كۆرۈش: 2856|ئىنكاس: 5

بۈگۈن دادام ئۇزاپ قالغان كۈن[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قەلەمىي
تىللا
488
تۆھپە
272
UID
2557
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 11:40:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۈگۈن دادام ئۇزاپ قالغان كۈن

قەلەمىي

كالىندار ئىككى مىڭدىن ئاشقاندا تۆت يىل،

چاپلاشقان ئىكەن بىر كېسەل دادامغا.

بىلمەپتۇق بىر زامان بايقىماي يۈرۈپ،

دېمەپتۇ داداممۇ بىز ھەم ئانامغا.

ئوقۇيمەن دەپتىمەن ئالىي مەكتەپتە،

جان دادام دېمەپتۇ داۋالىناي دەپ.

قىينىسىمۇ كۈنسېرى كېسەل ئازابى،

كۆرمەپتۇ بىزلەرگە جاكارلاشنى ئەپ.

سەۋەبى خاتىرجەم ياشىسا دەپتۇ.

مەندەك دەرت - ئازابقا تولمىسا دەپتۇ.

ئاسانراق نان تېپىپ ھالاۋەت كۆرۈپ،

ياماننىڭ دۇمبىقى بولمىسا دەپتۇ.

شۇنداق دەپ كۈن-كۈننى قوغلاپلا كېتىپ،

دادامنىڭ ئاغرىقىمۇ داۋاملا ئېتىپ.

ئىككى مىڭگە ئالتە يىل قوشۇلغان باھار،

خوش دېدى ئۆمرىنى تاماملا ئېتىپ.

شۇ كۈنى ئاپرېلنىڭ ئاخىرى ئىدى.

ماي كۈلۈپ باقارغا ئىككى كۈن قالغان.

ئاھلىغان بىر كېچە - كۈندۈز توختىماي،

چوڭ-كىچىك ھەممىمىز مۇسىبەتتە قالغان.

جان دادام بىر ئۆمۈر شەھەر كۆرمىگەن.

نە شەھەر، زەررىچە راھەت كۆرمىگەن.

كۆيۈمچان، سۆيۈملۈك ساخاۋەتلىكتى،

ئۆمىرىدە ھېچكىمگە قاپاق تۈرمىگەن.

بىر ئۆمۈر بالا دەپ ياشىغان كۈلگەن،

تۇرمۇشنىڭ دېڭىزىدا غارقىراپ ئۈزگەن.

جاپالار بىر مېنىڭ راھەت سىلەرنىڭ،

دەپ كەلگەن مىڭ تىرىلىپ مىڭ قېتىم ئۆلگەن.

دەل بۈگۈن جان دادام ۋاپات بولغىلى،

ساپمۇساق يەتتە يىل بولغان دەقىقە،

قەبرەڭدىن گۈل ئۈنسۇن جەننەتتىن ئورۇن،

ئالغىنسەن يار بولسۇن مىڭلاپ پەرىشتە.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-28 22:53  


قەلەمىي بېلوگى
ئاچىل تېلۋېزىيسى

ئەسەرلىرىمنى رۇخسىتىمىسىز كۆچۈرمەڭ ،ئىجادىي ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 3Rank: 3

تىللا
237
تۆھپە
84
UID
404
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 23:35:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، ھەقىقىي ھېسسىياتىڭىزكەن.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
132
تۆھپە
82
UID
9404
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 11:19:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپام دائىم  رەھمەتلىك  چوڭ دادامنى بىزگە مانا مۇشۇنداق تەرىپلەپ بىردىغان ،بۇ شېىئرىڭىزدىن  ئاتا-ئانىلارنىڭ شەخسىيەتسىز قەلبىنى يەنە بىر قېتېم ھىس قىلدىم .تۇلىمۇ ياخشى يىزىلىپتۇ ،ئاللا  رەھمەتلىك  دادىڭزنىڭ ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلسۇن  !!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
mvjiza
تىللا
643
تۆھپە
169
UID
6196
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 11:23:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز,شۇ جاپاكەش اتا -انىلىرمىزنى قانچە تەرىپلىسەكمۇ /ازلىق قىلىدۇ.........


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
792
تۆھپە
312
UID
7115
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 13:27:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىل گۈللەر ئىچىلغاندا
مەن بىر غۇنچە ئىدىم
لىكىن ئىچىلىش ئالدىدا
سىزدىن ئايرىلدىم
ئوماق دادام  


Rank: 3Rank: 3

تىللا
173
تۆھپە
96
UID
11161
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 14:32:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كۈنلەر  ھەر كىمنىڭ بېشىغا كېلىدۇ  پەقەتلا ئىلگىر- كىيىنلكىلا  بار .
جاپاكەش ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ  بىزلەرگە قىلغان قۇربانلىقنىڭ ئوندەن بىرسىنى   بىز تېخى  قايتۇرالمايۋاتىمىز .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 03:29, Processed in 0.094477 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991