مىراس ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-10-31 13:23:02 كۆرۈلۈش سانى : 627
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
بىرىنچى: مىراسخور بولۇش ھۆكمى
مۇسۇلمانلار ئارام مىراسخور بولۇش قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەتنىڭ دەلىلى بىلەن ۋاجىپتۇر. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: >ئەرلەر ئۈچۈن ئاتا - ئانا ۋە يېقىن ئۇرۇغ - تۇغقانلار قالدۇرغان نەرسە )مال - مۈلۈك( دە نىسىۋە بار. ئاياللار ئۈچۈن ئاتا - ئانا ۋە يېقىن ئۇرۇغ - تۇغقانلار قالدۇرغان نەرسىدە ئاز بولسۇن، كۆپ بولسۇن پەرز قىلىنغان نىسىۋە بار.<
(نىسا: 7)، >ئاللاھ بالىلىرىڭلار مەسىلىسىدە ئوغۇلغا قىزىنىڭ ئىككى ھەسسىسىنىڭ ئوخشىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.< (نىسا: 12
) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >پەرزلەرنى ئۆز ئەھلىگە قوشۇڭلار، ئېشىپ قالغىنى ئەرگە ئەڭ لايىق.< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس.) >ئاللاھ ھەربىر ھەق ئىگىسىگە ئۆز ھەققىنى بەردى. ۋارىس بولغۇچىغا ۋەسىيەت يوقتۇر.< (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.)
ئىككىنچى: مىراس سەۋەبلىرى، مەنئىي قىلغۇچى ئامىللار ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى.
ئا - مىراس ئېلىش سەۋەبلىرى:
ھېچقانداق بىر كىشى ئىككىنچى بىر كىشىگە تۆۋەندىكى ئۈچ سەۋەبنىڭ بىرىسىز مىراسخور بولالمايدۇ. ئۇلار:
1 - نەسەب يەنى ۋارىس ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ دادىلىرىدىن ياكى بالىلىرىدىن ياكى ئايال بىر تۇغقان ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى، دادا تەرەپ تاغىلىرى ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىدىن ياكى ئايال بىر تۇغقان ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى، دادا تەرەپ تاغىلىرى ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىدىن بولغان يېىن تۇغقانچىلىق، بۇنىڭغا ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزى دەلىلدۇر: >ھەر بىر ئادەمنىڭ قالدۇرغان تەرەكىسى ئۈچۈن ۋارىسلار تەيىنلىنىدۇ. ئۇلار ئاتا - ئانىلار ۋە يېقىنلاردۇر.<
(نىسا: 33)
2 - نىكاھ، ئايالنى توغرا نىكاھلاپ ئېلىش، گەرچە بىر ياستۇققا باش قويمىغان ياكى خىلۋەتتە بولمىغان بولسىمۇ بۇنىڭغا ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزى دەلىلدۇر: >سىلەرگە ئاياللىرىڭلار قالدۇرغان نەرسە )مال - مۈلۈك( نىڭ يېرىمى بولىدۇ.< ئەر - ئايال ئىككەيلەن يېنىشىۋېلىش تالىقىدا ۋە ئەر - ئايالنى ئۆلۈپ كەتكەن شۇ كېسەل ۋاقتىدا تالاق قىلغان بولسا تالاقى بائىندا مىراسخور بولالايدۇ.
3 - ئىگىدارچىلىق، بىر كىشى بىر قۇل ياكى دېدەكنى ئازاد قىلسا شۇ ئارقىلىق قۇل ياكى دېدەكنىڭ ئىگىدارلىقىمۇ شۇ كىشىگە بولىدۇ. ئەگەر قۇل ئازاد قىلغۇچى ئۆلۈپ كېتىپ مىراسخورى بولمىسا ئازاد قىلىنغان قۇل مىراسخور بولىدۇ.
بۇنىڭ دەلىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ سۆزىدۇر: >ئىگىدارچىلىق قۇل ئازاد قىلغان كىشى ئۈچۈندۇر.< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس.)
ب - مىراسنى مەنئىي قىلغۇچى ئامىللار
بەزىدە مىراسخور بولۇش سەۋەبى تېپىلمىسىمۇ لېكىن بەزى ئامىللار مىراس ئېلىشتىن توسۇپ قويىدۇ - دە، شۇ سەۋەبلىك مىراسخور مىراس ئالالمايدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1( كۇپۇرلۇق - مۇسۇلمان تۇغقىنى كاپىرغا مىراسخور بولالمايدۇ. كاپىرمۇ مۇسۇلمان تۇغقىنىغا مىراسخور بولالمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >كاپىر مۇسۇلمانغا، مۇسۇلمان كاپىرغا مىراسخور بولالمايدۇ.<
(بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس.)
2( ئادەم ئۆلتۈرۈش - قاتىل ئۆزى ئۆلتۈرگەن كىشىگە ئەگەر قەستەن ئۆلتۈرگەن بولسا، جىنايىتىنىڭ جازاسى سۈپىتىدە مىراسخور بولالمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >قاتىلغا ئۆلتۈرۈلگەن ئادەمنىڭ قالدۇرغان مېلىدىن ھېچنەرسە يوق< (ئىبنى ئابدۇل بىردى رىۋايەت قىلغان. )
3( قۇللۇق - قۇل مىراسخور بولالمايدۇ ھەم مىراسخور بولۇنمايدۇ. مەيلى ئۇ تولۇق قۇل بولسۇن ياكى يېرىم قۇل بولسۇن ياكى خوجايىن بىلەن مەلۇم مۇددەت ئىچىدە پۇل تاپشۇرۇشقا كېلىشكەن، )مۇكاتەپ( بولسۇن ياكى خوجايىنى بىلەن بىرگە بولۇپ ھامىلدار بولغان )ئۇممۇل ۋەلەد( بولسۇن ئوخشاش. چۈنكى بارلىق ئەھۋالدا قۇللۇق ھۆكمى ئۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەزى ئالىملار بۇنىڭدىن يېرىم قۇلنى ئايرىۋېلىپ، ئۇ ئۆزىدە بار بولغان ھۆرلىكى مىقدارىدا مىراسخور بولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا مىراسخور بولىدۇ، دەپ قارىغان. چۈنكى ئىبنى ئابباس شۇنداق بايان قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن؛ >بىر قىسمى ئازاد قىلىنغان قۇل ئازاد بولغان مىقدارى بويىچە مىراسخور بولىدۇ ۋە بولىنىدۇ.< (ساھىبۇل مۇغنى رىۋايەت قىلغان. )
4( زىناخورلۇق - ھارامدىن بولغان بالا دادىسىغا مىراسخور بولالمايدۇ. دادىسى ھەم شۇنداق. ئۇ ئانىسىغا مىراسخور بولىدۇ. ئانىمۇ ئۇنىڭغا مىراسخور بولالايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >بالا كۆپە ئۈچۈندۇر. زىناخورلار تەرك ئەتمىكى لازىمدۇر.< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس.)
5( لەنەت قىلىش - لەنەت قىلىنغان ئەر - ئايالنىڭ بالىسى ئۆزى ئىنكار قىلغان دادىسىغا مىراسخور بولالمايدۇ. دادا ھەم ئۇنىڭغا مىراسخور بولالمايدۇ. سەۋەبى بۇ ھارامدىن بولغان بالىغا قىياس قىلىنغان.
6( تۇغۇلغاندا يىغلىماسلىق - ئانىسى ئۆلۈك ھالدا تۇغقان، ۋاقىراپ يىغلىمىغان بوۋاق مىراسخور بولالمايدۇ ۋە بۆلۈنمەيدۇ. سەۋەبى ھايات بولۇپ مىراسقا ئېرىشكەن، ئاندىن ئۆلۈپ كەتكەن بولمىغانلىقى ئۈچۈندۇر.
ج - مىراسنىڭ شەرتلىرى:
مىراسنىڭ ساغلام بولىشىدا تۆۋەندىكىلەر شەرت قىلىنىدۇ:
1 - يۇقارىقى مىراسنى چەكلىگۈچى ئامىللاردىن بىرەرسى بولماسلىقى لازىم. چۈنكى بۇ ئامىللار مىراسنى بىكار قىلىدۇ.
2 - مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ ئەمەلىي ئۆلگەن ياكى ئۆلدى دەپ ھۆكۈم قىلىنغان بولىشى، مەسىلەن: قازى يوقاپ كەتكەن كىشىگە ئۆلۈم بىلەن ھۆكۈم چىقارغانغا ئوخشاش. چۈنكى تىرىك ئادەمگە مىراسخور بۆلۈنمەيدۇ.
3 - ۋارىس مىراس قالدۇرغۇچى ئۆلگەن كۈنىدە ھايات بولىشى لازىم. بىر ئايالنىڭ بالىسى ئۆلۈپ قالغان بولسا، ئۇنىڭ قورسىقىدا بالىسى بولسا، بۇ بالا تۇغۇلغاندا ئاۋازلىق يىغلىسا قېرىندىشىدىن مىراس ئېلىشقا لايىق. ئەگەر ئۇ ئايال بالىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ھامىلدار بولسا، بۇ بالىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ئاكىسىنىڭ مىراسىغا تېخى يارىتىلماي تۇرۇپ ھېچقانداق ھەققى يوق.
ئۈچىنچى: ئەر - ئاياللاردىن كىملەر مىراسخور بولىدىغانلىقىنىڭ بايانى.
1 - ئەرلەردىن مىراسخور بولىدىغانلار ئۈچ تۈرلۈك. ئۇلار:
1( ئېرى: ئېرى ئايالى ئۆلۈپ كەتسە، ئەگەر ئايال تالاق قىلىۋېتىلگەن، ئىددىتى ئۆتمىگەن بولسا ئېرى مىراسخور بولىدۇ. ئەگەر ئىددىتى ئۆتكەن بولسا بولالمايدۇ.
2( ئازاد قىلىنغان قۇل ياكى ئۇ بولمىسا ئۇنىڭ ئەر تەرەپ تۇغقانلىرى مىراسخور بولىدۇ.
3( تۇغقانلار: ئەسلى تۇغقانلار، شاخچە تۇغقانلار، ئەتراپىدىكى تۇغقانلار. ئەسلى تۇغقانلار دېگىنىمىز: دادا، بوۋا … ئاخىرىغىچە، شاخچە تۇغقانلار دېگىنىمىز: بالا، نەۋرە … ئاخىرغىچە، تۇغقانلار: قىز ھەمشىرلەر، ئۇلارنىڭ بالىلىرى … ئاخىرغىچە ئانىنىڭ ھەمشىرلىرى، يىراق تۇغقانلار دېگىنىمىز: دادا تەرەپ تاغا، بالىسى … ئاخىرغىچە ياكى دادا تەرەپنىڭ تۇغقانلىرى.
مەزكۇر ۋارىسلارنى بىر كىشىنىڭ قالدۇرغان مۈلكىدە ھەممەيلەننىڭ مىراسخور بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلىنمايدۇ. چۈنكى بۇلارنىڭ بەزىسى يەنە بەزىسىنى توسىدۇ. مەسىلەن: دادا بوۋىنى، ئانا تەرپە ھەمشىرىنى، بالا قېرىنداشنى، قېرىنداش دادا تەرەپ تاغىنى توسىدۇ ۋە ھاكازالار. ئەگەردە ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر خىل قالدۇرۇۋالغان مالدا بىرلىشىپ قالسا پەقەت ئۈچ كىشىلا مىراسخور بولالايدۇ. ئۇلار - ئېرى، بالىسى، دادىسى.
2 - ئاياللاردىن مىراسخور بولىدىغانلار ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، ئۇلار:
① ئايالى.
② ئازاد قىلىۋېتىلگەن دېدەك.
③ يېقىن تۇغقانلار ئۈچ قىسىم، ئەسلى تۇغقانلار، ئۇلار: ئاتا - ئانا ياكى دادا تەرەپ موما. شاخچە تۇغقانلار، ئۇلار: قىز، ئوغۇلنىڭ قىزى … ئاخىرغىچە، يېقىن ئەتراپتىكى تۇغقانلار: ئۇ بىۋاستە ھەمشىرە.
]ئەسكەرتىش[: دادا تەرەپ ياكى ئانا تەرەپ ھامما، قىزىنىڭ قىزى ياكى ئوغلى، ئوغۇلنىڭ قىزى ياكى ئوغلى، دادا تەرەپ تاغىسىنىڭ قىزى مىراسخور بولالمايدۇ.
تۆتىنچى: پەرزلەر - تەقسىماتنىڭ بايانى:
قۇرئان كەرىمنىڭ >نىسا< سۈرىسىدە بېكىتىلگەن پەرزلەر ئالتە بولۇپ، تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:
1 يېرىمىنى ئېلىش. بۇنىڭغا بەش خىل شەخىس مىراسخور بولىدۇ. ئۇلار:
① ئېرى: ئۆلۈپ كەتكەن ئايالنىڭ بالىسى، نەۋرىسى بولمىسا مىراسنىڭ يېرىمى شۇنىڭ.
② قىزى: ئەگەر ئۇنىڭ بىر ئوغۇل ياكى قىز ياكى كۆپ قېرىندىشى بولمىسا يېرىمىغا مىراسخور بولالايدۇ.
③ ئوغۇلنىڭ قىزى: يالغۇز بولسا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوغۇل نەۋرە بولمىسا بۇ مىراسنىڭ يېرىمىغا ئىگە بولىدۇ.
④ بىر تۇغقىنى دادىسى ياكى ئوغلى ياكى نەۋرىسى بولمىغان يالغۇز قىز بىر تۇغقان قېرىندىشىدىن قالغان مىراسنىڭ يېرىمىنى ئالىدۇ.
⑤ دادىنىڭ ئاتا - ئانا بىر قىز تۇغقانلىرى يالغۇز بولۇپ، ئوغۇل قېرىنداش ياكى دادا ۋە نەۋرە بولمىسا مىراسنىڭ يېرىمىغا ئىگە بولىدۇ.
2 - تۆتتىن بىرى. بۇنىڭغا پەقەت ئىككى خىل كىشىلا مىراسخور بولىدۇ. ئۇلار:
① ئايالى ئۆلۈپ كەتكەن ئەر. ئەگەر ئۆلۈپ كەتكەن ئايالنىڭ بالىسى ياكى قىز، ئوغۇل بولسۇن نەۋرىسى بولسا.
② ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئايال. ئۆلۈپ كەتكەن ئېرىنىڭ بالىسى ياكى قىز، ئوغۇل بولسۇن نەۋرىسى بولسا بۇلارغا مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى تېگىدۇ.
3 - سەككىزدىن بىرى. ئۆلۈپ كەتكەن ئېرىدىن بالا ياكى ئوغۇل، قىز بولسۇن نەۋرە بىلەن قالغان ئايال مىراسنىڭ سەككىزدىن بىرىنى ئالىدۇ. ئەگەر كۆپ ئاياللىق ئەر بولسا ئاياللار سەككىزدىن بىرىنى ئۆلۈشىدۇ.
4 - ئۈچتىن ئىككى. بۇنىڭغا تۆت تۈرلۈك شەخىس مىراسخور بولىدۇ.
1( مەرھۇمنىڭ يالغۇز ئىككى قىزىلا بولسا، ئوغلى بولمىسا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى ئالىدۇ.
2( مەرھۇمنىڭ ئوغلىنىڭ ئىككى ياكى كۆپ قىزى يالغۇزلا بولسا ئوغلىنىڭ ئوغۇل بالىسى بولمىسا بۇ قىز نەۋرىلەرمۇ مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى ئالىدۇ.
3( مەرھۇمنىڭ ئانا بىر، دادا بىر ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ قىز بىر تۇغقىنى بولۇپ، ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن باشقا ئانا بىر، دادا بىر تۇغقىنى بولمىسا بۇ قىزلار مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى ئالىدۇ.
4( دادا بىر ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ قىز بىر تۇغقان بولۇپ، دادا بىر ئوغۇل بىر تۇغقان ياكى دادا، ئانا بىر قىز بىر تۇغقانلار بولمىسا بۇلارمۇ ئۈچتىن ئىككىسىنى ئالىدۇ.
5 - مىرانسىڭ ئۈچتىن بىرى، بۇنىڭغا ئۈچ خىل كىشى مىراسخور بولىدۇ.
1( مەرھۇمنىڭ بالىسى ياكى مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن بالىسىنىڭ بالىسى بولمىسا مەرھۇمنىڭ ئانىسى ئۈچتىن بىرىنى ئالىدۇ.
2( مەرھۇمنىڭ ئانا بىر تۇغقانلىرى گەرچە ئۇلار كۆپ بولسىمۇ، مەرھۇمنىڭ دادىسى ياكى چوڭ دادىسى ياكى ئەر ياكى ئايال بولسۇن بالىسى ياكى بالىسىنىڭ بولمىسا ئۇلار مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئالىدۇ.
3( مەرھۇمنىڭ چوڭ دادىسى ئۈچتىن بىرىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭغا يېتەرلىك شەرتى قېرىنداشلار ئەر بولسا ئىككىدىن كۆپ، ئايال بولسا تۆتتىن كۆپ بولغاندا.
]ئەسكەرتىش[ قالغان ئۈچتىن ئىككىسىنى:
1( بىر ئايال ئۆلۈپ كېتىپ يولدىشى، دادىسى ۋە ئانىسىلا قالغان بولسا ئۈچتىن ئىككىسى ئالتە ھەسسە قىلىنىپ يېرىمىنى يولدىشى، قالغىنىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئانىسى، ئۈچتىن ئىككىسىنى دادىسى ئالىدۇ.
2( ئەر ئۆلۈپ كېتىپ ئەرنىڭ ئايالى، ئانىسى، دادىسىلا قالغان بولسا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى تۆت ھەسسە قىلىنىپ، بىر ئۈلۈشنى ئايالى، يەنە بىر ئۈلۈشىنى ئانىسى، قالغان ئىككى ئۈلۈشىنى دادىسى ئالىدۇ. چۈنكى ئۇ بىۋاستە مىراسخور.
يۇقىرىقى ئىككى مەسىلىدە ئانىغا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى ئەمەس بەلكى قالغاننىڭ ئۈچتىن بىرى تەگدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق ھۆكۈم قىلغان.
6 - ئالتىدىن بىرى. بۇنىڭغا يەتتە خىل ئادەم مىراسخور بولىدۇ.
1( ئاتا - ئەگەر مەرھۇمنىڭ بالىسى ياكى نەۋرىسى ۋە ياكى ئىككى ياكى ئىككىدىن كۆپ ئانا بىر دادا بىر ياكى دادا بىر ياكى ئانا بىر تۇغقىنى بولسا بۇلار مەيلى مىراس ئالغۇچىلار بولسۇن، مەيلى توسالغۇغا ئۇچرىغۇچىلار بولسۇن ئانا مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئالىدۇ.
2( چوڭ ئانا - مەرھۇمنىڭ ئانىسى بولمىسا گەرچە دەرىجە جەھەتتە ئوخشاش باشقا چوڭ ئانىسى بولغان بولسىمۇ، ئانىسىنىڭ ئانىسىغا مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تەقسىم قىلىنىدۇ.
]ئەسكەرتىش[ بۇ يەردىكى چوڭ ئانا ئانىسىنىڭ ئانىسى بولۇپ دادىسىنىڭ ئانىسى ئانىنىڭ ئانىسىغا ئوخشىتىلغان.
3( دادا - مەيلى ۋاپات بولغۇچىنىڭ بالىسى بولسۇن ياكى بولمىسۇن ۋاپات بولغۇچىنىڭ مىراسىنىڭ ئالتىدىن بىرىگە مىراسخورلۇق قىلىدۇ.
4( چوڭ دادا - دادا بولمىسا، چوڭ دادا دادىنىڭ ئورنىدا بولغاچقا مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئالىدۇ.
5( مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن ئانا بىر تۇغقان، ئەگەر مەرھۇمنىڭ دادىسى ياكى چوڭ دادىسى ياكى ئەر ياكى ئايال بولسۇن بالىسى ياكى نەۋرىسى بولمىسا ۋە يەنە كېلىپ شۇ بىر تۇغقان يالغۇز بولسا باشقا ئانا بىر تۇغقانلىرى بولمىسا مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئالىدۇ.
6( مەرھۇمنىڭ ئوغلىنىڭ قىزى - مەرھۇمنىڭ بىر قىزى بار بولسا شۇ قىز نەۋرىنىڭ ئوغۇل بىر تۇغقىنى ياكى تاغىنىڭ دەرىجە جەھەتتە تەڭ تۇرىدىغان ئوغلى بولمىسا ئۇ مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئالىدۇ. بۇنىڭدا ئوغلىنىڭ قىزىنىڭ بىر ياكى بىر قانچە بولۇشىنىڭ پەرقى يوق.
7( دادا بىر قىز بىر تۇغقان - ئەگەر ئانا بىر دادا بىر قىز بىر تۇغقاندىن بىرى بار بولسا ئۇنىڭ بىلەن دادا بىر ۋە ياكى ئانا بىر قېرىندىشى ۋە ياكى مەرھۇمنىڭ چوڭ دادىسى ياكى بالىسى ۋە ياكى نەۋرىسى بولمىسا بۇ دادا بىر قېرىندىشى مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئالىدۇ.
بەشىنچى: مىراس زەنجىرى
ئا - ئۇنى تونۇشتۇرۇش:
ئۇنىڭ ئىشلىتىۋاتقان مەنىسى ئۆزى يالغۇز بولغاندا پۈتۈن مىراسقا ئىگە بولىدىغان، ئۇنداق بولمىغاندا تەقسىماتتىن تېگىشلىككە ئېرىشىدىغان، تەقسىماتتىن تېگىشلىك بولمىسا مىراستىن مەھرۇم قالىدىغان كىشىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەھىھ ھەدىستە مۇنداق دېگەن: >پەرزلەرنى ئۆز ئەھلىگە قوشۇڭلار، قېلىپ قالغىنى ئەرگە ئەڭ لايىق.<
ب - مىراس زەنجىرىنىڭ قىسىملىرى:
ئۇ ئۈچ خىل
1 - بىۋاستە مۇناسىۋەت. ئۇ دادا، چوڭ دادا … چوڭ دادىدىن چوڭ دادىغىچە، ئوغۇل، ئوغۇلنىڭ ئوغلى … ئوغلىدىن ئوغلىغىچە. ئاتا - ئانا بىر ئەر بىر تۇغقان ياكى ئاتا بىر ئەر بىر تۇغقان ۋە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئوغۇللىرىغىچە، ئاتا - ئانا بىر تاغا ياكى دادا بىر تاغا، ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئوغۇللىرىغىچە، ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن ئازاد قىلىنغان قۇل ئۇلارمۇ بىۋاستە مىراس زەنجىردىكى كىشىلەر.
2 - باشقىلار بىلەن بولغان مىراس زەنجىرى: بۇ ئەر كىشى بىلەن بىللە ئەرنىڭ ھەسسىسىنىڭ يېرىمىچىلىك مىراس ئالىدىغان ئاياللار بولۇپ، ئۇلار ئاتا - ئانا بىر قىز بىر تۇغقان، ئاتا - ئانا بىر ئەر قېرىندىشى بىلەن بىللە دادا بىر قىز بىر تۇغقان، دادا بىر قېرىندىشى بىلەن بىللە، قىز ئۆز ئەر قېرىندىشى بىلەن بىللە، ئوغلىنىڭ قىزى ئۆز قېرىندىشى بىلەن بىللە ياكى ئوغۇلنىڭ ئوغلى بىلەن مىراس زەنجىرى ياكى قانداش ۋارىس بولىدۇ. ئوغلىنىڭ قىزىنىڭ ئوغلىنىڭ ئوغلى بىلەن بىللە بولۇشىنىڭ شەرتى شۇكى، ئۇنىڭغا پەرز تەقسىمات كەلمىگەن بولۇشى كېرەك. ئەگەر پەرز تەقسىمات كەلگەن بولسا ئوغلىنىڭ ئوغلى سەۋەبلىك ئوغلىنىڭ قىزى مىراس زەنجىرىگە كىرەلمەيدۇ.
چۈنكى، مىسال ئەر ئۆلۈپ كېتىپ قىزى، ئوغلىنىڭ قىزى، ئوغلىنىڭ ئوغلىنىڭ ئوغلى قالغان بولسا مىراسنىڭ يېرىمى قىزغا، ئالتىدىن بىرى ئوغلىنىڭ قىزىغا، قالغىنى ئوغلىنىڭ ئوغلىنىڭ ئوغلىغا ئۇ مىراس زەنجىرىدە بولغاچقا يېزىلىدۇ. ياكى مەرھۇمدىن ئوغلىنىڭ قىزى ۋە ئوغلىنىڭ ئوغلىنىڭ ئوغلى قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئوغلىنىڭ قىزى مىراس تەقسىملەش دائىرىسىدە بولغاچقا مىراسنىڭ يېرىمى بېرىلىدۇ. ئوغلىنىڭ ئوغلىنىڭ ئوغلى مىراس زەنجىرىدە بولغانلىقى ئۈچۈن مىراسنىڭ قالغان يېرىمى شۇنىڭغا بېرىلىدۇ. ياكى مەرھۇمنىڭ ئوغلىنىڭ ئىككى قىزى ۋە ئوغلىنىڭ ئوغلىنىڭ ئوغلى قالىدۇ. ئىككى قىز نەۋرە مىراس تەقسىملەشكە ئاساسەن مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى ئالىدۇ. مىراس زەنجىرىگە ئاساسەن ئوغلىنىڭ ئوغلىنىڭ ئوغلى قالغىنىنى ئالىدۇ. ئوغلىنىڭ قىزى، ئوغلىنىڭ ئوغلىنىڭ ئوغلى بىلەن دەرىجە جەھەتتە ئوخشاش ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولسا شۇنداق بولىدۇ. ئەمما قىزىنىڭ قىزى ئوغۇلنىڭ ئوغلىدىن دەرىجە جەھەتتە تۆۋەن بولسا ئۇ تولۇق توسالغۇ تۈپەيلى شۇ قېتىملىق مىراستا مىراسخور بولالمايدۇ.
3 - باشقىلار بىلەن قوشۇلۇپ مىراس زەنجىرىگە ئايلىنىدىغانلار: ئۇلار باشقا ئاياللار بىلەن بىرلىشىش ئارقىلىق نەسەپ زەنجىرىگە تەۋە بولىدىغان بارلىق ئاياللار. ئۇلار بىر ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئاتا - ئانا بىر قىز بىر تۇغقانغا ئوخشاش بولۇپ بۇلار بىرلىشىپ مىراس زەنجىرى بولىدۇ. بىر ياكى بىر قانچە قىزدىن ياكى ئوغۇلنىڭ بىر ياكى بىر قانچە قىزىدىن قالغانلىرىنى مەرھۇمنىڭ ھەمشىرلىرى بولسا ئۇلار بىلەن تەڭ ئالىدۇ. يەكۈن شۇكى، بۇ يەردە ئاتا - ئانا بىر قىز بىر تۇغقان، ئاتا - ئانا بىر ئوغۇل بىر تۇغقاننىڭ ئورنىدا بولۇپ دادا بىر قىز بىر تۇغقاننىڭ مىراس ئېلىشىنى چەكلەيدۇ. دادا بىر قىز بىر تۇغقان دادا بىر ئوغۇل بىر تۇغقاننىڭ ئورنىدا بولۇپ ئۇ ئوغۇل بىر تۇغقاننىڭ ئورنىدا بولۇپ دادا بىر قىز بىر تۇغقاننىڭ مىراس ئېلىشىنى چەكلەيدۇ. دادا بىر قىز بىر تۇغقان دادا بىر ئوغۇل بىر تۇغقاننىڭ ئورنىدا بولۇپ ئۇ ئوغۇل بىر تۇغقاننىڭ ئوغلىنى مىراس ئېلىشتىن مۇتلەق چەكلەيدۇ.
]ئەسكەرتىش[ ئورتاق مەسىلە:
ئەگەر ئايال كىشى ئۆلۈپ كېتىپ يولدىشى، ئانىسى، ئانا بىر تۇغقانلىرى ۋە بىر ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئاتا - ئانا بىر تۇغقانلىرى قالغان بولسا بۇنىڭدا مىراس ئالتە ھەسسە قىلىنىپ ئەرگە ئۈچ ھەسسىسى يەنى يېرىمى، ئانىغا ئالتىدىن بىرى، ئانا بىر قېرىنداشلارغا ئۈچتىن ئىككىسى تېگىدۇ. ئاتا - ئانا بىر قېرىنداش مىراس زەنجىرىدە بولغاچقا ئۇنىڭغا بىر نەرسە تەگمەيدۇ. ئەگەر تەقسىملەنگەن مىراس تەقسىمات ئىگىلىرىگە ئۈلەشتۈرۈلۈپ بولسا مىراس زەنجىرىدىكى كىشىگە ھېچنېمە قالمايدۇ.
لېكىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاتا - ئانا بىر تۇغقانلارنىڭ ئانا بىر تۇغقانلار بىلەن ئۇلارغا تېگىشلىك مىراستا شىرىك بولۇشقا ھۆكۈم قىلىپ ئۇلار ئوتتۇرىسىدا باراۋەر ئۈلەشتۈرۈپ بەردى.
ئاتا - ئانا بىر قېرىنداش ئانا بىر قېرىنداشقا ئوخشاش. ئايال ئەرگە ئوخشاش، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئورتاق مەسىلە دەپ ئاتالدى. چۈنكى ئاتا - ئانا بىر قېرىنداشلار ئۆمەرگە: بىز دادىمىز سەۋەبلىك چەكلەشكە ئۇچرىساقمۇ ئانىمىز بىر ئەمەسمۇ؟ بىزنىڭ ئانا بىر قېرىنداشلىرىمىز ئالغان مىراستىن بىز نېمە دەپ چەكلىنىمىز؟ قاراپ باق، دېگەندە ئۆمەر قايىل بولۇپ ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئانا بىر قېرىنداشلىرىنىڭ نىسىۋىسىدە شىرىكلىشىپ ئورتاقلىشىشقا ھۆكۈم قىلغان.
ئالتىنچى: چەكلەش
ئا - تونۇشتۇرۇش:
ئۇ مىراستىن ياكى ئۇنىڭدىن بىر قىسىمدىن چەكلەشنى كۆرسىتىدۇ.
ب - چەكلەش ئىككى خىل.
1 - قىسمەن چەكلەش: بۇ مىراسخورنى كۆپ تەقسىماتتىن ئاز تەقسىماتقا ياكى تەقسىماتتىن مىراس زەنجىرىگە، ياكى مىراس زەنجىرىدىن تەقسىماتقا يۆتكەش.
باشقىلارنى قىسمەن چەكلەشكە ئېلىپ بارىدىغان كىشىلەر ئالتە ئۇلار:
1( ئوغۇل ۋە ئوغۇلنىڭ ئوغلى … ئوغۇلدىن ئوغۇلغىچە … بۇلار ئەرنى يېرىمىگە ئىگە بولۇشتىن تۆتتىن بىرىگە، ئايالنى تۆتتىن بىرىدىن سەككىزدىن بىرىگە، دادا ۋە چوڭ دادىسىنى مىراس زەنجىرىدىن تەقسىماتقا چىقىرىپ ئالتىدىن بىرىگە يۆتكەيدۇ.
2( قىز، ئۇ ئوغلىنىڭ قىزىنى يېرىمىنى ئېلىشتىن ئالتىدىن بىرىنى ئېلىشقا، ئوغلىنىڭ ئىككى قىزىنى ئۈچتىن ئىككىدىن ئالتىدىن بىرىگە، ئاتا - ئانا بىر ياكى دادا بىر ئىككى ھەمشىرىنى ئۈچتىن ئىككىدىن مىراس زەنجىرىگە، ئەرنى يېرىمىدىن تۆتتىن بىرىگە، ئايالنى تۆتتىن بىرىدىن سەككىزدىن بىرىگە، ئانىنى ئۈچتىن بىرىدىن ئالتىدىن بىرىگە، دادا ۋە چوڭ دادىنى مىراس زەنجىرىدىن تەقسىماتقا چىقىرىپ ئالتىدىن بىرىگە يۆتكەپ، ئۆلگۈچىنىڭ قىزىنىڭ بولۇشى يۇقىرىقىدەك كۆپ مىراس ئالغۇچىلارنى ئاز مىراس ئېلىشقا چەكلەيدۇ.
3( ئوغلىنىڭ قىزى، ئۆزلىرىگە ئوخشاش دەرىجىدە مىراس زەنجىرى شەكىللەندۈرىدىغان ئەر بىر تۇغقىنى ياكى تاغىسىنىڭ ئوغلى بولمىغان ئۆزىدىن تۆۋەن ئوغلىنىڭ قىزلىرىنى كۆپ مىراستىن ئاز مىراسقا يۆتكەيدۇ. ئەر، ئايال، ئانا، دادا ۋە چڭ دادىنى قىز يۆتكىگەنگە ئوخشاش يۆتكەپ، كۆپ مىراس ئېلىشتىن ئاز مىراس ئېلىشقا چۈشىرىدۇ.
4( ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئەر بىر تۇغقان مەرھۇمنىڭ ئانىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇنى مىراس زەنجىرىگە تەۋە قىلىدىغان دادا بىر ئەر قېرىندىشى بولمىسا، ئۇنى يېرىمىنى ھەمشىرىمۇ ئۇلارنى مىراس زەنجىرىگە تەۋە قىلىدىغان دادا بىر ئەر قېرىندىشى بولمىسا ئۇلارنى ئۈچتىن ئىككىنى ئېلىشتىن ئالتىدىن بىرىنى ئېلىشقا يۆتكەيدۇ.
2 - مۇتلەق چەكلەش:
بۇ مىراسخورنى ئەگەر چەكلىگۈچى يەنى توسالغۇ بولغۇچى بولمىسا تولۇق ئالىدىغان مىراستىن تولۇق چەكلەش بولۇپ، باشقىلارنى مىراس ئېلىشتىن تولۇق چەكلەيدىغانلار ئون توققۇز، ئۇلار:
1( ئوغۇ. ئۇ بار تۇرۇپ ئوغۇلنىڭ ئوغلى، قىزى ۋە ياكى مەرھۇمنىڭ بىر تۇغقانلىرى، تاغىلىرى مۇتلەق مىراس ئالالمايدۇ.
2( ئوغلىنىڭ ئوغلى. ئۇ مەرھۇمنىڭ ئوغلىنىڭ ئوغلىنى، قىزىنى مىراستىن ئېلىشتىن توسىدۇ، شۇنداقلا ئوغۇل توسقان بارلىق كىشىلەرنى توسىدۇ.
3( قىزى. مەرھۇمنىڭ قىزى بار تۇرۇپ، مەرھۇمنىڭ ئانا بىر قېرىندىشىغا مۇتلەق مىراس بېرىلمەيدۇ.
4( قىزىنىڭ قىزى. ئۇ مەرھۇمنىڭ ئانا بىر قېرىندىشىنىڭ مىراس ئېلىشىنى چەكلەيدۇ.
5( ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ قىز بولسا مەرھۇمنىڭ ئانا بىر قېرىندىشى مىراس ئالالمايدۇ. ئوغلىنىڭ قىزى ياكى قىزلىرىمۇ ئۇلارنى مىراس زەنجىرىگە تەۋە قىلىدىغان ئەر بىر تۇغقىنى ياكى دەرىجىدە ئوخشاش تاغىسىنىڭ ئوغلى بولمىسا، ئۇلارمۇ مەرھۇمنىڭ قىزلىرى بىلەن بىللە مىراس ئالالمايدۇ.
6( ئوغلىنىڭ قىزىمۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاشلا.
7( ئاتا - ئانا بىر تۇغقان بار بولسا دادا بىر بىر تۇغقان ۋە تاغا مىراس ئالالمايدۇ.
8( ئاتا - ئانا بىر قېرىنداشنىڭ ئوغلى، ئۇنىڭ بىلەن تاغا، دادا بىر قېرىنداشنىڭ ئوغلى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئوغۇل نەۋرىلەر مىراس ئالالمايدۇ.
9( دادا بىر قېرىنداش بار بولسا تاغا، ئاتا - ئانا ياكى دادا بىر قېرىنداشلارنىڭ ئوغۇللىرى مىراس ئالالمايدۇ.
10( دادا بىر قېرىنداشنىڭ ئوغلى بولسا تاغا ۋە باشقا قېرىنداشلارنىڭ ئوغۇل نەۋرىلىرى مىراس ئالالمايدۇ.
11( ئاتا - ئانا بىر تاغا بىلەن دادا بىر تاغا ۋە تاغىنىڭ بالىلىرى مىراس ئالالمايدۇ.
12( ئاتا - ئانا بىر تاغىنىڭ ئوغلى بىلەن دادا بىر تاغىنىڭ ئوغلى ۋە باشقا تاغىلارنىڭ ئوغۇل تەرەپتىن ئوغۇل نەۋرىلىرى مىراس ئالالمايدۇ.
13( دادا بىر تاغا بىلەن بىللە تاغىنىڭ بالىلىرى مىراسخور بولالمايدۇ.
14( مەرھۇمنىڭ قىزى بىلەن ئاتا - ئانا بىر ھەمشىرىسى بولسا مەرھۇمنىڭ دادا بىر ئەر بىر تۇغقىنى مىراس ئالالمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئىككىسى بىرلىشىپ ئاتا - ئانا بىر ئەر بىر تۇغقاننىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. ئاتا - ئانا بىر ئەر بىر تۇغقان بار تۇرۇپ دادا بىر ئەر تۇغقانغا مىراس بېرىلمەيدۇ.
15( مەرھۇمنىڭ ئوغلىنىڭ قىزى بىلەن مەرھۇمنىڭ ئاتا - ئانا بىر تۇغقىنى بولسا مەرھۇمنىڭ دادا بىر ئەر بىر تۇغقىنى مىراس ئالالمايدۇ.
16( مەرھۇمنىڭ ئاتا - ئانا بىر ئىككى ھەمشىرىسى بولسا مەرھۇمنىڭ دادا بىر ھەمشىرىسى مىراس ئالالمايدۇ. لېكىن ئۇنى مىراس زەنجىرىگە ئايلاندۇرىغان ئەر بىلەن تۇغقان بولسا مىراس ئالالايدۇ.
17( مەرھۇمنىڭ دادىسى بىلەن ئۇنىڭ چوڭ دادىسى، دادا تەرەپ چوڭ ئانىسى، تاغىسى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى مىراس ئالالمايدۇ.
18( چوڭ دادا ئۆزىدىنمۇ چوڭ دادىنىڭ ئانا بىر قېرىنداشلىرىنىڭ تاغىسىنىڭ شۇنداقلا قېرىنداشلىرىنىڭ بالىلىرىنىڭ مىراس ئېلىشىنى چەكلەيدۇ.
19( ئانا بار بولسا چوڭ ئانىغا مىراس تەگمەيدۇ.
يەتتىنچى: چوڭ دادىنىڭ ئەھۋالى:
1 - چوڭ دادا ئوغلىنىڭ بالىلىرى، تاغا، تاغىنىڭ ئوغۇللىرى، شۇنىڭدەك بىر تۇغقاننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ مىراسخور بولىشى توغرىلىق قۇرئاندا ئېنىق بايان كەلمىگەن بولسىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: >پەرزلەرنى - تەقسىماتنى ئۆز ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇڭلار … < دېگەن سۆزى ئۇلارنىڭ مىراسخور بولىشىنى ئىسپاتلاپ مۇستەھكەملەيدۇ. شۇنىڭدەك ئوغلىنىڭ ئوغلى ۋە قىزىنىڭ مىراسخور بولىشىنى ئاللاھنىڭ: >ئاللاھ سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار توغرىسىدا ۋەسىيەت قىلىدۇ< دېگەن سۆزىدىكى بالىلار دېگەن سۆز ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چوڭ دادا مىراسخور بولىشىنى ئاللاھنىڭ: >ئۇنىڭغا ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى مىراسخور بولدى< دېگەن سۆزى ھەم: >ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ھەر بىرىگە ئالتىنىڭ بىرى بېرىلىدۇ< دېگەن سۆزى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چوڭ دادا مەرھۇمنىڭ ئوغلى ياكى ئوغلىنىڭ ئوغلى بولسىمۇ مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئالغاچقا دادىغا ئوخشاش بولدى. شۇنىڭدەك چوڭ دادىسىدىن باشقا مىراسخور بولمىسا پۈتۈن مالنى شۇنىڭ ئېلىشى توغرا. ئەگەر باشقا مىراسخور بولسا تەقسىماتتىن تېگىشلىك بولغىنىنى ئالىدۇ. دادا بىلەن چوڭ دادا قېرىنداشلار مەسىلىسىدىن باشقا ھەممە يەردە ئوخشاش. قېرىنداشلار مەسىلىسىدە دادا بولسا قېرىنداشلار مىراسى ئالالمايدۇ. چوڭ دادا قېرىنداشلار بىلەن بىللە مىراس ئالىدۇ. چۈنكى چوڭ دادا بىلەن قېرىنداشلار مەرھۇمغا يېقىنلىقتا ئوخشاش.
چوڭ دادىنىڭ مىراسخور بولىشىدا بەش خىل ھالەت بار:
1 - ئۇنىڭدىن باشقا مىراسخور بولمىسا ئۇ چاغدا چوڭ دادا مىراس زەنجىرىلىككە ئاساسەن پۈتۈن مىراسنى ئالىدۇ.
2 - ئۇنىڭ بىلەن باشقا تەقسىمات ئىگىلىرى بولسا چوڭ دادىغا ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. مىراستىن ئېشىپ قالغىنى ھەم شۇنىڭغا تېگىدۇ، چۈنكى ئۇ مىراس زەنجىرىدىكى كىشى.
3 - ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن مەرھۇمنىڭ ئوغلى ۋە ئوغلىنىڭ ئوغلى بولسا ئۇنىڭغا ئالتىدىن بىر تەقسىماتتىن باشقىسى تەگمەيدۇ.
4 - ئۇنىڭ بىلەن مەرھۇمنىڭ قېرىنداشلىرى بولسا ئۇلار ئىككى ئەر ياكى شۇنىڭغا توغرا كېلىدىغان تۆت ئايالدىن ئاشمىسا مالنىڭ ياكى تەقسىماتنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكى ئۇنىڭغا - چوڭ دادىغا بېرىلىدۇ.
5 - ئۇنىڭ بىلەن مەرھۇمنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە تەقسىمات ئىگىلىرى بولسا بۇ چاغدا ئۇنىڭغا پۈتۈن مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرىدىن ياكى قالغان ئۈچتىن بىرىدىن ياكى قېرىنداشلارنىڭ تەقسىماتىدىن ئېشىپ قالغىنىنى ئالىدۇ.
سەككىزىنچى: توغرا تەقسىملەش
ئا - تەقسىملەش ئاساسىي يەتتە:
ئىككى، ئۈچ، تۆت، ئالتە، سەككىز، ئون ئىككى، يىگىرمە تۆت.
مەسىلەن: يېرىم ئىككىدىن، ئۈچتىن بىرى ئۈچتىن تۆتتىن، بىرى تۆتتىن، ئالتىدىن بىرى ئالتىدىن، سەككىزدىن بىرى سەككىزدىن بارلىققا كېلىدۇ. ئەگەر تەقسىماتتا تۆتتىن بىرى ۋە ئالتىدىن بىرى بىرلەشمە ئۇ ئون ئىككىدىن، سەككىزدىن بىرى ۋە ئالتىدىن بىرى ياكى ئۈچتىن بىرى بىرلەشمە ئۇ يىگىرمە تۆتتىن بارلىققا كېلىدۇ.
مىساللار:
1 - مەرھۇمنىڭ ئېرى ۋە بىر تۇغقىنى بولسا مىراس ئىككى ھەسسە قىلىنىپ يېرىمى ئەرگە، يېرىمى بىر تۇغقىنىغا بېرىلىدۇ.
2 - ئانا ۋە دادا بار بولسا مىراس ئۈچ ھەسسە قىلىنىپ ئانىغا بىرى، قالغىنى مىراس زەنجىرلىكىگە ئاساسەن دادىغا بېرىلىدۇ.
3 - مەرھۇمنىڭ ئايالى ۋە بىر تۇغقىنى بولسا مىراس تۆت ھەسسە قىلىنىپ تۆتتىن بىرى ئايالغا، قالغىنى مىراس زەنجىرى بولغاچقا بىر تۇغقانغا بېرىلىدۇ.
4 - ئانا، دادا ۋە ئوغلى بار بولسا مىراس ئالتە ھەسسە قىلىنىپ ئالتىدىن بىرى ئانىغا، يەنە ئالتىدىن بىرى دادىغا قالغىنى مىراس زەنجىرى بولغاچقا بالىسىغا تېگىدۇ.
5 - ئايالى ۋە ئوغلى قالغان بولسا مىراس سەككىز ھەسسە قىلىنىپ سەككىزدىن بىرى ئانىغا، قالغىنى مىراس زەنجىرى بولغان ئوغۇلغا بېرىلىدۇ.
6 - ئايالى، ئانىسى ۋە تاغىسى بولسا تۆتتە بىر ۋە ئۈچتە بىرلەر بىرلەشكەنلىكى ئۈچۈن مىراس ئون ئىككى ھەسسە قىلىنىپ ئۇنىڭ تۆتتىن بىرى يەنى ئۈچ ھەسسىسى ئايالغا، ئۈچتىن بىرى يەنى تۆت ھەسىسىسى ئانىسىغا، قالغىنى مىراس زەنجىرى بولغان تاغىغا بېرىلىدۇ.
7 - ئايالى، ئانىسى ۋە ئوغلى بولسا سەككىزدىن بىرى ۋە ئالتىدىن بىرى بىر يەردە بولغاچقا مىراس تۆت ھەسسە قىلىنىپ ئۇنىڭ سەككىزدىن يەنى ئۈچ ھەسسىسى ئايالغا، ئالتىدىن بىرى يەنى تۆت ھەسسىسى ئانىغا، قالغىنى مىرا زەنجىرى بولغان ئوغۇلغا بېرىلىدۇ.
ب - ئاشۇرۇش:
1 - تونۇشتۇرۇش: ئۇ ھەسسىنى كۆپەيتىپ، مىقدارىنى ئازايتىش.
2 - ئۇنىڭ ھۆكۈمى: بۇنى قوللىنىشقا ئىبنى ئابباستىن باشقا ساھابىلار بىرلىككە كەلگەن.
3 - ئاشۇرۇش كىرىدىغان سان: پەقەت ئۈچ بولۇپ ئۇلار ئالتە، ئون ئىككى ۋە يىگىرمە تۆت.
ئالتە شەخىس ئەرنىڭ سەۋەبىدىن ئونغىچە، ئون ئىككى شەخىسلەر سەۋەبىدىن ئون يەتتىگىچە، يىگىرمە تۆت شەخىسلەر سەۋەبىدىن يىگىرمە يەتتىگىچە بىر قېتىمدىلا ئاشۇرىلىدۇ.
مىساللار:
1 - ئالتىنىڭ يەتتىگە ئېشىش: مەرھۇمنىڭ ئېرى، ئاتا - ئانا بىر ھەمشىرىسى ۋە چوڭ ئانىسى بولسا ئالتىنىڭ يېرىمى - ئۈچى ئەرگە، يېرىمى ئۈچ قىز ھەمشىرىسىگە، ئالتىنىڭ بىرى چوڭ ئانىغا بولغاچقا، بۇ بىر كىشى سەۋەبلىك يەتتىگە ئاشىدۇ.
2 - ئالتىدىن سەككىزگە ئېشىش: ئەر، ئىككى ئاتا - ئانا، بىر ھەمشىرە ۋە ئانا بولسا مىراسنىڭ ئالتىدىن ئۈچ ئەرگە، يەنە ئۇنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى يەنى تۆتى ئىككى ھەمشىرىگە، ئالتىدىن بىرى ئانىغا بولۇپ، بۇ ئەر سەۋەبلىك سەككىزگە ئاشتى.
3 - ئون ئىككىنىڭ ئون ئۈچكە ئېشىشى: ئايال، ئانا ۋە مەرھۇمنىڭ دادا بىر ئىككى ھەمشىرىسى بولسا بۇ يەردە ئالتىدىن بىر ۋە تۆتتىن بىرى بىر يەردە كەلگەچكە مال ئون ئىككى ھەسسە قىلىنىدۇ. ئەرگە ئۇنىڭ تۆتتىن بىرى يەنە ئۈچ، ئانىغا ئالتىدىن بىرى يەنى ئىككىسى، ئىككى ھەمشىرىگە ئۈچتىن ئىككىسى يەنى سەككىزى تېگىپ، ئون ئىككى ئون ئۈچكە ئاشىدۇ.
4 - يىگىرمە تۆتنىڭ يىگىرمە يەتتىگىچە ئېشىشى: ئايال، چوڭ دادا، ئانا ۋە ئىككى قىزى بولسا بۇ يەردە سەككىزدىن بىرى ۋە ئالتىدىن بىرى بىر يەرگە كەلگەچكە مىراس يىگىرمە تۆت ھەسسە قىلىنىپ ئۇنىڭ سەككىزدىن بىرى يەنى ئۈچى ئايالغا، ئالتىدىن بىرى يەنى تۆتى چوڭ دادىغا، يەنە ئالتىدىن بىرى يەنى تۆتى ئانىغا، ئۈچتىن ئىككىسى يەنى ئون ئالتىسى ئىككى قىزغا بېرىلىدۇ. بۇ يىگىرمە يەتتىگە ئاشىدۇ.
ج: مىراسخورلۇق مەنبىئىي قانداق بولىدۇ؟
1 - مىراسخورلارنىڭ ئەھۋالى:
مىراسخورلار ياكى بىۋاستە مىراس زەنجىرى بولغان ئەرلەر ياكى ئەر ئايال بىرلىكتە مىراس زەنجىرى بولغان ئەر - ئاياللار ياكى تەقسىمات ئىگىلىرى بىلەن بىرلىشىپ مىراس زەنجىرى بولغانلار ياكى پەقەت تەقسىمات ئىگىلىرى بولىدۇ.
ئەگەر بىۋاستە مىراس زەنجىرىدىكىلەر بولسا بۇ يەردە مىراس ئادەم بېشىغا قاراپ ئۈلەشتۈرىلىدۇ. مەسىلەن: ئۈچ ئوغۇل، بولسا مال ئۈچ ھەسسە قىلىنىپ ھەر بىرىگە بىر ئۈلۈش بېرىلىدۇ. ئەگەر ئەر - ئايال بىرلىشىشتىكى مىراس زەنجىرىدىكىلەر بولسا ئۇلارغىمۇ شۇنداق. بىراق ئەرگە ئايالنىڭ ئىككى ھەسسىسى بېرىلىدۇ. مەسىلەن: بىر ئوغۇل ئىككى قىز بولسا مال تۆت ھەسسە قىلىنىپ ئىككى ھەسسىسى ئوغۇلغا بېرىلىپ، ھەر بىر قىزغا بىر ھەسسىدىن بېرىلىدۇ.
ئەگەر تەقسىمات ئىگىلىرى بىلەن بىرلەشكەن مىراس زەنجىرىدىكىلەر بولسا بۇ تەقسىمات بويىچە بولىدۇ. مەسىلەن، ئەر، ئوغۇل، قىز بولسا مىراس تۆت ھەسسە قىلىنىپ ئەرگە تۆتتىن بىرى، ئوغۇلغا تۆتتىن ئىككىسى: قىزغا تۆتتىن بىرى بېرىلىدۇ. ئوغۇلغا قىزنىڭ ئىككى ھەسسىسى بېرىلىدۇ.
د - تۆت مەسىلە:
ئەگەر مال بۆلۈشتە بىر ياكى بىر قانچە تەقسىمات ئىگىسى بولسا تۆت خىل ئەھۋالدا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ مىراسخورنىڭ تەقسىمات ئۆلچىمىگە قاراش كېرەك. بۇ تۆت خىل ئەھۋال ئوخشاشلىق، بىر - بىرىگە ئارلىشىش، ماسلىشىش، ماسلاشماسلىق. بۇنداق قىلىش مەسىلىنى توغرا ھەل قىلىش ئۈچۈندۇر. مەسىلەن، ئوخشاشلىق ئىككىنىڭ بىرى دېگەنگە ئوخشاش ئۇ ئوخشاش ھەسسىسىنى ھەر بىرىگە بۆلۈپ بېرىش بىلەنلا پۈتىدۇ.
مەسىلەن، ئەر ۋە ئاتا - ئانا، بىر ھەمشىرە بولسا ئەرگە يېرىمى، ھەمشىرىگە يېرىمى بېرىلىدۇ. بۇلارنىڭ مەسىلىسى ئوخشاش بولغاچقا، مەسىلە ئاسان ھەل بولىدۇ. بىر - بىرىگە ئارىلاشتۇرۇشتا، مەسىلەن: ئالتە ۋە ئۈچ بولسا چوڭ ساننى ئاساس قىلىمىز. كىچىك چوڭنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ ۋە چوڭ تەقسىماتنىڭ ئاساسى قىلىنىپ شۇ ئاساستا مال ھەسسىلەشتۈرۈلۈپ تەقسىملىنىدۇ. بۇنىڭدا ئالتىنىڭ بىرى ئانىغا، ئالتىنىڭ ئىككىسى يەنى ئۈچنىڭ بىرى ئىككى ئانا بىر قېرىنداشقا، قالغان ئۈچى مىراس زەنجىرى بولغان تاغىغا بېرىلىدۇ.
ماسلىشىشتا: مۇۋاپىق ئىككى ساننىڭ تۆۋىنىگە قارايمىز. ھەر ئىككىلىسى بۆلۈنسە تۆۋەن ساننىڭ يېرىمىنى يەنى بىرىنىڭ تولۇق سانىغا كۆپەيتىمىز. مەسىلەن، ئەر، ئانا، ئۈچ ئوغۇل ۋە بىر قىز بولسا ئەرگە تۆتتىن بىرى، ئانىسىغا ئالتىدىن بىرى بولغاچقا ئالتە بىلەن تۆت ئىككىلىسىنى بۆلۈشكە بولىدۇ. شۇڭا تۆتنىڭ يېرىمىنى كېيىنكى سان ئالتىگە كۆپەيتىمىز. ئون ئىككى ھاسىل بولىدۇ. بۇ مىراس ئۈلەشتۈرۈشتىكى ئاساسى سان قىلىنىدۇ.
قارىمۇ قارشى چىققانداق : - ئىككى سان بۆلۈشكە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان بولسا ئۈچ ۋە تۆتكە ئوخشاش، بۇ ۋاقىتتا بىرىنچى ساننى ئىككىنچى سانغا كۆپەيتىپ، ھاسىل بولغان ساننى مىراستىكى ئەسلى ھەسسە قىلىپ مال تەقسىملىنىدۇ. مەسىلەن: ئەر، ئانا، ئاتا - ئانا بىر ئەر قېرىنداش بولسا، ئەرگە يېرىمى يەنى ئىكىنىڭ بىرى، ئانىغا ئۈچتىن بىرى تېگىدۇ. بۇ ساننى تىسبەتلەندۈرۈشكە بولمايدۇ. شۇڭا تولۇق ھالدا ئىككىنى ئۈچكە كۆپەيتسەك ئالتە ھاسىل بولىدۇ. بۇنى ئاساسىي سان قىلىپ شۇ بويىچە تەقسىمات ئېلىپ بېرىلىدۇ.
]ئومۇمىي ئەسكەرتىش[
بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشنى زۆرۈر دەپ قارىدۇق.
1 - مىراسنىڭ ھېكمىتى: مۇسۇلمانلاردىكى قىممەت قارىشى ۋە كىشىلىك مەسئۇلىيەت كاپىرلاردىكى قىممەت قارىشى ۋە كىشىلىك مەسئۇلىيەتكە ئوخشىمىغاچقا مىراستىن ئىبارەت چوڭ ھەق تەلەپ مەسىلىسىدە ئوخشىماسلىق بار. ئىسلامدىكى مىراس قانۇنىدا مەسىلەن، ئەر - ئايال ئوتتۇرىسى پەرقلىق. بۇنىڭ ناھايىتى زور ھېكمىتى بار بولۇپ، ئىسلامنى، ئىسلامنىڭ ماھىيىتىنى، ئىسلام قانۇنىيىتىنىڭ كۆپۈك قانۇن بولماستىن، خاراكتېرغا قاراپ مەسئۇلىيەت، مەسئۇلىيەتكە قاراپ تەقسىمات ئېلىپ بارىدىغان قانۇن ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن ئادەم بۇنىڭ ھېكمىتىنى ھەقىقىي چۈشىنىدۇ. بەزى نەرسىلەرگە ئېرىشىش تېخىمۇ كۆپ بېرىشتىن ۋە يۈكتىن دېرەك بېرىدۇ. ئاللاھ ئادىل، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. كىشىلەرگە قىلچە زۇلۇم قىلمايدۇ.
2 - مىراسنى ئېشىنچە مالنى قانداق تەقسىملەش ئىشلىرى مەلۇم جەھەتتە پىرىنسىپلىق مەسىلە بولغاچقا بۇ يەردە تەپسىلىي كەلتۈرۈش بىئەپ، تەپسىلىي كىتابلاردىن كۆرۈش ئەڭ مۇۋاپىق، دەپ قارىدۇق.
3 - قوش جىنىسلىق، قورساقتىكى ھامىلە، يوقاپ كەتكەن، سۇدا ئېقىپ كەتكەن قاتارلىقلارنىڭ ئەھۋالى:
قوش جىنىسلىق جىنسىي ئايرىلغۇچى كۈتىلىدۇ. جىنسىي ئايرىلسا ئەر بولسا ئەرچە، ئايال بولسا ئايالچە مىراس بېرىلىدۇ. ئەگەر ئايرىلمىسا ياكى ساقلانمىسا ئەرنىڭ ھەسسىسىنىڭ يېرىمىنى ئايالنىڭ ھەسسىسىنىڭ يېرىمىنى، بېرىش مۇۋاپىق.
قورساقتىكى ھامىلىمۇ شۇنداق. لېكىن ئەگەر بوۋاق تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن مىراس ئۈلۈشكەندە مىراس ئېلىشقا بوۋاق تەسىر كۆرسىتىدىغان كىشىلەرنىڭ مىراس قالدۇرۇلۇپ، ياكى تەسىر قىلىش دائىرىسىدە قالدۇرۇپ، بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن تەقسىملىنىدۇ.
يوقاپ كەتكۈچى، سۇغا غەرىق بولغۇچى، تام بېسىۋالغۇچى، ئوت كۆيۈپ كەتكۈچى، ياخشى بىلىم ئەھلىلىرى مۇشۇ مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن ۋاقىتتا ۋە باشقا مىراس ئىشلىرىدا تەپسىلاتقا مۇھتاج بولغاندا مەخسۇس مىراس كىتابلىرىغا مۇراجىئەت قىلىشى ئەڭ ياخشى. ھەممىگە ئايانكى مىراس ئىشى ئاددىي ئىش ئەمەس.
|
|