چاتما رەسىم
يوللانغان ۋاقتى : 2008-09-19 11:30:06 كۆرۈلۈش سانى : 2211
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
چاتما رەسىم − داۋاملىشىدىغان ھېكايىلىك رەسىملەرگە يېزىق ئارقىلىق قىسقىچە چۈشەنچە بېرىدىغان رەسىم تۈرى بولۇپ، ئۇ قېرى - ياشلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇيدىغان كىتاب.
چاتما رەسىمنىڭ ئىپادىلەش شەكىللىرى ناھايىتى كۆپ. ئەنئەنىۋى سىزىق تەسۋىر ئۇسۇلىنى قوللىنىدىغانلارمۇ، غەرب رەسساملىقىنىڭ يورۇق - قاراڭغۇ تۈسى ۋە ئاق - قارا يۈز ۋە بۆلەكلەردىن پايدىلىنىپ شەكىل يارىتىدىغانلارمۇ، سىزىق بىلەن يورۇق - قاراڭغۇنى بىرلەشتۈرۈپ سىزىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدىغانلارمۇ بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سۇس رەڭلىك نەپىس سىزما ئۇسۇلىنى قوللىنىشمۇ پەيدا بولدى. ئۇسلۇب جەھەتتىن ئالغاندا، يۈ جىندۇڭ سىزغان «ئادەم ئوتتۇرا ياشقا كەلگەندە» دېگەندەك ئەينەن تەسۋىر ئۇسلۇبىدىكىلەرمۇ، چېڭ يەننىڭ قاتارلىقلار سىزغان «چاقچاق» دېگەن چاتما رەسىمدەك، پېرسوناژلارنىڭ چىراي - قىياپىتى زور ئۆزگەرتىلگەنلىرىمۇ بار. بالىلار چۆچىكى، رىۋايەت، ھېكايىلەر كۆپرەك زىننەتلىمە خاراكتېرنى ئالغان رەسىم ئۇسلۇبىدا سىزىلىدۇ، مەسىلەن، جۈ مۇيەنفۇ سىزغان «ھەسەن - ھۇسەن» قاتارلىقلار.
چاتما رەسىم ئېلىمىزدە ئۇزاق تارىخقا ئىگە. قەدىمكى دەۋرلەردىكى ساپال قاچا ۋە برونزا قوراللار دەۋرىدىكى قاچا - قۇچىلارغا داۋاملىشىش خاراكتېرىدىكى ئۆرنەك - نەقىشلەر ئويۇلغان. شەرقىي جىن سۇلالىسىدىكى گۇكەيجىنىڭ «لوشۇي دەرياسى مۇئەككىلى ھەققىدىكى شېئىرغا سىزىلغان يۆگىمە رەسىم» دېگەن مەشھۇر ئەسىرىدە، بىر پارچە رەسىم يۈزىدە ھەرقايسى گۇرۇپپىلاردىكى مەزمۇنلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ۋەقەلىكنىڭ داۋاملىشىشچانلىقى بولۇپ، چاتما رەسىم شەكلىنى دەسلەپ ھازىرلىغانىدى.1925 - يىلى شاڭخەي دۇنيا كىتاب ئىدارىسى نەشر قىلغان «غەربكە ساياھەت» دېگەن چاتما رەسىم، ئېلىمىزدىكى ئەڭ بالدۇر كىتاب بولۇپ چىققان «بالىلار رەسىملىك كىتابچىسى» بولۇپ، ھەربىر پارچە رەسىمگە يېزىقلىق ئىزاھات بېرىلگەنىدى. ئۇنىڭغا بىرىنچى قېتىم «چاتما رەسىم» دەپ نام بېرىلدى. |
|