تام رەسىمى(رەسساملىق)
يوللانغان ۋاقتى : 2008-07-15 15:05:00 كۆرۈلۈش سانى : 665
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
تام ۋە تورۇسلارغا سىزىلغان رەسىملەرنى دۇنيادىكى ئەڭ بالدۇر پەيدا بولغان رەسىم دېيىشكە بولىدۇ. قەدىمكى زامانلاردا، كىشىلەر تەبىئەت بىلەن بولغان كۈرەشلىرى ۋە ھېسسىياتلىرىنى خاتىرىلەش ۋە بايان قىلىش ئۈچۈن، ياكى نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزۈش ۋە زىننەتلەش ئۈچۈن، يار تاشلارغا، غار - ئۆڭكۈرلەرگە ئاددىي ھالدىكى ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ رەسىملىرىنى سىزغانىدى. مانا بۇلار ئىپتىدائىي تام رەسىملىرى بولۇپ قالدى. مەسىلەن، ئېلىمىزنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى يارتاش رەسىملىرى، ئىسپانىيىنىڭ ئالتامېرا غارىدىكى رەسىملەر بولۇپ، بۇلارنىڭ ئەڭ بالدۇرقىلىرىغا10 مىڭ يىلدىن ئاشتى.
ئىمارەتلەر بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، تام رەسىملىرى تاملاردا پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بۇددا دىنى ھىندىستاندىن ئېلىمىزگە تارقىلىپ كىرگەندىن كېيىن، تاش غارلار قېزىلدى. ئىبادەتخانا (ساڭراملار) سېلىندى، ئۇلارنىڭ ئىچىگە بۇت ھەيكەللىرى ياسىلىپ تام رەسىملىرى سىزىلدى. دۇنخۇاڭنىڭ موگاۋ غارىدىكى تام رەسىملىرى شۇ چاغدىكى سەنئەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
ئېلىمىز تام رەسىملىرى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان ئېسىل ئەسەرلەرنى قالدۇردى. مەسىلەن، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ رۇيچېڭ شەھىرىدىكى يۇڭلېگۇڭ سارىيىنىڭ سەنچىڭديەن قەسىرىدىكى «ئوردا ئاقساقاللىرى» دېگەن تام رەسىمدە «تەڭرى ھۆرمىتىگە مۇشەررەپ بولغان دۆلەت ئاتىسى» نى زىيارەت قىلىۋاتقان، خۇددى تىرىكتەكلا كۆرۈنىدىغان، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان300 گە يېقىن «ئەۋلىيا» لار سىزىلغان. رەسىمگە قېنىق رەڭ ۋە ئالتۇندەك پوتال ئىشلەتكەن. سىزىقلارمۇ پوتالدا سىزىلغاچقا ئالتۇندەك نۇر چېچىپ ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ. سىزىقلىرى مەردانە، كۈچلۈك، زىچ - شالاڭلىقى ۋە كىرىشتۈرۈلۈشى مۇۋاپىق. سۈپەت تۇيغۇسىنى ئىپادىلەش ۋە ئوبراز يارىتىشتا ئىنتايىن يۈكسەك سەۋىيىگە يەتكەن بولۇپ، كېيىنكى رەسساملارنىڭ جۇڭگوچە رەسىمدە ئادەم سىزىشنى ئۆگىنىشىدىكى نەمۇنە بولۇپ قالدى.
ياۋروپا تام رەسىمى ئەدەبىيات - سەنئەت قايتا گۈللەنگەن دەۋردە ناھايىتى زور تەرەققىياتقا ئېرىشىپ، نۇرغۇن ئۆلمەس نادىر ئەسەرلەر ۋۇجۇدقا چىقتى. داۋىنچىنىڭ (icnivad) مۇناستىر ئاشخانىسىنىڭ تېمىغا سىزغان «ئاخىرقى كەچلىك غىزا» دېگەن تام رەسىمى، رافائېل (olleaffaR) نىڭ ۋاتىكان پاپا ئوردىسىغا سىزىپ بەرگەن چوڭ تىپتىكى بىر گۇرۇپپا تام رەسىمى، مېكېلانجېلو (olegnalehciM) نىڭ رىمدىكى سېيستىن ئىبادەتخانىسىنىڭ تورۇسىغا سىزىپ بەرگەن زىننەتلىك تام رەسىملىرى دۇنياغا داڭلىق مەشھۇر ئەسەرلەردۇر. |
|