بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> گۈزەل- سەنئەت >> سۇ بوياق رەسىم

سۇ بوياق رەسىم

يوللانغان ۋاقتى : 2008-07-25 13:13:47    كۆرۈلۈش سانى : 531  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
ئەگەر رەسساملىقنى مۇزىكىغا ئوخشىتىشقا توغرا كەلسە، ماي بوياق رەسىم ھەيۋەتلىك، مول، ۋەزىنلىك سىمفونىيىگە، سۇ بوياق رەسىم يەڭگىل، راۋان، يېقىملىق يېنىك مۇزىكىغا ئوخشايدۇ. چۈنكى، سۇ بوياق رەسىمنىڭ رەڭلىرى سۈزۈك بولۇپ، ئۆزئارا سىڭىشكەندىن كېيىن بىرخىل يۇمران، پاكىز ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىدۇ شۇنداقلا، ئىشلەتكەن قوراللىرىمۇ ئاددىي، قۇلايلىق بولۇپ رەسىم سىزىلىشىمۇ ئەركىن بولىدۇ. سۇ بوياق رەسىم ئاساسەن قۇرۇق سىزىش ئۇسۇلى ۋە ھۆل سىزىش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. سىزىپ بولۇنغان بىرىنچى قاتلام رەڭلەر قۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئىككىنچى قاتلام رەڭ بېرىش قۇرۇق سىزىش ئۇسۇلى دېيىلىدۇ... لى جيەنچېن سىزغان «قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن پولات مەركىزى» دېگەن رەسىمدە، ئېگىز - ئېگىز پولات تاۋلاش پېچلىرى ئىس - تۈتەكلەر ئىچىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا، يەر ئۈستىدىكى ئىشچىلار جىددىي ماتېرىيال يەتكۈزمەكتە. بىر قىسىم پولات جازا ۋە دۆۋىلەنگەن ماتېرىياللار رەسىم يۈزىنىڭ يېقىن مەنزىرىسى قىلىنغان. سول تەرەپتىكى يەنە بىر پولات تاۋلاش پېچى يىراقتىن كۆرۈنۈپ، رەسىم يۈزى چوڭقۇرلۇقىنىڭ بوشلۇق تۇيغۇسىنى گەۋدىلەندۈرگەن. بۇ بىر پولات زاۋۇتىنىڭ قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ئىشلەپچىقىرىش كۆرۈنۈشى بولۇپ، بىر پۈتۈن رەسىم يۈزى قۇرۇق سىزىش ئۇسۇلى بىلەن سىزىلغان. ئاساسلىق پولات تاۋلاش پېچىنىڭ گەۋدىسىگە ئالدى بىلەن كۈل رەڭ، سۆسۈن رەڭلەردە بىرىنچى قاتلام تەگ رەڭ بېرىلگەن، قۇرۇغاندىن كېيىن تېخىمۇ قېنىقراق كۆكۈش قوڭۇررەڭ ۋە سۆسۈن، قوڭۇر رەڭلەر بىلەن پېچنىڭ قاراڭغۇ قىسمىنىڭ قۇرۇلمىسى سىزىلىپ، ستېرېئولۇق مۇناسىۋىتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ئىككىنچى قاتلاملىق كىچىك موي قەلەم بىلەن رەڭ بېرىش ئارقىلىق، پېچنىڭ چوققىسىغا قاراپ ئۆرلىگەن پولات جازا، شوتا، زىچ دۆۋىلەنگەن پولات چىۋىقلارنىڭ قۇرۇلمىلىرى سىزىلغاندىن كېيىن، پېچ گەۋدىسى پۇختا، مۇستەھكەم، مۇقىم كۆرۈنۈپ، پۇختا ۋە ئېغىر تۇيغۇغا ئىگە قىلىنغان. رەسىم يۈزىنىڭ رەڭ قاتلاملىرى مۇرەككەپ بولۇپ، مەنزىرە  تېمىسى بىرقەدەر ياخشى ئىپادىلەنگەن. ئوبيېكتنىڭ ئىزناسىنى سىزىۋالغاندىن كېيىن، پۈتۈن رەسىم يۈزىنى سۈزۈك سۇدا ھۆللەپ، تېخى قۇرۇپ كەتمىگەن چاغدا رەڭ بېرىپ رەسىم سىزىش −ـ ھۆل سىزىش ئۇسۇلى بولىدۇ. مەسىلەن، لى جيەنچېن سىزغان «يامغۇردىن كېيىن» دېگەن رەسىمدە، رەسىم يۈزى ھۆل چاغدا ئاسمان بىلەن يىراقتىكى تاغلار بىراقلا سىزىلغان. سۇ بىلەن رەڭنىڭ ئۆزئارا سىڭىشىشى ئارقىلىق، لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇت ۋە ھاۋادىكى ھورلارنىڭ ئاسمان بىلەن يەر ئوتتۇرىسىدىكى غۇۋا كۆرۈنۈشىنى تەبىئىي، سىلىق تەسۋىرلەپ، يامغۇر ياغقان چاغدىكى «سىم - سىم يامغۇر غۇۋا تاغ» دەك بەلگىلىك كۆرۈنۈشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىپادىلەپ بەرگەن. ھۆل سىزىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، قەۋەت - قەۋەت دۆڭلىرى ئېغىر - ۋەزىنلىك تەسۋىرلەنگەن، دەرەخلەرنىڭ شەكىللىرىمۇ شۇنداق تەبىئىي بولغان، يېيىلىدىغان بىرنەچچە تامچە رەڭلەر بىلەنلا يىراقتىكى دەرەخلەر بىلەن تاغ گەۋدىسى ئۇستىلىق بىلەن بىر - بىرىگە ئۇلاشتۇرۇلغان. رەسىم يۈزى پاكىز، سۈزۈك، نەمخۇش ۋە جىپسىلاشقان بولۇپ، يامغۇردىن كېيىنكى ھاۋا ئېچىلغان مەنزىرە ئۇستىلىق بىلەن ئىپادىلەنگەن. سۇ بوياق رەسىم سىزغاندا، رەسىم يۈزىنىڭ تېخىمۇ مول ۋە رەڭگارەڭ بولۇشى ئۈچۈن، قۇرۇق ۋە ھۆل سىزىش ئۇسۇلى تەڭ قوللىنىلىپ ھەرقايسىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى قوبۇل قىلىنىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  تەسىرات، كۈن چىققا...
●  شاھيارى ھۆسنىخەت ئ...
●  چاتما رەسىم
●  ھەجۋىي رەسىم
●  باسما رەسىم
●  دۇغ بوياق رەسىم
●  ,رېپىن ۋە ئۇنىڭ «ۋو...
●  تەشۋىقات رەسىم
●  چاغان رەسىمى
●  مەڭگۇ قىزىل گۇلدەك ...
●  سۇ بوياق رەسىم
●  تام رەسىمى(رەسسامل...
●  كونستايبىرنىڭ «قۇر...
●  كوۋربېت ۋوئۇنىڭ«تا...
●  ئۇيغۇر بوۋاي
●  مونېتنىڭ «تەسىرات،...
●  ماي بوياق رەسىم
●  كوۋربېت ۋە ئۇنىڭ «ت...
●  دېلاكرۋانىڭ «ئەرك...
●  داۋېد ۋە ئۇنىڭ «مار...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  تەسىرات، كۈن چىققاندا ن...
●  شاھيارى ھۆسنىخەت ئەسەرل...
●  چاتما رەسىم
●  ھەجۋىي رەسىم
●  باسما رەسىم
●  دۇغ بوياق رەسىم
●  ,رېپىن ۋە ئۇنىڭ «ۋولگا د...
●  تەشۋىقات رەسىم
●  چاغان رەسىمى
●  مەڭگۇ قىزىل گۇلدەك خۇش پ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى