تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 1836|ئىنكاس: 4

خەلق تورى ئوبزورى: بالىلارنىڭ ‹‹خۇشاللىق كۆرسەتكۈچى›› نى قانچىلىك[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تىللا
185
تۆھپە
15
UID
5032
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بالىلارنىڭ ‹‹خۇشاللىق كۆرسەتكۈچى›› نى قانچىلىك ئاتا-ئانا چۈشىنىدۇ؟


جياڭ خوڭبىڭ


      خۇددىي بۈگۈنكى كۈندىكى نۇرغۇن بايراملارغا ئوخشاش ، ‹‹1-ئىيۇن ›› بالىلار بايرىمى ھارپىسىدا ھەرقايسى شەھەرلەردىكى سودا ئاپپاراتلىرى قىزىپ كەتتى . سودا دۇكىنىدىكى بالىلار بۇيۇملىرى پوكەيلىرى پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ ، رەڭگارەڭ ئېلان ، ھەر خىل سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لايىھەسى ۋە ئەپچىل ھېسسىيات ۋىۋىسكىلىرى ئارقىلىق ئاتا-ئانىلارنى تەسىرلەندۈردى. مېڭىسىنى تېخىمۇ ئىشلىتىشنى بىلىدىغان سودىگەرلەر دەرھال ئاساسىي تېمىدىكى داڭلىق مەھسۇلاتلارنى ئالاھىدە سېتىش يەرمەنكىسى ئۆتكۈزدى . شاڭخەيدىكى بىر بالىلار داڭلىق بۇيۇملىرىنى ئالاھىدە سېتىش يەرمەنكىسىدە دەرۋەقە نەچچە مىڭ ئائىلە باشلىقى مەيدانغا كىرىش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇرغان ھەيۋەتلىك مەنزىرە بارلىققا كەلگەن . ئائىلە باشلىقلىرى بىر تەرەپتىن بالىلار بۇيۇملىرى باھاسىنىڭ قىممەت بولۇپ چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن ئاغرىنىپ ، باشقا دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرسا ، يەنە بىر تەرەپتىن تالىشىپ سېتىۋېلىۋاتىدۇ . بىرسى خۇلاسىلەپ : بالىلار بۇيۇملىرى باھاسىنىڭ تەركىبىدە تەننەرخ ۋە سودا پايدىسىدىن سىرت ، يەنە ‹‹ ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇھەببىتى ›› دىن ئىبارەت قوشۇمچە باھا بار، شۇنىڭ ئۈچۈن باھانىڭ قىممەت بولۇشىنىڭ داۋلىيسى بار دېگەن .
      لېكىن بىر يۈرۈش قىممەت بالىلار كىيىمى ، ئويۇنچۇق ، بۇ ‹‹1-ئىيۇن›› بالىلار بايرىمىدا زادى قانچە بالىنىڭ قەلبىدە ھەقىقىي بەخت تۇيغۇسىنى ئويغىتالايدۇ ، بالىلارنىڭ سوۋغىنى ئالغان ئاشۇ پەيتتىكى ئاتا-ئانىلارنى خۇشال قىلىپ قانائەتلەندۈرگەن ھاياجانلىق كۈلكە چىرايى يەنە قانچە ئۇزۇنغىچە داۋاملىشىدۇ ، ــ بىر سائەت ، بىر-ئىككى كۈن ، ياكى بىر–ئىككى ھەپتىمۇ؟
      كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلىۋاتقان ، يالغۇز پەرزەنتلەر ئائىلىلەردە ‹‹كىچىك شاھزادە ›› ، ‹‹كىچىك مەلىكە ›› دەپ قارىلىۋاتقان بۇ دەۋردە ، ئائىلە باشلىقلىرى ئامراقلىقىنى زادى قانداق ئىپادىلىگەندە ، ئاندىن بالىلارغا ھەقىقىي خۇشاللىق ئېلىپ كېلەلەيدۇ ، بۇ ئەمەلىيەتتە ناھايىتى باش قاتۇرىدىغان ، لېكىن تىنچ ئولتۇرۇپ ئويلىنىشقا تېخىمۇ ئەرزىيدىغان تېما . ھاللىق ھەتتا باي ئائىلىلەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ، تۇغۇلغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ھەددىدىن تاشقىرى كۆيۈنۈشكە ئېرىشىپ كەلگەن نۇرغۇن بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ھەر يىلى تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان يېڭى يىل ، تۇغۇلغان كۈن، 1-ئىيۇن ، روژدېستوۋ بايرىمى قاتارلىقلار، ئۈچ ئەۋلاد ئائىلە باشلىقلىرى ، تۇغقان ،  دوست - بۇرادەر، ھەتتا ھەرخىل چوڭلار دۇنياسىدىكى بالىلار ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن بار تاۋىقىم ، يان تاۋىقىم قاتارلىقلار ھەرخىل چىرايلىق كىيىم ، مەززىلىك تائام ، نەپىس ئويۇنچۇق ، يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن ئېسىل بالىلار كىتابلىرىدىن تارتىپ مودا ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىغا گەپ كەتمەيدىغان بولۇپ ، بۇلارنىڭمۇ بالىلارنى بىردىنلا خۇشال قىلىۋېتىشى قىيىن بولۇپ قالدى .          ئەگەر بىر بالىنىڭ ‹‹1-ئىيۇن ›› بالىلار بايرىمىدىكى ، ھەتتا بالىلىق ۋاقتىدىكى تەشنالىقى ھەر قېتىم پەقەت بىر خىل ماددىي ئارزۇسىنى قاندۇرۇشلا بولسا ، بالىلارنىڭ ‹‹ئىشتىھاسى ›› ئائىلە باشلىقلىرىنى ئىپتىخارلىق ھېس قىلدۇرامدۇ ؟ ياكى ئۇلارنىڭ قەلبىنىڭ بۇيۇملىشىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلدۇرامدۇ؟
      بىر كەسپىي بالىلار بازىرى مەسلىھەتچىلىك شىركىتى يېقىندا ‹‹2012-يىلدىكى شەھەر بالىلىرىنىڭ خۇشاللىق كۆرسەتكۈچى›› نى ئېلان قىلدى ، ئۇ شىركەتنىڭ مەملىكەت بويىچە 10 شەھەردىن ئىختىيارىي ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسى بالىلارنىڭ يېشى قانچىكى كىچىك بولسا ‹‹ئارزۇسى ››شۇنچە چوڭ بولىدىغانلىقىنى ، باشلانغۇچ ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يۇقىرى يىللىقلىرىغا چىققاندا نۇرغۇن بالىلارنىڭ ئارزۇسى سۇسلىشىپ ، پەقەت ‹‹ئىمتىھاندا كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشىش›› تىن ئىبارەت بىرلا مۇددىئاسىنىڭ قالىدىغانلىقىنى ، ئېغىر ئۆگىنىش بېسىمى ئاستىدا ، ئۇلارنى ئازراق خۇشال قىلىدىغىنى كۆپىنچە ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى ئويناش ، كارتون فىلىملىرىنى كۆرۈش ، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ئويناش ، QQ دا پاراڭلىشىش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن .
      بېيىغان بۇ بىر ئەۋلاد جۇڭگولۇق ئاتا-ئانىلار ، بوۋا-مومىلار يەنىلا ئائىلە تەربىيەسنىڭ ‹‹دەسلەپكى باسقۇچى›› دا تۇرىۋاتقان بولۇپ ، ماددىي ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ، ۋە پۇل ئارقىلىق بالىلارنىڭ ‹‹باشلىنىش نۇقتىسىدا غەلىبە قىلىشى›› غا ياردەم قىلىشقا، ئۆزىنىڭ بالىلارغا بولغان مۇھەببىتى ۋە تەربىيەگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى مۇستەقىل ئىپادىلەشتىن ۋاز كەچمەسلىككە ئادەتلەنگەن .
      خۇشاللىق ساددا بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ھەقىقەتەن ناھايىتى ئاددىي ئىش . شاڭخەيدە ‹‹1-ئىيۇن›› بالىلار بايرىمىدىن ئىلگىرى بىر داڭلىق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزلىرىنىڭ ‹‹بالىلار بايرىمىدىكى ئارزۇسى›› نى يازدۇرغاندا نۇرغۇن بالىلارنىڭ پەقەت ‹‹ئاتا-ئانام بىلەن بىللە بولۇش›› دەپ يېزىشى كىمنىڭ ئويىغا كەلگەن .
      ئۇلارنىڭ ئانچە كۆپ ئارزۇ ۋە تەلىپى يوق ، پەقەت بالىلار بىلەن بىللە بولۇپ ، ئۇلارغا تېخىمۇ بىخەتەر، خاتىرجەم بىر مۇھىت يارىتىپ بېرىپ ، تىنچ ، گۈزەل بىر كۈننى يارىتىپ بېرىش كېرەك .  سىز شۇنداق قىلالىدىڭىزمۇ .......؟
      تەرجىمە قىلغۇچى: مۇسا ئەخمەت
      مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-4 16:10  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
335
تۆھپە
168
UID
3123
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  1. تۇغۇلغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ھەددىدىن تاشقىرى كۆيۈنۈشكە ئېرىشىپ كەلگەن نۇرغۇن بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ...
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
بۇ يەردىكى «ھەددىدىن تاشقى كۆيۈنۈش» دېگەننى «زىيادە كۆيۈنۈش» دەپ ئالساق ياخشىراق بولارمىكىن


ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەرىكەتتە!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نىفىت
تىللا
533
تۆھپە
300
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلقۇت يوللىغان ۋاقتى  2012-6-4 17:28
بۇ يەردىكى «ھەددىدىن تاشقى كۆيۈنۈش» دېگەننى «زىيادە ك ...

سىزنىڭ دىگىنىڭىزمۇ توغىرا ، ئەڭ ياخشىسى نىمە دىسە شۇنى قىلىپ بىرىش دىسەك بولارمىكى !!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-9 16:09, Processed in 0.073435 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991