ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> گۈزەل- سەنئەت >> مونېتنىڭ «تەسىرات، كۈن چىققاندا» دېگەن رەسىمى ۋە سېۋراتنىڭ «ئاپقۇر ئارىلىدىكى چۈشتىن كېيىنكى يەكشەنب
مونېتنىڭ «تەسىرات، كۈن چىققاندا» دېگەن رەسىمى ۋە سېۋراتنىڭ «ئاپقۇر ئارىلىدىكى چۈشتىن كېيىنكى يەكشەنب
يوللانغان ۋاقتى : 2008-05-25 12:12:00 كۆرۈلۈش سانى : 136
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى بىر تۈركۈم ياش رەسساملار1874 - يىلى ئاپرېلدا يېڭى ئەسەرلەر كۆرگەزمىسى ئويۇشتۇرغان. بۇ ئەسەرلەردە رەڭ قوللىنىش جەھەتتە يېڭىچە سىناقلار ئېلىپ بېرىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى «تەسىرات، كۈن چىققاندا» دېگەن رەسىم كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتقان. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بۇ رەسساملارنى «تەسىراتچىلار» (ئىمپېرىسسيئونىزمچىلار) دەپ ئاتاشقان. بۇلارنىڭ ئىچىدە مونېت (tenoMednalC)، مانېت (tenaM drauodE)، دېگاس (saged dragdE) ۋە رېنوئىر (rioneR etsuguA) قاتارلىقلار مەشھۇر.
تەسىراتچى رەسساملار تەبىئىي پەن ئالىملىرىنىڭ ئوپتىكا (نۇر ئىلمى)دىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ناتۇرا سىزىش ئەمەلىيىتىدە نەرسىلەردىكى رەڭ ئۆزگىرىشلىرىنى تولۇق، توغرا ئىپادىلەپ، يورۇقلۇق ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ نەرسىلەردىكى رەڭگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. مەسىلەن، ئاق رەڭلىك ئۆي ئەتىگەنلىك قوياش نۇرىدا گۈلسۇرۇخ رەڭگە كىرىدۇ. كەچقۇرۇندا ئور رەڭگە كىرىدۇ. ئەگەر ئۆينىڭ تۆت ئەتراپى سېرىق گۈللەر ئېچىلغان ئوتلۇق بولسا، تامدا ئالىچىپار سېرىق ۋە يېشىل رەڭلەر ئەكس ئېتىدۇ. ئىمپېرىسسيئونىستلار نۇر مەنبەسى بىلەن مۇھىتنىڭ نەرسىلەرنىڭ رېڭىگە قارىتا ئوينايدىغان رولىنى چىڭ تۇتۇپ تەبىئەتتىكى نەرسىلەرنىڭ يورۇقلۇق، رەڭ ئۆزگىرىشلىرىنى سىزىپ چىقىپ، رەسىمگە جان كىرگۈزۈۋەتكەن.
مونېت (1840−1926) نىڭ «تەسىرات، كۈن چىققاندا» دېگەن ماي بوياق رەسىمىدە، قۇياشنىڭ سۇ يۈزىدىن ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشى ئىپادىلەنگەن. قۇياش ۋە ئاسماننىڭ رەڭگى سۇدا ئەكس ئېتىپ، ئاسمان بىلەن سۇ سەھەردىكى گۇڭگا تۇماندا بىرلىشىپ كەتكەن. سۇ يۈزىدىكى كېمىلەر بىلەن يىراق قىرغاقتىكى نەرسىلەرمۇ گۇڭگا بولۇپ، سەھەردىكى نۇردا ھاۋا بىلەن سۇ ئېرىپ كېتىدىغاندەكلا ئىدى. پۈتۈن رەسىم سەھەرنىڭ يارقىن نۇرىغا چۆمۈلگەنىدى.
«تەسىراتىزم» دىن كېيىن «يېڭى تەسىراتىزم» («پوئېنتېللېست» يەنى چېكىتلەپ رەڭ بەرگۈچىلەر) ۋە «كېيىنكى تەسىراتىزم» بارلىققا كەلدى. يېڭى تەسىراتچىلار نۇر رەڭلىرىنىڭ پارچىلىنىشىدىن ئىبارەت ئىلمىي پرىنسىپتىن پايدىلىنىپ، ھەر خىل رەڭلىك كىچىك نۇقتىلارنى تىزىپ ياكى كىرىشتۈرۈپ رەسىم سىزىدۇ. سېۋراتنىڭ «ئاپقۇر ئارىلىدىكى چۈشتىن كېيىنكى يەكشەنبىلىك» دېگەن ماي بوياق رەسىمىدە بىر توپ كىشىلەرنىڭ دەم ئېلىش كۈنىنى ئارالدا ئويناپ ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى سۈرەتلەنگەن. شەكىللەر ھەر خىل رەڭدىكى چېكىلگەن قەلەم ئىزى ۋە رەڭ پارچىلىرى بىلەن ئىپادىلەنگەن. ئادەملەرنىڭ يۈز - كۆزلىرى ۋە باشقا نەرسىلەرمۇ گۇڭگا سىزىلغان. بىراق دەريا ياقىسىدىكى يازنىڭ كەچقۇرۇنقى كۈچلۈك قۇياش نۇرى ئىنتايىن گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن. رەسىم كۆزنى ئاچقىلى بولمايدىغان كۈچلۈك قۇياش نۇرىدا، كۆزنى قىسىۋېلىپ ئادەملەرگە قارىغاندەك ئۈنۈم بەرگەن. كېيىنكى تەسىراتچىلار ئۆزىنىڭ سۇبيېكتىپ تەسىراتى ۋە ياخشى كۆرۈشىنى، ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبىنى ئىپادىلەشنى تېخىمۇ تەكىتلىگەن. |
|