ئۇيغۇرلارنىڭ تاش تارازا ياساش ھۈنىرى.
(مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر)
تاش تارازا ـ تاش ۋە ئۈجمە ،ئۈرۈك ياغاچلىردىن پايدىنىپ ياسىلىدىغان ئەنئەنىۋى ئېغىرلىق ئۆلچەش ئەسۋابى.
سانائەت تەرەققىي قىلمىغان چاغلاردا ئەجداتلىرىمىز كۈندىلىك تۇرمۇش،سودا-سېتىق ،يېزا ئىگىلىك ئىشلرىدا تاش تارازىنى ئېغىرلىق ئۆلچەش ئەسۋابى قىلىپ كەلگەن.
ھازىر سانائەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى،كىشىلەرنىڭ ئىستىمال سەۋىيسنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرىلىشى ۋە ئىقتىدارى يۇقۇرى بۇلغان ھەرخىل نۇسخدىكى ئاپتۇماتىك ئىغرلىق ئۆلچەش ئەسۋاپلىرى مەيدانىغا كىلىپ ،ئىھتىياجنىڭ سۇسلىشى بىلەن ئىستىمالدىن قېلىۋاتقان بۇلسىمۇ،خوتەن دىيارمىزنىڭ بىرقىسىم يېزىلىرىدا بۇ ھۈنەرنى تاشلىماي داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقانلار يەنىلا مەۋجۇت.
يېقىندا لوپ ناھىيسنىڭ غەيرى ماددى مەدنىيەت مىراسلىرنى قايتا تەكشۈرۈش.قىزىش،توپلاش جەرياندا،بۇيا يېزىسنىڭ چالمى كەنتە 1-مەھەللىدە نەمەت نەۋرشاھ ئىسىملىك 80 ياشتىن ئاشقان بىر ئۇيغۇر بۇۋاينىڭ 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، بۇ ھۈنەرنى تاشلىماي،ھېلىھەممۇ داۋاملاشتۇرۇپ كىلۋاتقانلىقى ئىنقلىنىپ،سۈرەتلىك ئارخىپ ماتىريالى تۇرغۇزۇلۇپ،ناھىينىڭ
نوقتىلىق قوغدىلىدىغان غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارغا كىرگۈزىلدى.
تاش تارازىنىڭ ياسىلىش ئۇسۇلى ئاددىي بۇلۇپ، بىراق سەۋىرچانلق،سەمىيمىلىك ۋە ئىچىكىلىكنى تەلەپ قىلىدۇ.
تاش تارازنىڭ ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن.تارازا تېشىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى،ئېغىرلىقى ئوخشاش بۇلمايدۇ.
1- باسقۇچ :تارازا تېشى تەييارلاش
تارزا تېشى ئادەتتە كاۋاش تاشتىن ياسىلىدۇ.چۈنكى كاۋاش تاشقا تۈشۈك ئېچىش بىرقەدەر ئاسان.
بۇنداق تاشلار ئاساسەن دىيارمىز خوتەننىڭ يۇرۇڭقاش دەرياسى قاتارلىق جايلىرىدا كۆپ چىقىدۇ.
ئاۋال تاللىۋېلىنغان كاۋاش تېشنىڭ مۇۋاپىق يېرىنى بەلگىلىۋالغاندىن كىين،پۇلات سىمدىن بىگىز (قول ئۈشكىسى) ياساپ،كاۋاش تاشنى تىشىپ،تىشلىگن تۈشىكىدىن مەزمۇت بۇلغان شوينا (چۇچا يىپ) ئۆتكۈزۈلۈپ، تارازا تېشى تەييارلىنىدۇ.
2- باسقۇچ:تارازا شىنىسى(دەستىلگى) ياساش
ئۈرۈك،ئۈجمە،قاتارلىق ياغاچلاردىن تاياقچە كىسىپ ئېلىۋېلىپ، ئۇنى قۇم قەغىزى، بىلەي قاتارلىق سىلىقلاشتۇرۇغۇچى ماددىلارغا سۈركەپ، سىلىقلاپ تارازا شىنىسى (تارازا دەستىلىگى) تەييار قىلىنىلىدۇ.
3- باسقۇچ: تارازا ئىلىمى ياساش
تۈمۈر ياكى پۇلات سىمدىن پايدىلنىپ،تارازا ئىلمىكى تەييارلىنىلىدۇ.
تارازا شىنىسى(دەستىلىگى)نىڭ بىر ئۇچچى قىسمىنى بىگىز(قول ئۈشكىسى) ئارقىلىق تۈشۈك ئېچىپ،تۈشۈك ئېچىلغاندىن كىين شۇينا(چۇچا يىپ)ئۆتكۈزۈپ،تارازا ئىلمىكى ئېلىندۈرلىدۇ.
4- باسقۇچ: ئۆلچەش بىرلىك بەلىگىسى قويۇش ۋە تەڭشەش
تەييارلىۋالغان تارازا شىنىسى (دەستىلىگى) نىڭ ئۈستىنكى سىلىق يۈزىگە ئاچماق كىچىك بىگىز(قول ئۈشكىسى) ئارقىلىق ئۆلچەم بىرلىگى، بەلگىسى چىكىلىدۇ.
ئاندىن مۇقىم بۇلغان ئېغىرلىق تېشى ئارقىلىق ئۆلچەم ئېغىرلىق بەلىگىسىنى تەڭشەش ئارقىلىق تاش تارازا ياسىلىدۇ.
سۈرەتلەر: نەمەت نەۋرشاھنىڭ تاش تارازا ياساش جەريانىلىرى.
سۈرەتلەرنىڭ چۈشەندۈرلىشى.
1- كاۋاك تاش تەييارلىنىدۇ
.