نوئمان ئىبنى ئەمرى (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)

ۋاقتى: 2012-08-13 / ئاپتور: / سەھىپە: ساھابىلار / كۆرۈلۈشى:715 قېتىم ئوقۇلدى /

ئاللاھ

نوئمان بەدىر، ئوھۇد، خەندەك ۋە باشقا چوڭ ئۇرۇشلارغا قاتناشقان، اﷲ يولىدا قان كىچىپ جەڭ قىلغان ئادەم بولسىمۇ، يەنە ئۇ دائىم غەم ئەندىشىدىن خالىي، خۇشالـ خۇرام يۈرىدىغان، ھەزىل سۆزلەرگە ئۇستا، باشقىلارغا چاقچاق قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان قىزىقارلىق ئادەم ئىدى.

ئۇ مەدىنىدىكى بەنۇ نەججار جەمەتىگە مەنسۇپ بولۇپ، مەدىنىدىكى ئىسلامنى دەسلەپ قوبۇل قىلغانلاردىن ئىدى ھەمدە ئىككىنچى قېتىملىق ئەقەبە بەيئىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلغان ئىدى. ئۇ باشتا ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋفنىڭ سىڭلىسىغا، كېيىن ئۇقبە ئىبنى ئەبۇ مۇئەيتنىڭ قىزى ئۇممۇ كۇلسۇمغا ئۆيلىنىش ئارقىلىق، قۇرەيشلەر بىلەن تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. ئۇممۇ كۇلسۇمنىڭ كۈيۈمسىزلىكى ۋە بىشەملىكى سەۋەبىدىن، زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام ئۇنى قويۇۋەتكەن ئىدى.

ئويلىمىغان يەردىن نوئمان بىر مەزگىل ھاراققا خومار بولۇپ قالدى. بىر قېتىم ئۇ ھاراق ئىچىپ تۇتۇلۇپ قالغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى دەررە بىلەن ئۇرۇشقا بۇيرىدى. ئۇ يەنىلا بۇ ئادىتىنى تاشلىمىغاچقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى كەش بىلەن ئۇرۇشقا بۇيرۇدى. يۇقىرىقىلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنى ھاراق ئىچىشتىن توسۇپ قالالمىغانلىقى ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاخىرى:

ـ ئەگەر ئۇ يەنە ھاراق ئىچسە، ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار! ـ دېدى.

بۇ ناھايىتى قاتتىق چىقىرىلغان ھۆكۈم ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىرى بولغان ئۇمەير بۇنى ئاڭلاپ، ئەگەر نوئمان يەنە ھاراق ئىچىدىغان بولسا ئىسلامدىن چىقىپ ئۆلۈمگە لايىق بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ، غەزىپىنى باسالماستىن:

ـ اﷲ ئۇنىڭغا لەنەت قىلسۇن!ـ دەۋەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇمەيرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا:

ـ ياق، ياق! ھەرگىز ئۇنداق دېمە! ئەمەلىيەتتە ئۇ اﷲ نى ۋە اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىنى سۆيىدۇ، بىرەيلەن چوڭ گۇناھ (نوئماننىڭكىگە ئوخشاش) ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىسلام جامائەسىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ. اﷲ نىڭ رەھمىتى موئمىنلەرگە يېقىندۇر، ـ دېدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گەرچە مۇشۇنداق قەتئى ھۆكۈم چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن نوئماننىڭ بەدر غازىتىدا كۆرسەتكەن ئاجايىپ قەھرىمانلىقلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭ خاتالىقلىرىنى تۇنۇپ تەۋبە قىلىشىنى، اﷲ تىن مەغفىرەت تەلەپ قىلىشىنى چىن كۆڭلىدىن ئۈمىت قىلدى. نوئمان گۇناھىنى تۇنۇپ تەۋبە قىلدى. شۇ ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەرنىڭ قايتىدىن ياخشى كۆرۈشىگە سازاۋەر بولدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە بارلىق ساھابىلەرمۇ نوئماننىڭ قىزىقارلىق چاقچاقلىرىدىن ۋە جاراڭلىق كۈلكىلىرىدىن ھۇزۇر ئالدى.

بىر قېتىم نوئمان بازارغا باردى، ئۇ ناھايىتى مەززىلىك بىر يېمەكلىكنىڭ سېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سوۋغا قىلىش مەقسىتىدە ئازراق بۇيرۇتۇپ، ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەۋەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولۇپ ئۇنىڭدىن يېدى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە يېگۈزدى. يېمەكلىك ساتقۇچى نوئماننىڭ قېشىغا پۇلىنى سوراپ كېلىۋىدى، نوئمان ئۇنىڭغا:

ـ رەسۇلۇللانىڭ قېشىغا بارغىن، تاماقنى رەسۇلۇللا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يېدى، ـ دېدى. يېمەكلىك ساتقۇچى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بارغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نوئماندىن:

ـ ئۇنى سەن ماڭا بەرمىگەنمىدىڭ؟ ـ دەپ سورىدى.

ـ شۇنداق، مەن سېنى بۇ تاماقنى ياقتۇرىدۇ دەپ ئويلاپ، سېنىڭ تېتىپ بېقىشىڭ ئۈچۈن ساڭا سوۋغا قىلغان ئىدىم، ئەمما مەندە يېمەكلىك ساتقۇچىغا بەرگۈچىلىك پۇلۇم يوق. شۇڭلاشقا پۇلنى تۆلىۋەتكىن، ئى رەسۇلۇللا! ـ دېدى نوئمان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە باشقا ساھابىلەر كۈلۈشۈپ كەتتى. ئېنىقكى، بۇ كۈلكە ئۇنىڭ ئۆزىگە سوۋغا قىلغان نەرسىگە پۇل تۆلىگەنلىكى ئۈچۈن ئىدى. نوئمان بۇ ئىشتىن ئىككى خىل پايدا ئالغانلىقىنى ھېس قىلدى. بىرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئا ئىلىسىدىكىلەر ئۇ سوۋغا قىلغان يېمەكلىكتىن يەپ لەززەتلەندى، يەنە بىرى ئۇ مۇسۇلمانلارنى بىر قېتىم كۈلدۈرىۋالدى.

يەنە بىر قېتىم ئەبۇ بەكرى ۋە بىر قىسىم ساھابىلەر بۇسراغا سودا قىلغىلى ماڭدى. سەپەر جەريانىدا ھەممەيلەنگە ئايرىم ـ ئايرىم ۋەزىپىلەر بەلگىلەندى. سۇۋەيبىت ئىبنى ھەرمەلە تاماققا ۋە تەمىناتقا مەسئۇل قىلىندى. نوئمانمۇ سودا كارۋىنىدا بار ئىدى. ئۇ يول ئۈستىدە قورسىقى ئېچىپ كېتىپ، سۇۋەيبىتتىن ئازراق تاماق سورىدى. سۇۋەيبىت بەرمىگەن ئىدى، نوئمان ئۇنىڭغا:

ـ مېنىڭ سېنى قانداق قىلىدىغانلىقىمنى بىلەمسەن؟ ـ دەپ تەھدىت سېلىشقا باشلىدى، ئەمما سۇۋەيبىت يەنىلا ئۇنىمىدى. شۇنىڭ بىلەن نوئمان بازارغا بېرىپ بىر توپ ئەرەبلەرنى كۆرۈپ، ئۇلارغا:

ـ مەن سىلەرگە كۈچلۈك ۋە قاۋۇل بىر قۇلنى سېتىم بەرسەم قانداق دەيسىلەر؟ ـ دېدى. ئۇلار ماقۇل بولدى، نوئمان ئۇلارغا:

ـ ئۇنىڭ تىلى ئىتتىك، گەپكە ئۇستا، ئۇ قارشىلىق بىلدۈرۈپ، مەن قۇل ئەمەس! دېيىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىماڭلار، ـ دەپ تاپىلىدى. ئۇنى سېتىۋالغان ئادەم نوئمانغا قۇلنىڭ پۇلى ئۈچۈن 10 قالائىس ( ئالتۇننىڭ بىرلىكى) بەردى. نوئمان بۇ ئىشنى ھەقىقەتەن سودىغا ئايلاندۇرغان ئىدى. قۇلنى سېتىېۋالغۇچىلار ئۆزىنىڭ سېتىۋالغان قۇلىنى ئەكېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. نوئمان سۇۋەيبىتنى كۆرسىتىپ:

ـ مانا بۇ مەن سىلەرگە ساتقان قۇل، ـ دېدى. بۇ ئادەم سۇۋەيبىتنى تارتىپ ئېلىپ ماڭغان ئىدى، ئۇ ۋاقىراپ كەتتى:

ـ مەن قۇل ئەمەس، مەن قۇل ئەمەس، مەن سۇۋەيبىت ئىبنى ھەرمەلە.

ئەمما ئۇلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماي، ئۆزلىرىنىڭ قۇللارغا قىلىدىغان مۇئامىلىسى بويىچە، ئۇنى كانىيىدىن تۇتۇپ ئېلىپ ماڭدى. شۇ چاغقىچە نوئمان ئازراقمۇ كۈلۈپ سالمىدى. سۇۋەيبىت قاتتىق قارشىلىق قىلىۋاتقان چاغدا، ئۇ يەنىلا ناھايىتى ئېغىر ـ بېسىق، ھېچ ئىش بولمىغاندەك تۇراتتى. سۇۋەيبىتنىڭ كارۋاندىكى ھەمراھلىرى نېمە ئىش بولغانلىقىنى چۈشىنىپ، دەرھال كارۋان بېشى بولغان ئەبۇ بەكرىگە ئەھۋالنى ئېيتىشتى. ئۇ دەرھال يېتىپ كېلىپ، ئەمەلى ئەھۋالنى سېتىۋالغۇچىلارغا چۈشەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سۇۋەيبىتنى بۇشىتىپ، پۇللىرىنى قايتۇرىۋېلىشتى. ئەبۇ بەكرى، سۇۋەيبىت، نوئمانلار ئۈچىيى ئۈزۈلگىدەك كۈلۈپ كېتىشتى. مەدىنىگە قايتقاندىن كېيىن بۇ ۋەقە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە باشقا ساھابىلەرگە ئېيتىپ بېرىلگەن ئىدى، ئۇلار يەنە بىر قېتىم قانغىچە كۈلىۋالدى

بىر قېتىم بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى ۋە تۆگىسىنى مەسجىدنىڭ ئىشىكىگە باغلاپ قويدى. ساھابىلەر ئۇ تۆگىنىڭ چوڭ ۋە سېمىزلىكىنى كۆرۈپ، مەززىلىك گۆشىدىن تېتىپ كۆرمەكچى بولۇشتى. شۇنىڭ بىلەن نوئمانغا قاراپ ئۇنىڭدىن:

ـ بۇ تۆگىنى بىر تەرەپ قىلامسەن؟ ـ دەپ سورىدى. نوئمان ئۇلارنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشىنىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ تۆگىنى بۇغۇزلىدى. ھېلىقى چارۋىچى ئەرەب چىقىپ كېلىپ، باشقىلارنىڭ گۆشنى كاۋاب قىلىپ، لەززەتلىنىپ يەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى چۈشەندى ۋە ئېچىنىشلىق ئاۋاز بىلەن:

ـ ۋاي مېنىڭ تۆگەم، ۋاي مېنىڭ تۆگەم، ـ دەپ توۋلىۋەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاقىرىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ چىقىپ كەلدى. ساھابىلەردىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئوقۇپ، نوئماننى ئىزلەشكە باشلىدى، لېكىن ئۇنى تاپالمىدى. نوئمان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنى ئەيىبلىشى ۋە جازالىشىدىن قورقۇپ قېچىپ كەتكەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئاياغ ئىزىنى بويلاپ مېڭىپ، نەۋرە ئىنىسى زۇبەيرنىڭ قىزى دەنبەنىڭ بېغىغا كەلدى. ئۇ ساھابىلەردىن نوئماننىڭ نەدىلىكىنى سورىدى. ئۇلار يېقىن ئەتراپتىكى بىر ئورەكنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، نوئماننى ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن يۇقىرى ئاۋازدا:

ـ ئى رەسۇلۇللا! بىز ئۇنى تاپالمىدۇق، ـ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نوئماننى ئورەكنىڭ ئىچىدە يۈزى، بېشى ۋە ساقىلى بۇلغانغان ھالەتتە، خورمىنىڭ شاخلىرى ۋە يۇپۇرماقلىرى ئارىسىدىن تاپتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى تۇرغۇزۇپ بېشىدىن تۇتۇپ، يۈزىدىكى پاسكىنىچىلىقلارنى سۈرتىۋەتكەچ كۈلۈپ تاشلىدى، ساھابىلەرمۇ كۈلۈشۈپ كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۆگىنىڭ پۇلىنى تۆلىدى، ئاندىن ھەممەيلەن ئولتۇرۇپ گۆشتىن يېيىشتى.

ئېنىقكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نوئماننىڭ چاقچاقلىرىنى ھەرگىزمۇ كۆڭلىگە ئالمىدى، بەلكى ئۇنىڭدىن خۇشاللاندى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى باشقىلارنى كۈلدۈرۈپ، كۆڭۈل ئازادىلىكى پەيدا قىلىش مەقسەت قىلىنغان، كىشىنى غەم ـ ئەندىشىدىن خالىي قىلىدىغان چاقچاقلار ئىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ ئىسلام دىنى ھەرگىزمۇ كىشىلەردىن خۇشال ـ خۇراملىقنى يامان كۆرۈشنى، ئۇنىڭغا سەل قاراشنى، داۋاملىق غەمكىن ھالەتتە ياشاشنى تەلەپ قىلمايتتى. مۇۋاپىق قىلىنغان چاقچاقنى قوبۇل قىلاتتى.

نوئمان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىنمۇ، يەنىلا مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ كۈلكىسىنى ئاياغلاشتۇردىمۇ؟ ئوسماننىڭ خەلىفىلىك دەۋرىدە، بىر توپ ساھابىلەر مەسجىدتە ئولتۇراتتى، ئۇلار مەسجىدتە 105 ياشلارغا كىرىپ قالغان، قېرىلىقتىن تولىمۇ ئاجىزلىشىپ كەتكەن مەكرەمە ئىبنى نەۋفەلنى كۆرۈشتى. مەكرەمە نوئماننىڭ ئايالى، ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋفنىڭ سىڭلىسىغا تۇغقان كېلەتتى. ئۇنىڭ كۆزى كۆرمەيتتى. ئاجىز بولغاچقا مەسجىدنىڭ ئىچىدىمۇ تەس ھەرىكەت قىلاتتى. ئۇ سىيىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇردى، ئېھتىمال ئۇ مەسجىدنىڭ ئىچىگە سىيىپ قويۇشى مۇمكىن ئىدى. لېكىن ساھابىلەر ئۇنىڭغا توۋلاپ ئۇنداق قىلغۇزمىدى. نوئمان باشقىلارنىڭ دېگىنى بويىچە ئۇنى باشقا يەرگە ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇردى. نوئمان ئۇنى ئاپىرىپ قويغان يەر قەيەر؟ ئەمەلىيەتتە ئۇ مەكرەمەنى ئۇ دەسلەپتە ئولتۇرغان جايغا يېقىنراق بىر يەرگە ئاپىرىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويدى، ئەمما يەنىلا مەسجىدنىڭ ئىچى ئىدى. مەسجىدتىكىلەر مەكرەمەگە ئاچچىقلىنىپ توۋلاپ، ئۇنى يەنە قوپقۇزىۋەتتى. بۇ بىچارە ياشانغان ئادەم غەزەپلىنىپ:

ـ مېنى ئەخمەق قىلغان كىم؟ ـ دەپ سورىدى.

ـ نوئمان ئىبنى ئەمرى، ـ دېيىشتى باشقىلار. بۇ ياشانغان ئادەم ئەگەر نوئماننى تۇتىۋالسا، ھاسىسى بىلەن نوئماننىڭ بېشىغا ئۇرىدىغانلىقى توغرىلىق قەسەم قىلدى. نوئمان ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. بىر كۈنى ئۇ ئۆزىنىڭ چاقچاقلىرىنى يەنە قىلماقچى بولدى. ئۇ موئمىنلارنىڭ ئەمىرى ئوسمان ئىبنى ئەففاننىڭ مەسجىدتە ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئوسمان ناماز ئوقۇۋاتقاندا ھەرگىزمۇ دىققىتى چېچىلمايتتى. نوئمان مەسجىدتە مەكرەمەنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئاۋازىنى ئۆزگەرتىپ:

ـ نوئماننى تۇتىۋېلىشنى خالامسەن؟ ـ دېدى.

بۇ ياشانغان ئادەم نوئماننىڭ قىلىقلىرىنى ۋە ئۆزىنىڭ بەرگەن قەسىمىنى ئېسىگە ئېلىپ:

ـ خالايمەن، ئۇ قېنى؟ ـ دەپ توۋلىدى. نوئمان ئۇنىڭ قولىدىن يېتىلەپ، ئۇنى خەلىفە ئوسمان ناماز ئوقۇۋاتقان يەرگە باشلاپ كەلدى ۋە ئۇنىڭغا:

ـ ئۇ مانا! ـ دېدى. بۇ ياشانغان ئادەم ھاسىسىنى كۆتىرىپ، ئوسماننىڭ بېشىغا كېلىشتۈرۈپ بىرنى سالدى. ئوسماننىڭ بېشىدىن قان ئېقىشقا باشلىدى. باشقىلار مەكرەمەگە:

ـ موئمىنلارنىڭ ئەمىرىنى ئۇرامسەن؟ ـ دەپ ۋاقىرىدى. ئۇلار مەكرەمەنى تارتىپ ئېلىپ كېتىشتى. بىر قىسىم كىشىلەر نوئماننى تېپىپ كېلىشكە ماڭماقچى بولىۋېدى، ئوسمان ئۇلارنى توختىتىپ نوئماننى ئەيىبلىمەسلىكنى ئېيتتى. گەرچە ئۇ تاياقنىڭ زەربىسىدىن ئازابلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن نوئماننىڭ قىلغانلىرىدىن قاتتىق كۈلۈپ كەتتى.

نوئمان مۇئاۋىيەنىڭ خەلىفىلىك دەۋرىگىچە ياشىدى، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا پىتنە ئۇنى يەتكىچە ئازابلىدى، بۆلۈنۈش ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئەزدى، خۇشاللىقى نەلەرگىدۇر غايىپ بولدى، شۇ ھالەتتە ئىككىنچى قېتىم كۈلمەي، اﷲ نىڭ دەرگاھىغا كەتتى.

 مەنبە: نۇر ئىسلام

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro