بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> گۈزەل- سەنئەت >> باسما رەسىم

باسما رەسىم

يوللانغان ۋاقتى : 2008-09-14 12:25:38    كۆرۈلۈش سانى : 1177  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
قاتتىق تاختاي يۈزىگە رەسىم سىزىپ ۋە ئۇنى ئويۇپ، ئۈستىگە مەتبەئە مېيى ياكى رەڭ سۈركەپ ئاندىن بېسىپ چىقىرىلغان رەسىم ئەسىرى −ـ باسما رەسىم بولىدۇ. قورال، ماتېرىياللارنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن، باسما رەسىمنىڭ بەدىئىي ماھارەتلىرى يىغىنچاق، سەرخىللاشقان بولۇپ، يارىتىلغان ئوبرازلار سېلىشتۇرمىسى كۈچلۈك ۋە روشەن بولىدۇ. گەرچە ئۇنىڭدا ماي بوياق رەسىمدىكىدەك نازۇك رەڭ ئۆزگىرىشلىرى ۋە ئەينەنلىك تۇيغۇسى، جۇڭگوچە رەسىمدىكىدەك موي قەلەم ۋە سىياھنىڭ روھى - ۋەزنى بولمىسىمۇ، بېسىپ چىقىرىلغان باسما رەسىم ئۆزگىچە ئۈنۈمگە ئىگە بولۇپ، بۇنى قەلەم ۋە سىياھتا ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، گېرمانىيىلىك ئايال رەسسام كوللىۋتىز (ztiwlloK) سىزغان «ئاپتوپورترېت» دېگەن رەڭسىز ياغاچ ئويما رەسىمدىكى پېرسوناژلارنىڭ يۈزىدىكى تال - تال ئىتتىك، ئۆتكۈر ۋە قوپال سىزىقلاردا، ياغلىقتىكى قىرىپ چىقىرىلغان بۆلەك ۋە يۈزلەردە، مېتال پىچاقنىڭ ياغاچ تاختىغا ئويغان چاغدىكى ئىزلار قالغان بولۇپ، كۈچلۈك «پىچاق» پۇرىقى، يىرىك «ياغاچ» پۇرىقى ۋە باسقاندا ھاسىل بولغان تەكشى «باسما» پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ. رەسىم يۈزىدە سىزىق بىلەن يۈز بىرلەشتۈرۈلۈپ شەكىل يارىتىلغان بولۇپ، رەسسامنىڭ ياندىن كۆرۈنۈشلۈك يۈز شەكلى ئىنتايىن ئىخچام يارىتىلغان. ئاق - قارا سېلىشتۇرمىلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئوبراز روشەن گەۋدىلەندۈرۈلگەن. قولى بىلەن ئېڭىكىنى يۆلەپ تۇرغان ھالىتى بىلەن، چوڭقۇر ئويغا كەتكەن كۆزلىرى، رەسسامنىڭ ياشانغان چاغدىكى غەم - قايغۇسى ۋە تەشۋىش قىلىشتەك روھىي ھالىتىنى ۋايىگە يەتكۈزۈپ ئىپادىلەپ بەرگەن. ياغاچ ئويما −ـ باسما رەسىمنىڭ ئەڭ بالدۇرقى شەكلى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى رەسساملار ئەڭ كەڭ قوللىنىدىغان رەسىم تۈرى. ياغاچ ئويما مۇسبەت ئويما (كۆپۈنگۈ ئويما) ۋە مەنپىي ئويما (پېتىنغۇ ئويما) دەپ ئىككى خىل بولىدۇ شۇنداقلا رەڭسىز ياغاچ ئويما ۋە رەڭلىك ياغاچ ئويما دەپ ئايرىلىدۇ. سۇلۇق سىياھ ۋە رەڭ بىلەن شىۋەنزى قەغىزىگە باسىدىغان باسما رەسىم − ئېلىمىزدىلا بولىدىغان سۇلۇق باسما ياغاچ ئويما باسما رەسىم بولۇپ، قويۇق مىللىي رەسساملىق ئۇسلۇبىغا ئىگە. پرېسلىما تاختا باسما رەسىمنىڭ ماتېرىيالى ئەسلىدە پولغا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل قۇرۇلۇش ماتېرىيالى بولۇپ، ياغاچ تاختىدەك يول سىزىقلىرى بولمىغاچقا، ئويۇشقا ئەپلىك. كاۋچوك تاختا باسما رەسىمىنىڭ ماتېرىيالى پرېسلىما تاختىغا يېقىن بولۇپ، ئويۇش ئۇسۇلى ئاساسىي جەھەتتىن ياغاچ ئويما باسما رەسىمىگە ئوخشاش. ئاندىن باشقا مېتال باسما رەسىم ۋە تاش رەسىملەرمۇ بولۇپ، ئۇلارنى ئويۇپ ياساش ئۇسۇلى بىرقەدەر مۇرەككەپ. بىر سەھىپىلىك باسما رەسىم يېڭىدىن پەيدا بولغان بىرخىل باسما رەسىم شەكلى بولۇپ، ئۇنىڭدا مەتبەئە مېيى، ماي بوياق رەسىم بويىقى ياكى سىر بىلەن تەكشى سىلىق تەگلىك تاختا (ئەينەك، تاش تاختا، مېتال تاختا قاتارلىق) نىڭ ئۈستىگە بىۋاسىتە رەسىم سىزىلىدۇ. رەڭ تېخى قۇرۇپ كەتمىگەن چاغدا، تەگلىك تاختا قەغەزگە بېسىلىپ رەسىم ھاسىل قىلىنىدۇ. ھەربىر بەتتىن بىرلا پارچە رەسىم بېسىلىدىغان بولغاچقا بىر سەھىپىلىك باسما رەسىم دەپ ئاتالغان.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  تەسىرات، كۈن چىققا...
●  شاھيارى ھۆسنىخەت ئ...
●  چاتما رەسىم
●  ھەجۋىي رەسىم
●  باسما رەسىم
●  دۇغ بوياق رەسىم
●  ,رېپىن ۋە ئۇنىڭ «ۋو...
●  تەشۋىقات رەسىم
●  چاغان رەسىمى
●  مەڭگۇ قىزىل گۇلدەك ...
●  سۇ بوياق رەسىم
●  تام رەسىمى(رەسسامل...
●  كونستايبىرنىڭ «قۇر...
●  كوۋربېت ۋوئۇنىڭ«تا...
●  ئۇيغۇر بوۋاي
●  مونېتنىڭ «تەسىرات،...
●  ماي بوياق رەسىم
●  كوۋربېت ۋە ئۇنىڭ «ت...
●  دېلاكرۋانىڭ «ئەرك...
●  داۋېد ۋە ئۇنىڭ «مار...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  تەسىرات، كۈن چىققاندا ن...
●  شاھيارى ھۆسنىخەت ئەسەرل...
●  چاتما رەسىم
●  ھەجۋىي رەسىم
●  باسما رەسىم
●  دۇغ بوياق رەسىم
●  ,رېپىن ۋە ئۇنىڭ «ۋولگا د...
●  تەشۋىقات رەسىم
●  چاغان رەسىمى
●  مەڭگۇ قىزىل گۇلدەك خۇش پ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى