بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئىسلام دىنى >> ئىسلام دىنىدىن ساۋاتلار >> مال بوغۇزلارش، ئوۋ ئوۋلاش .....

مال بوغۇزلارش، ئوۋ ئوۋلاش .....

يوللانغان ۋاقتى : 2008-11-06 12:32:18    كۆرۈلۈش سانى : 937  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
بىرىنىچ، مال بوغۇزلاش     1. ئۇنى تونۇشتۇرۇش: يېيىش دۇرۇس بولىدىغان ھايۋاندىن بوغۇزلىنىدىغاننى بوغۇزلاش، ئۆلتۈرىلىدىغاننى ئۆلتۈرۈش. 2. ئۆلتۈرۈلىدىغان ۋە بوغۇزلىنىدىغان ھايۋانلارنى بايان قىلىش، قوي ۋە ئۆچكىلەر توپىدىكى قوي، شۇنىڭغا ئوخشاش توخۇرلاردىن باشقا ئۇچار قۇشلار، قالغانلىرى بوغۇزلىنىدۇ. ئۆلتۈرۈلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >بىز ئۇنىڭ ئورنىغا چوڭ بىر قۇربانلىقنى بەردۇق.< (ساففات: 107)   كالا بوغۇزلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى بىر كالا بوغۇزلاشقا بۇيرۇيدۇ< (بەقەرە: 67) ئۇنى ئۆلتۈرۈشمۇ توغرا. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كالىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئىسپاتلانغان. چۈنكى كالىنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغان ئىككى يېرى بار. بىرى بوغۇزلىنىدىغان يېرى ۋە ئۆلتۈرۈلىدىغان يېرى. ئەمما تۆگە ئۆلتۈرۈلىدۇ، بوغۇزلانمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۆگىنى ئۆرە تۇرغۇزۇپ ئالدى سول پۇتىنى باغلاپ قويۇپ ئۆلتۈرگەن.<  (بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ كىتابىدا رىۋايەت قىلغان. )   3. ئۆلتۈرۈش ۋە بوغۇزلاشنى تونۇشتۇرۇش: بوغۇزلاش - بوغۇز ۋە كېكىردەك ۋە ئىككى چوڭ قان تومۇرنى ئۈزۈۋېتىش، ئۆلتۈرۈش - تۆگىنىڭ كۆكرىكىگە تىقىش. كۆكرەك دېگىنىمىز بويۇندىن بىر نەرسە ئېسىپ قويىدىغان يەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردىن پىچاق يۈرەككە يېتىپ بارىدۇ - دە، ھايۋان تېز ئۆلىدۇ.    4. بوغۇزلاش ۋە ئۆلتۈرۈش ھالىتى: بوغۇزلاش، ئىتتىك پىچاق تەييارلىنىپ بولغاندىن كېيىن قوي سول يېنى بىلەن قىبلىگە قارىتىلىپ ياتقۇزىلىدۇ. ئاندىن كېيىن بوغۇزلىغۇچى: ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. ئاللاھ بۈيۈكتۇر، دەيدۇ ۋە ناھايىتى تېزلىكتە ئۆلتۈرۈ پ بىر قېتىمدىلا بوغۇز، كىكىردەك ۋە ئىككى قان تومۇر كېسىلىدۇ. ئەما ئۆلتۈرۈش: تۆگە ئۆرە ھالەتتە ئالدى سول پۇتىدىن باغلىنىدۇ، ئاندىن: ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ئاللاھ بۈيۈكتۇر، دېگەن ھالەتتە پىچاقنى تۆگىنىڭ كۆكرىكىگە تىقىدۇ. ھەتتاكى جېنى تۈگىگەنگە قەدەر تىقىلغا پېتى تۇرىدۇ. ئىبنى ئۆمەر ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن، تۆگىسىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن چۆكتۈرگەن ئادەمنىڭ يېنىدىن ئۆتۈۋېتىپ: >ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىپ ئۆرە تۇرغۇزۇپ يولغا سال )يەنى ئۆلتۈر(< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس ) دېگەن. 5 . بوغۇزلاشنىڭ دۇرۇس بولۇش شەرتلىرى: بوغۇزلاشنىڭ توغرا بولۇشىنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە: 1 - ئۆلتۈرىدىغان نەرسە قان ئېقىتالايدىغان ئىتتىك بولىشى كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >قېنى ئېقىتىلغان ئاللاھنىڭ ئىسمى ئاتالغان نەرسە ئۇ سۆڭەك ياكى تىرناق ئەمەس< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس )    2 - ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاش: ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. ئاللاھ بۈيۈكتۇر ياكى پەقەت ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، دېيىش بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ مۇنداق دېگەن: >)ئى مۆئمىنلەر( ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلماي بوغۇزلانغان )يەنى بىسمىللاھ دەپ زەبھى قىلىنمىغان( ھايۋانلارنى يېمەڭلار<(ئەنئام: 121 ) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >قېنى ئېقىتىلغان، ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان مالنىڭ گۆشىنى يەڭلار< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس.)   3 - بىر قېتىمدىلا كېكىردەك ۋە قان تومۇرنى كېسىش بىلەن بىرگە جەۋزەت ئاستىدىكى بوغۇزنىمۇ كېسىۋېتىش. 4 - ئۆلتۈرگۈچى مۇسۇلمان، ئەقىللىق، بالاغەتكە يەتكەن ياكى ئاق - قارىنى پەرق ئېتىدىغان كىچىك بالىدىن ئىبارەت ئۆلتۈرۈش شەرتىگە لايىق بولۇشى لازىم. ئۆلتۈرگۈچى ئايال كىشى ياكى ئەھلى كىتاب بولسىمۇ ھېچقىسى يوق. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >كىتاب بېرىلگەنلەرنىڭ تامىقى سىلەرگە ھالالدۇر< (مائىدە: 5)ئۇلارنىڭ تامىقى ئۆلتۈرگەن ماللىرى دەپ تەپسىر قىلىنىدۇ. 5 - قۇدۇققا چۈشۈپ كەتكەنلىكى ياكى قېچىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ھايۋاننى بوغۇزلاش ياكى ئۆلتۈرۈش تەس كەلسە ھايۋاننىڭ بىرەر يېرىنى قان ئېقىتىدىغان نەرسە بىلەن جاراھەتلەندۈرۈپ ئۆلتۈرۈشمۇ توغرا. بىر تۆگە قېچىپ كەتسە كىشىلەردە ئات يوق ئىدى. بىر ئادەم تۆگىنى ئوق ئېتىپ تۇتىۋالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: >بۇ ھايۋانلار يىرتقۇچ ھايۋانلارغا ئوخشاش ۋەھشىي ئىكەن. ھايۋانلار نېمە ئىش قىلسا سىلەرمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىڭلار< (ئەھمەد ئەبۇ داۋۇد ) ئالىملار ئۇنى بوغۇزدىن ياكى كۆكرەكتىن بوغۇزلاش تەس كەلگەن ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى، دەپ قارىدى. ]دىققەت[   1 - تۆرەلمىنىڭ بوغۇزلىنىشى ئانىسىنىڭ بوغۇزلىشىدۇر. ئەگەر تۆرەلمە تولۇق يېتىلىپ تۈك ئۈنۈپ بولغان بولسا ئۇنى يېيىش ياخشى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ توغرۇلۇق سورالغاندا مۇنداق دېگەن: >ئەگەر خالىساڭلار يەڭلار، ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى ئانىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىدۇر< (سەھمە ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان. ) )يەنى ئانىسىنى ھالاك قىلىپ ئۆلتۈرۈش، بالىسىنىمۇ شۇنداق ئۆلتۈرگەنلىكتۇر(   2 - ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىنى ئۇنتۇپ قالسا جازالىمايدىغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاشنى ئۇنتۇپ قېلىپ بوغۇزلانغان نەرسىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ. ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: >مېنىڭ ئۈممىتىمدىن خاتالىشىپ، ئۇنتۇلۇپ قېلىش ۋە مەجبۇرلىنىپ قېلىش كۆتۈرۈلۈپ كەتتى.< (تىبرانى رىۋايەت قىلغان. )پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >مۇسۇلماننىڭ بوغۇزلىغان نەرسىسى ئۇ ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتىسۇن ئاتىمىسۇن ھالال. ئەگەر ئۇ ئەسلىسە پەقەت ئاللاھنىڭ ئىسمىنىلا ئەسلەيدۇ<. 3 - بوغۇزلاشتا چېكىدىن ئاشۇرۇپ ھەتتاكى بوغۇزلاتقان مالنىڭ بېشىنى ئۈزۈپ تاشلىۋېتىپ ئۇنى يامان كۆرمەستىن يېيىش ياخشى ئەمەس. 4 - ئەگەر ئۆلتۈرگۈچى قارشىلىق قىلىپ بوغۇزلىنىدىغىنىنى ئۆلتۈرسە ياكى ئۆلتۈرىدىغىنىنى بوغۇزلىسا يامان كۆرۈلۈپ يېيىلىدۇ. 5 - كېسەل، بوغۇلۇپ ئۆلۈپ قالغان، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئېگىزدىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈپ قالغان، ئۈسۈشۈپ ئۆلۈپ قالغان ۋە يىرتقۇچ ھايۋان يېگەن ماللاردا كېسەل سەۋەبىدىن بولماستىن بوغۇزلانغان مالغا ئوخشاش جان تالىشىۋاتقانچىلىك دەرىجىدە جېنى بولسا ۋە ئۇنى ئۆلتۈرۈۋالسا ئۇنى يېيىش توغرا. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >لېكىن سىلەر بوغۇزلىۋالغان نەرسىلەر ھالال بولىدۇ.< يەنى سىلەر جېنى بار ھالەتتە تېپىپ ئۆلتۈرۈش ۋاستىسى بىلەن جېنىنى چىقارغىنىڭلار ھالال. 6 - ئەگەر مال بوغۇزلىغۇچى بوغۇزلاش ئاخىرلاشماي تۇرۇپ قولنى كۆتۈرۈپ يەنە ئۇزۇن ۋاقىتتىن كېيىن قايتا پىچاق ئۇرسا ئالىملار ئۇنىڭ ئۆلتۈرگەن مېلىنى يېگىلى بولمايدۇ. لېكىن بىرىنچى قېتىمدىلا ئۆلتۈرگەن بولسا بولىدۇ. دەيدۇ. ئىككىنچى: ئوۋ ئوۋلاش   1 - ئۇنى تونۇشتۇرۇش: ئوۋ دېگىنىمىز قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ۋەھشىي ھايۋان ياكى دېڭىزدا ياشايدىغان سۇ ھايۋانلىرىدىن تۇتۇۋېلىنىغىنىنى كۆرسىتىدۇ. 2 - ئۇنىڭ ھۆكمى: پەرز ھەج ياكى ئۆمرە ھەج قىلغۇچىدىن باشقىلارغا رۇخسەت قىلىنغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئېھرامدىن چىققان چېغىڭلاردا شىكار قىلساڭلار بولىدۇ< (مائىد: 2) لېكىن ئۇ پەقەت ئويناش، كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن بولسا خاتا بولىدۇ )مەكروھ(. 3 - ئوۋنىڭ تۈرلىرى: ئوۋ ئىككى خىل بولىدۇ. دېڭىز ھايۋانلىرى يەنى بېلىق ۋە ئۇنىڭدىن باشقا دېڭىزدا ياشايدىغان سۇ ھايۋانلىرى. ئۇنىڭ ھۆكمى: ئۇ ئېھرام باغلىغۇچى ياكى ئېھرامدىن چىققان كىشىگە ھالال. ئۇنىڭدىن سۇ ئادىمى ۋە سۇ چوشقىسىدىن باشقىلار مەكروھ ئەمەس )يامان كۆرۈلمەيدۇ( سۇ ئادىمىنىڭ ئادەمگە ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاشتا ھەمكارلىقى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى يېيىش ھارام، چوشقىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرى: بۇ نەچچە تۈرلۈك بولۇپ ئۇنىڭ ئىچىدىن شەىرئەت يول قويغانلىرى ۋە چەكلىگەنلىرىمۇ بار. 4 - ئوۋلانغان نەرسىنى ئۆلتۈرۈش: دېڭىز ھايۋانلىرىنى ئۆلتۈرۈش ئۆزىنىڭ ئۆلىشى بىلەن بولىدۇ. ئۇنى پەقەت تىرىك بولسىلا يېگىلى بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >بىزگە ئىككى ئۆلۈك نەرسە ھالال قىلىندى: بېلىق ۋە چېكەتكە< (بەيھەقى، ھاكىم رىۋايەت قىلغان. )ئەمما قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرى: ئەگەر ئۇ تىرىك پېتى تېپىلسا ئۆلتۈرۈش ۋاجىپ، ئۇنى ئۆلتۈرمەي تۇرۇپ يېيىش توغرا ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >سەن ئۆگۈتۈلمىگەن ئىت بىلەن ئوۋ ئوۋلىغان بولساڭ ئوۋلاتقان ئولجىنى تىرىك پېتى تاپساڭ يېگىن< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس )ئەگەر ئۇنى ئۆلۈك ھالەتتە تاپسا ئەگەر ئولجىدا تۆۋەندىكىدەك شەرتلەر تولۇق تېپىلسا يېيىش توغرا.    1 - ئوۋچى ئەقىللىق، ئاق قارىنى پەرىق ئېتىدىغان مۇسۇلمانغا ئوخشاش مال ئۆلتۈرۈش توغرا بولىدىغان ئادەم بولۇش. 2 - ئوق ئاتقان ياكى ئوۋلىغۇچى ھايۋاننى قويۇۋەتكەندە ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتىشى كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئۇقۇڭ بىلەن ئوۋلىغان نەرسەڭگە ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتىغا بولساڭ يېگىن. ئۈگۈتۈلمىگەن ئىتىڭ بىلەن ئوۋلىغان ئولجاڭنى تىرىك ھالەتتە تاپساڭ يېگىن.<(بۇخارى، مۇسلىم كىتابلىرىدا رىۋايەت قىلغان. )   3 - ئوۋلايدىغان سايمان - ئەگەر ھايۋان بولمىسا - تېرىنى تېشىپ ئۆتىدىغان ئىتتىك بولىشى كېرەك. ئەگەر ھاسا ياكى تاشقا ئوخشاش ئىتتىك ئەمەس نەرسە بولسا ئوۋلاتقان نەرسىنى ئۆلگەن بولسا يېيىش توغرا ئەمەس. چۈنكى ئۇ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن نەرسىگە ئوخشاش بولىدۇ. لېكىن بۇنىڭدا جان بارلىقىنى بىلىپ ئۇنى ئۆلتۈرىۋالسا توغرا بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام م را  توغرۇلۇق سورالغاندا مۇنداق دېگەن: >ئەگەر  ر  بىلەن يارلانسا ئۇنى يېمە. ئۇ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن نەرسىدۇر< (سەھىھى ھەدىس ) ئەگەر ئىت ياكى قارچۇغا ياكى لاچىن تەرىپىدىن يارىلانغان بولسا ئۇلار ئۆگىتىلگەن بولىشى ۋاجىپ. ئاللاھ تائالا  مۇنداق دېگەن: >سىلەرگە )ئىت، قارچىغا قۇشقا ئوخشاش( شىكارغا ئۆگىتىلگەن نەرسىلەر ئاللاھنىڭ ئۆزەڭلارغا ئۆگەەتكىنى بويىچە ئۆگەتكەن ئوۋچى جانۋارلارنىڭ شىكار قىلغان نەرسىلىرى ھالال قىلىندى. ئۇلارنىڭ سىلەر ئۈچۈن ئوۋلىغان نەرسىلىرىدىن يەڭلار )ئوۋچى جانۋارلارنى شىكارغا قويۇپ بەرگەن چېغىڭلاردا( ئاللاھنىڭ نامىنى ياد ئېتىڭلار )يەنى بىسمىللاھ دەڭلار( (مائىد: 4)< پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئۆگىتىلگەن ئىتىڭ بىلەن نەرسەڭگە ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتىغىن، ئاندىن يېگىن< (سەھىھ ھەدىستە)   ]دىققەت[: ئۆگىتىلگەن ئوۋچىلارنىڭ بولۇپمۇ ئىتنىڭ بەلگىسى چاقىرىلسا كېلىدۇ، كۆرسىتىلسە ئېتىلىدۇ. چەكلەنسە توختايدۇ. ئەگەر ئىتلاردىن باشقىلاردا مۇمكىن بولمىسا توختىمىغانلىق كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. 4 - ئوۋ ئوۋلاشتا ئوۋچى ئىت بىلەن باشقا ئىت ھەمكارلاشماسلىقى لازىم. چۈنكى ئوۋنى قايسىنىڭ تۇتقانلىقىنى ئاللاھنىڭ ئىسمى ئاتالغىنىمۇ ياكى باشقىسىمۇ؟ بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئەگەر ئىتىڭ بىلەن بىللە باشقا بىر ئىتنى تاپساڭ ئولجا ئۆلگەن بولسا ئۇنى يېمە، سەن قايسىسىنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلمەيسەن< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس )   5. ئىت ئولجىدىن يېمىگەن بولىشى كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >لېكىن ئىت يېگەن بولسا يېمىگىن، مەن ئۇنى ئۆزىگە تۇتقان بولىشىدىن ئەنسىرەيمەن< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس ) ئاللاھ مۇنداق دېگەن: >ئۇلارنىڭ سىلەر ئۈچۈن ئوۋلىغان نەرسىلىرىدىن يەڭلار.<   ]دىققەت قىلىدىغان ئىشلار[: 1 - ئولجا ئوۋچىدىن غايىب بولۇپ كېتىپ ئاندىن ئوۋچى ئۇنى ئۆز ئوقىنىڭ ئىزى بار باشقا ئوقنىڭ ئىزى يوق ھالدا تاپسا، ئۇنىڭغا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتمىگەن بولسا يېسە توغرا بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئولجىسىنى ئۈچ كۈندىن كېيىن تاپقان ئادەمگە: >بۇزۇلۇپ قالمىغان بولسا يېگىن< (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. )دېگەن. 2 - ھايۋان ئوۋلىنىپ سۇغا چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈپ قالسا ئۇنى يېيىش ھالال بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئوقنىڭ سەۋەبى بىلەن ئەمەس سۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۆلگەن بولىدۇ. 3 - ئوۋچى ھايۋان تەرىپىدىن ئولجىنىڭ بىر قىسمى ئاجىرىلىپ كەتكەن بولسا بۇ پارچىنى يېيىش ھالال بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: >تىرىكتىن كېسىلگەن نەرسە ئۆلۈككە ھېساب.< (ئەھمەد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. ) دېگەن سۆزنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ. ئۈچىنچى، يېمەكلىك ۋە ئىچمەكلىك   ئا - يېمەكلىك   1 - ئۇنى تونۇشتۇرۇش: يېمەكلىك دېگىنىمىز: يېيىلىدىغان ئاشلىق، خورما ۋە گۆشتىن ئىبارەت ھەممە نەرسىنى كۆرسىتىدۇ.    2 - ئۇنىڭ ھۆكمى: ئەسلىدە ھەممە يېمەكلىك ھالال. ئاللاھ ئومۇمەن مۇنداق دېگەن؛ >ئاللاھ يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىنى سىلەر ئۈچۈن ياراتتى.< (بەقەرە: 29) بۇ يېمەكلىكلەر ئىچىدىن قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ پاكىتى ياكى توغرا قىياس چىقىرىۋەتكەنلىرى ھارام بولىدۇ. قانۇن بەلگىلىگۈچى )ئاللاھ( بىر قانچە خىل يېمەكلىكنى ھارام قىلغان. چۈنكى ئۇ بەدەنگە زىيان قىلىپ ئەقىلنى بۇزىدۇ. شۇنىڭدك ئاللاھ تائالا مۇسۇلمان ئۈممىتىدىن باشقا ئۈممەتكە ئىمتىھان )سىناش( ئۈچۈن ھارام قىلغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >يەھۇدىلارنىڭ قىلغان ناھەقچىلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارغا ھالال قىلىنغان پاكىز نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق.< (نىسا: 160)   ئۈچىنچى، يېمەكلىك ۋە ئىچمەكلىك   ئا - يېمەكلىك   1 - ئۇنى تونۇشتۇرۇش: يېمەكلىك دېگىنىمىز: يېيىلىدىغان ئاشلىق، خورما ۋە گۆشتىن ئىبارەت ھەممە نەرسىنى كۆرسىتىدۇ. 2 - ئۇنىڭ ھۆمى: ئەسلىدە ھەممە يېمەكلىك ھالال. ئاللاھ ئومۇمەن مۇنداق دېگەن: >ئاللاھ يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىنى سىلەر ئۈچۈن ياراتتى.< (بەقەرە: 29) بۇ يېمەكلىكلەر ئىچىدىن قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ پاكىتى ياكى توغرا قىياس چىقىرىۋەتكەنلىرى ھارام بولىدۇ. قانۇن بەلگىلىگۈچى )ئاللاھ( بىر قانچە خىل يېمەكلىكنى ھارام قىلغان. چۈنكى ئۇ بەدەنگە زىيان قىلىپ ئەقىلنى بۇزىدۇ. شۇنىڭدەك ئاللاھ تائالا مۇسۇلمان ئۈممىتىدىن باشقا ئۈممەتكە ئىمتىھان )سىناش( ئۈچۈن ھارام قىلغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >يەھۇدىلارنىڭ قىلغان ناھەقچىلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارغا ھالال قىلىنغان پاكىز نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق.< (نىسا: 160)   3 - چەكلەنگەن يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرلىرى: ئا - قۇرئاننىڭ دەلىلى بىلەن چەكلەنگەنلىرى:   1 - يېيىشكە رۇخسەت قىلىنىدىغان ئىگىدارچىلىق يولى بىلەن ئىگە بولمايدىغان باشقىلارنىڭ يېمەكلىكى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئى مۆئمىنلەر! بىر - بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى )ئوغرىلىق خىيانەت قىلىش، بۇلاش، جازانىخورلۇق، قىمار ئويناش قاتارلىق( ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار< پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئىگىسىنىڭ ئىزنىسىز ھېچكىم ھېچكىمنىڭ چارۋىسىنى ساغمىسۇن.< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس)   2 - ئۆلۈك نەرسە. ئۇ ھايۋانلار ئىچىدىن ئۆزى ئۆلۈپ قالغان، بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئېگىز يەردىن يىقىلىپ ئۆلگەن، ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ياۋايى ھايۋانلار يېرىپ ئۆلتۈرىۋەتكەن نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ. 3 - ئېتىلىپ چىققان قان يەنى بوغۇزلىغان چاغدا ئېقىپ چىققان قان، شۇنىڭدەك بوغۇزلىغان چاغدا ئېتىلىپ چىققان بولسۇن ياكى ئېتىلماي چىققىنى، مەيلى ئاز ياكى مەيلى جېق بولسۇن. 4 - چوشقا گۆشى، شۇنىڭدەك چوشقىنىڭ قان، ماي ۋە باشقا ئەزالىرى. 5 - ئاللاھنىڭ باشقىسىغا ئاتاپ ئۆلتۈرۈلگەن مال، يەنى ئاللاھنىڭ غەيرىنىڭ ئىسمى ئاتاپ بوغۇزلانغان مال. 6 - بۇتلارغا ئاتاپ بوغۇزلانغان مال. بۇ ئاللاھدىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلىش ۋە ئاللاھقا ۋە سىلەر ئىزدەش ئۈچۈن بەلگە ۋە نىشان قىلىپ تىكلەنگەن قەبرىلەر ۋە گۈمبەزلەرگە بوغۇزلانغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئالتە ئىشنىڭ پاكىتى ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزى >سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، قان، چوشقا گۆشى، ئاللاھنىڭ غەيرىنىڭ )يەنى بۇتلارنىڭ( نامىنى تىلغا ئېلىپ بوغۇزلانغان ھايۋان، بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، )ئېگىزدىن( يىقىلىپ ئۆلگەن ھايۋان، )ھايۋانلار تەرىپىدىن( ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان ھايۋان يىرتقۇچ ھايۋانلار يېرىپ ئۆلتۈرۈپ يېگەن ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېيىش ھارام قىلىندى. لېكىن )يۇقىرىقى بەش تۈرلۈك ھايۋاندىن جېنى چىقمىغان چاغدا( بوغۇزلىغانلىرىڭلار ھالال بولىدۇ. ھەمدە بۇتلارغا ئېلىپ بېرىلىپ ئۇنىڭ يېنىدا بوغۇزلانغان ھايۋانلار ھارام قىلىندى< (مائىد: 3)  مانا بۇلار غالىب كىتاب قۇرئاننىڭ دەلىلى بىلەن ھارام قىلىنغانلاردۇر. ب - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چەكلىشى بىلەن چەكلەنگەنلەر تۆۋەندىكىچە: 1 - ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان ئېشەك، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: >پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى خەيبەر كۈنىسى ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان ئېشەكنىڭ گۆشلىرىنى يېيىشتىن توستى. ئاتلارنىڭ گۆشىنى يېيىشكە رۇخسەت قىلدى.< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس )   2 - خېچىر ئائىلە ئېشەكلىرىگە قىياس قىلىنىپ ھارام قىلىنغان. بۇ چەكلەنگەن ھۆكۈم قاتارىغا كىرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئاللاھ ئاتنى، خېچىرنى ۋە ئېشەكنى مىنىشىڭلار ئۈچۈن ياراتتى.< (نەھل: 8) بۇ خىتابنىڭ دەلىلى بولۇپ ھەممىسىنىڭ گۆشىنى يېيىشنى چەكلەشنى ھۆكۈم قىلىدۇ. ئەگەر ئات قانداقمۇ رۇخسەت قىلىنىدۇ. خېچىر بىلەن ئات توغرىسىدىكى پاكىت بىرغۇ؟ دېيىلسە، جاۋاب ئات پاكىت بىلەن چىقىرىۋېتىلگەن يەنى ئىلگىرى ئۆتكەن جابىرنىڭ ھەدىسىدە كەلگەندەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاتنىڭ گۆشىنى يېيىشكە رۇخسەت قىلغان. 3 -، 4 - يولۋاس، يىلپىز، بۆرە قاتارلىقلارغا ئوخشاش مەگەن چىشى بار يىرتىپ يەيدىغان ھايۋانلار، لاچىن، قارچۇغا، بۈركۈت قاتالرىقلارغا ئوخشاش ئۆتكۈر تىرنىقى بار يىرتقۇچ قۇشلار ھارام. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: >پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  ھەرقانداق مەگەن چىشى بار يىرتقۇچ ھايۋانلار ۋە ئۆتكۈر تىرنىقى بار ئۇچار قۇشلارنىڭ گۆشىنى يېيىشتىن توستى.< (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.)   5 - الجلال . يەنى نىجاسەت يەيدىغان ۋە ھايۋانلاردىن ئاساسلىق تۇرمۇشى نىجاسەت بىلەن بولىدىغان ھايۋانلار. مەسىلەن، توخۇما ئوخشاش. ئەبۇ داۋۇد ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام الجلال  نىڭ گۆشىنى يېيىش، سۈتىنى ئىچىشتىن توستى. نىجاسەتتىن بىر نەچچە كۈن يىراقلاشتۇرۇلۇپ گۆشى ۋە سۈتى پاكلانمىغۇچە گۆشىنى يېيىشكە، سۈتىنى ئىچىشكە بولمايدۇ. ج - زىياننى توسۇش پاكىتى بىلەن چەكلەنگەنلەر تۆۋەندىكىچە: 1 - بالىق زەھەرلەر، چۈنكى بۇنىڭ بەدەنگە زىيان قىلىشى ئېنىق. 2 - توپا، لاي، تاش، كۆمۈر، بۇمۇ زىيانلىق، پايدىسى يوق. 3 - كۆڭۈل كۆتۈرمەيدىغان ۋە سەسكىنىدىغان كىچىك ھاشارەتلەر، چۈنكى بۇ ھاشارەتلەر كېسەلگە سەۋەب بولۇپ تەنگە زىيانلىق. د - نىجىس نەرسىلەردىن ئۆزىنى تارتىش پاكىتى بىلەن چەكلەنگەن ئىشلار تۆۋەندىكىچە: 1 - نىجاسەت ئارىلىشىپ قالغان ھەر قانداق تاماق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مايغا چۈشۈپ قالغان چاشقان توغرىسىدا: >تۇڭ ماي بولسا چاشقاننى ۋە ئەتراپىنى ئېلىۋېلىڭلار، قالغىنىنى يەڭلار، ئەگەر ئېرىتىلگەن ماي بولسا ئۇنىڭغا يېقىنلاشماڭلار<(ئەبۇد داۋۇد رىۋايەت قىلغان. ) دېگەن. 2 - تەرەت ۋە تېزەككە ئوخشاش تەبىئىي نىجىس نەرسىلەر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئاللاھ ئۇلارغا نىجىس نەرسىلەردىن ھارام قىلىدۇ< (ئەئىراف: 157)   4 - قىيىنچىلىقتا قالغاندا چەكلەنگەن نەرسىلەر دۇرۇس بولىدىغانلىرى: قورسىقى بەك ئېچىپ كەتكەن جاپادا قالغانلار ئۆزىنىڭ ھالاك بولۇپ كېتىشىدىن قورقسا زەھەردىن باشقا ھەر قانداق  چەكلەنگەن نەرسىلەردىن مەيلى باشقىلارنىڭ يېمەكلىكى بولسۇن ياكى ئۆلۈك نەرسە ياكى چوشقا گۆشى ياكى بۇنىڭدىن باشقا نەرسە بولسۇن ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك، ئۆلچەمدىن ئاشۇرىۋەتمەسلىك شەرتى بىلەن يېسە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >كىمكى ئاچلىقتا ئىلاجىسىزلىقتىن، گۇناھنى مەقسەت قىلماستىن )ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى يېسە گۇناھ بولمايدۇ(< (مائىد: 3)   ب - ئىچىملىك: 1 - ئۇنى تونۇشتۇرۇش: ئىچىملىك سۇيۇق نەرسىلەردىن ئىچكىلى بولىدىغانلىكى نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ. 2 - ئۇنىڭ ھۆكمى: ئىچىملىكلەر ئەسلىدە يېمەكلىكلەرگە ئوخشاش رۇخسەت قىلىنغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئاللاھ يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىنى سىلەر ئۈچۈن ياراتتى.< (بەقەرە: 29) لېكىن دەلىل، پاكىت، ئىسپات چەكلىگەنلىرى ئۇنداق ئەمەس. مەسىلەن: 1 - ھاراق. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار )يەنى چوقۇنۇش، ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار( غا چوقۇنۇش پال ئوقلىرى بىلنە پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر. بەخىتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار< (مائىد: 90) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئاللاھ ھاراققا، ئىچكۈچىگە، سۇغار غۇچىغا، ساتقۇچىغا، سېتىۋالغۇچىغا، سىققۇچىغا، سىقتۇرغۇچىغا، كۆتەرگۈچىگە، كۆتەرگۈزگۈچىگە ۋە ھاراق پۇلىسىنى يىگۈچىگە لەنەت قىلدى.< (ئەبۇ داۋۇد، ھاكىم رىۋايەت قىلغان. )   2 - ھەرخىل سۇيۇقلۇقلاردىن بارلىق مەست قىلغۇچى ۋە ئەقىلدىن ئاداشتۇرغۇچى ھارام، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ھەر قانداق مەست قىلغۇچى ھاراق، ھەر قانداق ھاراق ھارام< (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.) مەيلى مەست قىلسۇن مەيلى قىلمىسۇن. 3 - ئىككىنى ئارىلاشتۇرۇپ سىققۇچى يەنى پىششىق مېۋە بىلەن توڭ مېۋىنى ياكى قۇرۇق ئۈزۈم بىلەن توڭ ئۈزۈمنى بىر قاچىدا سىقىپ، ئۇ تاتلىق ئىچىملىك بولغۇچە ئۈستىگە سۇ چاچقان ئادەم، مەيلى مەست قىلسۇن مەيلى مەست قىلمىسۇن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن توسۇپ مۇنداق دېگەن: >پىششىق مېۋە بىلەن توڭ مېۋىنى ۋە قۇرۇق ئۈزۈم ھەممىنى بىرگە قويماڭلار، ھەر بىرىنى يالغۇز، يالغۇز قويۇڭلار< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس. )بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت ئارىلاشمىلار مەست قىلىشنى تېزلەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى چەكلەپ، توسقان. 4 - گۆشىنى يېيىش ھارام بولغان ماللارنىڭ سۈيدۈكى، چۈنكى بۇ نەرسىلەر نىجىس، نىجىس نەرسىلەر ھارام. 5 - ئادەم سۈتىدىن باشقا - ئادەم سۈتى ھالال - گۆشىنى يېيىشكە بولمايدىغان ھايۋانلارنىڭ سۈتلىرى. 6 - ئىسپرىت ۋە گازغا ئوخشاش بەدەنگە زىيىنى بولغان نەرسىلەر. 7 - كۆك تاماكا، كەندىر ۋە ئەپيۈەنغا ئوخشاش ئىس - تۈتەكلەر. چۈنكى بەزىسى بەدەنگە زىيانلىق، بەزىسى مەست قىلىدۇ، بەزىسى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. بەزىسى يېنىدا بىللە تۇرغان ئىنسان ياكى پەرىشتىگە ئەزىيەت بېرىدىغان سېسىق، مۇشۇنداق بولغانلارنىڭ ھەممىسى شەرىئەتتە چەكلەنگەن. 7 - بۇلاردىن قىينىلىپ قالغاندا توغرا بولىدىغانلىرى: غەم قايغۇدا قالغان ئادەمنىڭ ھاياتىنى ساقلاش ئۈچۈن ھاراقتىن باشقىسى بولمىسا، تۇرۇپ قالغان تاماقنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئېچىش توغرا بولىدۇ. شۇنىڭدەك بەك ئۇسساپ، ھالاك بولۇپ كېتىشتىن ئەنسىرىگەن ئادەم ھارام قىلىنغان ئىچىملىكلەردىن ئۇسسۇزلۇقنى ياندۇرغۇچىلىك ئىچسە رۇخسەت. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >پەقەت مەجبۇرىي ئىچكەن بولساڭلار…<     


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  نىكاھنىڭ بىرىنچى ك...
●  مۇھەممەد ئەلەيھىسس...
●  چوقۇم كۆرۈڭلار دوس...
●  ئىسلامدىكى قىرىندا...
●  ھەدىسى قۇددۇسى
●  تۆت مەزھەبنىڭ قايس...
●  ئايەت يېزىلغان جاز...
●  تاماكا چېكىش نېمىش...
●  ھايا
●  ھەج قىلىشقا قادىر ب...
●  قىيامەتنىڭ ئالامەت...
●  ئىسلامدىكى قۇل
●  ھۆكۈم ۋە ئىسپاتنىڭ ...
●  مال بوغۇزلارش، ئوۋ ...
●  جازالار
●  جىنايەت ۋە ئۇنىڭ ھۆ...
●  قەسەم ۋە نەزىر
●  مىراس ۋە ئۇنىڭ ئەھك...
●  نىكاھ، تالاق، ۋاز ك...
●  ئومۇمىي ھۆكۈملەر

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  نىكاھنىڭ بىرىنچى كىچىسى
●  مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام...
●  چوقۇم كۆرۈڭلار دوستلار ...
●  ئىسلامدىكى قىرىنداشلىق
●  ھەدىسى قۇددۇسى
●  تۆت مەزھەبنىڭ قايسىسى ئ...
●  ئايەت يېزىلغان جازىلارن...
●  تاماكا چېكىش نېمىشقا چە...
●  ھايا
●  ھەج قىلىشقا قادىر بولۇش...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى