ئىگىسى: Almas999

ئاي شارى بىلەن تونۇشۇپ قويۇڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
308
تۆھپە
139
UID
3236
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 02:03:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۈم uyghunئەپەندى، جاۋابىمدىن قانائەتلەنمىگەنلىكىڭىزنى يېزىپسىز، مەنمۇ سىزنى ئاسان چۈشۈنەلمەسمىكىن دەپ ئەنسىرىگەنىدىم. مېنىڭچە سىز پاكىتنى كۆرسىڭىز تېزلا چۈشۈنۈپ قالىسىز.پاكىت كۆز ئالدىڭىزدىمۇ كۆپ تېپىلىشى مۇمكىن، سىز بىرقاپ سەرەڭگىنى كارتۇن قەغەزنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، ئاندىن ئۇنى سىزدىن ئىككى كىلومېتېر يىراقتىكى ناھايتى چوڭ ھەم ئىگىز بىناغا قاراۋاتقان كۆزىڭىزنىڭ ئالدىغا قويۇپ سەرەڭگىنىڭ چوڭلىقىنى  ئەشۇ چوڭ بىنا بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ. ئايسىسى چوڭ كۆرۇنىدىكىن؟


Rank: 8Rank: 8

تىللا
2931
تۆھپە
833
UID
1186
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 11:58:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Almas999 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-7 02:03
ئەسسالامۇئەلەيكۈم uyghunئەپەندى، جاۋابىمدىن قانائەتلەن ...


بۇ دىگىنىڭىزغۇ توغرا . ئەمما مەنمۇ ئۆزەمنىڭ دىمەكچى بولغىنىمنى ئېنىق ئىپادىلەپ بىرەلمەپتىمەن. دىمەكچى بولغىنىم يەر شارى بىلەن ئايشارىنىڭ ئارلىقى، ئاي شارىنىڭ چوڭلىقى. يەر شارى بىلەن قۇياشنىڭ ئارلىقى، چوڭلىقى، ئاي شارى بىلەن قۇياش چوڭلۇقىنىڭ نىسبىتى جەھەتتە باغلىنىشلىقى بارمىكىن دەيمىنا؟ كەچۈرۈڭ كوپ سوراپ  زېرىكتۈرۈپ قويدۇم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-7 12:02  



Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئادىلجان
تىللا
132
تۆھپە
93
UID
9929
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 17:02:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت تىمىڭىزغا ھەقىقەتەن كۆپ بىلىمگە ئىگە بوپ قالدىم .


Rank: 6Rank: 6

تىللا
1022
تۆھپە
490
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 20:56:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kaplan19 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-5 10:53
ھەقىقەتەن ياخشى تېمىنى يوللاپسىز دۇلىتىمىز قاچان ئاي  ...

يولداشلارنىڭ ھازىرقى تەرەققىيەت سۈرتىدە ئۆزگىرىش بولمىسا يەنە 25-30يىللارغىچە كېتەر..


ئۆيگە كەتكۈم بار..

Rank: 4

تىللا
308
تۆھپە
139
UID
3236
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 01:07:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاي شارىغا چىقىش-دۇنتادىكى كۆپ قىسىم ئەللەر ئۈچۈن يەنىلا بىر چۈش. بىزنىڭ دۆلىتىمىزگە كەلسەك، دۆلىتىمىزنىڭ ئاۋىياتسىيە تېخنىكىسى بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيىسىگە ئاساسەن يەتتى دىيىشكە بولىدۇ، بىراق ئاي شارىغا چىقىش ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن تەرەپلەردىن ماسلاشقان شارائىتنى ھازىرلىشى،ئايغا چىقىشنىڭ نۇرغۇن پەن-تېخنىكا سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈرىشى، زۆرۈر بولغاندا ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ غورۇرى ئۈچۈن ئۆزھاياتىدىن كېچەلەيدىغان جەسۇر ئالىم-ئىنژىنېرلار يېتىشىپ چىقىشى كېرەك.


Rank: 4

ئىسىمى
ھەزرەت
تىللا
249
تۆھپە
195
UID
9931
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 14:05:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 4

تىللا
308
تۆھپە
139
UID
3236
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 02:26:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاۋاكلىرىڭىزغا رەھمەت!


Rank: 3Rank: 3

تىللا
131
تۆھپە
63
UID
10059
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 02:12:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالماس 999ئەپەندىم:
   سىز بىزگە يېقىن ئارلىقتىكى كىچىك جىسىمنىڭ يىراق ئارلىقتىكى چوڭ جىسىم بىلەن ئوخشىمىغان نۇقتىدا ئوخشاش ھەجىمدە كۆرۈنىدىغانلىقىنى كىشىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە پاكىت كۆرسىتىپ، ئىسپاتلاپ بەردىڭىز. مەن بۇ پاكىتتىن ئىگىمىز ئاللاھ نىڭ بۈيۈك سەنئەتكار ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىشقا باشلىدىم. ئاللاھ ئاسمان-زېمىننى ئۆرنەكسىز، قۇسۇرسىز ياراتتى. ئەگەر ئاللاھ ئاسماننى يۇلتۇزلار بىلەن زىننەتلىمىگەن بولسا، يەر شارى زۇلمەت قاراڭغۇلۇققا مەھكۇم بولاتتى. شۇنداق ۋەھىمىلىك.....
   قۇرئان كەرىمنىڭ قايسى سۈرىسىدە بايان قىلىنغانلىقى تازا ئېسىمدە قالماپتۇ. قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن بولسا كېرەك. ئاللاھ ئاي بىلەن قۇياشنى بىرلەشتۈرىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىدۇ. ئاسماننىىڭ قىزىل مىستەك ھالەتكە كېلىدىغانلىقى، ئوتتىن يارالغان جىن-ئىسلارنىڭ قىزىل مىستەك ئېرىگەن شەپەقسىمان ئاسمانغا شۇڭغۇپ يوشۇرىنىۋالسىمۇ، ئاللاھ نىڭ بىلىشىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقى بىر قىسىم دىننىي كىتابلاردا تىلغا ئېلىنىدۇ. قۇرئان كەرىمدە [ئۆزەم بىۋاستە كۆرۈشكە تېخى مۇۋەپپەق بولالمىدىم] ئاسماننىڭ داۋاملىق يېيىلىپ-كېڭىيىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بار دەپ ئاڭلىدىم.
     ھازىرقى زامان ئاستىرونومىيە ئالىملىرىنىڭ ئىلمىي پەرەزلىرىدە مۇنداق تەسەۋۇرلار بار:
     ھازىرقى ئالەم مەلۇم بىر نۇقتىدا [زەررىچە ۋە ياكى دولقۇنسىمان ئېلېكتىرون بولىشىمۇ مۈمكىن] شىددەت بىلەن پارتلاپ، تا ئازىرغىچە نۇر تېزلىكىدە كېڭىيىۋاتىدۇ، ئالەم كېڭىيىپ مەلۇم چەككە بارغاندا، ئۇ يەنە تارىيىشقا باشلايدۇ. بوشلىقنىڭ ئىگىلىشى بىلەن غايەت زور ئېنېرگىيە پەيدا بولۇپ ئۇ پۈتكۈل ئاسمان جىسىملىرىنى قامال قىلىدۇ. ئاسمان جىسىملىرى كۆيۈپ كۈل بولۇپ، ھارارەتكە ئايلىنىدۇ، ئالەم بارلىقتىن بۇرۇنقى يوقلۇق ھالىتىگە قايتىدۇ، دېگەن پەرەزلەرنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. غايىبنى بىلگۈچى ئاللاھ. بۇ پەقەت بىر پەرەزدۇر، پەرەز پاكىت بولالمايدۇ. ئالىملار يەنە ئالەم پەيدا بولغان دەسلەپكى دەۋىرلەردە، يۇلتۇزلارنىڭ ئۆزئارا مۇساپىسىنىڭ يېقىنلىقىنى، زىچلىق دەرىجىسىنىڭ يۇقۇرىلىقىنى سۆز قىلسا، ئالەم پەيدا بولغان كېيىنكى دەۋىرلەردە، [ئالەمنىڭ توقتاۋسىز نۇر تېزلىكىدە كېڭىيىۋاتقانلىقى سەۋەپ بولسا كېرەك] يۇلتۇزلارنىڭ ئۆزئارا مۇساپىسىنىڭ يىراقلىشىۋاتقانلىقىنى، شالاڭلىق دەرىجىسىنىڭ يۇقىرىلىقىنى سۆز قىلىدۇ.
     قۇياشنىڭ ئاساسلىق خىمىيىلىك يېقىلغۇ ماددىسى ھېدىروگىن بىلەن گېلىيدۇر. ئالەمنىڭ ئاساسلىق مەنبەسىمۇ ھېدىروگىن بىلەن گېلىيدۇر، ھاياتلىقمۇ شۇنى مەنبە قىلىپ بارلىققا كەلگەن دېگەن قاراشلارمۇ بار. ھەقىيقىتىنى بىلگۈچى ئاللاھ. ئالىملار يەنە، قۇياشتىكى يېقىلغۇ ھېدىروگىن خوراپ تۈگەيدۇ، بىز ھازىر ئاددىي كۆز بىلەن كۆرۈۋاتقان قۇياشنىڭ ئاقۇش نۇرى ئۆچىدۇ. گېلىينى يېقىلغۇ مەنبەسى قىلغان قۇياشنىڭ رەڭگى ئېرىتىلگەن قىزىل مىس ھالىتىگە كېلىدۇ. ھەمدە، قۇياشنىڭ ھەجىمى ئۇزلۈكسىز كېڭىيىپ تامامى قۇياش سېستىمىسىدىن ئىبارەت پايانسىز بوشلۇق قىزىل شەپەق تۈسىگە كىرىدۇ.[ بۇ مەھشەرگاھتا كۈن نەيزە بويى ئىگىزلىكتە تۇرىدۇ، دېگەن بايانغا ئۇيغۇنمۇ، قانداق؟] قۇياش يېقىن ئەتىراپتىكى مېركۇرىي، ۋېنېرا قاتارلىق پىلانېتالارنى يۇتۇۋالىدۇ، ھەتتا ئاي شارىنىمۇ يۇتۇۋالىدۇ. يەر شارى قۇياشنىڭ تارتىش كۈچىدىن قاڭقىپ چىقىپ كېتىدۇ، [ ئاللاھ زېمىننى مەشرىقتە قويغان تۇخۇمنى مەغرىبتە كۆرۈنگىدەك تەكشىلىكتە يايىدۇ ] دېگەن قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
     ئىلىم-پەن ئالىملىرى قىيامەتنىڭ قايۇم بولىشىنى ئوچۇق-ئاشكارە ئېتىراپ قىلمىسىمۇ، يېپىق ھالەتتە مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ئالماس999 ئەپەندىم، سىز بىر لاياقەتلىك ئاستىرونومدەك قىلىسىز. يۇقىرىدىكى بايانلار مېنىڭ ئاستىرونومىيە ھەققىدىكى غۇۋا چۈشەنچىلىرىم. ئۇنى بايان دېگەندىن كۆرە، سوئال دەپ چۈشەنسىڭىز مۇۋاپىق بولىدۇ. ئىمكانىيىتىڭىز يار بەرسە، مۇشۇ ھەقتە بىر توقتىلىپ ئۆتكەن بولسىڭىز، ھەمدە مۇنبەرداشلارغا تېخىمۇ مول بولغان ئاستىرونومىيە بىلىملىرىدىن ئۇچۇر قىلغايسىز، دېگەن قاراشتىمەن.  


  


Rank: 4

تىللا
308
تۆھپە
139
UID
3236
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 01:56:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
JAHANGIR.123ئەپەندىنىڭ  شۇنچە كۆپ تەپەككۇر يۇرگۈزىشىگەسەۋەپچى بولالىغانلىقىمدىن ئۆزەمنى ناھايىتى بەخىتلىك ھېس قىلدىم. شۇنداقلا يازغان ئىنكاسىڭىزدىن سىزنىڭ ئاسترونوميەگە ناھايتى قىزىقىدىغانلىقىڭىزنى كۆرىۋالدىم. مەنمۇ ئاسترونومىيىگە قىزىقىمەن. بىراق مەندىمۇ ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق، بىلىدىغانلىرىم تولىمۇ ئاز. ئەمما، تەڭرى ھەممىگە قادىردۇر. تەڭرى تەبىئەت ۋە ئالەمنى سىرلىق يارىتىش بىلەن بىرگە، يەنە بىز ئىنسانلارغا ئەشۇ سىرلارنى ئېچىشقا يەتكۈدەك ئەقىل-پاراسەتنى سېخىلىق بىلەن ئاتا قىلدى.ئىنسانلارنىڭ تەڭرى ئاتا قىلغان ئەقىل-پاراسىتىنى ھەر ۋاقىت دادىل ئىشلىتىپ تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەتلىرى ۋە سىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشىمۇ تەڭرىنىڭ ئىرادىسىدۇر. بىز تەبىئەتنىڭ سىرلىرىنى قانچىكى كۆپ بىلسەك، ئاندىن تەڭرىنىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنىڭ زورلىقىنى شۇنچە توغرا بىلەلەيمىز.مەن پەقەت بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمنىڭ بۇ نوختىنى توغرا تونۇپ يىتىشىنى ئىنتايىن-ئىنتايىن ئۈمىد قىلىمەن.   


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
747
تۆھپە
537
UID
504
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 12:46:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سانلىق مەلۇماتلار بەك تەپسىلى ئېلىنىپتۇ، ساقلىۋالدىم.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-31 14:07, Processed in 0.065358 second(s), 15 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991