دۇغ بوياق رەسىم
يوللانغان ۋاقتى : 2008-09-11 11:44:43 كۆرۈلۈش سانى : 975
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
دۇغ بوياق رەسىم بىلەن سۇ بوياق رەسىمنىڭ نۇرغۇن يەرلىرى ئوخشاپ كېتىدۇ. ھەممىسىدىلا بوياق سۇدا تەڭشىلىپ ئاق قەغەزگە سىزىلىدۇ. غەرب رەسساملىقىنىڭ شەكىل يارىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، رەسىم يۈزىنىڭ ئۈنۈمىمۇ يېقىن كېلىدۇ. بىراق سۇ بوياق رەسىمىنىڭ رەڭلىرى قەغەزگە سىزىلغاندا سۈزۈك بولىدۇ. رەڭلەرنىڭ قېنىق - سۇسلۇقى (يورۇقلۇق دەرىجىسى) سۇ مىقدارىنىڭ ئاز - كۆپلۈكى بىلەن تەڭشىلىدۇ. ھالبۇكى دۇغ بوياق رەسىمىنىڭ بوياقلىرى تەبىئىي مىنېرال ماددىلاردىن ياسالغاچقا، قەغەزگە سىزىلغاندا سۈزۈك بولمايدۇ. رەڭنىڭ قېنىق - سۇسلۇقى (يورۇقلۇق دەرىجىسى) ئاق بوياقنىڭ ئاز ياكى كۆپ تەڭشىلىشى بىلەن تىزگىنلىنىدۇ. دۇغ بوياقنىڭ ماكانى بولغان ئەنگلىيىدە، ئەڭ دەسلەپتە بۇ ئىككى خىل رەسىم تۈرى سۇ بوياق رەسىم دەپلا ئاتالغانىدى. ھازىرقى سۇ بوياقنى سۈزۈك (نېپىز) سىزىش ئۇسۇلى، دۇغ بوياقنى سۈزۈك ئەمەس (قېلىن) سىزىش ئۇسۇلى دەپ ئاتاشقانىدى.
سۇ بوياق رەسىمدە سۇ تېز قۇرۇپ كېتىدىغان بولغاچقا، رەڭلەرنىڭ ئۆزئارا سىڭىشىش دائىرىسىمۇ ئانچە چوڭ بولۇپ كېتەلمەيدۇ. شۇڭا، رەسىم سەھىپىسىمۇ چوڭ بولمايدۇ. ھالبۇكى، دۇغ بوياق رەسىمىنىڭ بوياقلىرىدا «پاراشوكلۇق ماددا» بولغاچقا، تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن، چوڭ ھەجىمدە رەڭ بېرىشكە بولىدۇ. رەڭلەرنى بىر - بىرىگە كىرىشتۈرۈش ئوڭاي بولۇپ، ئىنتايىن چوڭ سەھىپىلىك رەسىملەرنى سىزغىلى بولىدۇ. خۇسۇسەن چوڭ تىپتىكى ئېلان ۋە تەشۋىقات رەسىملىرىنى سىزىشقا بەكمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ. شۇڭا، دۇغ بوياق رەسىم بوياقلىرى ئېلان رەسىم بويىقى ياكى تەشۋىقات رەسىم بويىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
دۇغ بوياق رەسىمىنىڭ ماتېرىياللىرى ۋە قوراللىرى سۇ بوياق رەسىمىگە ئوخشاش ئاددىي ۋە قۇلايلىق بولغاچقا شۇنداقلا سۇ بوياق رەسىمگە قارىغاندا تېخىمۇ مول رەڭ مۇناسىۋەتلىرىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان بولغاچقا، گۈزەل سەنئەتنى ئۆگەنگۈچىلەر دۇغ بوياق رەسىم ئارقىلىق رەڭ مەشقى قىلىدۇ ياكى ناتۇرا رەسىم سىزىدۇ. دۇغ بوياق رەسىمدە يارىتىلغان ئوبرازلاردىكى مول رەڭ ئۈنۈمى ماي بوياق رەسىمگە يېقىنلىشىپ قالىدۇ. ئىشلىتىلىدىغان قورال ۋە ماتېرىياللار ماي بوياقنىڭكىدەك قىممەت ئەمەس. رەسىم سىزىش رەسمىيەتلىرى ئاددىي، ھەم بوياققا قارىغاندا تېز قۇرۇيدۇ ۋە تېزلا رەسىم بولۇپ پۈتۈپ چىقىدۇ. شۇڭا، ئۇ دۇنيادا كەڭ تارقالغان رەسىم تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. دۇغ بوياق رەسىم رەڭلىرىنىڭ تويۇنۇش دەرىجىسى بىرقەدەر ياخشى ۋە مامۇقتەك سىلىق، پارقىراق، قېلىن رەڭلەرنى تەكشى بەرگىلى بولغانلىقتىن نەقىش ۋە زىننەتلىمە رەسىملەرنى سىزىشتىكى ئاساسلىق رەسىم تۈرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، گۈللۈك رەخت لايىھىلەش، جىيەك لايىھىلەش، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىنى لايىھىلەش، ئۆي ئىچى گۈزەل سەنئەت بېزەكچىلىكى ۋە ماگىزىن دېرىزە ئېلانى قاتارلىقلار. |
|