دېلاكرۋانىڭ «ئەركىنلىك ئانىسى» ناملىق رەسىمى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-15 11:37:35 كۆرۈلۈش سانى : 145
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
دېلاكرۋا (1798-1863، xiorcaleD) نىڭ «ئەركىنلىك ئانىسى خەلقنى ئالغا باشلىماقتا» دېگەن ماي بوياق رەسىمىدە، فرانسىيە خەلقىنىڭ فېئودال پادىشاھ چارلىز Ⅹ نىڭ تىرىلىشىگە قارشى ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق قوراللىق ئىنقىلابى تەسۋىرلەنگەن. رەسىمدە خەلق ئاممىسىنىڭ ئالدىنقىلار يىقىلسا كېيىنكىلەر ئىز بېسىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان باتۇرانە جەڭ مەيدانى تەسۋىرلەنگەن. رەسىمنىڭ مەركىزىدە «ئەركىنلىك ئانىسى» دەپ ئاتالغان ئايال گەۋدىلىك سىزىلغان بولۇپ، ئۇ بىر قولىدا مىلتىق تۇتقان، يەنە بىر قولىدا جۇمھۇرىيەتكە ۋە ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، مېھرىبانلىققا سىمۋوللۇق قىلىدىغان3 رەڭلىك بايراق لەپىلدەۋاتقان ئىدى. بۇ ئايالنىڭ باشلامچىلىقىدا، قوراللانغان ئامما ئاغدۇرۇۋېتىلگەن كوچا ئىستىھكاملىرىدىن ئۆتۈپ، سەپداشلىرىنىڭ قان ئىزلىرىنى بېسىپ، دۈشمەننىڭ يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوقلىرىغا قارشى باتۇرانە ئالغا باسماقتا ئىدى. پۈتۈن رەسىم جاراڭلىق، مەردانە جەڭ مارشىغا ئوخشايتتى. |
|