ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر
ئەتراپىمىزدىكى كۆپلىگەن ئەر ئۆمۈر بويى جۈپتى ھالال بىر قەدىناس ئايالىغا سادىق بولۇپ ئۆتۈۋاتقان بولسىمۇ، نىكاھنى مەسئۇلىيەت ئورنىدا كۆرمەيدىغان قىسمەن ئەرلەر خوتۇن ئۈستىگە خوتۇن ئېلىشتىن ئىبارەت قانۇن ۋە ئەخلاققا خىلاپ يولدا ماڭماقتا. يېقىندىن بۇيان ئىككى خوتۇن ئالىدىغان، ھەتتا ئىككىدىن ئارتۇق خوتۇن ئالىدىغانلار توغرىسىدىكى گەپ-سۆزلەرنى تولا ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدىم، مۇشۇ خىل گەپلەرنى ئاڭلىغاندا شۇنداق ئەرلەردىكى ۋىجدان تارازىسىنىڭ قەيەرلەرگىدۇر يوقىلىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى.
بىر قانچە كۈن بورۇن رادىيودىن بىر يىگىتنىڭ ئاكىسى (مەن ئاكىسى دەپ مەسلىھەت سورىغىنى بىلەن بۇ يىگىت شۇ كىشىنىڭ ئۆزى بولۇشىمۇ مۇمكىن) توغرىسىدىكى تۆۋەندىكى بايانلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇنىڭ ئاكىسى ئاتۇشتا سودىگەرچىلىك قىلىدىغان بولۇپ، بۇ يىل 30 ياشتىن ئېشىپتۇ. ئۇ بەش يىل بورۇن بىر خوتۇن ئالغانىكەن. ھازىر ئىككى بالىلىقمۇ بوپتۇ. ئۇ توي قىلغاندىن كېيىن ئىش-ئوقىتى راۋاجلىنىپ خېلى كۆپ پۇل تېپىپتۇ. سودىسىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ سودىسىنى ئاتۇشتىن بارغانسېرى ئۈرۈمچىگە كېڭەيتىۋاپتۇ. ئۈرۈمچىدىن ئۆيمۇ سېتىۋاپتۇ. ئۇنىڭ ئايالى ئىككى بالىسىغا قارىغاچ ئاتۇشتىكى ئۆيدە ئولتۇرىدىكەن. ئۇنىڭ ئۆزى بولسا ئۈرۈمچىدە بىر مەزگىل تۇرسا، ئاتۇشتا بىر مەزگىل تۇرۇپ سودا ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدىكەن. بىر يىل بورۇن بۇ ئەر سودا قىلىش جەريانىدا ئۈرۈمچىدىكى بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ، ئايالىنىڭ ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، ئۇ قىزنى ئىككىنچى خوتۇنلۇققا ئاپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىر خوتۇنى ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدە، يەنە بىر خوتۇنى ئاتۇشتىكى ئۆيىدە تۇرۇپتۇ. بۇ ئەر ئىككىنچى خوتۇننى ئالغاندىن باشلاپ، دەسلەپكى خوتۇنى ئېرىدىن قاتتىق كۈنلەيدىغان، ئاتۇشتىكى ئۆيىگە بارسىلا يولدىشى بىلەن سوقۇشىدىغان بولۇپ قاپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ ئەرنىڭ دەسلەپتە ئالغان، ئىككى بالىسىنىڭ ئانىسى بولغان خوتۇنىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ. بۇ ئەرنىڭ ئادەمنى ئەڭ ئەپسۇسلاندۇرىدىغان بىر تەرىپى شۇكى، بۇ ئەر ئىككى خوتۇنغىمۇ قانائەت قىلمىغاندەك، ئۆزىنىڭ بايلىقىغا تايىنىپ يەنە بىر قىزنى ئىندەككە كەلتۈرۈپتۇ ۋە بۇ قىزنىمۇ ئەمرىگە ئالماقچى بوپتۇ. يولدىشىنىڭ يەنە بىر خوتۇن ئالماقچى بولغىنىدىن خەۋەردار بولغان دەسلەپكى ئايالى بۇ ئەلەملەرگە چىدىماي يولدىشىغا تەگمەكچى بولغان ئۈچۈنچى قىزغا تېلېفون قىلىپ ئۇنداق قىلماسلىق ھەققىدە نەسىھەت قىلغانىكەن، ئۈچىنچى قىز بۇ ئايالغا ‹‹بالىنى ئېلىپ ئۆيدىن يوقال، ئۇ ئۆيگە ئەمدى مەن كىرىمەن›› دەپ سوقۇشۇپتۇ.
بۇلارنى ئاڭلاپ، كاللامنى نۇرغۇنلىغان گادىرماچ خىياللار چىرمىۋالدى. ئويلىنىپ قالدىم. بۇ ئەر ھازىر ئۇ ئۈچ بۇرجەكلىك مۇھەببەتنىڭ قاينىمىدا چۆرگىلەۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ يۇقىرىقى ئىشلىرى قانۇنغىمۇ، ئەخلاققىمۇ خىلاپ ھەرىكەت بولۇپلا قالماي،ئەرلەرنىڭ ئۆز ۋەزىپە–مەسئۇلىيتىگە پەرۋاسىز قارىشى، ھەتتا ئارقىسنى قىلىۋېلىشى، ئاياللارنى خار، بالىلارنى بىچارە، ئائىلىنى پاراكەندە، قوۋم–مىللەتلەرنى نىمجان، جەمئىيەتىنى سوغۇق، مۇدھىش قىلۋېتىدۇ.
بىر ئەرنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپە، مەجبۇرىيەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىپ ئائىلە، جەمئىيەتنى تەشكىللەپ گۈللەندۈرۈشى ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تەن، ئەقىل، ئەقىدىدە ساغلام كامىل بولۇشىنى شەرت قىلىدۇ. ئۇلۇغ غايە بىجرىم تەنگە تەقەززا، ئۇلۇغ پىلان-تەسەۋۋۇر ساغلام ئەقىلگە ئەقىلگە مۇھتاج. ئورتاق ئېتىراپقا ئېرىشەلەيدىغان ھەرقانداق نەتىجە-مۇۋەپپەقىيەت دۇرۇس، چىن، ئەقىدە ئېتىقادقا سېزىك. بىر ئەر ئۆزىدە، خاراكتېرىدە مانا شۇ تەن، ئەقىل، ئەقىدە بىرلىكىنى لايىقىدا بىرلەشتۈرەلىگەندىلا ئاندىن ئايال، پەرزەنت، ئائىلە، قوۋم، جەمئىيەت، ئەجداد، ئەۋلاد ئالدىدىكى ئەقەللىي مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالالايدۇ. شۇڭا دەيمىزكى، ئەر ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىدە جەزمەن ھازىرلاشقا تېگىشلىك تەن، ئەقىل، ئەقىدە ساغلاملىقىنى ھەل قىلىشى كېرەك. ئاندىن ئۇ خوتۇنىنىمۇ راۋرۇس ئىتائىتىگە ئالالايدۇ، پەرزەنت ئالدىدا جىنايەتچى، ئەجدات ئالدىدا خىيانەتچى بولۇپ قالمايدۇ، ئەل-ئۇلۇس ئۇنى قارغىمايدۇ. ئۆزى ھەر جەھەتتىن دۇرۇس ئەرلەر ئەزگۈ ئىش-ئەمەللەرنى ئىزدەپ سوراپ قىلىدۇ، يامانلىق، رەزىللىك، زالالەتكە پۇت تىقمايدۇ، بەلكى ئۇنى زور كۈچ بىلەن توسىدۇ، تېنى زەئىپ، ئەقلى چولتا ياكى تولۇق ئويغانمىغان، ئىدىيەسى چۈشكۈن، زەئىپ ۋە بىنورمال ئادەملا يىرگىنىشلىك پاسىقلىققىمۇ چىۋىنگە ئوخشاش ئولىشىدۇ، رەزىللىككە مىت قىلمايدۇ، ھاياسىزلىقنى ھېچ ئىش بولمىغاندەك قۇبۇل قىلىۋېرىدۇ، ئەتراپتىكى ناھەقچىلىق، ئادالەتسىزلىكلەرنى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بىلىپ كۆزىنى يۇمۇۋالىدۇ. بوشاڭ ئەرلەر ھەقىقەتەنمۇ پاسىقلىققا ئەڭ يېقىندۇر. ئەرلىك روھ دەل ھاياتقا بولغان ئەقىدە-ئىمانى سۇس بولغان ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا شىدددەت بىلەن ئاجىزلايدۇ، سۇنىدۇ. ئاندىن ئومۇمىي قوۋم ئارىسىدا ئىجتىمائىي قاباھەت-كرىزىس يەنە شۇنداق شىددەت بىلەن كېڭىيىپ كېتىدۇ-دە، خوتۇن-قىزلارنىڭ چېھرىدىكى ئەرلەرنىڭ غورۇر- ئىپتىخارى بولىمىش ناز-كەرەشمە، ھايا-ئىپپەت ئۆچىدۇ، بالىلارنىڭ ۋۇجۇدى قۇرۇپ كېتىدۇ. نىكاھ پاجىئەلىرى ۋە بۇزۇقچىلىقلىرى ئەئىلە-ئائىلىلەرنى قاپلاپ كېتىدۇ. ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا يەنە شۇ ئەرلەرنىڭ بوينى قىسىلىپ، تىلى تۇتۇلۇپ، بوينى ئېگىلىپ كېتىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ، ھاياسىز، پاسىقلىقلار ئارىسىدىن ئەرلىك روھى قالمىغان ئاجىز بىچارە ئەرلەرنىڭ مەيۈس ۋايساشلىرى ۋە قابىل ئەرلەرنىڭ غەزەپلىك ئاھسىنىشلىرى بوش ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ.
ئاياللار، بالىلار ئەرلەرنىڭ قوغدىشى بەرھەق بولغان تاۋاباتلار جۈملىسىدىندۇر. ئاياللارنى ئاسرىماسلىق، سۆيمەسلىك، تەربىيلىمەسلىك، ئۇنىڭ ئارزۇ-خاھىشىغا سەل قاراش تۈپەيلى ئاياللار يولدىن چىقىپ كېتىدۇ. ھەر بىر بۇزۇق خوتۇننىڭ كەينىدە بوشاڭ ئەردىن بىرى بار، ھەربىر ئەخلاقسىز قىزنىڭ كەينىدە مەسئۇلىيەتسىز دادىدىن، پەرۋاسىز ئاكىدىن ياكى بىغەم ئۇكىدىن بىرى ياكى بىر نەچچىسى بار. ھېچ بولمىغاندا پاكىز، سالىھ قىز-خوتۇنلارنى بۇزغىلى، ھايۋانى نەپسىنى ھارامدىن قاندۇرۇش كويىدىلا يۈرىدىغان بەدبەخت ئەردىن كۈرمىڭى بار. دېمەككى، خوتۇن-قىزلارنىڭ ساقلىقى، پاكلىقى، ئاقلىقى ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ تۈزەلمىكى، كۈچلەنمىكى، ئۆزلىرىنى تەن، ئەقىل، ئەقىدىدە كامىل، قابىل قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقمىقى مۇرەسسە قىلىپ بولمايدىغان ھەقىقەتتۇر. قابىر ئەرلەر سالىھ ئاياللارنى تەربىيلەپ، يېتىشتۈرۈپ چىقالايدۇ، پەزىلەتلىك ئاياللار مۇنەۋۋەر بالىلارنى تۈركۈملەپ تۇغۇپ تەربىيەلەپ بېرەلەيدۇ. مىللەتنىڭ جىسمانىي، مەنىۋى گەۋدىسى شۇندىلا مۇناردەك كېرىلىپ تىكلىندۇ.
ئەر دېمەك مەسئۇلىيەت دېمەكتۇر. ئەرنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق روھى ئادەتتە ئائىلە تەشكىللەش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە ئەڭ كۈچلۈك ئەكس ئېتىدۇ. ئۆز ئائىلىسىنى كۆڭۈلدىكىدەك تەرتىپكە سېلىپ ئۇنى خاتىرجەم قىلالىغان ھەم ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئورتاق ساداقىتى ئارقىلىق ئۆزى خاتىرجەملىك تۇيغۇسىغا ئېرىشەلىگەن ئەرلەر ھەر قانداق كەسىپ، خىزمەت ، سودىنى ئارامخۇدا، ئوڭۇشلۇق بېجىرەلەيدۇ. ئۆز ئائىلىسىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن ئەر پاراكەندە، ۋەيرانچىلىقتىن قۇتۇلالمايدۇ، ئىشلىرى ئالغا باسمايدۇ. ئەر ھورۇنلۇق، ئېزىلەڭگۈلۈك قىلىپ ئائىلىسىنى ياخشى قامدىيالماي، ئائىلە ئەزالىرىنى مۇھتاجلىقتا سارغايتىپ قويسا، ئۇلارنى قوغدىيالمىسا، ئائىلىدە ھۆرمەت قالمايدۇ، خاتىرجەملەك بولمايدۇ. بۇنداق ئائىلىلەر بىلەن تولغان جەمئىيەت تېخىمۇ مۇدھىش پاراكەندە بولۇپ كېتىدۇ. ئەرنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ئائىلىنى مۇستەھكەم تۇتۇپ تۇرغۇچى ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر.
مۇھەررىرى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
ئاپتور: ‹‹شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى›› ئۇيغۇر مۇخبىرلار بۆلۈمىدە