆكمى بۇنىڭغا كاپارەت كېلىدۇ. ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: >ئىگە بولالمايدىغان ئىشتا نەزىر قىلىش يوق.< (ئابدىرازاق، نەسەئى رىۋايەت قىلغان. )  8 - ئاللاھ ھالال قىلغان نەرسىنى ھارام قىلىشنى نەزىر قىلىش مەسىلەن: ئىستېمال قىلىش توغرا بولغان يېمەكلىك ياكى ئىچىملىكنى ھارام قىلىشنى نەزىر قىلىش. بۇنىڭ ھۆكمى: ئۇ ئادەم ئايالىدىن باشقا ئاللاھ ھالال قىلغان نەزىرىنى ھارام قىلالمايدۇ. كىمكى ئۆز ئايالىنى ھارام قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا زىھارنىڭ كاپارىتى كېلىدۇ. ئەمما ئايالىدىن باشقىسىغا قەسەمنىڭ كاپارىتى كېلىدۇ. ]دىققەت قىلىدىغان ئىشلار[  كىمكى مېلىنىڭ ھەممىنى نەزىر قىلغان بولسا ئۇنىڭ نەزىرىسى مۇتلەق نەزىر بولسا مېلىنىڭ ئۈچتىن بىرى كۇپايەت قىلىدۇ. ئەگەر نەزىر تەرسانىڭ نەزىرىسى بولسا ئۇنىڭغا پەقەت قەسەمنىڭ كاپارىتى كۇپايە قىلىدۇ. ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنى نەزىر قىلغان ئادەم ئۆلۈپ كەتسە ئۇنىڭ ئىگىسى ئۇنىڭ ئورنىدا نەزىرىنى ئادا قىلىدۇ. سەھىھ ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: بىر ئايال ئىبنى ئۆمەرگە ئۆز ئانىسىنىڭ مەسجىدى قۇبادا ناماز ئوقۇشنى نەزىر قىلىپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. ئىبنى ئۆمەر ئۇ ئايالنى ئانىسىنىڭ ئورنىدا مەسچىدى قوبادا ناماز ئوقۇشقا بۇيرىغان.  


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  نىكاھنىڭ بىرىنچى ك...
●  مۇھەممەد ئەلەيھىسس...
●  چوقۇم كۆرۈڭلار دوس...
●  ئىسلامدىكى قىرىندا...
●  ھەدىسى قۇددۇسى
●  تۆت مەزھەبنىڭ قايس...
●  ئايەت يېزىلغان جاز...
●  تاماكا چېكىش نېمىش...
●  ھايا
●  ھەج قىلىشقا قادىر ب...
●  قىيامەتنىڭ ئالامەت...
●  ئىسلامدىكى قۇل
●  ھۆكۈم ۋە ئىسپاتنىڭ ...
●  مال بوغۇزلارش، ئوۋ ...
●  جازالار
●  جىنايەت ۋە ئۇنىڭ ھۆ...
●  قەسەم ۋە نەزىر
●  مىراس ۋە ئۇنىڭ ئەھك...
●  نىكاھ، تالاق، ۋاز ك...
●  ئومۇمىي ھۆكۈملەر

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  نىكاھنىڭ بىرىنچى كىچىسى
●  مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام...
●  چوقۇم كۆرۈڭلار دوستلار ...
●  ئىسلامدىكى قىرىنداشلىق
●  ھەدىسى قۇددۇسى
●  تۆت مەزھەبنىڭ قايسىسى ئ...
●  ئايەت يېزىلغان جازىلارن...
●  تاماكا چېكىش نېمىشقا چە...
●  ھايا
●  ھەج قىلىشقا قادىر بولۇش...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى