جىنايەت ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-11-11 20:41:10 كۆرۈلۈش سانى : 472
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
بىرىنچى، كىشىلەر ئۈستىدىن جىنايەت ئۆتكۈزۈش:
1 - تونۇشتۇرۇلىشى: كىشىلەر ئۈستىدىن جىنايەت ئۆتكۈزۈش - ئادەم ئۆلتۈرۈش ياكى بەزى ئەزالىرىنى تالاپەتكە ئۇچرىتىش ياكى بەدىنىدە بىرەر جاراھەت قالدۇرۇش ئارقىلىق بىرەر ئادەمگە تاجاۋۇز قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
2 - ھۆكمى: ناھەق ھالدا ئادەم ئۆلتۈرۈش ياكى بىرەر ئەزاسىنى تالاپەتكە يولۇقتۇرۇش، ياكى بەدىنىدە بىرەر جاراھەت قالدۇرۇش ھارامدۇر. كۇپۇردىن قالسا مۆئمىن كىشىنى ئۆلتۈرۈشتىنمۇ چوڭ گۇناھ يوق. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: >كىمكى بىر مۆئمىننى قەستە ئۆلتۈرىدىكەن ئۇنىڭ جازاسى جەھەننەم. ئۇ جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە لەنىتى ئۇنىڭغا بولسۇن. ئاللاھ ئۇنىڭغا ناھايىتى قاتتىق ئازاب تەييارلىدى.<
(نىسا: 93) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >قىيامەت كۈنىدە كىشىلەر ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان ئىش قاندۇر.< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس
)؛ >مۆئمىن ھارام قانغا يېتىپ قالمىسىلا دىندا كەڭرىلىك ئىچىدە تۇرىۋېرىدۇ.<
(بۇخارى رىۋايەت قىلغان. )
3 - كىشىلەر ئۈستىدىن ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتنىڭ تۈرلىرى
1( قەستەنلىك: جىنايەتچى مۆئمىننى ئۆلتۈرمەكچى ياكى ئەزىيەت يەتكۈزمەكچى بولۇپ بىرەر تۆمۈر ياكى ھاسا، تاشقا ئوخشاش نەرسىلەر بىلەن ئۇنى ئۇرسا، ياكى بىرەر داۋاندىن ئىتتىرىۋەتسە، سۇغا چۆكتۈرىۋەتسە، ئوت بىلەن كۆيدۈرسە، بوغۇپ قويسا، زەھەر بېرىپ ئۆلتۈرسە، ئەزالىرىنى تالاپەتكە ئۇچراتسا، ياكى بەدىنىدە بىرەر جاراھەت پەيدا قىلسا قەستەنلىك دائىرىسىگە كىرىدۇ.
بۇ جىنايەتنىڭ ھۆكمى - قىساس ئېلىش لازىم. بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: >بىز ئۇلارغا جان جاننىڭ باراۋىرىگە، كۆز - كۆزنىڭ باراۋىرىگە، چىش چىشنىڭ باراۋىرىگە قىساس ئېلىشنى پەرز قىلدۇق. جاراھەتلەر قىساستۇر.<
(مائدە: 45) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن؛ >كىمنىڭ بىرەر ئادىمى ئۆلتۈرۈلسە، ئۇ كىشى ئىككى خىل ئىختىيارلىققا ئىگە. ياكى تۆلەم ئالىدۇ ياكى قىساس ئالىدۇ.< >كىمكى قان ياكى جاھارەت بىلەن مۇسىبەتكە ئۇچرىسا، ئۇ كىشى ئۈچ ىىل ئىختىيارلىققا ئىگە. ياكى قىساس ئالىدۇ ياكى تۆلەم ئالىدۇ.< >كىمكى قان ياكى جاراھەت بىلەن مۇسىبەتكە ئۇچرىسا، ئۇ كىشى ئۈچ خىل ئىختىيارلىققا ئىگە. ياكى قىساس ئالىدۇ ياكى تۆلەم ئالىدۇ ياكى كەچۈرۈم قىلىدۇ. ئەگەردە ئۇ كىسى تۆتىنچىسىنى قىلماقچى بولسا قولىنى تۇتىۋېلىڭلار.< (ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماججە رىۋايەت قىلغان. )
2( قەستەنلىككە ئوخشاش كېتىش: ئۆلتۈرۈشتىن ياكى جاراھەتلەندۈرۈشتىن باشقا ئىشلارنى مەقسەت قىلىش. مەسىلەن، ئادەتتە ئادەم ئۆلمەيدىغان ھاسا بىلەن يېنىك ئۇرۇش ياكى قول بىلەن كاچاتلاش ياكى باش بىلەن ئۈسۈش، ياكى بىر ئاز سۇ بىلەن ئۇرسا، ياكى يۈزىگە قاتتىق ۋاقىرىسا ياكى تەھدىد سالسا، شۇ سەۋەبلىك ئادەم ئۆلۈپ قالغان بولسا بۇ قەستەنلىككە ئوخشىغان دائىرىگە كىرىدۇ.
بۇ تۈردىكى جىنايەتلەرنىڭ ھۆكمى - جىنايەتچى تۆلەم تۆلىشى، ۋە كاپارەت بېرىشى لازىم. بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دېگەن: >كىمكى بىر مۆئمىننى خاتا ئۆلتۈرىدىكەن، بىر مۇسۇلمان دېدەكنى ئازاد قىلىدۇ. ئەھلىگە تۆلەم تۆلەيدۇ. لېكىن ئۇ سەدىقە قىلىۋەتسە تۆلىمىسىمۇ بولىدۇ.< (نىسا: 92)
3( خاتالىق: مۇسۇلمان قىلسا گۇناھ بولمايدىغان نەيزا ئېتىش، ئوۋ ئوۋلاش ياكى بىرەر ھايۋاننىڭ گۆشىنى پارچىلاش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ۋاقىتتا ئوق قېيىپ كېتىپ بىرەر ئادەمگە تېگىپ ئۆلتۈرۈپ قويسا ياكى جاراھەتلەندۈرۈپ قويسا بۇ خاتالىق دائىرىسىگە كىرىدۇ.
بۇ تۈردىكى جىنايەتنىڭ ھۆكمى ئىككىنچى جىنايەتنىڭ ھۆكۈمىگە ئوخشايدۇ. لېكىن تۆلەم يېنىكرەك بولىدۇ. جىنايەتچى قەستەنلىككە ئوخشاپ كەتكەن جىنايەتچىنىڭ ئەكسىچە جىنايەتچى ھېسابلانمايدۇ. قەستەنلىككە ئوخشايدىغان جىنايەتچىگە تۆلەم ھەسسىلەپ قويۇلاتتى. ئۇ كىشى جىنايەتچى ھېسابلىناتتى.
ئىككىنچى، جىنايەتلەرنىڭ ھۆكۈمى
1 - قىساس ئېلىشنىڭ شەرتى: تۆۋەندىكى شەرتلەر تولۇقلانماي تۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرۈش، يارىلاندۇرۇش ياكى جاراھەتلەندۈرۈش قاتارلىق ئىشلاردا قىساس ئېلىشقا بولمايدۇ.
1( ئۆلتۈرۈلگەن ئادەم جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن بولىشى، ئەگەر توي قىلغان زىناخور بولسا ياكى مۇرتەد ۋە ياكى كاپىر بولسا قىساس ئېلىنمايدۇ.
2( قاتىل بالاغەتكە يەتكەن ئاقىل بولىشى ئەگەر سەبىي ياكى ساراڭ بولسا شەرىئەت ھۆكۈملىرىگە تەكلىپ قىلىنمايدىغانلىقى ئۈچۈن قىساس ئېلىنمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن؛ >ئۈچ كىشىدىن قەلەم كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن. سەبىيدىن بالاغەتكە يەتكىچە، ساراڭدىن ئەسلىگە كەلگۈچە، ئۇخلىغۇچى ئويغانغىچە.< (ئىلگىرى ئۆتۈپ كەتتى.)
3( ئۆلتۈرۈلگۈچى قاتىل بىلەن دىن، ھۆرلۈك، قۇللۇق جەھەتتە باراۋەر بولىشى، چۈنكى مۇسۇلمان كاپىرنىڭ باراۋىرىگە ئۆلتۈرۈلمەيدۇ. ھۆر ئادەم قۇل ئادەمنىڭ باراۋىرىگە ئۆلتۈرۈلمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >مۇسۇلمان كاپىرنىڭ باراۋىرىگە ئۆلتۈرۈلمەيدۇ.< (ئەھمەد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. ) قۇل پۇلغا سۇندۇرىلىدۇ. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن؛ >ھۆر كىشىنىڭ قۇلنىڭ باراۋىرىگە ئۆلتۈرۈلمەسلىكى سۈننەتنىڭ جۈملىسىدىندۇر.< ئبىنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: >ھۆر قۇلنىڭ باراۋىرىگە ئۆلتۈرۈلمەيدۇ.< (بەيھەقى رىۋايەت قىلغان. )
4( قاتىل ئۆلگۈچىنىڭ ئاتا ياكى ئانىسى ياكى بوۋىسى ياكى مومىسى بولماسلىقى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن؛ >دادا بالىنىڭ باراۋىرىگە ئۆلتۈرۈلمەيدۇ.<
(ئەھمەد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. )
2 - قىساسنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ شەرتلىرى:
قىساس ئىگىسى قىساس ئېلىشتىكى ھوقۇقىنى پەقەت تۆۋەندىكى شەرتلەر تولۇقلانغاندىن كېيىنلا ئەمەلىيلەشتۈرەلەيدۇ.
1( قىساس ئىگىسى بالىغ بولغان بولىشى، ئەگەر سەبىي ياكى جىنايەتچى سولاپ قويىلىدۇ. ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ياكى قىساس ئالىدۇ ياكى تۆلەم ئالىدۇ ياكى كەچۈرۈم قىلىدۇ. ساھابە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالاردىن مۇشۇنداق رىۋايەت قىلغان.
2( قان ئىگىلىرى قىساس ئېلىشتا بىرلىككە كېلىشى لازىم. ئەگەر بەزىسى ئەپۇ قىلسا قىساس ئېلىنمايدۇ. ئەپۇ قىلمىغانلار تۆلەمدىكى ئكز ئۈلىشىنى ئالىدۇ.
3( قىساس ئالغان ۋاقىتتا ئەسلىدىكى جاراھەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، قاتىلدىن باشقىسى ئۆلتۈرۈلمەسلىكى، تۇغۇپ، بالىنى ئەمچەكتىن ئايرىمىغىچە ئىككى قات ئايال ئۆلتۈرۈلمەسلىكى لازىم. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئايال قەستەنلىك قىساسى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن چاغدا: >ئايال كىشى ئەگەر ئىككى قات بولسا تۇغۇپ بولغىچە ۋە بالىسى كاپالەتكە ئىگە بولمىغىچە ئۆلتۈرۈلمىسۇن.<
دېگەن.
4( قىساس ئېلىش سۇلتان ياكى ۋەكىلنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بولۇشى لازىم. قىساس ياكى يارىلاندۇرۇش توغرا رەۋىشتە بولسۇن ئۈچۈن.
5( ئىتتىك قورال بىلەن بولۇشى بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن؛ >پەقەت قىلىچ بىلەنلا قىساس ئېلىنىدۇ.< (ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان. )
3 - قىساس ئېلىش، تۆلەم تۆلەش، ئەپۇ قىلىشتىن بىرىنى تاللاش: ئەگەر مۇسۇلمانغا بىرەر قىساس ۋاجىپ بولۇپ قالسا ئۈچ ئىشتىن بىرىنى تاللايدۇ. قىساس ئالىدۇ ياكى ئەپۇ قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: >كىمگە قېرىندىشىدىن بىرەر نەرسە ئەپۇ قىلىنسا چىرايلىقچە ئەگەشسۇن. كەچۈرۈم قىلىنغۇچى ئېھسان بىلەن ئادا قىلسۇن.< (بەقەرە: 138) >كىمكى ئەپۇ قىلسا ۋە ئارىنى ئىسلاھ قىلسا ئۇنىڭ ئەجرىگە ئاللاھ ئۆزى كېپىل بولىدۇ.< پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن؛ >كىمنىڭ بىرەر كىشىسى ئۆلتۈرۈلسە، ئۇ ئىككىنىڭ بىرىدە ئىختىيارلىقىغا ئىگە ياكى پىدىيە ئالىدۇ ياكى قىساس ئالىدۇ.< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس )؛ >قانداقلا بىر كىشى بىر زۇلۇمنى ئەپۇ قىلسا شۇ ئارقىلىق ئىززەتنى زىيادە قىلىدۇ.<
]ئەسكەرتىش[
1. كىمكى تۆلەمنى تاللىسا قىساس ئېلىش ھوقۇقى ساقىت بولىدۇ. ئەگەر تۆلەم ئېلىپ بولغاندىن كېيىن يەنە تەلەپ قىلسا بۇ مۇمكىن بولمايدۇ. ئەگەر ئىنتىقام ئېلىپ ئۆلتۈرىۋەتسە ئۆلتۈرىلىدۇ. ئەگەر قىساسنى تاللىسا قىساس تۆلەمگە يۆتكەلسە بولىدۇ.
2. ئەگەردە قاتىل ئۆلۈپ كەتسە قان ئىگىسىگە قاتىل ئۆلۈپ قالغانلىقى سەۋەبلىك قىساس ئېلىش مۇمكىن بولمىغانلىقتىن تۆلەم ئالىدۇ. چۈنكى ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا قاتىلنىڭ غەيرىنى ئۆلتۈرۈش جائىز ئەمەس. بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دېگەن؛ >كىمكى ناھەق ئۆلتۈرىدىكەن. )قاتىلدىن قىساس ئېلىش …( ھوقۇقىنى ئۆلتۈرۈلەۈچىنىڭ ئىگىسىنىڭ قولىدا قىلدۇق، ئىگىسى قىساس ئېلىشتا چەكتىن چىقىپ كەتمىسۇن قىساس ئىگىسىگە ئاللاھ ھەقىقەتەن مەدەتكاردۇر.< (ئىسرا: 33) بۇ يەردىكى ئىسراپ قىلىش قاتىلنىڭ غەيرىنى ئۆلتۈرۈش دەپ تەپسىز قىلىنغان.
3. ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكىنىڭ كاپارىتى خاتا بولسۇن ياكى قەستەنگە ئوخشىغان بولسۇن ھەرقانداق قاتىلغا ۋاجىپتۇر. مەيلى ئۆلتۈرۈلگۈچى تۆرەلمە بولسۇن ياكى چوڭ كىشى بولسۇن ياكى ھۆر ياكى قۇل بولسۇن ئوخشاش. كاپارەت مۇسۇلمان دېدەكنى ئازاد قىلىش. ئەگەر قىلالمىسا ئارقا - ئاقىدىن ئىككى ئاي روزا تۇتۇش. بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دېگەن: >بىر مۆئمىن دېدەكنى ئازاد قىلىش، ئەگەر قىلالمىسا ئاللاھقا تۆۋبە سۈپىتىدە ئارقا - ئارقىدىن ئىككى ئاي روزا تۇتۇش، ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.< (نىسا: 92)
ئۈچىنچى: ئەزالار ئۈستىدىن جىنايەت ئۆتكۈزۈش
1 - تونۇشتۇرۇش: ئەزالاردىكى جىنايەت بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىگە تاجاۋۇز قىلىپ كۆزىنى قۇيىۋېتىشى ياكى پۇتىنى سۇندۇرىۋېتىشى ياكى قولىنى سۇندۇرىۋېتىشى قاتارلىقلار.
2 - ھۆكمى: ئەگەر جىنايەتچى قەستەن قىلغان بولسا، يارىلاندۇرۇلغۇچىغا ئوخشاش ئەزاسىنى كېسىش ياكى ئوخشاش ئەزاسىنى جاراھەتلەندۈرۈش بىلەن قىساس ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دېگەن: >جاراھەتلەر قىساستۇر< (مائىدە: 45) لېكىن يارىلاندۇرۇلغۇچى تۆلەم قوبۇل قىلسا ياكى ئەپۇ قىلىۋەتسە قىساس ئېلىنمايدۇ.
ئەزالاردا قىساس ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەر شەرت قىلىنىدۇ:
1 - قىساس ئالغاندا چېكىدىن ئاشۇرىۋېتىشتىن ساقلىنىش، چېكىدىن ئاشۇرىۋەتسە قىساس ئەمەلدىن قالىدۇ.
2 - قىساس مۇمكىن بولغان بولىشى، ئەگەر مۇمكىن بولمىسا تۆلەمگە قالدۇرىلىدۇ.
3 - كېسىلمەكچى بولغان ئەزا ئىسىم ۋە ئورۇن جەھەتتە يارىلاندۇرۇلغۇچىنىڭ ئەزا ۋە ئورنىغا ئوخشاش بولىشى، سول قولغا ئوڭ قول كېسىلمەيدۇ. پۇتقا قول كېسىلمەيدۇ. زىيادە بارماققا ئەسلى بارماق كېسىلمەيدۇ.
4 - ئەزالار باراۋەر بولىشى، ساق ۋە مۇكەممەل بولىشى، تۇتماس قول ساق قولغا قىساس ئېلىنمايدۇ، يەكچەشمە كۆز ساق كۆز ساق كۆزگە قىساس ئېلىنمايدۇ.
5 - ئەگەر جاراھەت باشتا ياكى يۈزدە بولسا بۇ >ۋەتجە< دەپ ئاتىلىپ، ئەگەر سۆڭەككە يەتمىگەن بولسا قىساس ئېلىنمايدۇ. خەتەرلىك بولغانلىقى سەۋەبلىك قىساس ئېلىش مۇمكىن بولمايدىغان ھەر قانداق جاراھەتكە قىساس ئېلىنمايدۇ. سۆڭەك سۇندۇرۇش ياكى دەز كەتكۈزۈشتە قىساس يوق، تۆلەم ئېلىش ۋاجىپتۇر.
]ئەسكەرتىش[
بىر ئادەم ئۈچۈن جامائەت ئۆلتۈرىلىدۇ. بىر ئادەمنىڭ ئەزاسىغا كۆپچىلىكنىڭ ئەزاسى قىساس ئېلىنىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ بىۋاستە ھالدا جىنايەتتە بىرلەشكەن بولسا، بۇ ھەقتە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: >ئەگەر ئۇنىڭغا سانئالىقلار يوپۇرۇلۇپ كەلگەن بولسا مەن بىر ئادەم سەۋەبلىك ھەممەيلەننى ئۆلتۈرگەن بولاتتىم.< (مالىك رىۋايەت قىلغان. )
جىنايەتنىڭ ئاقىۋىتى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ ئەگەر بىر كىشى يەنە بىرىنىڭ قولىنى كېسىۋەتسە ئۇنىڭدىن قولىنى كېسىش ئارقىلىق قىساس ئېلىنىدۇ. ئاندىن جاراھەت ساقايماي پۈتۈن قولى سېسىپ كەتسە ياكى ئۆلۈپ كەتسە شۇ ئاساستا قىساس ئېلىنىدۇ ياكى تۆلەم تۆلەيدۇ. ئەمما قىساس ئېلىنغۇچىنىڭ ئاقىۋىتى بىكار. ئەگەر بىرسى يەنە بىرىنىڭ قولىنى كېسىۋېتىپ، ئاندىن ئۇنىڭ قولى قىساس ئېلىنىپ كېسىلسە ئۇزۇن ئۆتمەي جاراھەت تەسىرى بىلەن ئۆلۈپ كەتسە ھېچ نەرسە يوق. لېكىن بۇ يەردە زۇلۇم قىلىنغان بولسا، مەسىلەن: گال تىغ بىلەن ياكى زەھەرلەنگەن تىغ بىلەن كېسىلگەنگە ئوخشاش. ئاقىۋىتى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ.
ساقىيىشتىن بۇرۇن جاراھەت ياكى ئەزاغا قىساس ئېلىنمايدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساقىيىشتىن بۇرۇن جاراھەتكە قىساس ئېلىشتىن توسقان (دارىقۇتنى رىۋايەت قىلغان. ) چۈنكى جاراھەتنىڭ باشقا ئەزالارغا تاراپ تالاپەت كەلتۈرۈش ئېھتىماللىقى بار. شۇڭلاشقا بىرەرسى بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىپ، ساقىيىشتىن بۇرۇن قىساس ئالسا، ئاندىن جاراھەت بەدەننىڭ باشقا جايلىرىغا تاراپ تالاپەتكە ئۇچراتسا ئۇنىڭ ساقىيىشتىن بۇرۇن قىساس ئېلىشتىن توسۇشقا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاقىۋەتتە تەلەپ قىلىش ھوقۇقى يوق.
تۆتىنچى: تۆلەم
1 - تونۇشتۇرۇش: تۆلەم قانۇن ئىگىسىەە تۆلىنىدىغان مال.
2 - ھۆكمى: تۆلەم قانۇنلۇق يولغا قويۇلغان. بۇ ھەقتە ئاللھ مۇنداق دەيدۇ: >ئائىلىسىگە تاپشۇرىلىدىغان پىدىيە بار. لېكىن ئەھلى سەدىقە قىلىۋەتسە بۇ بۇنىڭ سىرتىدا<(نىسا: 92) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: >كىمنىڭ بىرەر كىشىسى ئۆلتۈرۈلسە ئۇ ئىككى ئىختىيارنىڭ بىرىگە ئىگە. ياكى تۆلەم ئالىدۇ. ياكى قىساس ئالىدۇ.< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس.)
3 - تۆلەم ۋاجىپ بولىدىان كىشىلەر: تۆلەم بىۋاستە ياكى مەلۇم سەۋەبلىك ئادەم ئۆلتۈرگەن ھەر قانداق كىشىگە ۋاجىپ. ئەگەر قەستەن بولسا تۆلەم ئۆز مېلىدا، ئەگەر قەستەنگە ئوخشاش كەتكەن بولسا ياكى خاتا بولسا تۆلەم ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا، بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشۇنداق ھۆكۈم چىقارغان. ئىككى ئايال ئۇرۇشۇپ قېلىپ بىرسى يەنە بىرسىگە تاش ئاتقان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايالنىڭ تۆلىمىنى ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا بۇيرىغان. (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس.
)
ئاقىلە بۇ يەردە تۆلەم تۆلەيدىغان جامائەت، دېگەن مەنىدە ئۇلار بىلەن مەقسەت ئەرنىڭ دادا، قېرىنداش، تاغا، تاغىسىنىڭ بالىلىرىدىن بولغان تۇغقانلىرى بولۇپ، ئۇلار تۆلەمنى ئۆزئارا تەقسىملەيدۇ. ھەر بىرى ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ تۆلەيدۇ. ئۇلاردىن ئۈچ مۇددەتتە تۆلەم ئېلىنىدۇ. ھەر يىلى تۆلەمنىڭ ئۈچتىن بىرىنى تولۇق ئادا بولغانغا قەدەر تۆلەيدۇ. ئەگەر شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە تۆلىيەلىسە تېخى ياخشى.
4 - تۆلەم ساقىت بولىدىغان كىشىلەر: تۆلەم بالىسىنى ئەدەپلەش بالىسى ئۆلۈپ قالغان دادىدىن ياكى پۇقرانى ئەدەپلەپ ئۆلۈپ قالغان سۇلتاندىن ياكى شاگرىتنى ئەدەپلەپ ئۆلۈپ قالغان ئوقۇتقۇچىدىن ساقىت بولىدۇ. ئەگەر ئۇرۇشتا ياكى ئەدەپلەشتە ھەددىدىن ئاشۇرىۋەتمىسە.
5 - تۆلەمنىڭ مىقدارى:
1 - جاننىڭ تۆلىمى: ئەگەر مەرھۇم ھۆر مۇسۇلمان بولسا تۆلىمى يۈز تۆگە، ياكى مىڭ مىسقال ئالتۇن، ياكى ئون ئىككى مىڭ دەرھەم كۈمۈش ياكى ئىككى يۈز كالا ياكى مىڭ قوي ئەگەر قەستەن بولمىغان قەستەنلىككە ئوخشاپ كەتكەن بولسا كۆپەيتىلىپ يۈز تۆگىنىڭ قېرىقىنىڭ قورسىقىدا بولىشى لازىم. ئەگەر خاتا بولغان بولسا كۆپەيتىلمەيدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: >ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، جەزمەن قامچا، ھاسا، تاش قاتارلىقلار بىلەن قەستەن خاتا ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ تۆلىمى كۆپەيتىلىدۇ. يۈز تۆگىنىڭ ئىچىدىكى قېرىق تۆگە ئىككى چىشلىقتىن يىلى توشقان ئېغىر ئاياق بولىشى لازىم.< (ئەسھابۇل سۇنەن رىۋايەت قىلغان) دېگەن. ئەگەر ئۆلتۈرۈش قەستەن بولغان بولسا قان ئىگىلىرىنىڭ رازىلىقى بويىچە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ تۆلەمدىن تېخىمۇ كۆپ تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. چۈنكى ئۇلر قىساس ئىگىلىرى، ئۇلارنىڭ قاتىلدىن تۆلەمنىڭ كۆپرەكىدىن ئۆتۈۋېتىش ھوقۇقى بار.
تۆلەمنى مۆلچەرلەشنىڭ دەلىلى جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۆزىدىن تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن ئابزاسلاردۇر: >رەسۇلۇللاھ سەلەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلام تۆگىلىكلەرگە يۈز تۆگە، كالىلىقلارغا ئىككى يۈز كالا، قويلۇقلارغا ئىككى مىڭ قوي بېكىتتى.< (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.) ئىبنى ئابباس بۇ توغرىدا مۇنداق دېگەن؛ >بىر ئادەم ئۆلتۈرۈلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ تۆلىمىنى ئون ئىككى مىڭ دەرھەم قىلىپ بېكىتتى.< (ئەبۇ داردات، نەسەئى، ئىبنى ماجە، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. ) شۇنىڭدەك ئەمىر ئىبنى ھەزىمنىڭ خېتىدىكى ئابزاسلارنى پۈتكۈل ئۈممەت قوبۇل قىلغان: >ئالتۇن ئىگىلىرىگە مىڭ دىنار< (نەسەئى، ئەھمەد، ھاكىملار رىۋايەت قىلغان. ) قاتىل مەزكۇر بەش ئىشنىڭ قايسىسىنى كەلتۈرەلىسە قان ئىگىسى شۇنى قوبۇل قىلىش لازىم.
ئەگەر مەرھۇمە مۇسۇلمان ھۆر ئايال بولسا تۆلىمى مۇسۇلمان ئەرنىڭ تۆلىمىنىڭ يېرىمى، بۇ ھەقتە مالىك مۇئەتتەدە ئۇر ۋە تىبنى زۇبەيردىن رىۋايەت قىلغان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئېيتىشلارغا قارىغاندائايال كىشى ئەرنىڭ تۆلىمىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە يەتمەيدىغان ھالدا ئەر كىشىگە ئوخشاش تۆلەم ئالىدۇ. ئۈچتىن بىرىگە يېتىپ قالسا تۆلەمدە ئەرنىڭ تۆلىمىنىڭ يېرىمى بىلەن مۇئامىلە قىلىنىدۇ.
ئەگەر ئۆلگۈچى يەھۇدى ياكى ناسارا زىممى بولسا ياكى ئۇنىڭدىن باشقا بولسا مۇسۇلماننىڭ تۆلىمىنىڭ يېرىمى كېلىدۇ. ئاياللىرىنىڭ تۆلىمى ئەرلىرىنىڭ تۆلىمىنىڭ يېرىمى كېلىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: >كاپىرنىڭ تۆلىمى مۇسۇلماننىڭ تۆلىمىنىڭ يېرىمى كېلىدۇ…<(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.) دېگەن.
ئەگەر ئۆلگۈچى قۇل بولسا تۆلىمى پۇلغا سۇندۇرىلىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن قۇلنىڭ سۇندۇرۇلغان قىممىتى تۆلىمى بولىدۇ. شۇ قىممەت بويىچە تۆلىنىدۇ.
ئەگەر ئۆلگۈچى تۆرەلمە بولسا تۆلىمى بىر ئەر قۇل ياكى دېدەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۆرەلمىگە بىر قۇل ياكى دېدەك تۆلەم بېرىشنى بۇيرىغان. سەھىدە شۇنداق كەلگەن. ئەگەر ھۆر بولۇپ ئۆلۈك تۇغۇلسا شۇنداق. ئەگەر ئاپىسىنىڭ قورسىقىدىن تىرىك تۇغۇلۇپ كېيىن ئۆلۈپ قالسا تۆلەم ياكى قىساس تولۇق ئېلىنىدۇ.
]ئەسكەرتىش[ بەزى ئالىملارنىڭ قارشىدا تۆلەم تۆرەلمە ئانىسىنىڭ تۆلىمىنىڭ ئوندىن بىرىگەن سۇندۇرۇلىدۇ. مالىك ئەللىك دىنار ياكى ئاتمىش دەرھەمگە سۇندۇرغان.
2 - ئەزالارنىڭ تۆلىمى:
تۆۋەندىكىلەردە تۆلەم ئىجرا قىلىنىدۇ:
1 - ئەقلىنى يوقىتىش
2 - قۇلىقىنى كېسىۋېتىش ئارقىلىق ئاڭلاش ئىقتىدارىنى يوقىتىش.
3 - كۆزنى ناكا قىلىش ئارقىلىق كۆرۈش ئىقتىدارىنى يوقىتىش.
4 - تىلى ياكى لېۋىنى كېسىۋېتىش ئارقىلىق ئاۋاز ئىقتىدارىنى يوقىتىش )گاچا قىلىپ قويۇش(
5 - بۇرنىنى كېسىۋېتىش ئارقىلىق پۇراش سېزىمىنى يوقىتىش.
6 - ئەر ياكى ئايالنىڭ جىنسىي ئەزاسىنى كېسىۋېتىش ئارقىلىق جىنسىي ئىقتىدارىنى يوقىتىش.
7 - ئومۇردقا سۆڭىكىنى سۇندۇرىۋېتىش سەۋەبىدىن ئۆلتۈرۈپ قويالماسلىق. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەمىر ئىبنى ھەزىمگە يازغان خېتىدە ئەگەر جاراھەت ئېغىر بولسا بۇرۇندا تۆلەم بار. تىلدا تۆلەم بار. ئىككى لەۋدە تۆلەم بار، ئىككى تۇخۇمدا تۆلەم بار، جىنسىي ئەزادا تۆلەم بار.< (نەسەئى رىۋايەت قىلغان. ) بۇ ھەقتە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ كىشى يەنە بىرسىنى ئۇرۇپ قۇلىقىنى گاس، كۆزىنى قارىغۇ، جىنسىي ئىقتىدارىنى، ئەقلىنى كەتكۈزگەندە بۇ ئەر ئۆلمىگەن بولسىمۇ تۆت خىل تۆلەم تۆلەشكە بۇيرىغان.
ئايالنىڭ تاشقى ئەزالىرىدا ئەرنىڭ تاشقى ئەزالىرىنىڭ تۆلىمىنىڭ يېرىمى، ئەمما جاراھەت بولۇپ، كۆلىمى ئەرنىڭ كۆلىمىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە يەتسە ئەرنىڭ تۆلىمىنىڭ يېرىمى، ئەگەر ئازراق بولسا ئۇ جاراھەت كۆلىمىدە ئەرگە ئوخشاش بولىدۇ.
3. تۆۋەندىكىلەر يېرىم تۆلەم ئېلىنىدۇ.
1 - بىر كۆزگە.
2 - بىر قۇلاق.
3 - بىر قول.
4 - بىر پۇت.
5 - بىر لەۋ.
6 - بىر ساغرا.
7 - بىر قاش.
8 - ئايالنىڭ بىر كۆكرىكى.
]ئەسكەرتىش[ بىر باماقققا ئون تۆگە تۆلەم كېلىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: >پۇت - قول بارماقلىرىنىڭ تۆلىمى ئوخشاش. ھەر بىرىگە ئون تۆگە< (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. ) چىشىغا بەش تۆگە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆمەر ئىبنى ھەزىمگە يازغان خېتىدە >چىشتا بەش تۆگە< دېگەن.
يارا - جاراھەتلەرنىڭ تۆلىمى:
1 - يارا
تونۇشتۇرۇلىشى: يارا باشتىكى ياكى يۈزىدىكى جاراھەت بولۇپ سەلەف ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا ئۇنىڭدىن تونۇشلۇق بولغىنى ئون بولۇپ بەشى ھەققىدە قانۇن چىقارغۇچىغا تۆلەم بايانى كەلگەن. بەشى ھەققىدە قانۇن چىقارغۇچىغا تۆلەمگە چەكلىك بەلگىلىمە يوق.
ھۆكمى: قانۇن چىقارغۇچىغا تۆلەم بايانى كەلگەن بەشى:
1. ئاشكارىلاش )مۇزىھەت( - سۆڭەككىچە تېگىپ سۆڭەكنى ئېچىپ قويۇش، تۆلىمى بەش تۆگە. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: >سۆڭەكنى ئاشكارىلاپ قويۇشتا بەش تۆگە تۆلەم< (ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، نەسەئىيلار رىۋايەت قىلغان. ) دېگەن.
2. ھاشىمەت: سۆڭەكنى سۇندۇرىۋېتىش، تۆلىمى ئون تۆگە. زەيىد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: >پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام )ھاشىمەت( دە ئون تۆگە بۇيرىدى.<
(بەيھەقى، دارىقۇتنى رىۋايەت قىلغان.
)
3. مۇ نەققەلەت: سۆڭەكنى ئۆز ئورنىدىن يۆتكىۋېتىش، تۆلىمى ئون بەش تۆگە، ئۆمەر ئىبنى ھەزىمنىڭ خېتىدە >مۇنەققەلەت< دە ئون بەش تۆگە تۆلەم دېيىلگەن.
4. مەئمومەت: مىڭنىڭ تېرىسىگە يېتىش، تۆلىمى ئەسلى تۆلەمنىڭ ئۈچتىن بىرى. ئۆمەر ئىبنى ھەزىمنىڭ خېتىدە >مەئمومەت< دە تۆلەمنىڭ ئۈچتىن بىرى دېيىلگەن.
5. دامىفەت: مېڭىنىڭ تېرىسىنى تېشىپ ئۆتۈپ كېتىش، ئۇ >مەئمومەت< دىن يۇقىرراق. ھۆكمى >مەئمومەت< كە ئوخشاش.
قانۇن چىقارغۇچىغا تۆلەم بايانى كەلمىگەن بەشى:
1 - ھارىسەت: ئازراق تېشىۋېتىپ قان ئاققۇزمايدۇ.
2 - دامىيەت: تېرىدىن قان چىقىپ ئاقىدۇ.
3 - بازىئەت: گۆشنى تېشىدۇ.
4 - مۇتەلاھىمەت: >بازىئەت< دىن يۇقىرىراق. گۆشكە تېشىپ كىرىدۇ.
5 - سەمھاق: سۆڭەككە يېتىشتىن پەقەت كىچىك قاسراقلار توسۇپ تۇرىدۇ.
يۇقىرىدىكى بەش خىل جاراھەتنىڭ ھۆكمەت بار بولۇپ يارىلانغۇچىنى بىر قۇل دەپ پەرەز قىلىپ ساغلام ھالىتىنى ۋە ساقايغاندىن كېيىنكى ئەيىپناك ھالىتىنى پۇلغا سۇندۇرىلىدۇ. ئىككى قىممەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرىق ئەسلى نىسپەت قىممىتىگە نىسپەت بېرىلىپ ئەگەر ئالتىدىن بىرى بولسا تۆلەمنىڭ ئوندىن بىرى بېرىلىدۇ. ئەگەر ئوندىن بىرى بولسا تۆلەمنىڭ ئوندىن بىرى بېرىلىدۇ.
تېخىمۇ ئاسانراقى، بولۇپمۇ ھازىرقى ۋاقىتتا >مۇزىھەت< نى ئۆلچەم قىلىش لازىم. چۈنكى بۇنىڭدا سۆڭەكنى ئېچىپ سۇندۇرمايدۇ. بۇنىڭدىكى تۆلەم بەش تۆگە، يۇقىرىدىكى بەش خىل جاراھەت بۇنىڭغا قىياس قىلىنىدۇ. بەشتىن بىرىگە ئوخشاش بولغىنى تۆلىمى بىر تۆگە بولىدۇ. ئۈچتىن بىرىگە ئوخشاش بولغىنى تۆلىمى بىر تۆگە بولىدۇ. ئۈچتىن بىرىگە ئوخشاش بولغىنىنىڭ تۆلىمى ئۈچ تۆگە. بۇ جەسەتتىكى جاراھەتلەرنى تەكشۈرىدىغان مۇتەخەسسىس دوختۇرلار ۋاستىسى بىلەن قىياس قىلىنىدۇ.
2 - جاراھەت
1. تونۇشتۇرۇلىشى: باش ياكى يۈزنىڭ غەيرىدىكى ئەزالاردا بولغان جاراھەتلەر
2. ھۆكمى: >جائىفەت< تە )قورساقنىڭ ئىچىگە يەتكەن( تۆلەمنىڭ ئۈچتىن بىرى. ئەمىر ئىبنى ھەزىمنىڭ خېتىدە: >جائىفەت< كە تۆلەمنىڭ ئۈچتىن بىرى بولىدۇ. دېيىلگەن.
كۆكرەك سۆڭىكىدە ئەگەر سۇنۇپ كېتىپ تاڭغاندىن كېيىن بىر تۆگە، جەينەكنى ياكى پۇتنىڭ سۆڭىكىنى ياكى بېغىش سۆڭىكىنى سۇندۇرسا تاڭغاندىن كېيىن تۇتسا ئىككى تۆگە، ساھابە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالار مۇشۇنىڭغا ھۆكۈم چىقارغان. ئۇنىڭدىن باشقىلىرى ياكى ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ ياكى >مۇزىھەت< كە قىياس قىلىنىدۇ. شۇ ئاسانراق.
6 - جىنايەت نېمە ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ؟
ئەگەر جىنايەت ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن باشقا بولسا ئىككى ئىشنىڭ بىرى بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ، ياكى جىنايەتچى ئۆزلىكىدىن ئىقرار قىلىدۇ، ياكى ئادىل ئىككى كىشىنىڭ گۇۋاھلىقى ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ.
ئەگەر جىنايەت ئادەم ئۆلتۈرۈش بولغان بولسا ياكى قاتىلنىڭ ئېتىراپ قىلىشى بىلەن ياكى ئادىل ئىككى كىشىنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ياكى ئارىلىشىپ كېتىش بولسا قەسەم قىلغۇزۇش بىلەن بولىدۇ.
ئۇ ئۆلتۈرۈلگۈچى بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش نىسبىتى بېرىلگەن )قاتىل( ئارىسىدىكى ئاشكارە ئاداۋەت.
قەسەم قىلىش: بىر ئۆلتۈرۈلگۈچى بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەلىلىرى بىر ياكى جامائەتنى ئەيىبلىسە سەۋەبىنى ئۇلار ئۇ كىشىنى ئۆزئارا تونۇشلۇق بولغان ئاشكارا ئاداۋەت تۈپەيلى ئۆلتۈرىۋەتكەن ئۇ كىشى بۇ ئاداۋەتنىڭ قۇربانى بولغان، دەپ قارىغان. ياكى ئۆلتۈرۈلگۈچى ۋە ئەيىبلەنگۈچى ئاداۋەت يوق. ئەمما ئۆلتۈرگەندە بىرەر گۇۋاھچى كۆرۈپ قالغان. قان داۋاسى چوقۇم ئىككى ئادىل گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەنلا ئىسپاتلانغاچقا بىر ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى ئۆزئارا ئاداۋەتكە ئوخشايدۇ. شۇڭلاشقا قەسەم بولىشى لازىم. قان ئىگىلىرى قەسەم قىلىدۇ. قان ئىگىلىرى دېگىنىمىز: ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئەر - ئايال ۋارىسلىرى بولۇپ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئالىدىغان مىراسىغا قاراپ >بۇ كىشى ئۇنى ئۆلتۈردى< دېگەنگە ئاساسەن ئۆزئارا تەقسىملەپ ئەللىك قەسەم قىلىدۇ. قەسەم قىلىپ بولغاندىن كېيىن جاۋابكار كىشىنىڭ قېنىنى ھالال دەپ قارايدۇ. ئۇلارغا قىساس ئېلىپ بېرىلىدۇ ياكى تۆلەم ئالىدۇ. ئەگەر بىر قىسىم ۋارىسلار قەسەم قىلىشتىن يېنىۋالسا ھەق ساقىت بولىدۇ. ئەيىبلەنگۈچى ئەللىك قەسەم قىلىپ بېرىپ ئاقلىنىدۇ.
شۇنىڭدەك كىم >ئادەم ئۆلتۈردى< دەپ ئەيىبلەنسە ئارىسىدا ئاداۋەت بولمىسا بىرلا قەسەم بىلەن ئاقلىنىدۇ. بۇ ھەقتە سەھىھىدە شۇنداق كەلگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر ئادەم ئۆلتۈرۈش دىلوسى ئېلىپ بېرىلغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەسەم قىلىشقا بۇيرىغان. قان ئىگىلىرىگە: >قەسەم قىلىپ قاتىلىڭلارنىڭ ياكى ھەمراھىڭلارنىڭ قېنىنى ھالال سانايسىلەر؟ دېگەن. ئۇلار: بىز كۆرمىگەن، ئۇ يەردە بولمىغان تۇرساق قانداق قەسەم قىلىمىز؟ دېيىشكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنداقتا يەھۇدىلار )تۆھمەت قىلىنغانلار( ئەللىك قەسەم بىلەن ئۆزلىرىنى ئاقلايدۇ. دېگەن. ئۇلار: كاپىر كىشىلەرنىڭ قەسىمىنى قانداق ھېساب قىلىمىز؟ دېيىشكەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز يېنىدىن تۆلەم بەرگەن.<
|
|