تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 7599|ئىنكاس: 13

شەكلى ئۆزگەرگەن تىلەمچىلىك (ئىلقۇت)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
335
تۆھپە
168
UID
3123
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شەكلى ئۆزگەرگەن تىلەمچىلىك (ئىلقۇت)



    ئىلاۋە: مەزكۇر ماقالە بۇلتۇر يېزىلغان ماقالە ئىدى. بۈگۈن ئۆزۈمنىڭ بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن يېزىپ قويغان بۇ ئەسىرىمنى قايتا ئوقۇپ چىقتىم ھەم تورداشلار بىلەن ھەمبەھرلىنىش ئۈچۈن بۇ يەرگە كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم، كۆپچىلىكنىڭ ئىلمى پىكىر قاتناشتۇرىشىغا تىلەكداشمەن.

    بۈگۈن تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھويلىسىدا بىر تونۇشۇمنى ساقلاپ ئولتۇراتتىم، بىز سائەت 2 دە كۆرۈشۈشكە كېلىشىپ قويغان بولساقمۇ، مەن سەل بۇرۇن كېلىۋاپتىكەنمەن (ئەزەلدىن باشقىلار بىلەن دېيىشىپ قويغان ۋاقىتتىن كېچىكىپ قېلىشنى خالىمايمەن ئەمەسمۇ؟) شۇڭا مەن مەكتەپ ھويلىسىدا سائەتنىڭ 2 بولۇشىنى ساقلاپ ئولتۇردۇم. تۇيۇقسىز يېنىمغا بىر ئادەم كېلىپ مەن بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ كەتتى (خۇددى بىز تۇنۇشلاردەكلا)، بىز دېگەن مۇسۇلمان خەق ئەمەسمۇ، ھەممە مۇسۇلمان بىر قېرىنداش! شۇڭا ئۇنىڭ بۇنداق كۆرۈشۈشىدىن ئانچە ھەيران قالمىدىم-دە، ئۇنىڭ بىلەن نورمال كۆرۈشتۇم. ئۇ مەن بىلەن كۆرۈشۈپ بولۇپلا پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى.
— دوختۇرخانىغا كىرسە زادى ساق ئادەم قالمىغاندەكلا تۇيغۇغا كېلىپ قالىدىكەن كىشى، ئۇنى بىر دېمەڭ، ماۋۇ دۇختۇرخانىغا كىرسەم كېسەللەرنىڭ كۆپلۈكىدىن ھازىر ساق ئادەم قالمىدىمۇ نېمە دەپ ئويلاپ قالدىم. سىرتقا چىقسام ساق ئادەملەر خېلى باردەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىمەن. قارىسام سىز ئولتۇرۇپسىز، شۇڭا سىز بىلەن بىر كۆرۈشەي دەپ كېلىشىم.
—شۇنداق بولىدۇ-دە، دوختۇرخانا دېگەن كېسەللەر كېلىدىغان جاي تۇرسا.
دېدىم مەن ئۇنىڭ سۆزىگە جاۋابەن.
—ئۆيۈم سانجىدا ئىدى. كېسەل بولۇپ قېلىپ، دوختۇرغا كۆرۈنسەم مەزى بېزى ياللۇغى بولۇپ قاپسەن دېگەن ئىدى. شۇڭا ماۋۇ چوڭ دوختۇرخانا بولغاندىكىن دەپ سانجىدىن كېلىپ مۇشۇ يەردىن دورا ئېلىپ يەپ داۋالىنىۋاتقىلى بىر يېرىم ئاي بولدى. شۇ بۈگۈنمۇ سانجىدىن كېلىشىم ئىدى، دوختۇرخانىدىن دورا سېتىۋېلىپ بولۇپ، قايتاي دېگەندە يېنىمدىكى پۇل قاپچۇقۇمنى ئوغرى ئېلىۋاپتۇ. شۇڭا ئۆيگە قايتىپ كېتەلمەيۋاتىمەن. شۇڭا بىرەرسىنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى يېزىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆيۈمگە قايتىپ كەتكۈدەك پۇل ئۆتنە ئېلىپ ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن تېلېفۇنىغا قاچىلاپ بېرەرمەن دېگەن ئىدىم…
مەن ئۇ ئادەمنىڭ تەقى-تۇرقىغا بىر سەپ سالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئېسىل-سۈپەت كىيىنىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ سۆزىنىڭ راستلىقىغا ئىشىنىپمۇ قالغان ئىدىم. ئەمما تۇيۇقسىز بۇنىڭدىن نەچچە ئاي بۇرۇن ئاكام ماڭا ئېيتىپ بەرگەن بىر ئىش ئېسىمگە كېلىپ قالدى.
ئاكامنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ۋاقىتتا كوچا ئابدۇبۇس بېكىتىدە ئاكامغىمۇ شۇنداقراق بىر ئادەم يۇلۇقۇپ ماڭا ئېيتقاندەكلا سۆزلەرنى قىلىپ، ئاكامغا بولسا بىر ياردەم قىلىشنى سوراپتىكەن. ئاكام شۇ زامانلا ئۇنىڭغا 50 يۈەن بېرىپ يولىغا راۋان بولغاندىن كېيىن، 2 سائەتتەك ۋاقىتتىن كېيىن قايتىپ كېلىۋاتقاندا ھېلىقى ئادەمنىڭ بېكەتتە، باشقىلارغىمۇ ئاكامغا قىلغاندەك سۆزلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ بىر ساختىپەزگە ئۇچرىغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. كېيىنچە يەنە بىر خىزمەتدېشىممۇ ئۆزىنىڭ ئوخشاش ئەھۋالغا يۇلۇققانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى.
شۇڭا مەن دەرھال بۇ شەكلى ئۆزگەرگەن تىلەمچىلىككە ئالدانماسلىق قارارىغا كەلدىم. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ چاندۇرماي ئولتۇردۇم.
بۇ ئادەم تاغدىن، باغدىن سۆز قىلاتتى. ئۇ يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.
—يەنە ئىككى-ئۈچ يىلدىن كېيىن بۇ جاھان نېمە بولۇپ كېتەر؟
نېمە بولۇپ كېتەتتى، جەمئىيەت تەرەققىي قىلىدۇ شۇ. جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ماسلاشقانلار داۋاملىق جەمئىيەت بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدۇ. ماسلىشالمىغانلارنى جەمئىيەت شاللايدۇ. ئارىمىزدىكى بەزى كىشىلەردەك ساختىپەزلىك، ئالدامچىلىق، ئوغرىلىق قىلىپ ئۆز مىللىتىگە «ئۇيغۇر دېگەن ئوغرى» دېگەن چوڭ قالپاقنى كىيگۈزۈپ ئۈلگۈرگەن مىللەتلەرنى بولسا جەمئىيەت شاللىۋېتىشى مۇمكىن. ھە دېسە ھەر خىل ئاماللار بىلەن ئالدامچىلىق، ئوغرىلىق قىلىۋاتقانلار ئۆز مەنپەئىتىنى دەپ مىللەتنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئۆز قىلمىشىنىڭ مىللەتكە چوڭ قالپاق كىيگۈزۈپ قويىدىغانلىقى بىلەن ھېسابلاشماي يۈرگەنلەر ئارىمىزدا كۆپ بولغاچقا جەمئىيەتنىڭ بىزنىڭ مىللىتىمىزنى شاللاش نىسبىتى بىر قەردەر چوڭ بولىدۇ. ئالدامچىلىق قىلىۋاتقان ئاشۇ كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە ئىگە بولماي، مىللەتكە چوڭ قالپاق كىيگۈزۈپ يۈرگەن بولغاچقا، ئۆزىمىزگە ئاز، خۇددى بىر سېسىق ئالما بىر سېۋەت ساق ئالمىنى سېسىتقاندەك ئارىمىزدىكى ئاز بىر قىسىم ئۆز ئىچىمىزدىن چىققان مىللەت داشقاللىرى كۆپ ساندىكى ياخشىلارنىڭ نامىنى بۇلغاپ يۈرگەن بولغاچقا، بىزنىڭ ئۆزىمىزگە ئاز، ئۆزىمىزنىڭ ئارىسىدىن چىققانلار بۇنداق قىلىۋاتسا، يەنە باشقىلاردىن ئاغرىنىشنىڭ ئورنى بارمۇ؟…
دەپ ھە دېسە ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆزىگە ياندۇرۇپ، «ئالدامچلىق» سۆزىنى قاتتىق ئۇرغۇ بىلەن ئېيتقان ئىدىم. بۇ ئادەم مەندىن پۇل سوراشنى ئۇنتۇپ قالدىمۇ نېمە گەپ-سۆزسىزلا ئاستا كېتىپ قالدى.
شۇندىلا مەن ئۇنىڭ ھېلىقىدەك شەكلى ئۆزگەرگەن تىلەمچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئادەم ئىكەنلىكىنى تۇلۇق جەزملەشتۈردۈم.
قېرىنداشلار، بۇنىڭدىن كېيىن ئەگەر سىزمۇ ئوخشاش ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز، ھەرگىز بۇنداق شەكلى ئۆزگەرگەن تىلەمچىلەرنىڭ يالغان سۆزلىرىگە ئىشىنىپ كەتمەڭ، بۇنداق مىللەت نامىنى بۇلغىغۇچىلارغا ئارىمىزدا پارازىتلارچە ياشاشقا ھەرگىز پۇرسەت بەرمەسلىكىمىز كېرەك.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شەكلى ئۆزگەرگەن تىلەمچىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار سەمىگە:
ئەي قېرىندېشىم، ھەر قانچە بولسىمۇ بۇنداق شەكلى ئۆزگەرگەن تىلەمچىلىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىڭ، ھازىر بېجىرىم تېنىڭىزگە تايىنىپ قىلاي دېسىڭىز پۇل تېپىشنىڭ يولى كۆپ، كۈچىڭىزنى ھارام قىلىشتىن باش تارتمىسىڭىزلا، ھازىرقى شارائىتتا كۈنلۈك ئېلىپ ئىشلەش ئانچە تەس ئەمەس، بولۇپمۇ ئۈرۈمچىدەك بۇنداق چوڭ شەھەردە ئىش قىلىش پۇرسىتى كۆپ. ئاشۇنداق شەكلى ئۆزگەرگەن تىلەمچىلىك قىلىشقا سىزنىڭ قانداقمۇ يۈزىڭىز چېدىغاندۇ؟ سىزغۇ مۇشۇنداق ياشاپ، ئۆز قېرىنداشلىرىڭىزنى ئالداپ، ياغاچ قازاندا بىر قېتىم ئاش پىشۇرۇپ ياشاپ ئۆتۈپ كېتەرسىز، شۇنداقلا كۈن كەچۈرسىڭىز، بۇ يورغا ۋاقىت سىزنى تىزلا قېرىتىپ ھالىڭىزدىن قالدۇرۇپ، ئۆز دەرگاھىغا مۇددەتتىن بۇرۇن يول ئېلىشىڭىزغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. سىزنىڭ باشقىلارنى مۇشۇنداق شەكلى ئۆزگەرگەن تىلەمچىلىك بىلەن ئالداپ ياشىشىڭىز زادى قانچىلىك داۋاملىشار؟ سىزگە ئاشۇنداق شەكلى ئۆزگەرگەن تىلەمچىلىك بىلەن ئېرىشكەن بايلىق سېڭەرمۇ؟ سىز پۈتۈن تېنىڭىز ناھايىتى بېجىرىم تۇرۇپ، قىپقىزىل يالغانچىلىق قىلىپ باشقىلارنى ئالداشقا غورۇرىڭىز قانداقمۇ چىدىغاندۇ؟ سىزغۇ ئەجىلىڭىز توشقاندا كېتىپ قالارسىز، ئەمما سىزنىڭ ئەۋلادلىرىڭىز قانداق قىلار؟ سىز سېسىتىپ كەتكەن بۇ ئۇيغۇر مىللىتى قانداق قىلار؟ سىز بۇلارنى ئويلاشمىدىڭىزمۇ؟ ھازىرقى جەمئىيەت تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان جەمئىيەت، دەۋر ھەقىقەتەن رەھىمسىز، سىزدەك پارازىتلار ئەۋج ئالغان مىللەتنىڭ، ۋەتەننىڭ كەلگۈسىدىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟ ئۆزىڭىزگە ئىچىڭىز ئاغرىمىسىمۇ، ئەمما مىللىتىڭىزگە، ئەۋلادلىرىڭىزغا ئاز-تولا ھېسداشلىق قىلىپ قويۇڭ. ئۇلارنىڭ كەلگۈسى يولىنى ئېتىپ قويماڭ، ئۇلارمۇ يۈزى يۇرۇق ياشىسۇن!
پەقەت توختىماستىن ئىزدىنىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۇلۇق ماسلىشالىغانلارلا ئاندىن بۇ جەمئىيەتتە كۈنسېرى كۈچلىنىپ، ئۇزۇن مۇددەت پۇت تېرەپ تۇرالايدۇ.
كېلەر قېتىم، ئەگەر سىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك شەكلى ئۆزگەرگەن تىلەمچىلىككە يولۇقسىڭىز، قىلچە رەھىم قىلماستىن ئۇلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ ئارىمىزدا پارازىتلارچە ياشىشىغا قەتئىي يول قويماسلىقىڭىزغا تىلەكداشمەن.
بۈگۈنكى بۇ كۆرۈنۈش، سابىق سەلكىن مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنغان «ئاكىجان قورسىقىم ئاچ» (تېمىسى شۇنداققۇ دەيمەن) ناملىق ئەسەرنى قايتا ئەسكە سېلىپ قويدى.
2011-يىلى 2-ئىيۇن
----------------------------
مەنبە: ئىلقۇت بلوگىدىن ئېلىندى
http://blog.ilqut.com/index.php/archives/2535.html


ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەرىكەتتە!
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
335
تۆھپە
168
UID
3123
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرىنچى بولۇپ ئۆزۈم ئىنكاس قىستۇرىۋالاي ھە...
بلوگىمنىڭ بىر بۇلۇڭلىرىدا بېسىلىپ قالغان بۇ ماقالەمنى بۈگۈن قايتا كۆرۈپ چىقىشىمغا سەۋەبچى بولغان بىر ئىش بار. ئۇ بولسىمۇ مەن بۈگۈن مىسرانىم مۇنبىرىدە «ئۇ سېنىڭ ئاناڭ» ناملىق يۈرەكنى ئەزگۈدەك ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ سەھرايى كەبىر كۈلبەمدىكى بۇ يازمىنى قايتا ماتىلاپ چىقتىم. پىشمىغان قەلىمىمدە ۋۇجۇدقا كەلگەن بۇ «ئەسەر» گە تورداشلارنىڭ ئىلمىي پىكىر قاتناشتۇرۇشىنى قىزغىن قارىشى ئالىمەن.


ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەرىكەتتە!

Rank: 2

تىللا
52
تۆھپە
19
UID
5687
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئادەملەرنىڭ غۇرۇرى نەگە كەتكەندۇ ھە


Rank: 2

تىللا
57
تۆھپە
24
UID
16029
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا،نىمە بۇلۇۋاتىدۇ بۇ جاھانغا ؟ مەن تېخى يېقېندىلا سىز دىگەندەك بىرسىگە يۇلۇقتۇم، ئۇ ئادەم(چىرايى قازاقلاردەك) ئۆزىنى :مەن داۋانچىڭدىن، [يىشۆيۆەنگە] مەزى بىزى دورىسى ئالغىلى  نەچچە ئايدا بىر كىلەتتىم،بۈگۈن كىلىپلا 52-يول [نەنزىگو] بىكىتىدە ھەميانىم ۋە داۋالىنىش كارتىلىرىمنى ئوغرى ئىلىۋالدى.17يۈەن بولسا داۋانچىڭغا كىتەلەيتىم.بېرىپلا تىلفۇنىڭىزغا قاچىلۋىتىمەن؛.......دىگەن ،گەپنىڭ بىشى سىز يازغاندەك مۇسۇلمان قېرىنداشلىقتىن باشلانغان. مەنمۇ ئككىلەنمەيلا 20يۈەن بېرىپ  تېخى تەسەللىمۇ بەرگەن.‹اللا›يۇلىدا.        ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىشلار بىر جايدا يۈزبەرگەن.شۇنىڭدەك بۇ شەكلى ئۆگەرگەن تىلەمچىلىك راستىنلا باردەك قىلىدۇ .كۆزىمىزنى يوغان ئىچىپ ئەمدى بۇنداقلارغا ئالدانمايلى..!


Rank: 4

تىللا
335
تۆھپە
168
UID
3123
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
UTKU يوللىغان ۋاقتى  2012-6-5 00:13
توۋا،نىمە بۇلۇۋاتىدۇ بۇ جاھانغا ؟ مەن تېخى يېقېندىلا س ...

سىزمۇ ئوخشاش ئەھۋالغا يولۇقۇپسىز دەڭە.....


ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەرىكەتتە!

Rank: 3Rank: 3

تىللا
138
تۆھپە
86
UID
9404
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھېلقىدەك يەرگە تاماق يەيدىغان پۇلۇم يوق 6سوم بەرگەن بولساڭلار دەپ يېزېپ قۇيۇپ تىلەيدىغانلاغا بەك ئۆچ ئېدىم ئەمدى مۇنداق ئىلمى  تىلەمچى پەيدا بوپتۇ-دە .ئىھتىيات  قىلساق بولغىدەك


Rank: 3Rank: 3

تىللا
219
تۆھپە
44
UID
11362
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەنمۇ بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مۇشۇنداق بىر ئىشقا يولۇققان ، بۇنداق شەكلى ئۆزگەرگەن تىلەمچىلەرگە
ھەرگىز ئالدىنىپ قېلىشقا بولمايدۇ .


Rank: 4

تىللا
335
تۆھپە
168
UID
3123
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uygari يوللىغان ۋاقتى  2012-6-5 17:04
مەنمۇ بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مۇشۇنداق بىر ئىشقا يو ...

شۇنداق، بىز ئۇلارغا ئالدانساق بەلكىم بىر قېتىملىق ئازراق پۇلدىن زىيان تارتقان بولۇشىمىز مۇمكىن. ئەمما ئەڭ مۇھىمى بىز ئۇلارنى داۋاملىق قوللاپ بەرسەك، ئەكسىچە ئۇلارغا، ئاخىرى بېرىپ بۇ بىر پۈتۈن مىللەتكە زىيانكەشلىك قىلغان بولۇپ قالىمىز. شۇڭا، بىز ھەر ۋاقىت بۇ خىل ئەھۋاللاردىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرەك.


ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەرىكەتتە!

Rank: 4

ئىسىمى
قۇياش
تىللا
329
تۆھپە
179
UID
4328

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سابىق سەلكىن مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنغان «ئاكىجان قورسىقىم ئاچ» (تېمىسى شۇنداققۇ دەيمەن) ناملىق ئەسەرنى قايتا ئەسكە سېلىپ قويدى.

» ئاكىجان قورسىقىم بەكلا ئىچىپ كەتتى «  
2009-يىل 3-ئاينىڭ 21-كۈنى سەلكىندىن سادا تۇنجى پىروگراممىسىدا  نورۇز بايرىمىلىق ئاۋازغا ئىلىپ تارقىتىلغان ئەسەر  ( يەنى مىنىڭ ھېكايەم )
بۇ ئەسەرنى يىزىۋىتىپ مىنىڭ ئاشۇ ئەسىرىمنى يادىڭىزغا ئالغانلىقىڭىزدىن سۆيۈندۇم . رەھمەت


Rank: 4

تىللا
335
تۆھپە
168
UID
3123
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kuyax يوللىغان ۋاقتى  2012-6-5 17:28
سابىق سەلكىن مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنغان «ئاكىجان قورسىق ...

ھە، ئەسلى ئۇ ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى سىز ئىكەنسىز ھە....
ئەسەر ھەقىقەتەن پەيزى چىققان ئەسەر ئىكەنتۇق. شۇڭا مەن ئۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىق ھۆججىتىنى ئالاھىدە ساقلىۋالغان ئىدىم.


ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەرىكەتتە!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-9 13:31, Processed in 0.081814 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991