كۆرۈش: 2477|ئىنكاس: 26

ھالىڭغا ۋاي ئۇيغۇر تويى! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئەزمەت
تىللا
191
تۆھپە
104
UID
10822
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 10:16:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھالىڭغا ۋاي ئۇيغۇر تويى!


ۋىسالغا ئىنتىزار بولغان يۈرەك ئىزلەپ مۇھەببەتنى ،
نىگارى بىرلە كۆزلىشىپ بەخت،ئىقبال سائادەتنى ،
قۇرۇش ئۈچۈن خوشاللىق باغ ،ئائىلە قەسرى ھەيۋەتنى ،
جاكارا ئەيلىدى ئەلگە بۇ تويلۇق ۋاقتى سائەتنى ،
نىكاھغا كۆردى تەييارلىق ئېلىپ ئوبدان تاھارەتنى .

نىكاھغا كەلدى قارىملار قولىدا زور كىتابى بار ،
"نىكاھ غايىپ ،ئەمىر ۋاجىپ "مۇقەددەس پەتىۋاسى بار ،
ئېلىپ تەگدىم دېيىشتى قىز-يىگىت ئەھدى ۋاپاسى بار ،
يېيىشتى تۇز سۈيى ناننى جاپالەرگە چىدارى بار ،
تاماققا باشلىدى ئاندىن قۇدا كويلار جامائەتنى .

بازارنى ئايلىنىپ چىقتى يىگىت -قىز ھەم ئاداشلارى ،
خوشاللىق كۈلكىسى تامغان ھەجەپ خۇشخۇي قاراشلارى ،
تېپىشتى ھۆسىن تۈزەش ئۆينى ،گۈزەل بولغاي چىرايلارى ،
بوياپ،سۈركەپ گۈزەل بولدى زاماننىڭ مودا ياشلارى ،
يوقاتتى يۈزدە يۈز ئاخىر مۇسۇلمانلىق قىياپەتنى .

كېلىنچەك ئاق كىيىم كىيگەن ئېلىپ ئۈلگە خىرىستىياندىن ،
بۇلۇڭدا تۆكتى ياش ئەتلەس قېلىپ كۆڭلى مۇسۇلماندىن ،
يېرىم يالڭاچ قېلىشمايدۇ قوتاندىن قاچقان ھايۋاندىن ،
نازۇك،سادىرغا پوق ئاتتى ئەسەر قالمايلا ۋىجداندىن ،
ئۇرۇپ يەرگە خاراپ قىلدى مۇقەددەس قەدرى- قىممەتنى .

يىگىت ئۇ يۈردى پەرۋاسىز ،خوتۇنى يالىڭاچ يۈرسە ،
يېنىپ شەھۋەتتە جۈپ كۆزلەر خوتۇن  ئەۋرەتىنى كۆرسە ،
ئېغىر ئالمايدۇ"ئەركەك"لەر خوتۇننى باشقىلار سۆيسە ،
لەنەت ئۇيغۇر ئاتالغانغا غورۇرى بۇ قەدەر ئۆلسە ،
بوۋىلار ياغدۇرار بىزگە قىلىپ يامغۇر ھاقارەتنى .

ھەشەمەت رېستۇران كاتتا ھاراق تارتىلدى داستىخانغا ،
قوساق توق نەچچىسى ھەتتەڭ يەنە دۈم چۈشتى قاسقانغا ،
قارايسەنغۇ بالاڭزا دەر ،قارالمايسەن ئالايغانغا ،
باھانە بولدى توي ئاخىر جېدەل تاپقانغا قۇسقانغا ،
يېرىلدى قاش قاپاق كۆزلەر ،تامام ئۇنتۇپ دىيانەتنى .

جېدەل باشلاندى توي قاچتى، ماشىنا ئالدىدا بۇت بار ،
نادان مۇخلىس ئۈچۈن بۇ ئىش شەرەپ ئامەتكى بىر قۇت بار ،
بۇ قۇتتىن ئەنئەنە ئەخلاق گۈلىستانىغا بىر جۇت بار ،
قىيامەت كۈنىدە ئاخىر ئاجايىپ زور ئوچۇق سوت بار ،
بىلىپ تۇرۇپ تەرك ئەتتۇق ئىلاھى بۇ ھەقىقەتنى .

سەھەردە باشلىغان توينى ئوقۇپ ئايەت مۇسۇلمانچە ،
كىپەنلىك ئاق كىيىم كىيىپ بولۇپ چۈشتە خىرىستىيانچە ،
كېچىسى توينى يۆتكەشتە چوقۇندۇق بۇتقا بۇددىسىتچە ،
قىلالمامدۇق بۇ تويلارنىڭ بېشى ئاخىرىنى ئۇيغۇرچە؟
ئۆزىمىز باش جىنايەتچى پەيدا قىلغانغا زىددىيەتنى .

نىزا تېرىپتۇ تويلۇق مال جېدەل باشلاندى  چىللاقتا ،
ئانالەرگە نېمە بولدى پەقەت تويمايدۇ دۇنياغا ،
يىگىت-قىزگە بالا بولدى يۈرەك خۇن ،تولدى كۆز ياشقا ،
ئېغىزدا زورمۇ -زور كۈلكە لېكىن كۆزلەر ئۇرۇشماقتا ،
قۇدالار غەيۋىتى بىرلە قىلىپ پەيدا ئاداۋەتنى .

قوياي ھە بولدى قايناشنى ،قايناپ بىر ئىشقا تاڭ ئاتماس ،
ئۆزۈم تاپقان بالالارنى خۇداۋەندا تۈزەپ قويماس قويماس ،
ئۆزۈڭدىن باشلا يارەنلەر دەۋىر بىزنى كۈتۈپ تۇرماس ،
تېگىنى ئۇنتىغان ئەلگە بەخىت بەركەت نىسىپ بولماس ،
تۈزەيلى ئۆزىمىز باش بوپ ناچار خاھىشنى ئىللەتنى !

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
460
تۆھپە
211
UID
7115
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 11:08:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىبرەتلىك شىئىركەن،ھارمىغايسز

Rank: 6Rank: 6

تىللا
629
تۆھپە
347
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 12:30:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناچار ئىللەتكەرشىئېرى تىل ئارقىلىق  ياخشى قامچىلىنىپتۇ.ئەجرىڭىزگە رەخمەت.

Rank: 2

تىللا
125
تۆھپە
36
UID
12289
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 15:06:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى شىئىر ئىكەن .رەھمەت

Rank: 2

تىللا
104
تۆھپە
56
UID
9505
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 17:28:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى جەمئىيىتىمىز دە بۇلۇۋاتقان ناچار ئىللەتلەرنى ناھايىتى روشەن ئىچىپ تاشلاپسىز. بەك ياخشى يېزىلىپتۇ.تىخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يىزىشقا تىرىشقايسىز.

Rank: 4

ئىسىمى
阿不力克木
تىللا
217
تۆھپە
151
UID
10831
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 19:57:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Rank: 4

ئىسىمى
ھەزرەت
تىللا
244
تۆھپە
195
UID
9931
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 22:28:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراتمىلىقى ياخشى چىقىپتۇ ، قەلىمىڭىزگە بەركەت ھەم ئۇتۇق تىلەيمەن !

Rank: 2

ئىسىمى
توختىمەمەت
تىللا
57
تۆھپە
35
UID
8687
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 01:32:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشىكەن، رھىمەت ئەجرىڭىزگە ........

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1185
تۆھپە
999
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 09:50:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
مەمتىمىن
تىللا
250
تۆھپە
46
UID
4871
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 13:09:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تويدىكى مىللى ئەنئەنە يوقاپ كېتىۋاتىدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-6 01:33, Processed in 0.077317 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991