بۈگۈن دادام ئۇزاپ قالغان كۈن

قەلەمىي

كالىندار ئىككى مىڭدىن ئاشقاندا تۆت يىل،
چاپلاشقان ئىكەن بىر كېسەل دادامغا.
بىلمەپتۇق بىر زامان بايقىماي يۈرۈپ،
دېمەپتۇ داداممۇ بىز ھەم ئانامغا.

ئوقۇيمەن دەپتىمەن ئالىي مەكتەپتە،
جان دادام دېمەپتۇ داۋالىناي دەپ.
قىينىسىمۇ كۈنسېرى كېسەل ئازابى،
كۆرمەپتۇ بىزلەرگە جاكارلاشنى ئەپ.

سەۋەبى خاتىرجەم ياشىسا دەپتۇ.
مەندەك دەرت - ئازابقا تولمىسا دەپتۇ.
ئاسانراق نان تېپىپ ھالاۋەت كۆرۈپ،
ياماننىڭ دۇمبىقى بولمىسا دەپتۇ.

شۇنداق دەپ كۈن-كۈننى قوغلاپلا كېتىپ،
دادامنىڭ ئاغرىقىمۇ داۋاملا ئېتىپ.
ئىككى مىڭگە ئالتە يىل قوشۇلغان باھار،
خوش دېدى ئۆمرىنى تاماملا ئېتىپ.

شۇ كۈنى ئاپرېلنىڭ ئاخىرى ئىدى.
ماي كۈلۈپ باقارغا ئىككى كۈن قالغان.
ئاھلىغان بىر كېچە - كۈندۈز توختىماي،
چوڭ-كىچىك ھەممىمىز مۇسىبەتتە قالغان.

جان دادام بىر ئۆمۈر شەھەر كۆرمىگەن.
نە شەھەر، زەررىچە راھەت كۆرمىگەن.
كۆيۈمچان، سۆيۈملۈك ساخاۋەتلىكتى،
ئۆمىرىدە ھېچكىمگە قاپاق تۈرمىگەن.

بىر ئۆمۈر بالا دەپ ياشىغان كۈلگەن،
تۇرمۇشنىڭ دېڭىزىدا غارقىراپ ئۈزگەن.
جاپالار بىر مېنىڭ راھەت سىلەرنىڭ،
دەپ كەلگەن مىڭ تىرىلىپ مىڭ قېتىم ئۆلگەن.

دەل بۈگۈن جان دادام ۋاپات بولغىلى،
ساپمۇساق يەتتە يىل بولغان دەقىقە،
قەبرەڭدىن گۈل ئۈنسۇن جەننەتتىن ئورۇن،
ئالغىنسەن يار بولسۇن مىڭلاپ پەرىشتە.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-28 22:53