بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> گۈزەل- سەنئەت >> ماي بوياق رەسىم

ماي بوياق رەسىم

يوللانغان ۋاقتى : 2008-05-03 11:47:24    كۆرۈلۈش سانى : 313  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
«1835 - يىلى پۇشكىن نېۋا دەرياسى بويىدا»  دېگەن دۇنياغا داڭلىق رەسىمنى، رۇسىيىلىك رەسسام رېپىن ئاز بولغاندىمۇ100  قېتىم قايتا - قايتا ئۆزگەرتىپ، قىرىۋېتىپ، يەنە قايتا سىزىپ پۈتكۈزگەنىدى. ماي بوياق رەسىم بوياقلىرىنىڭ يېپىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، كېيىنكى قېتىمدا بېرىلگەن رەڭلەر ئالدىنقى قېتىمدا بېرىلگەن تەگ رەڭلەرنى پۈتۈنلەي يېپىپ تاشلىيالايدۇ. شۇڭا، قاتلاممۇ قاتلام رەڭ بېرىش، كۆپ قېتىم قىرىپ تاشلاپ قايتا رەڭ بېرىپ سىزىش − ماي بوياق رەسىمنىڭ زور ئالاھىدىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ماي بوياق رەسىمنىڭ ئوبرازلىرى ئەينەن بولۇپ، مول رەڭ ئۈنۈمىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ. فرانسىيىلىك رەسسام مىللېت (1875−1814، telliM siocnarF naeJ) سىزغان «باشاق تېرىش» رەسىمىدە ئالتۇن رەڭلىك كۈز ئىپادىلەنگەن. باشاق تېرىۋاتقان3  دېھقان ئايالنىڭ بىر - بىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۆزگىرىشلىرى تەبىئىي، ئۇلارنىڭ ئۇچىسىدىكى كۆڭلەك، چاپان، مايكا ۋە ياغلىقلىرىنىڭ قېلىن - نېپىزلىكى ئوخشاشمايدۇ، بۇلاردىكى ماتېرىيال تۇيغۇسىنى رۇشەن پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ. گەرچە ئۈچىلىسى بېشىنى پەسكە قارىتىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئېتىدىكى نازۇك رەڭ پەرقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ماي بوياق رەسىم رەڭلىرىنىڭ بۇ خىل ئەينەنلىك تۇيغۇسى ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلى، جۇڭگوچە رەسىمنىڭ سىزىق ئارقىلىق شەكىل يارىتىشى بىلەن تۈپتىن ئوخشاشمايدۇ. ماي بوياق رەسىم پېرسوناژلارنىڭ روھىي ھالەت، چىراي - قىياپىتىنى ئىپادىلەشتە باشقا رەسىم تۈرلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئىسپانىيىلىك رەسسام خالىس (eslaH) نىڭ «سىگان قىزى» دېگەن رەسىمدىكى قىزچاق ياقىسىنى ئېچىۋەتكەنىدى. چىرايىدىن مۇغەمبەرلىك كۈلكىسى چىقىپ تۇراتتى. ئۇ ھەممە نەرسىلەرگە پەرۋاسىزدەكلا كۆرۈنەتتى. ئىككى مەڭزى قىزارغان بولۇپ، ھېلىلا بىرنەچچە يۇتۇم ھاراق ئىچكەندەك بىرخىل ھاياجانلىق كەيپىيات چىقىپ تۇراتتى. رەسىمدە بىر سىگان قىزىنىڭ خۇشخۇي، مەردانە، ئەركىن ۋە قىزغىن خاراكتېرى تەسۋىرلىنىپ ئۇنىڭغا جان كىرگۈزۈۋەتكەنىدى. ماي بوياق رەسىم پېرسوناژلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەسۋىرلەشكە ماھىر بولغانلىقتىن، تارىختىن بۇيان نۇرغۇنلىغان رەسساملار مۇھىم تارىخىي ۋەقەلەرنى ۋە تارىخىي شەخسلەرنىڭ ئوبرازلىرىنى ماي بوياق رەسىمدە ئىپادىلەپ، كۆرگۈچىلەرنى شۇ مۇھىتتا ئۆزىمۇ باردەكلا ھېس قىلدۇرغان. دېمەك، ماي بوياق رەسىم ئىنتايىن كۈچلۈك بەدىئىي جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە. ماي بوياق رەسىمنىڭ تېخنىكىلىق ئۇسۇل جەھەتتىكى ئېقىملىرى خىلمۇ خىل ۋە ناھايىتىمۇ نۇرغۇن. چوڭ ياپىلاق موي قەلەمدە رەڭنى قېلىن دۆۋىلەپ بېرىدىغانلىرىمۇ بار، كىچىك موي قەلەمنىڭ ئىنچىكە ئۇچى بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ئىنچىكە تەسۋىرلەيدىغانلىرىمۇ، رەڭ پىچىقىنى قەلەم ئورنىدا ئىشلىتىپ رەسىم سىزىدىغانلىرىمۇ بار. نەپىس، زىل، يالتىراق، تەكشى، سىلىق، رەڭلىرى ئاددىي ۋە ساپ كەلگەن كلاسسىك ئۇسلۇبتىكىلىرىمۇ، مەردانە چوڭ بۆلەكلەر بويىچە قەلەم ئىزىنى چىقىرىپ سىزىدىغان، رەڭ سېلىشتۇرمىسى كۈچلۈك مودېرنىزم ئېقىمىدىكىلەرمۇ بار. رېئالستىك ئۇسۇلدا ئوبراز يارىتىدىغانلارمۇ، ئابستراكت سىزىق ۋە رەڭ پارچىلىرى ئارقىلىق يوشۇرۇن مەنىنى ئىپادىلەيدىغانلارمۇ بار.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  تەسىرات، كۈن چىققا...
●  شاھيارى ھۆسنىخەت ئ...
●  چاتما رەسىم
●  ھەجۋىي رەسىم
●  باسما رەسىم
●  دۇغ بوياق رەسىم
●  ,رېپىن ۋە ئۇنىڭ «ۋو...
●  تەشۋىقات رەسىم
●  چاغان رەسىمى
●  مەڭگۇ قىزىل گۇلدەك ...
●  سۇ بوياق رەسىم
●  تام رەسىمى(رەسسامل...
●  كونستايبىرنىڭ «قۇر...
●  كوۋربېت ۋوئۇنىڭ«تا...
●  ئۇيغۇر بوۋاي
●  مونېتنىڭ «تەسىرات،...
●  ماي بوياق رەسىم
●  كوۋربېت ۋە ئۇنىڭ «ت...
●  دېلاكرۋانىڭ «ئەرك...
●  داۋېد ۋە ئۇنىڭ «مار...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  تەسىرات، كۈن چىققاندا ن...
●  شاھيارى ھۆسنىخەت ئەسەرل...
●  چاتما رەسىم
●  ھەجۋىي رەسىم
●  باسما رەسىم
●  دۇغ بوياق رەسىم
●  ,رېپىن ۋە ئۇنىڭ «ۋولگا د...
●  تەشۋىقات رەسىم
●  چاغان رەسىمى
●  مەڭگۇ قىزىل گۇلدەك خۇش پ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى