شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ كېلەچىگى
ئىككى قېتىملىق مەملىكەتلىك ب دەرىجىلىكلەر پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىشى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى پۇتبول قىزغىنلىغىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. بۇنىڭغا ئۇلىشىپلا ھازىرقى پۇتبولچىلىقىمىز ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى،كەلگۈسى ھەققىدىكى تالاش-تارتىش،مۇنازىرىلەر قىزىپ كەتتى. بەزىلەرنى ئەيىپلىدۇق، بەزىلەرنى ماختىدۇق. بۇنىڭ ھەممىسى كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچىنى، تورنىڭ رولىنى بىزگە يەنە بىر قېتىم تونۇتتى.
ئۇنداقتا بىز بولۇپمۇ تورداشلار ئۇيغۇر پۇتبولچىلىغى ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلىپ بېرەلەيمىز؟
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك بۇ قېتىمقى ب دەرىجىلىك پۇتبول مۇسابىقىسى ئويناپ ئۇتۇق قازانغان ئەزىمەتلىرىمىز ئاساسەن شىنجاڭ سۇڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ چىققان ئەزىمەتلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ كەينىدە يەنە بىر تۈركۈم كىچىك ئەزىمەتلىرىمىز جاپالىق مەشىق قىلىپ، كەلگۈسى شىنجاڭ پۇتبولچىلىغىنىڭ زاپاس قوشۇنى بولۇپ شەكىللەندى.
مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار 30 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، سۇڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپىنى ھازىرقى يېڭى ئورنىغا يەنى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى مەشق 2-چوڭ ئەترىتىنىڭ يېنىدىكى كۆلىمى 110 مو كېلىدىغان ئورۇنغا يۆتكىدى. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ يېڭى باھارى باشلاندى. بۇ مەكتەپتە ھازىر 4 ياش گۇرۇپپىسى بويىچە ئوغۇللار كوماندىسى ،2 قىزلار كوماندىسى بولۇپ ،ياتاق، تۇرمۇش ،مەشىق ۋە مەدەنىيەت دەرسى بويىچە تەربىيىلىنىۋاتىدۇ.
شۇنداقتىمۇ بۇ مەكتەپ تېخى يېڭى بولغانلىغى ئۈچۈن بالىلىرىمىز تۇرمۇش ۋە مەشىق جەھەتتە جەمىيئەتتىكى مەرىپەتپەرۋەر كىشىلىرىمىزنىڭ قوللىشىغا بەكمۇ مۇھتاج بولىۋاتىدۇ.
مۇشۇ نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مەن شۇ بالىلارنىڭ مەشقىنى كۆرگىلى چىقتىم ، ھاۋا ئىنتايىن ئىسسىق بولۇپ، چۈشتىن كېيىنكى تېمپىراتۇرا 28 گىرادۇسقا چىققان مۇشۇ ئىسسىقتا، بىر قانچى گۇرۇپپا ئۆسمۈرلەر ( بۇلارنىڭ ئارىسىدا ب دەرىجىلىك مۇسابىقە كوماندىسىمۇ بار) جاپالىق مەشىق قىلىۋېتىپتۇ. بىر قىسىم بالىلار ئۆزلىرى ئىچىدىغان چايلىرىنى قۇتىلىرىغا .ئېلىپ چىقىپتۇ. مەن بەزىلىرى بىلەن پاراڭلاشتىم، ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە سۇ مەسىلىسى بىر قىيىنچىلىق ئىكەن، كۆپىنچە ۋاقىتتا تۇرۇبا سۈيىنى بىۋاستە ئىچىدىكەن.
ئەلۋەتتە «شىنجاڭ خەيتاڭ ( تاشئالما) شىركىتى»دەك كارخانىلار،مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار مەبلەغ ياردىمى قىلىۋاتىدۇ. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى پۇتبول تەنھەركىتى ئىقتىسادقا بەكرەك تايىنىدىغان بىر خىل تەنتەربىيە ھەركىتى بولۇپ، مەن جەمىيەتتىكى ئۇيغۇر پۇتبولچىلىغىنى قوللايدىغان كىشىلەرنىڭ مۇشۇ ئۆسمۈرلىرىمىزنى ئازدۇر-كۆپتۇر قوللاپ قويىشىنى، چىقىپ مەشىقلىرىنى كۆرۈپ بېقىشىنى ۋە بىر قىسىم ئەمىلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا ياردەم قىلىپ قويىشىنى مۇراجەت قىلىمەن.
چۈنكى كۆپنىڭ كۈچى كۆپ دېگەندەك،ھەممىمىز مۇشۇ جەھەتتىن ئىقتىسادىمىز يار بەرگەنلەر ئىقتىسادى جەھەتتىن، ئىقتىسادىمىز يار بەرمىگەنلەر ئۆز-ئارا تەشۋىق قىلىپ، بىر قىسىم ئۇيغۇر كارخانىلىرنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشساق،كەلگۈسىدە شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى بىزگە تېخىمۇ كۆپ خوشاللىق ۋە پەخىرلىنشى تۇيغۇسى ئاتا قىلغۇسى...