بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> گۈزەل- سەنئەت >> ھەجۋىي رەسىم

ھەجۋىي رەسىم

يوللانغان ۋاقتى : 2008-09-16 12:42:34    كۆرۈلۈش سانى : 4081  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
كىنايىلىككە ۋە يۇمۇرلۇققا ئىگە ھەجۋىي رەسىملەر كىشىلەرنى كۈلدۈرىدۇ ۋە سەگەكلەشتۈرىدۇ. ھەجۋىي رەسىم ئادەتتە ئىخچام سىزىقلار بىلەن سىزىلىدۇ، پېرسوناژلارنىڭ چىراي - تۇرقى بەكرەك ئۆزگەرتىلىدۇ. مەسىلەن، «سەرگەردان سەنماۋ» دېگەن ھەجۋىي رەسىمدە سەنماۋنىڭ بېشى ئىنتايىن يوغان، پۇتلىرى ئىنچىكە قىلىپ سىزىلغان بولۇپ، بېشىدا ئۈچ تاللا چېچى بار. كىيىملىرى جۇل - جۇل، ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن، ئۇستىخانلىرى قورايدەك بولۇپ قالغان كەمبەغەل بالىنىڭ ئالاھىدىلىكى مۇبالىغە قىلىنىپ ئىپادىلەنگەن. مەزمۇن ۋەقەلىك جەھەتتە مۇبالىغە قىلىنىپ، شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ھەق بىلەن ناھەق، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىكنى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا روشەن ئايان قىلىپ، تېخىمۇ بىۋاسىتە، تېخىمۇ روشەن ئۈنۈم ھاسىل قىلىدىغانلىرىمۇ بار. بۇ خىل مۇبالىغە قىلىش ئۇسۇلى خىيالىغا كەلگەننى قىلغانلىق بولماستىن، بەلكى ھامان «كۈتمىگەن يەردىن چىقىدۇ» لېكىن «ئەقىلگە ئۇيغۇن كېلىدۇ». جەمئىيەتتىكى ھەر خىل يامان ھادىسە، ئىپلاس قىلىقلارنى ئاچچىق مەسخىرە قىلىپ، كىشىلەرنى كۈلكە ئىچىدە تەربىيىگە ئىگە قىلىدۇ. بۇ، ھەجۋىي رەسىمنىڭ زور بىر ئالاھىدىلىكى. ھەجۋىي رەسىم كۆپىنچە رومانتىك ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ كۈچەيتىپ ئىپادىلەيدۇ. ئۇ زامان ۋە ماكان شارائىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. باش تېمىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە، جۇڭگودىن تارتىپ چەت ئەللەرگىچە بولغان پېرسوناژلارنىڭ ھەممىسىنى بىرپارچە رەسىم يۈزىدە ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن، جياڭ فەننىڭ «بۈگۈنكى كۈندە خان جەمەتىنىڭ بازىرى ئىتتىك بولۇپ كەتتى» دېگەن ئەسىرىدە، تارىختا ئۆتكەن چىن خاندانلىقىنىڭ مۇھىم ئەربابلىرى رەسىمنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە تىزىلىپ، ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگو - چەت ئەل كىنو - تېلېۋىزىيە سودىگەرلىرى، نەشر سودىگەرلىرى، يازغۇچىلار، مۇخبىرلار، ئاشپەزلەر ۋە باشقىلارنىڭ ھۆرمەت سالىمىنى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقى سىزىلغان. ئاپتور بۇ ئارقىلىق يېقىندىن بېرىقى دورا - دەرمەك، قورۇما تائام، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىگە ئوردا بۇيۇملىرى دەپ تاج كىيدۈرىدىغان، ئوردىنىڭ تارىختا يېزىپ قالدۇرۇلمىغان ۋەقەلىرىنى ئىجادىيەتنىڭ قىزىق نۇقتىسى قىلىدىغان ھادىسىلەرنى مەسخىرە قىلغان. بۇ خىل ئۇسۇل سىياسىي ھەجۋىي رەسىملەردە بىرقەدەر كۆپ قوللىنىلىدۇ. ھەجۋىي رەسىمدىمۇ سىمۋول قىلىش، ئوخشىتىش ئۇسۇللىرى كۆپ قوللىنىلىدۇ. بەزىبىر ئابستراكت ئۇقۇملار ئوبرازلاشتۇرۇلۇپ، ئوقۇرمەنلەر بىر كۆرسىلا چۈشىنىدىغان قىلىنىدۇ. مەسىلەن، يې شۆچيەننىڭ «خانىدانلىقنىڭ زاۋالى» دېگەن رەسىمىدە ئافرىقا چوڭ پىلغا ئوخشىتىلغان بولۇپ، ئويغانغان پىل مۇستەملىكە قىلغۇچىلارنى ئاغدۇرۇۋەتكەن. شۇ ئارقىلىق ئافرىقا خەلقلىرىنىڭ مۇستەقىل بولۇش ئۇقۇمى ئوبرازلاشتۇرۇلغان. ھەجۋىي رەسىم ئىخچام كەلگەن چاتما رەسىم شەكلىنى كۆپ قوللىنىپ، بىرقەدەر مول ۋەقەلىكلەرنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. مەسىلەن، خۇا جۈنۋۇنىڭ «تاماكا تاشلاش» دېگەن رەسىمىنىڭ بىرىنچىسىدە بىر ئادەمنىڭ تاماكا تاشلاش ئىرادىسىگە كېلىپ تاماكا تاشلاشقا قەسەم قىلىۋاتقانلىقى ئىپادىلەنگەن. ئىككىنچىسىدە بۇ ئادەم ئىرادىسىنى ئىش - ھەرىكىتىدە كۆرستىش ئۈچۈن، غاڭزىسىنى غەزەپ بىلەن دېرىزە سىرتىغا چۆرۈۋەتكەن. ئۈچىنچى كۆرۈنۈشتە بۇ ئادەم نېمە ئۈچۈندۇر ئۇچقاندەك تۆۋەنگە قاراپ يۈگۈرگەن. تۆتىنچى كۆرۈنۈشتە ھەقىقىي ئەھۋال ئايدىڭلاشقان بولۇپ، بۇ ئادەم پەسكە چۈشۈپ ئامراق غاڭزىسىنى تۇتۇۋالغان. تاماكا چېكىشكە خۇمار بولغان، تاماكا تاشلايمەن دەپ قۇرۇق گەپ قىلىدىغان، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ۋەدىسىدىن يېنىۋالىدىغان «بەڭگە» نىڭ ئوبرازىنى ئىنتايىن جانلىق سىزىپ چىققان.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  تەسىرات، كۈن چىققا...
●  شاھيارى ھۆسنىخەت ئ...
●  چاتما رەسىم
●  ھەجۋىي رەسىم
●  باسما رەسىم
●  دۇغ بوياق رەسىم
●  ,رېپىن ۋە ئۇنىڭ «ۋو...
●  تەشۋىقات رەسىم
●  چاغان رەسىمى
●  مەڭگۇ قىزىل گۇلدەك ...
●  سۇ بوياق رەسىم
●  تام رەسىمى(رەسسامل...
●  كونستايبىرنىڭ «قۇر...
●  كوۋربېت ۋوئۇنىڭ«تا...
●  ئۇيغۇر بوۋاي
●  مونېتنىڭ «تەسىرات،...
●  ماي بوياق رەسىم
●  كوۋربېت ۋە ئۇنىڭ «ت...
●  دېلاكرۋانىڭ «ئەرك...
●  داۋېد ۋە ئۇنىڭ «مار...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  تەسىرات، كۈن چىققاندا ن...
●  شاھيارى ھۆسنىخەت ئەسەرل...
●  چاتما رەسىم
●  ھەجۋىي رەسىم
●  باسما رەسىم
●  دۇغ بوياق رەسىم
●  ,رېپىن ۋە ئۇنىڭ «ۋولگا د...
●  تەشۋىقات رەسىم
●  چاغان رەسىمى
●  مەڭگۇ قىزىل گۇلدەك خۇش پ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى