بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> گۈزەل- سەنئەت >> كونستايبىرنىڭ «قۇرۇق ئوت باسقان ھارۋا» ۋە كوروتنىڭ «مونتتىكى فونتاينېبلئاۋنى ئەسلەش» دېگەن رەسىمى

كونستايبىرنىڭ «قۇرۇق ئوت باسقان ھارۋا» ۋە كوروتنىڭ «مونتتىكى فونتاينېبلئاۋنى ئەسلەش» دېگەن رەسىمى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-06-15 13:08:44    كۆرۈلۈش سانى : 276  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
18- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى بىلەن19  - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ياۋروپادا، ئەنگلىيىلىك كونستايبىر بىلەن فرانسىيىلىك كوروت ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە مەنزىرە رەسسامى ئىدى. كونستايبىر (1776−1837) ئۇزۇنغىچە يۇرتىدىكى يېزىدا ئولتۇراقلىشىپ، ئەتراپىدىكى نەرسىلەرنى ئىنچىكىلەپ كۆزەتكەن. ئۇ ئاكادېمىزم ئېقىمىدىكى قوڭۇررەڭ تۈسىدە مەنزىرە رەسىم سىزىشتەك تۇراقلاشقان شەكىلنى بۇرۇپ تاشلاشقا جۈرئەت قىلىپ، تەبىئەتتىكى مول رەڭ ئۆزگىرىشلىرىنى ئەينەن سۈرەتلىگەن. ئۇ دائىم دەل - دەرەخ، ئېرىق - ئۆستەڭ، پاخال كەپە، قوي - كالا قاتارلىق ئېكىنزارلىق مەنزىرىلىرىنى سۈرەتلىگەن. مەردانە، شوخ قەلەم ئىشلەتكەن. رەڭلىرى ئوچۇق، يارقىن، ئۇ يورۇق ئاق چېكىتلەر ئارقىلىق دەرەخ يوپۇرماقلىرىدىكى پارقىراق نۇرنى ئىپادىلەشكە ئامراق ئىدى. شۇڭا، كىشىلەر «كونستايبىرنىڭ قېرى» دەپ ئاتاشقان، بەدىئىي ماھارەتتىكى بۇ ئالاھىدىلىكلەر كېيىنچە فرانسىيىدىكى باربىيزون  (nozibraB)رەسىم ئېقىمى، رومانتىك رەسىم ئېقىمى ۋە شۇنداقلا ئىمپېرىسسيئونىزم (msinoisserpmI) رەسىم ئېقىمىدىكىلەرگە ئىنتايىن زور ئىلھام بولغان. «قۇرۇق ئوت باسقان ھارۋا» كونستايبىرنىڭ مەنزىرە رەسىملىرى ئىچىدىكى ئەڭ پوئېزىيىلىك تۈسكە ئىگە رەسىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. رەسىمدە ئەنگلىيە يېزىلىرىنىڭ تەبىئىي كۆرۈنۈشى چىرايلىق رەڭلەر بىلەن قايتا ئايان قىلىنىپ، كىشىگە لاي توپىنىڭ خۇش پۇرىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. فرانسىيىلىك كوروت (1796 −1875 ، toroC) «باربىيزون» رەسىم ئېقىمىگە مەنسۇپ. بۇ رەسىم ئېقىمىدىكىلەر ئەينى چاغدىكى ئاكادېمىزم ئېقىمىدىكىلەر ئەمەل قىلىدىغان كونىلىقنى ساقلايدىغان رەسىم ئۇسلۇبىغا نارازى ئىدى. تەبىئەت كۆرۈنۈشلىرىنى ياخشى كۆرەتتى. دائىم دېگۈدەك پارىژنىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى بابىيزون كەنتىگە ۋە يېقىن ئەتراپتىكى فونتاينېبلىئاۋ ئورمانلىقىغا بېرىپ مەنزىرىلەرنى ناتۇرا سىزاتتى. ئۇلار دېھقانلار بىلەن دوستلىشىپ، دېھقانلار بىلەن بىرلىكتە رەسساملىق سەنئىتى ھەققىدە سۆھبەتلىشەتتى. «تەبىئەتكە يۈزلىنىش، مەنزىرىگە قاراپ ناتۇرا سىزىش» تىن ئىبارەت سەنئەت تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ بەدىئىي ئۇسلۇبىنى يارىتىشنى ئۈمىد قىلاتتى. «مونتتىكى فونتاينېبلئاۋنى ئەسلەش» دېگەن ماي بوياق رەسىم كوروتنىڭ بەدىئىي تەشەببۇسى ۋە مەنزىرە رەسىم ئۇسلۇبىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن. رەسىم خىلۋەت، ئىللىق مەنزىرىنى ئىپادىلەپ كىشىدە بىرخىل تىپتىنچ، يوشۇرۇن، گۇڭگا گۈزەللىك تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ. كوروت ئەسەرلىرىدە كۈچلۈك رەڭلەرنى ئىشلىتىشنى ياقتۇرمايدۇ. شۇڭا، كىشىلەر تەرىپىدىن «كوروتنىڭ ئالىي كۈل رېڭى» دەپ ئاتالغان.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  تەسىرات، كۈن چىققا...
●  شاھيارى ھۆسنىخەت ئ...
●  چاتما رەسىم
●  ھەجۋىي رەسىم
●  باسما رەسىم
●  دۇغ بوياق رەسىم
●  ,رېپىن ۋە ئۇنىڭ «ۋو...
●  تەشۋىقات رەسىم
●  چاغان رەسىمى
●  مەڭگۇ قىزىل گۇلدەك ...
●  سۇ بوياق رەسىم
●  تام رەسىمى(رەسسامل...
●  كونستايبىرنىڭ «قۇر...
●  كوۋربېت ۋوئۇنىڭ«تا...
●  ئۇيغۇر بوۋاي
●  مونېتنىڭ «تەسىرات،...
●  ماي بوياق رەسىم
●  كوۋربېت ۋە ئۇنىڭ «ت...
●  دېلاكرۋانىڭ «ئەرك...
●  داۋېد ۋە ئۇنىڭ «مار...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  تەسىرات، كۈن چىققاندا ن...
●  شاھيارى ھۆسنىخەت ئەسەرل...
●  چاتما رەسىم
●  ھەجۋىي رەسىم
●  باسما رەسىم
●  دۇغ بوياق رەسىم
●  ,رېپىن ۋە ئۇنىڭ «ۋولگا د...
●  تەشۋىقات رەسىم
●  چاغان رەسىمى
●  مەڭگۇ قىزىل گۇلدەك خۇش پ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى