ھالىڭغا ۋاي ئۇيغۇر تويى!
ۋىسالغا ئىنتىزار بولغان يۈرەك ئىزلەپ مۇھەببەتنى ، نىگارى بىرلە كۆزلىشىپ بەخت،ئىقبال سائادەتنى ، قۇرۇش ئۈچۈن خوشاللىق باغ ،ئائىلە قەسرى ھەيۋەتنى ، جاكارا ئەيلىدى ئەلگە بۇ تويلۇق ۋاقتى سائەتنى ، نىكاھغا كۆردى تەييارلىق ئېلىپ ئوبدان تاھارەتنى .
نىكاھغا كەلدى قارىملار قولىدا زور كىتابى بار ، "نىكاھ غايىپ ،ئەمىر ۋاجىپ "مۇقەددەس پەتىۋاسى بار ، ئېلىپ تەگدىم دېيىشتى قىز-يىگىت ئەھدى ۋاپاسى بار ، يېيىشتى تۇز سۈيى ناننى جاپالەرگە چىدارى بار ، تاماققا باشلىدى ئاندىن قۇدا كويلار جامائەتنى .
بازارنى ئايلىنىپ چىقتى يىگىت -قىز ھەم ئاداشلارى ، خوشاللىق كۈلكىسى تامغان ھەجەپ خۇشخۇي قاراشلارى ، تېپىشتى ھۆسىن تۈزەش ئۆينى ،گۈزەل بولغاي چىرايلارى ، بوياپ،سۈركەپ گۈزەل بولدى زاماننىڭ مودا ياشلارى ، يوقاتتى يۈزدە يۈز ئاخىر مۇسۇلمانلىق قىياپەتنى .
كېلىنچەك ئاق كىيىم كىيگەن ئېلىپ ئۈلگە خىرىستىياندىن ، بۇلۇڭدا تۆكتى ياش ئەتلەس قېلىپ كۆڭلى مۇسۇلماندىن ، يېرىم يالڭاچ قېلىشمايدۇ قوتاندىن قاچقان ھايۋاندىن ، نازۇك،سادىرغا پوق ئاتتى ئەسەر قالمايلا ۋىجداندىن ، ئۇرۇپ يەرگە خاراپ قىلدى مۇقەددەس قەدرى- قىممەتنى .
يىگىت ئۇ يۈردى پەرۋاسىز ،خوتۇنى يالىڭاچ يۈرسە ، يېنىپ شەھۋەتتە جۈپ كۆزلەر خوتۇن ئەۋرەتىنى كۆرسە ، ئېغىر ئالمايدۇ"ئەركەك"لەر خوتۇننى باشقىلار سۆيسە ، لەنەت ئۇيغۇر ئاتالغانغا غورۇرى بۇ قەدەر ئۆلسە ، بوۋىلار ياغدۇرار بىزگە قىلىپ يامغۇر ھاقارەتنى .
ھەشەمەت رېستۇران كاتتا ھاراق تارتىلدى داستىخانغا ، قوساق توق نەچچىسى ھەتتەڭ يەنە دۈم چۈشتى قاسقانغا ، قارايسەنغۇ بالاڭزا دەر ،قارالمايسەن ئالايغانغا ، باھانە بولدى توي ئاخىر جېدەل تاپقانغا قۇسقانغا ، يېرىلدى قاش قاپاق كۆزلەر ،تامام ئۇنتۇپ دىيانەتنى .
جېدەل باشلاندى توي قاچتى، ماشىنا ئالدىدا بۇت بار ، نادان مۇخلىس ئۈچۈن بۇ ئىش شەرەپ ئامەتكى بىر قۇت بار ، بۇ قۇتتىن ئەنئەنە ئەخلاق گۈلىستانىغا بىر جۇت بار ، قىيامەت كۈنىدە ئاخىر ئاجايىپ زور ئوچۇق سوت بار ، بىلىپ تۇرۇپ تەرك ئەتتۇق ئىلاھى بۇ ھەقىقەتنى .
سەھەردە باشلىغان توينى ئوقۇپ ئايەت مۇسۇلمانچە ، كىپەنلىك ئاق كىيىم كىيىپ بولۇپ چۈشتە خىرىستىيانچە ، كېچىسى توينى يۆتكەشتە چوقۇندۇق بۇتقا بۇددىسىتچە ، قىلالمامدۇق بۇ تويلارنىڭ بېشى ئاخىرىنى ئۇيغۇرچە؟ ئۆزىمىز باش جىنايەتچى پەيدا قىلغانغا زىددىيەتنى .
نىزا تېرىپتۇ تويلۇق مال جېدەل باشلاندى چىللاقتا ، ئانالەرگە نېمە بولدى پەقەت تويمايدۇ دۇنياغا ، يىگىت-قىزگە بالا بولدى يۈرەك خۇن ،تولدى كۆز ياشقا ، ئېغىزدا زورمۇ -زور كۈلكە لېكىن كۆزلەر ئۇرۇشماقتا ، قۇدالار غەيۋىتى بىرلە قىلىپ پەيدا ئاداۋەتنى .
قوياي ھە بولدى قايناشنى ،قايناپ بىر ئىشقا تاڭ ئاتماس ، ئۆزۈم تاپقان بالالارنى خۇداۋەندا تۈزەپ قويماس قويماس ، ئۆزۈڭدىن باشلا يارەنلەر دەۋىر بىزنى كۈتۈپ تۇرماس ، تېگىنى ئۇنتىغان ئەلگە بەخىت بەركەت نىسىپ بولماس ، تۈزەيلى ئۆزىمىز باش بوپ ناچار خاھىشنى ئىللەتنى !
|