ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> گۈزەل- سەنئەت >> ,رېپىن ۋە ئۇنىڭ «ۋولگا دەرياسىدىكى كېمە سۆرىگۈچىلەر» دېگەن رەسىمى
,رېپىن ۋە ئۇنىڭ «ۋولگا دەرياسىدىكى كېمە سۆرىگۈچىلەر» دېگەن رەسىمى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-08-23 10:02:01 كۆرۈلۈش سانى : 788
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
سۇريكوۋ ۋە ئۇنىڭ «گۋاردىيىچىلەر قەتلىئام قىلىنغان سەھەر» دېگەن رەسىمى1863
- يىلى خەلق ئاممىسىنىڭ چار پادىشاھ ئىستىبدات تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇش، ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىدە، رۇسىيە پېتىربورگ گۈزەل سەنئەت ئىنستىتۇتىدىكى14 ئوقۇغۇچى، ئىنستىتۇت بەلگىلەپ بەرگەن تېما بويىچە مەكتەپ پۈتكۈزۈش ئىمتىھانى بېرىشنى رەت قىلىپ، جەمئىيەتكە ئاتلىنىپ، سەييارە كۆرگەزمە ئىلمىي جەمئىيىتى قۇرغان. ئۇلار يانچىلىق تۈزۈمىنى پاش قىلىدىغان، رۇس خەلقىنىڭ جاپا - مۇشەققەتلىك تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن نۇرغۇنلىغان گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلغان. بۇ ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنى يېڭى، شەكلى تېتىك، جەڭگىۋارلىققا ئىگە بولۇپ، رۇسىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سەييارە كۆرگەزمە قىلىنىپ، تەسىرى ئىنتايىن زور بولغان. شۇڭا، «سەييارە رەسىم كۆرگەزمىسى» دەپ ئاتالغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە رېپىن بىلەن سۇريكوف داڭلىق ۋەكىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
رېپىن (1844−1930، hnneP) نىڭ «ۋولگا دەرياسىدىكى كېمە سۆرىگۈچىلەر» دېگەن مەشھۇر رەسىمىدە، پىژغىرىم يازدا، كىيىملىرى جۇل - جۇل بىر توپ كېمە سۆرىگۈچى (بورلاك)لەر ھارغىن قەدەملىرىنى ئېغىر تاشلاپ يۈك كېمىسىنى سۆرەپ، ۋولگا دەرياسىنىڭ قىرغىقىدىكى قۇملۇقتا جاپالىق ماڭماقتا. قۇملۇقتىكى بىرنەچچە سۇنغان سېۋەتلەر رەسىمگە تېخىمۇ ئېچىنىشلىق كەيپىيات قوشقان. رەسىمدە جەمئىي11 نەپەر كېمە سۆرىگۈچى بولۇپ، رەسسام ئۇلارنىڭ ياش، سەرگۈزەشت، خاراكتېر ۋە خىسلىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئوخشاشماسلىقلارنى كۆڭۈل قويۇپ سۈرەتلەپ، ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. باش كېمە سۆرىگۈچىنىڭ ئىسمى كانىن بولۇپ، ئۆتمىتۆشۈك كىيىم كىيگەن. ئىككى قولى پەسكە ساڭگىلىغان. كېمە سۆرەيدىغان ئارغامچا چىڭ تارتىلغان بولۇپ، ئۇ تەن ۋە روھىي جەھەتتىكى ئازابقا چىداپ تۇرۇۋاتقان، سۇس رەڭلىك كىيىم كىيگەن ياش ئوتتۇرىدا گەۋدىلەندۈرۈلگەن پېرسوناژ بولۇپ، ئۇنىڭ قوشۇمىسى چىڭ تۈرۈلگەن. مۈرىسىنى بېسىپ تۇرغان ئارغامچىنى قوللىرى بىلەن كۈچەپ تەڭشىمەكتە. ئۇنىڭ بېشىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان تۇرقىدىن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا يوشۇرۇنغان بىرخىل قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدىكى ئىككى پېرسوناژنىڭ تۇرقى - ھالىتىدىكى سېلىشتۇرما روشەن بولۇپ، بىرى، تەقدىرگە تەن بېرىپ، بېشىنى ساڭگىلىتىپ گەۋدىسىنى ئالغا سىلجىتماقتا. يەنە بىرى، بېشىنى كەينىگە بۇراپ، كېمە ئىگىسىگە غەزەپ بىلەن ھومايماقتا.
سۇريكوف (1848−1916) چوڭ تىپتىكى تارىخىي رەسىملەرنى سىزىشقا ماھىر. «گۋاردىيىچىلەر قەتلى قىلىنغان سەھەر»، «مىنشكوۋبېلىيوزوف بازىرىدا»، «ئاق سۆڭەك ئايال موروزوۋا» دېگەن رەسىملەر سۇريكوف تارىخى رەسىملىرىنىڭ «ترىلوگىيىسى» دەپ ئاتالغان.
«گۋاردىيىچىلەر قەتلىئام قىلىنغان سەھەر» دېگەن رەسىمدە،17 - ئەسىردىكى رۇسىيە تارىخىدا يۈز بەرگەن ھەقىقىي ۋەقە تەسۋىرلەنگەن.1698 - يىلى پادىشاھ پېتىر چەت ئەلگە زىيارەتكە چىققاندا، رۇسىيىدە گۋاردىيىچىلەرنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىشى بولىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان پادىشاھ پېتىر ئالدىراپ، تېنەپ دۆلىتىگە قايتىپ كېلىپلا، بۇ قېتىمقى ھەربىي ئۆزگىرىشنى پاجىئەلىك باستۇرىدۇ. رەسىمنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى موسكۋا كېرىمىل ساراي تېمىنىڭ سىرتى بىلەن ۋاسىلى بلاژىنى چېركاۋىنىڭ يۇمىلاق ئۆگزىسى ئىدى. كۆك رەڭلىك ھەربىي فورما كىيگەن پادىشاھ پېتىر ئېگىز ئارغىماققا مىنىپ «ئاسىيلىق قىلىشنى پىلانلىغان» گۋاردىيىچىلەرنى قەتلىئام قىلىشقا بىۋاسىتە نازارەت قىلىپ تۇرغان. ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىدە رەتلىك سەپ تارتىپ تۇرغان جازا ئەترىتى بىلەن قاتار تىزىلغان دار تۇراتتى. ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بىر توپ چەت ئەل ئەلچىلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئامراق ۋەزىرلىرى تۇراتتى. ئالدى كۆرۈنۈشتىكى داۋالغۇپ تۇرغان كىشىلەر رەسىمنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلىگەن. گۋاردىيىچىلەرنىڭ دېھقانلاردەك كىيىنىپ ئالغان ئائىلە تاۋابىئاتلىرى قەتل قىلىنىش ئالدىدىكى6 نەپەر گۋاردىيىچىنى ئوراپ ئېلىشقان بولۇپ ئېچىنىشلىق يىغلاشماقتا. بۇ رەسىم رۇس مىللىتىنىڭ ئۆلسىمۇ تىز پۈكمەيدىغان قەيسەر خاراكتېرىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. |
|