چاغان رەسىمى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-08-18 10:15:39 كۆرۈلۈش سانى : 833
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ھېيت - ئايەملەردە رەسىم ئاسقاندا، بايرام كەيپىياتى كۆتۈرۈلىدۇ. مۇھىت گۈزەللىشىدۇ شۇنداقلا، كىشىلەرنىڭ گۈزەل غايە ۋە ئارزۇلىرى ئىپادىلىنىدۇ. چاغان رەسىمى ئېلىمىزگىلا خاس بولغان رەسىم تۈرى.
چاغان رەسىملىرى بەخت تىلەش، تەبرىكلەش، مول ھوسۇل ۋە ئامەت تىلەشنى مەزمۇن قىلىدۇ. چاغان رەسىملىرىنىڭ تېمىسى ئادەتتە زىرائەتلەردىن مول ھوسۇل ئېلىش، جەم بولغان ئائىلە شادلىقى، بۇدرۇق بالا، مەشھۇر ئاسار ئەتىقە، تەنتەنىلىك بايرام، چاڭچىلە ھېكايىلىرى ۋە ئەپسانە - رىۋايەتلەردىن ئىبارەت بولىدۇ. رەسىم يۈزىنىڭ رەڭلىرى مول، يارقىن، ئازادە، ئوبرازى ئەينەن، سىزىلىشى ئىنچىكە، ئەستايىدىل بولىدۇ. مەسىلەن، سۇڭ جۇڭيۈەننىڭ «جەم بولغان ئائىلە شادلىقى» دېگەن چاغان رەسىمىدە، بىر دېھقان ئائىلىسىدىكى3 ئەۋلاد كىشىلىرىنىڭ خاڭجۇ شەھىرىنىڭ لىڭ يىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى مائىت رېيا (ayertiaM) بۇتنىڭ تاش ھەيكىلى ئالدىدا جەم بولۇپ، رەسىمگە چۈشۈۋاتقان خۇشال كۆرۈنۈشى تەسۋىرلەنگەن. تاشتىن ئويۇلغان، كۈلۈپ تۇرغان غايەت زور بۇت بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كۈلكىلىرى بىرلىشىپ خۇشاللىققا چۆمگەن كەيپىيات ھاسىل قىلغان. رەسىم يۈزى لاتاپەتلىك، سۈزۈك، سۇس كۆك رەڭلىك تۈستە بولۇپ، تۇرمۇشقا بولغان مۇھەببەت ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. رەسىم قېنىق رەڭلىك نەپىس سىزما ئۇسۇلىدا سىزىلغان بولۇپ، كۈچلۈك مىللىي ئۆزگىچىلىككە ئىگە. «ھەر يىلى بەرىكەت بولغاي» دېگەن رەسىم، چاغان رەسىمىنىڭ ئەنئەنىۋى تېمىسى بولۇپ، دائىم دېگۈدەك بىر دانە چوڭ سازاڭ بېلىقى سىزىلىدۇ، ياكى ئارىلاپ بېلىققا مىنىۋالغان بۇدرۇق بالىمۇ سىزىلىدۇ. بېلىق دېگەن خەت «بەرىكەت» دېگەن خەت بىلەن ئاھاڭداش بولۇپ، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ مول ھوسۇلغا بولغان ئۈمىدى ۋە گۈزەل باياشات تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
جۇڭگونىڭ چاغان رەسىمى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى چىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا تەرەققىي قىلىپ، سۇ باسمىلىق ياغاچ باسما چاغان رەسىمى، سۇجۇ شەھىرىنىڭ تاۋخۇاۋۇ ياغاچ باسما چاغان رەسىمى بولۇپ شەكىللەنگەن.
بۇلارنىڭ ئىچىدە تيەنجىن شەھىرىدىكى ياڭ ليۇچىڭ ياغاچ باسما چاغان رەسىمى، شەندۇڭ ئۆلكىسى ۋىيفاڭ شەھىرىدىكى ياغاچ باسما چاغان رەسىمى ۋە سىچۇەن ئۆلكىسى ميەنجۇ شەھىرىدىكى ياغاچ باسما چاغان رەسىمى قاتارلىقلار ئەڭ داڭلىق. بۇ چاغان رەسىملىرى گەرچە ئۆز ئالدىغا ئۆزگىچىلىكلەرگە ئىگە بولسىمۇ، بىراق ھەممىسى سىزىقلىرى ئىخچام، رەڭلىرى يارقىن، شەكىل يارىتىشى مۇبالىغە قىلىنغان، قوپال ۋە ساددا بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. كومپوزىتسىيىسى توشۇق بولۇپ، زىننەتلىمە ئۇسلۇبقا ئىگە |
|