ئاي شارى
ئاي شارى ئادەتتە ئاي دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەژداتلىرىمىز قەدىمدىن تارتىپ ئاينى گۈزەللىكنىڭ سىمۋۇلى قىلىپ كەلگەن. دۇنيادىكى كۆپلىگەن مىللەتلەردە ئوخشاشلا ئاينى گۈزەللىك ئىلاھى دەپ قاراش ئادىتى بار. ئەژداتلىرىمىزدا يەنە ھەرقېتىم يېڭى ئاي كۆرۈنگەندە ئۇنىڭغا قاراپ دۇئا قىلىپ سالام بېرىدىغان ھەم ئۇنىڭدىن ئېسەنلىك تېلەكلىرىنى تىلەيدىغان ئادەتمۇ بار. بۇلاردىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئاي شارى باشقا ئاسمان جىسىملىرىغا قارىغاندا بىزنىڭ كۆڭلىمىزگە، جۈلىدىن بارلىق ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىگە ناھايتى ياخشى تەسىر قالدۇرۇپ كېلىۋاتقان ئالاھىدە بىر ئاسمان جىسىمىدۇر. بىپايان ئاسمان بوشلۇقىدىكى سانسىزلىغان ئاسمان جىسىملىرى ئىچىدە، پەقەت ئاي شارىلا بىزنىڭ يەر شارىمىزغا ئەڭ يېقىن بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە يەر شارىمىزنىڭ يېقىن ئەتراپىدا پەقەت يەر شارىنىلا مەڭگۈ ئايلىنىپ تۇرىدىغان بىردىن-بىر ئايرىلماس تەبئى ھەمرىيى، شۇنداقلا ھازىرغا قەدەر ئىنسانلارنىڭ ھەقىقى ئاياق ئىزى چۈشكەن بىردىن-بىر ئاسمان جىسىمىدۇر. ئاي شارىنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئوتتۇرچە ئارىلىقى384400 كىلومېتېر كېلىدۇ؛ بۇ ئارىلىق گەرچە يەر شارى ئېكۋاتور ئايلانمىسىنىڭ 10ھەسسىسىگە باراۋەر كەلسىمۇ، ئۇ يەنىلا يەرشارى بىلەن قوياشنىڭ ئارلىقىدىن 400ھەسسە كىچىك.
ئاي شارى چەمبەرسىمان ئېللىپىس ئوربېتىسىنى بويلاپ، سېكونتىغا 1.023 كىلومېتېرلىق سۈرئەت بىلەن يەر شارىنى ئايلىنىپ مەڭگۈ توختىماي ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ يەرشارىمىزغا ئەڭ يېقىنلاشقان پەيتتىكى ئورنىدىن يەرشارىمىزغىچە بولغان ئارىلىق(يەرگە يېقىنلىشىش نوختىشى دىيىلىدۇ) 363300 كىلومېتېر، يەرشارىمىزدىن ئەڭ يىراقلاشقان پەيتتىكى ئورنىدىن يەرشارىمىزغىچە بولغان ئارلىق(يەردىن يىراقلىشىش نوختىسى دىيىلىدۇ) 405500 كىلومېتېر بولۇپ، ئۇنىڭ يەر شارىمىزنى بىر دەۋىر ئايلىنىشى ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىت 27.32 كۈن(يەنى 27كۈن 7سائەت 43مىنۇت 11.56سېكونت). دىيارىمىزدا تۇرۇپ كۈزەتكەندە، ئاي شارى يەر شارىدىن ئەڭ يىراقلىغان چاغدىكى بىزگە كۆرۈنگەن چوڭلىقى بىلەن يەرشارىغا ئەڭ يېقىنلاشقان چاغدا كۆرۈنگەن چوڭلىقىنىڭ پەرقى %14 ئەتراپىدا بولىدۇ. ئاي شارىنىڭ ماسسىسى 22^10×7.349 كىلوگرام(يەرشارىمىزدىن 81.3 ھەسسە كىچىك)، ھەجىمى 10^10×2.199 كۇپكىلومېتېر(يەرشارىمىزدىن 49 ھەسسە كىچىك)، ئوتتۇرچە ماددا زىچلىقى ھەر كۇپسانتىمېتېردا 3.35 گرام بولۇپ، يەرشارىنىڭ ئوتتۇرچە ماددا زىچلىقىدىن كىچىك.
يېقىنقى ئىنچىكە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئاي شارىنىڭ سىرتقى شەكلى ئونداق رادىيۇسى ھەممە ئورۇندا ئوخشاش دۈپ-دۈگىلەك شار بولماستىن، بەلكى ئۇ جەنۇپ-شىمال ئىككى قۇتۇبىدىن سەل بېسىۋېتىلگەن «چىلگە قوغۇن» غا ئوخشاپراق كەلگەن، جەنۇبى قۇتۇب رايونى بەكرەك ئويمان، شىمالى قۇتۇبى سەل چوقچۇيۇپ چىققان شاردۇر. ئۇنىڭ ئېكۋاتور دىئامېتېرى3476.2 كىلومېتېر، قۇتۇپ دىئامېتېرى 3472 كىلومېتېر بولۇپ، يېسسىلىكى 0.0012. جەنۇپ-شىمال قۇتۇپلىرى تازا سىممېتېرىك ئەمەس، ئېغىرلىق مەركىزىمۇ شارمەركىزىنىڭ دەل ئۈستىگە چۈشمەيدۇ(يەر شارى تەرەپكە2.0كىلومېتېر ئېغىشقان).
ئاي شارىنىڭ سىرىتقى يۈزى تەكشى ئەمەس، ئاساسلىقى، ئاي شارى سىرتقى يۈزىنىڭ ھەممىلا يېرىدە دىگىدەك كۆپلىگەن ھالقىسىمان تاغلار ۋە چوڭ-كىچىك ئازگاللار بار، ھەربىر ھالقىسىمان تاغنىڭ ئوتتۇرىسى خۇددى چىنىگە ئوخشاش ئوينمان، بۇنداق ھالقىسىمان تاغلار بىلەن قورشالغان ئويمانلارنىڭ چوڭلىرىنىڭ دىامېتېرى نەچچە يۈز كىلومېتېرغا يىتىدۇ. دىئامېتېرى 1 كىلومېتېردىن ئاشىدىغان ھالقىسىمان تاغلارنىڭ سانى 33 مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇ ھالقىسىمان تاغلار ئىچىدە دىئامېتېرى چوڭراقلىرىنىڭ نامى ئالىملارنىڭ ئىسمى بىلەن خاتېرىلەنگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ھالقىسىمان تاغ(جەنۇبى قۇتۇب ئەتراپىدا)نىڭ دىئامېتېرى 295 كىلومېتېر بولۇپ، ئۇ بېل ھالقىسىمان تېغى دەپ ئاتالغان، بۇنىڭ ئوتتۇرا ئويمانلىقىغا خەينەن ئارىلى گەپ يوق سىغىدۇ. ئىككىنچىسىنىڭ دىئامېتېرى 233 كىلومېتېر بولۇپ، ئۇ كراۋېي ھالقىسىمان تېغى دەپ ئاتالغان، ئۈچۈنچىسىنىڭ دىئامېتېرى 230 كىلومېتېر بولۇپ، ئۇ نيۇتون ھالقىسىمان تېغى دەپ ئاتىلىدۇ،...... نيۇتون ھالقىسىمان تېغىنىڭ ئىگىز چوقىلىرى ناھايتى ھەيۋەتلىك ھەمدە ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئويماننىڭ چوڭقۇرلىقىمۇ ناھايتى چوڭقۇر بولۇپ، ئەڭ چوڭقۇر نوختىسىنىڭ چوڭقۇرلىقى 8788 مېتېر كېلىدۇ. كۆپلىگەن ھالقىسىمان تاغلارنىڭ ئوتتۇرا ئويمانلىقىدا يەنە كىچىك دائرىلىك ئىگىز چوقىلار ياكى چوقىلار توپى بار، بەزى چوقىلارنىڭ ئىگىزلىكى 2500مېتېرغا يېتىدۇ. ئاي شارى سىرتقى يۈزىنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا يەنە شاخسىمان تاغلار بار. ئاي شارى سىرتقى يۈزىنىڭ ئومۇمى كۆلۈمى 7^10×3.976 كۇۋادىرات كىلومېتېر بولۇپ، ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئومۇمى يەر كۆلۈمىدىن سەل كىچىكرەك كېلىدۇ.
ئاي شارى ئۆزىدىن يورۇقلۇق چىقارمايدۇ، ئۇ پەقەت ئۆزىگە چۈشكەن قوياش نۇرىنىڭ ئاز بىر قىسمىنى قايتۇرىدۇ. ئاي شارى بىلەن قوياشنىڭ ئارلىقىنىڭ ئۆزگۈرىشى ۋە قوياش نۇرىنىڭ ئاي يۈزىگە چۈشۈش بۇلۇڭىنىڭ ئۆزگۈرىشىگە ئەگىشىپ، بىزگە كۆرۈنگەن ئاي يۈزىنىڭ يورۇقلۇق قايتۇرۇش دەرىجىسىمۇ ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ، قىش ۋاختىدا قوياش بىلەن يەر شارىنىڭ ئارلىقى نىسبەتەن يېقىن(ئاي شارى يەر شارىنىڭ ھەمرىيى بولغانلىقتىن، قوياش ئۇنىڭغىمۇ تېقىن) بولغانلىقى ئۈچۈن، قوياش نۇرىنىڭ ئاي شارى يۈزىنى يورۇتىشىمۇ نىسبەتەن كۈچلىكرەك بولىدۇ، شۇڭا قىش كۈنلەردىكى كېچىلىك ئاسماندا ئاينىڭ يۈزى نىسبەتەن يورۇق كۆرۈنىدۇ. ئاي شارى سىرتقى يۈزىنىڭ نۇر قايتۇرۇشچانلىقى بىرقەدەر تۆۋەن بولۇپ، ئۇ ئۆزىگە چۈشكەن قوياش نۇرىنىڭ پەقەت %7تىنىلا قايتۇرۇپ، قالغان %93تنى ئۆزى يۈتىۋالىدۇ. ئاي شارىنىڭ سىرتقى يۈزى تەكشى بولمىغانلىقتىن، ئۇنىڭ ھەرقايسى نوختىلىرىنىڭ قوياش نۇرىنى يۈتىش-قايتۇرۇش دەرىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا كېچىدە ئايغا قارىغىنىمىزدا ئۇنىڭ يۈزىنىڭ يورۇشى تەكشى ئەمەسلىكىنى كۆرەلەيمىز.
ئاي شارى يوقۇردا ئېيتقىنىمىزدەك چەمبەرسىمان ئېللىپىس ئوربېتىسىنى بويلاپ يەرشارىنى ئايلىنىپ ھەركەت قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە ئۆز ئوقى ئەتراپىدا توختاۋسىز ئايلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۆز ئوقىنى ئايلىنىش سۈرئىتى سېكونتىغا 16.655 مېتېر(ئېكۋاتورنىڭ). ئۇنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ ئەڭ سوغاق چاغدىكى تېمپراتورىسى نولدىن تۆۋەن 233℃ غىچە، ئەڭ ئىسسىق چاغدىكى تېمپىراتورىسى123℃ غىچە بولىدۇ. ئاي شارىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى ئېغىرلىق كۈچ تېزلىنىشى يەر شارىنىڭكىدىن 6 ھەسسە كىچىك، شۇڭا يەر يۈزىدىكى ھەر قانداق بىر جىسىمنى ئاي شارىغا ئېلىپ چىققاندا، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى يەر يۈزىدىكىدىن 6 ھەسسسە كىچىك بولۇپ چىقىدۇ.
ماقالە ئاپتورى: ئۆزۈم. 2012.4.4